You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ئەھۋالى

ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ئەھۋالى

ئالىم ھاجىم ياۋا

سىياسەت بىلەن كارى يوق ئۇيغۇرلارنى ،
ئۇيغۇر بىلەن كارى يوق سىياسەتچى باشقۇرىدۇ !

بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ مەكتەپ ، مەھەللىلەردە ، ھېكايە-رومانلاردا «ئۇيغۇر دېگەن ئۇيۇشقاق مىللەت، ئۇيغۇر دېگەن سۆز بىرلىشىش، ئۇيۇشۇش دېگەنلىك بولىدۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاش، ۋە شۇ جۈملىلەرنى ئوقۇش بىلەن چوڭ بولدۇق شۇنداقلا بىز ۋەتەندە بىرلىشىشكە ۋە ئۇيۇشۇشقا ھەركەتمۇ قىلدۇق! جىددى پەيىتلەردە ۋاقىتلىق ئۇيۇشقانمۇ بولدۇق. مەسلەن، ئۆزىمىز ياشىغان ۋەتىنىمىزدە يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەردىن؛ 1990-يىلى 5- ئاپرىل ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا باشلانغان بارىن ئىنقىلابى، 1997-يىلى 5-فېۋرالدىكى غۇلجا قەتلىئامى، 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامى، بۇ قەتلىئام ۋە ئىنقىلابنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىش ۋە بىزنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئويلىشىپ بېقىش ھەر بىر ئۇيغۇر ئەۋلادى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايمەن.
1990-يىلىدىكى بارىن ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى 1912-يىلىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قارىساق ئوخشاش، بۇلارنىڭ ئاساسلىق ئوخشاشلىقى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە توغرا بولغان مىللىي ۋە سىياسىي ئىدىيەنىڭ تۇرغۇزۇلمىغانلىقى ۋە ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلاب ھەركىتىنىڭ ئاخىرى جىھادنى مەقسەت قىلغان شەھىدلىك نىشان قىلىنغانلىقى، ئىنقىلابنى داۋاملاشتۇرىدىغان خەلىق ئارىسىدا كەڭ تارقىتىدىغان ئىز باسارلىرىنىڭ تەشكىلى سېستىمىسىنىڭ بولمىغانلىقى، (مەن بۇ يەردە ئۇلارنى دىنى نۇقتىدىن خاتا قىلدى دېمەكچى ئەمەسمەن پەقەت سىياسىي تەرەپتىن كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىدىن دەرس ئالايلى دېمەكچى)
1997-يىلىدىكى غۇلجا قەتلىئامى ئوخشاش پاجىئە ، ئوخشاش خاتالىق ، ئوخشىمايدىغان تارىخ!
2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامى ، بۇ ۋەقە مەلۇم بىر شەخىس ياكى گۇرۇپپىنىڭ تەشكىللىشى ئاساسىدا بولمىغانلىقى، ئىلىم-ئەھلى ئۇستازلارنىڭ خاتا پەتىۋاسى، زىيالى سەرخىللىرىمىزنىڭ قورقۇنچاقلىقى سەۋەپ خەلىقنىڭ چېچىلاڭغۇلىقى ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ قانلىرى بىلەن سۇغۇرىلىشىغا سەۋەپ بولدى!
دېمەك بىزنىڭ مەيلى يېقىنقى ۋە ياكى بۇرۇنقى تارىخمىزغا قارايلى ئەڭ ئادىىسى مۇشۇ 100 يىللىق ھەتتا 30 يىللىق تارىخمىزغا قارىساقمۇ ئۇيغۇرلار جەڭدە ئەمەس سىياسەتتە يېڭىلگەن مىللەت!
بىزنىڭ بىر قېتىم ، ياكى ئىككى قېتىم سىياسەتتە كەتكۈزۈپ قويىشىمىزنى دىققەتسىزلىك ياكى شارائىتنىڭ تەسىرى دەپ قۇبۇل قىلساق بولىدۇ، ئەمما ئوخشاش خاتالىقنى تەكرار ، تەكرار سادىر قىلىشىمىز ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىنى زەرداپ قىلىدۇ!

ۋەتەندە بولغان ۋەقەلەرنى ئاڭلىدۇق، ئوقۇدۇق، ياشىدۇق، شاھىت بولدۇق، ساۋاق ئالمىدۇق، چەتئەلگە چىقتۇق، چەتئەلدىكى 1997-يىللىرىدىكى قازاقىستاندىكى بۆلىنىشتىن كىيىن پاكىستان، ئافغانىستانغا يىغىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭگە جىدەلگە كىرمەيمىز دەپ مىسىر ، تۈركىيە، سەئۇدى، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كىتىپ ئىنقىلاپنى «داۋا» شەكلىدە داۋام قىلىشى بىلەن بۈگۈنگە كەلدۇق .

شۇنچىلىك ئاچچىق ساۋاقلارنى ياشىدۇق، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى، شەھىتلەرنى بەردۇق ھېچ ۋە ھېچ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق !
بۇنى دېسەم سەۋەپ بىزدىن نەتىجە ئاللاھتىن دىيىشىڭلار مۇمكىن! سەۋەپنى توغرا قىلماي تارىختىن ساۋاق ئالمىساق ئاللاھ نەتىجە بەرمەيدۇ! (قۇرئاندا تارىختا ئۆتكەنلەرنىڭ قىسسىسى ئەڭ كۆپ سەۋەبى بىزنىڭ ئىبرەت ئېلىشىمىز ئۈچۈن.)

بۈگۈنكى سىياسىي ئەھۋالىمىزغا قاراپ باقايلى ، بىزدىكى سىياسىي چۈشەنچە ، سىياسىي ئىدىيە قانچىلىك؟

ھۆكۈمەت قۇرىدۇق ، ھۆكۈمەتتىن قوغلانساق يەنە ھۆكۈمەت قۇرىدۇق ، يەنە قوغلانساق يەنە قۇرىدۇق!
بىرسىمىز قۇرۇلتاي قۇردۇق، قوغلانساق مەجلىس (قۇرۇلتاي) قۇردۇق ، ئۇنى ئاڭلاپ يەنە بىرسىمىز شۇرا (قۇرۇلتاي) قۇردۇق ، بىرسىمىز پارلامېنىت قۇردۇق ! ئەمەلىيەتتە قۇرۇلتاي دېگەن سۆز ئۇيغۇرچە، پارلامېنت ئىنگىلىزچە، شۇرا ئەرەپچە، مەجلىس تۈركچە ئاتالغۇسى پەقەت! ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزىمىزنى سىياسىي تەشكىلات دەپ يەنىلا ئىجتىمائىي ئىش قىلىپ سىياسەتچى ئاتىلىپ يولىمىزغا داۋام قىلدۇق !

مانا بىزدىكى سىياسىي ساپانىڭ يۇقۇرىلىقى ، دۇنيادا ھېچقانداق مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتچى دوكتۇر، پىروففىسورلىرىنىڭ سىياسىي ساپاسى بىزنى چۈشىنىشكە يەتمىدى! چۈنكى بىزدىكى سەۋىيەنىڭ يۇقرىلىقىدىن، 5 ھۆكۈمەت، 4 قۇرۇلتاي، 50 – 60 تەشكىلات قۇرۇپ سىياسىي جەھەتتە دۇنيانى ھەيران قالدۇردۇق! دۇنيادا ھېچكىم قىلمىغان ۋە قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ ھۆكۈمەت، پارلامېنىت قۇرۇشتا رىكوت ياراتتۇق! ئەگەر مۇشۇ ئىشلارغا دۇنيا جىنىس رىكوتى بەرگەن بولسا قايتىدىن دۇنياغا تونۇلاتتۇق مۇكاپات ئېلىپ! مەن بۇ ئەھۋالىمىزغا قاراپ يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلەلمەي قالدىم!

بىزدەك مۇستەملىكتە قالغان، ۋەتەنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ ئەك ئاخىرقى تىنىقلىرىنى سەكرات ئالدىدا تىنىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ نېمىلىكىنى، پارلامېنىتنىڭ نېمىلىكىنى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئاتالمىش سىياسەتچىلەرنىڭ قولىغا قالغانلىقى ئادەمنى ئۈمۈدسىزلەندۈرىدۇ! مانا بۇ بىزدىكى ھازىرقى سىياسىي چۈشەنچە، سىياسىي ئىدىلوگىيە، سىياسىي…..ئىجتىمائىيە!

دېمەك بىز 100 يىلدىن بېرى بىر سىياسىي بىرلىك سەپ ۋە سىياسىي مەركىزى ئورگان يەنى ھەقىقىي توغرا سېستىمىلىق پارلامېنت تۇرغۇزالمىدۇق! بۇ گەپنى دېسەم بىز 50 نەچچە تەشكىلات بىرلەشتۇق، ياكى ئىككى ھۆكىمەت بىرلىشىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت بولدۇق باشقىلار كەلمىدى دىيىشىڭلا مۇمكىن!

1-ئەللىك نەچچە تەشكىلات بىرلىشىپسىلەر، خوش سىلەرنىڭ سېستىماڭلار قانداق سېستىما؟ توغرىسى سېستىماڭلار بارمۇ؟ پىلانىڭلار بارمۇ؟ بولسا خەلىققە ئاشكارلاڭلا! بولمىسا گەپ ئەگىتىپ خىتايلار پىلاننى ئاشكارلاتقۇزۇش ئۈچۈن دىگۈزىۋاتىدۇ دېگەن سەپسەتەڭلەر بىلەن خەلىقنى ئالدماڭلار! سىلەر سىياسىي ھەركەت قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرى قىلىپ كىلىۋاتقان سىناقتىن ئۆتكەن پارتىيەلىشىش ۋە مەسىلىلەرنى پارلامېنتتا ھەل قىلىشتەك ئاددى ساۋاتنى تونالمايۋاتسىلەر!

2-ھۆكۈمەت دېگەن شەخىس ياكى تەشكىلات قۇرۇپ پەيدا قىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى خەلىقتىن پارتىيەلەر، پارتىيەلەردىن پارلامېنىت قۇرۇلۇپ ئاندىن پارلامېنتتىن ھاسىل بولىدىغان باشقۇرۇش سېستىمىسى خالاس! سىلەر ئويلىۋالغاندەك ياكى قىلىۋاتقاندەك شەخسى دۇكان ئەمەس!

3-قۇرۇلتاي، شۇرا، مەجلىس ۋە پارلامېنت دېگەنلەر، پارتىيەسىز رەسىمگە چۈشىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان شەخىسلەرنىڭ رەسىمىدىن تەركىپ تاپقان قۇملۇقتىكى سەراپ خالاس!

بىزگە كېرەكلىك بولغان تەشكىلاتلار ئۈستى تەشكىلات ئەمەس! بەلكى پارتىيەلىرى بىلەن سىياسىي ھەركەت پىلانلىنىدىغان تولۇق سېستىمىغا ئىگە بولغان، ھوقۇق مەلۇم كىشى ياكى تەشكىلاتقا مەركەزلىشىپ قالمىغان ھەقىقىي پارلامېنت ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدىغان ھۆكۈمەت سېستىمىسى! بۇ سېستىمىنىڭ بەرپا بولىشى ئۈچۈن سېستىمىنى ماڭغۇزالايدىغان چىشلىق چاقلار لازىم! بۇ چىشلىق چاقلار پەقەتلا پارتىيەلەردۇر!

شۇنى ئۇنتۇلۇپ قالمايلىكى بىزنىڭ سىياسىي خىزمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن پارتىيە ، پارتىيە، پارتىيە كېرەك! ھەقىقىي پارلامېنت، ھەقىقىي ھۆكۈمەت كېرەك!
مۇشۇ تىلغا ئېلىنغان ئورگانلارغا بىردىنبىر تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسە بىز يەنى خەلق! شۇڭا سىياسىي ساپايىمىزنى ئۆستۈرەيلى! پارتىيەلىشەيلى! ئۇيۇشايلى! پارلامېنت قۇرايلى!

ئىسمى جىسمىمىزغا لايىق ئۇيۇشقاق ئۇيغۇر بولايلى!
ئېشەك جېنىدا بىر قېتىم پۇتى كىرگەن ئورەككە ئىككىنجى قېتىم دەسسىمەيدۇ! تارىختىن ئىبرەت ئالايلى!

ئۇرۇش قان تۆكىدىغان سىياسەت!
سىياسەت قان تۆكۈلمەيدىغان ئۇرۇشتۇر!

2020-يىلى 4-ماي، ئىستانبۇل

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top