You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ھازىرغىچە قانچە ئادەم مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان؟

جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ھازىرغىچە قانچە ئادەم مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان؟

تەرجىمىدە ئاۋزەر پەرھات

ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز جاي جۇمۇلاڭما چوققىسى، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاسمانغا ئەڭ يېقىن جاي، شۇڭا بۇ يەر ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان، يەنە كېلىپ بىز ئىنسانلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان پىسخىكىسى بار، بولۇپمۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز نۇقتىغا دۇچ كەلگەندە، ھەممىسى ئۇنى بويسۇندۇرماقچى بولغان، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققىغا چىققان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىش بىر ئۆمۈر پەخىرلەنگىدەك ئىش بولىدۇ، مۆلچەرىمچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ، ئۇنداقتا ھازىرغا قەدەر، جەمئىي قانچە ئادەم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىپ باققان؟

چومولاڭما چوققىسىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى 8844 مېتىر كېلىدۇ، بۇ قانداق ئۇقۇم؟ ئەگەر چومولاڭما چوغىنى توغرىسىغا قويۇپ قويغاندا، سىز باشتىن ئاخرىغىچە مېڭىش ئۈچۈن ئاز دىگەندىمۇ يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىپ باققان كىشىلەر چومولاڭما چوققىسىغا چىقىش ئاددىي بولمىغان يېرىم سائەتتە بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئاز دىگەندىمۇ بىر نەچچە يىل تەييارلىق قىلىش كېرەك، بۇ بىر نەچچە يىلدا سىز يامىشىش ماھارىتى، يامىشىش لىنىيىسى ۋە ھەر خىل جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۈگىنىشىڭىز كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىشمۇ يۈز پىرسەنت مۇۋەپپىقيەتلىك ئەمەس، ھەر ۋاقىت ئۈستىگە چىقىش مۇمكىن بولمايدىغان تەييارلىقلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنە كېلىپ پىسخىكا ساپاسى ھەمدە جابدۇق سېتىۋىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەڭ مۇھىمى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىش ئۈچۈن نەچچە ئون مىليون يۈەن كېتىدۇ، ئادەتتىكى ئادەم ھەرگىز چىقالمايدۇ. بىراق جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغانلار مەڭگۈ ئاز ساندىكى كىشىلەر، ھازىرغا قەدەر، جەمئىي قانچە ئادەم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان؟

ئەڭ ئاددىي جاۋاب شۇكى، 4469 ئادەم 7646 قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان، دىمەك بۇ يەردە بىر ئادەملا ئىلگىرى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا كۆپ قېتىم چىققان، بۇ كىشىنى تولىمۇ قايىل قىلىدۇ. جۇمۇلاڭما چوققىسى 1853-يىلى بايقالغاندىن بۇيان، كېيىن كەينى-كەينىدىن تاغقا چىقىش ئەترىتى تاغقا چىقىشقا باشلىدى، 1921-يىلى ئەنگلىيە تاغقا چىقىش ئەترىتى تۇنجى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققان، لېكىن ئۇلار جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ئوڭۇشلۇق چىقالمىغان، دېڭىز يۈزىدىن 6985 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايغا چىققان، 1953-يىلى ئىككى تاغقا چىققۇچى دۇنيادا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەڭ ئۈستىگە چىققان، كېيىن ھەر يىلى دېگۈدەك بىرەيلەن جۇمۇلاڭما چوققىسىغا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولدى، ھازىرغىچە، جەمئىي 4469 ئادەم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان.

ئەلۋەتتە بەزى ياخشى خەۋەرلەر ھەم شۇم خەۋەرلەرمۇ بار، جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىش ئەسلىدىمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى ئالتە مىڭ مېتىردىن سەككىز مىڭ مېتىرغىچە كېلىدۇ، ئوكسىگېن ناھايىتى ئاز، نۇرغۇن تاغقا چىققۇچىلار ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يېرىم يولدا قازا قىلىدۇ، ئىگىلىنىشىچە، 282 ئادەم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققۇچە يېرىم يولدا قازا قىلغان، بۇ نىسبەت يەنىلا ئىنتايىن چوڭ، ھەر بىر نەچچە تاغقا چىققۇچىدا بىر ئادەم قازا قىلغان. شۇنداق بولسىمۇ، ھەر يىلى نۇرغۇن ئادەم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىدۇ، نۇرغۇن ئادەم ئالدىنقىلارنىڭ يولى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ھازىر جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىشتا ئاساسلىقى ئىككى لىنىيە بار، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي تۆپىلىككە چىقىدۇ، ئەترەت ئەزالىرى تاغقا چىققاندا بۇرۇن قازا قىلغان سەپداشلىرىنىڭ جەسىتىنى كۆرىدۇ، كىلىمات شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغاچقا، جەسەت ئاساسەن ئۇ يەردە قېلىپ، تاغقا چىققۇچىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى«يول بەلگىسى» بولۇپ قالىدۇ.

مېنىڭچە، جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر، تاغقا چىققۇچىلار ھەتتا پۇلدارلار بار، ئۇلار جۇمۇلاڭما چوققىسىغا دادىل جەڭ ئېلان قىلالىغانلاردۇر، بۇنداق قورقماس روھ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق بەلگىسىگە ئايلىنىپلا قالماي،بەلكى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ھەم تولۇپ تاشقان ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ھۆرمەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top