You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپ ـ ئامېرىكا خارۋارد ئۇنۋېرسىتى

دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپ ـ ئامېرىكا خارۋارد ئۇنۋېرسىتى

خارۋارد ئۇنۋېرسىتى(Harvard University)بولسا 1636-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى تۇنجى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئىنگلىز تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان ئالتىنچى ئالىي بىلىم يۇرتى، بۇ مەكتەپ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كىچىك شەھەر كامبىرىج شەھىرىگە جايلاشقان، بوستون شەھىرىگىمۇ يېقىن، بۇ مەكتەپ دۇنيا ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ ئۈلگىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ.
خارۋارد ئۇنۋېرسىتى ئەينى چاغدا شۇ جايدىكى مۇستەملىكە قانۇن چىقىرىش ئورگىنى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئالىي بىلىم يۇرتى، شۇنداقلا شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ قەدىمىي قانۇنىي ئىگە ئاپپارات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە «يېڭى ئىنىستىتۇت» دەپ ئاتالغان بولۇپ، كېيىن بىر ياش باستېر جون خارۋاردنىڭ ئىئانىسىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، مەكتەپنىڭ ئىسمى «خارۋارد ئىنىستىتۇتى»غا ئۆزگەرتكەن.
ئامېرىكا جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى مەكتەپ مۇدىرى چارلىز ئېلىئوت خارۋاردنىڭ ھەر قايسى ئىلىم-پەن ئاپپاراتلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، بىر تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىققان ھەمدە كىچىك سىنىپتا دەرس ئۆتۈش ۋە مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى تەسىس قىلغان، كېيىنچە بۇ ئەندىزە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
خارۋارد ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىن سەككىز ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە 62 باي كارخانىچى چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 149 نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى خارۋارد ئۇنۋېرسىتىىدا ئوقۇغان ياكى خىزمەت قىلغان. مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان كىتابلار 16 مىليون پارچىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ كۈتۈپخانا ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىسىنىڭ تاجىسى بولۇپ قالغان.
خارۋارد ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە رىقابەتچىسى بولسا يالې ئۇنۋېرسىتى، بۇ رىقابەت مۇناسىۋىتى ئىككى مەكتەپنىڭ ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىراق ئۇلار بىرلىشىپ ئەنگلىيەدىكى كامبرىج ئۇنۋېرسىتى ۋە ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
1780-يىلى، خارۋارد ئىنىستىتوتىنىڭ نامى رەسمىي تۈردە خارۋارد ئۇنۋېرسىتىغا ئۆزگەرتىلگەن. 2014-يىلى بۇ مەكتەپتە 6700دىن ئارتۇق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى، 14 مىڭ 500دىن ئارتۇق ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇۋاتقان ئىدى.
خارۋارد ئۇنۋېرسىتىنىڭ 85 گېكتار يەرنى ئىگىلىگەن مەركىزى مەكتەپ رايونى كامبرىج شەھىرىنىڭ خارۋارد قورۇسىغا جايلاشقان، بۇ يەرگە يەنە مەركىزىي
مەمۇرىي ئىشخانا ۋە ئالىي مەكتەپ مەركىزىي كۇتۇپخانىسى جايلاشقان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە ئىلمىي تەتقىقات بىناسىمۇ بار.
خارۋارد ئۇنۋېرسىتى قارىمىقىدا 13 ئىنىستىتوت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا خارۋارد ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئىجتىمائىي-تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتوتى، سودا ئىنىستىتوتى، لايىھەلەش ئىنىستىتوتى، چىش كېسەللىكلىرى مېدىتسىناسى، ئىلاھىيەت ئىنىستىتوتى، مائارىپ ئىنىستىتوتى، قانۇن
ئىنىستىتوتى، تېببىي ئىنىستىتوتى، ئاممىۋى سەھىيە ئىنىستىتوتى، كېننېدى سىياسىي ئىنىستىتوتى، قۇرۇلۇش ۋە ئەمەلىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئاسپىرانتلار ئىنىستىتوتى، خارۋارد ئىنىستىتوتى قاتارلىقلار بار.
ئەزىمەتجان تەرجىمىسى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top