You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇرلارنى كۈتىۋاتقان ئاقىۋەتلەر

ئۇيغۇرلارنى كۈتىۋاتقان ئاقىۋەتلەر

پىدائىي

ئۇيغۇر مىللىتىنى قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ كۈتىۋاتقانلىقىنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلگۈسى كىلىدىغاندۇ ھەقىچان . ئەلۋەتتە بىز ئەتە نىمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز . ئەمما ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقىل ۋە ئۆزىمىز ئىرىشەلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئەتە نىمە بولۇش مومكىنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز ۋە ئەتە ئۈچۈن پىلان قىلالايمىز. خۇددى بىز ئەتىگىچە ياشىيالايدىغان ياكى ياشىيالمايدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىزيۇ ۋابا مەزگىلىدە يىمەك ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كىتىشى ياكى قىس بولۇشىنى پەرەز قىلىپ ئۆيلىرىمىزگە بىر ئىككى ئايلىق يىمەك ئىچمەكنى بېسىۋالغىنىمىزدەك.

خوش ، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنى قانداق ئاقىۋەتلەر كۈتىۋاتىدۇ؟
تۆۋەندە يۈز بىرىش ئىھتىمالى بولغان تۆت خىل ئاقىۋەت توغرىسىدىكى پەرىزىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن:

1-خىل ئىھتىماللىق: خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن مەزگىلگىچە پاراۋانلىق سىياسەتلىرى بىلەن كۆپلەپ خىتتاي كۆچمەنلىرىنى ۋەتىنىمىزگە يەرلىشىشكە جەلىپ قىلىپ ، خىتتايلارنى ۋەتىنىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىققا ئايلاندۇرىشى مومكىن ، ۋە بۇنى تىزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا خىزمەت پۇرسىتى تەمىنلەپ بىرىش ۋە ئىلغار مائارىپتا ئوقۇتۇش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىگە يۆتكىشى ، ھەتتا پاراۋانلىق سىياسەتلىرى بىلەن ئىچكىرىدە يەرلىششكە جەلىپ قىلىشى مومكىن . لاگىردىكىلەرنىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ ھايات قالغانلىرىنىڭ بىر بۆلىكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىشى، يەنە بىر بۆلىكى ياكى ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەش ۋە ياكى سىڭگەن نېنىنى يىيىش يولى بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ خىتتايغا ماسلىشىپ سىڭىپ كىتىشى مومكىن . خىتتايلارنىڭ ھىلە-نەيرەڭلىرى ۋە قاتتىق قول سىياسىتى نەتىجىسىدە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار يەنە 30 يىلدىن كىيىن ئاساسەن خىتتايلىشىپ بولىشى ، 50 يىلدىن كىيىن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئەسەرمۇ قالماسلىقى مومكىن . مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئۈچىنجى ئەۋلاتقا بارغاندا ئاساسەن ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرگە يەرلىشىپ سىڭىپ كىتىشى مومكىن . شۇنداق بولغاندا بىز ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇرلاردىن ھىساپلىنىمىز . ھازىرقى ھالىتىمىزدە داۋام قىلساق خىتتاي دۆلىتى پارچىلانمىغان ئەھۋالدا يۈز بىرىش ئىھتىمالى ئەڭ چوڭ بولغان ئاقىۋەت مۇشۇ.

2-خىل ئىھتىماللىق: خىتتاي ئىقتىزادى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ، چەتئەلدىكى يامان سۈپەتلىك قەرىز ۋە سېلىنمىلار ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قەرىزى ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى كۆپۈكنىڭ يېرىلىشى ۋە بۇ سەۋەپتىن كۆرىلىدىغان ئۆي مۈلۈك شىركەتلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ بانكا قەرزىنى قايتۇرالماسلىقى ، ئىكىسپورت تىجارىتىنىڭ كىمىيىشى ، زاۋۇتلارنىڭ كۆپلەپ تاقىلىشى ۋە بۇ سەۋەپتىن كىلىپ چىقىدىغان ئىشسىزلىق ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىش ئىھتىمالى بولغان جەمىيەت قالايمىقانچىلىقى ، كومپارتىيە ئىچىدىكى مەنپەئەت گورۇھلىرىنىڭ ھوقۇق تالىشىشى ، غەرىپنىڭ ئىمبارگو يۈرگۈزىشى دىگەندەك بىرقاتار سەۋەپلەر تۈپەيلى كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە خىتتاي مەركىزى ھۆكۈمىتنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرەپ تەرپتىن مۇستەقىللىق جاكارلىشى مومكىن . ئەگەر ھازىرقى ھالىتىمىزدا داۋام قىلساق بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە ۋەتىنىمىزدە چېن چۈەن گو پرىزدىنت بولغان ، ھازىرقى ھۆكۈمەت سىستىمىسىنىڭ داۋامى بولغان شىنجاڭ جۇمھورىيىتى قۇرۇلىشى ، بۇ خىل ئەھۋالدا يېڭى ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن چېن چۈەن گو ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە قىرغىن قىلىشى مومكىن . بۇ دۆلەتتە خىتتايلار ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك خوجايىن ، ئۇيغۇرلار ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك قۇل بولىشى ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا تاراتقۇلاردا ئاھۇ زارىمىزنى ئاڭلىتىشتىن باشقا ئىش قىلىپ بىرەلمەسلىكىمىز مومكىن . چۈنكى ئۇ يەرگە قۇرال كۆتۈرۈپ بېرىپ ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلىدىغانغا مۇنتىزىم ئارمىيەمىز يوق . تاغدىكى قېرىنداشلىرىمز بېرىپ ئۇرۇش قىلىدۇمۇ دەيلى، يول ئوچۇقمۇ ؟ بوپتۇ قاچاق بارىدۇمۇ دەيلى ، ۋەتىنىمىزگە خوشنا دۆلەتلەر بىزلەرنى شۇ دۆلەتلەرنىڭ تۇپرىقىدا تۇرۇپ دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ دۆلىتى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەڭ چوڭ قەرىز ئىگىسى بولغان خىتتايغا قارشى ئۇرۇش ئاچقىلى قويۇشقا پېتىنالارمۇ ؟ مەنچە ئالدى تەرەپتىن بىز خىتتايغا ھوجۇم قىلا قىلماي ئارقىمىزدىن شۇ دۆلەتنىڭ ئەسكەرلىرى كىلىپ بىزنى ئېتىپ خىتتايدىن تارتۇق ئېلىشى مومكىن . ئۇلار بىزگە بىر كۆزىنى قىسىۋالغۇدەك جۈرئەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئامىركىدەك خىتتايغا رىقابەت بولالايدىغان بىر چوڭ كۈچ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرىشى ، خىتتاي بەرگەن مەنپەئەتلەرنى بىرەلىشى ، ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ دۆلەتلەر خىتتاينى ئۆزىگە قۇتقازغۇچى ئەمەس بەلكى تەھدىت دەپ قارىشى كىرەك . ھالبۇكى بۇنداق بىر شارائىتنى تەشۋىقات ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش تامامەن مومكىن . ئەمما بىزدە بىر مەركىزى ئورگان بارلىققا كەلمەي تۇرۇپ بۇ مەقسەتكە يىتىش ئىھتىمالىمىز ئىنتايىن تۆۋەن . چۈنكى سىياسى مۇناسىۋەتلەر ئۈچۈن بىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇنداق بىر ئورگاننىڭ بولىشى شەرت . دىمەك بۇ خىل ئەھۋالدىمۇ ئۇيغۇرلار 1-خىل ئىھتىماللىقتىكىگە ئوخشاشلا يوقۇلۇپ كىتىشى مومكىن.

3-خىل ئىھتىماللىق: ئامىرىكا باشچىلىقىدا غەرىپ ۋە خەلقئارادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋىرۇسنىڭ دۇنياغا تارقىلىپ كىتىشىدە خىتتاينىڭ مەسئۇلىيىتى بار دىگەننى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ خىتتاينى تۆلەم تۆلەشكە قىستىشى ، خىتتاي ئۇنىمىسا(مەنچە ئۇنىمايدۇ) خىتتاينى تىجارەت ، ئىنىرگىيە ، تېخنىكا ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە تار يەرگە قىستىشى مومكىن . بۇ خىل ئەھۋالدا خىتتاي ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئاجىزلاپ ، بىرنەچچە يىلغا قالماي غەرىپكە باش ئىگىشكە مەجبۇر بولىشى ، ئۇنداق بولمىغاندا مەيلى قانداق سەۋەپتىن بولسۇن خىتتاينىڭ مەلۇم چىگرىسىدا ئۇرۇش لىنيەسى ئېچىلىشى مومكىن . چۈنكى ئامىركىنىڭ خەلقئارادىكى مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە زومىگەرلىك ئورنىنى ساقلاش ئۈچۈن ، مەيلى بۇ ئۇرۇشنىڭ ئىچىدە بىز بولايلى بولمايلى ، خىتتاينى ئاجىزلىتىپ ئۆزىگە شىلتىڭ ئاتالماس قىلىپ قويۇشقا ئىھتىياجى بار، ۋە ئالدىمىزدىكى بەش ئون يىل ئامىركىنىڭ بۇنى قىلىدىغان ئاخىرقى پۇرستى ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە . مەسىلە بىز ئۇلارنى ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەققىللىقى ئامىركىنىڭ بۇ مەقسىتىگە يىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى بولالايدىغانلىقىغا ، بىزنىڭ بىر دۆلەت قۇرۇشقا لاياقىتىمىز بار ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرەلەمدۇق ؟ بۇنىڭغا بىز تەييارمۇ ؟ – ياق . ئالدىنقى يازمامدا دەپ ئۆتكىنىمدەك بىزدە مۇھاجىرەتتىكىلەر ئورتاق ئىتراپ قىلىدىغان بىر مەركىزى ئورگان قۇرۇلۇپ ئومۇمى داۋاغا يىتەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىش رولىنى ئۆتەپ ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ۋەكىللىك قىلمىغىچە بىزنىڭ ئۇرۇش لىنيەسىگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىشىمىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆلۈپ بىرىش بولۇپ قېلىشى ، بىزنىڭ كونتروللىقىمىزدا بولمىغان ئۇرۇشتا چوڭ دۆلەتلەر ئۆز مەقسەتلىرىگە يىتەلىسە ياكى باشقا بىر مەنپەئەت ئۈستۈن كىلىپ قالسا ھەرزامان بىزنى سېتىۋىتىشى ، تاشلىۋىتىشى مومكىن . ئەكسچە كۈرەشلىرىمىز بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى قوغدايدىغان بىر مەركىزى ئورگاننىڭ يىتەكچىلىكىدە بولسا بىز ئۆلۈمگە تۇتۇپ بىرىلمەيمىز ، سېتىۋىتىلمەيمىز ۋە تاشلىۋىتىلمەيمىز . بۇ ئورگان ھەرۋاقىت بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى شۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىنىڭ مەركىزى نوقتىسىغا باغلاشقا تىرىشىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ياردەمنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى ۋە بىزنىڭ سېتىلىپ كەتمەسلىكىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ . چوڭ دۆلەتلەر بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى ئۆز مەنپەئەتىنىڭ مەركىزىدە كۆرەلىگەندە ۋە بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزغا ئىشىنەلىگەندە بىزگە خوشنا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ ئۇرۇش لىنيەسى ئېچىشىمىزغا شارائىتنى ئۆزلىرى ھازىرلاپ بىرىدۇ . ئامىركا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (دۆلەت ئىشلىرى سېكىرتارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مايىك پومپىيونىڭ يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئۇ دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت ئەرباپلىرى بىلەن بىرمۇ بىر كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىشى بىزنى بۇ نوقتىدىن ئۈمۈتلەندۈرىدۇ . بىزنىڭ مەسىلىمىز ئىككى يىلدىن بېرى دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ ئالدىنقى ئورنىدا تۇرۇپ كەلدى . ۋەزىيەت تىز سۈرئەتتە بىزگە پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى . ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس ، بىزدىكى چېچىلاڭغۇلۇق سەۋەبىدىن بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنالمايۋاتىمىز . ھازىر خىتتاي ۋىرۇسى خەلقئارا كۈنتەرتىپنىڭ ئالدىغا چىقتى ۋە بىزنىڭ مەسىلىمىز بىرئاز سوۋۇپ قالدى . ئەگەر بىز بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ داۋا سېپىمىزدە ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئىسلاھات ئېلىپ بارمىساق بۇ پۇرسەت بىزنى ساقلاپ تۇرىۋەرمەسلىكى مومكىن . يەنە تەكىتلەيمەنكى ، پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا ، تۇتالىغانلارغا مەنسۇپ . قۇرئان كەرىمنىڭ 13.سۈرە 11.ئايىتىدە « ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ » دىيىلگەن . بىز ھارزقى ئەھۋالىمىزنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ قانداقمۇ مۇستەققىلىقنى ئۈمۈت قىلالايمىز ؟ ئەجەبا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەمدۇق ؟ ئىشەنسەك نىمىشقا ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلمايمىز ؟
دىمەك ، ئەھۋالىمىزنى ئۆزگەرتمىسەك ھازىرقى ھالىمىز بىلەن بۇ خىل ئىھتىماللىقتىمۇ بىز يەنىلا مىللەت بويىچە يوقىلىشتىن ساقلىنالىشىمىز ناتايىن.

4-خىل ئىھتىماللىق: بىزدە كىلەر يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەركىزى ئورگان قۇرۇلىدۇ . داۋا تىنچ شەكىلدىكى كۈرەشنى داۋام قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇن ئۆتمەي قۇراللىق كۈرەش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ . سىياسىي قانات خەلقئارانى خىتتايغا بېسىم قىلىشقا ، ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە ئۈندەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەربىي قاناتنىڭ قۇراللىق ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا سەھنىدە ھەقلىقلاشتۇرۇپ خەلقئارانىڭ ھەربىي تېخنىكا ۋە ئەسلىھە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە كۈرەش يوللىرىغا يېشىل چىراق يېقىپ بىرىشكە تىرىشسا ، ھەربىي قانات خىتتاينىڭ چەتئەلدىكى تىجارەت يوللىرى ۋە مۇھىم ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىشتىن تارتىپ ۋەتىنىمىز چىگرىسىدا پاتىزانلىق ئۇرۇشى ۋە كەڭ كۆلەملىك ئازاتلىق ئۇرشى قىلىشقىچە بولغان ئەلەم قىسمىنى ياخشى ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ . خىتتاينىڭ ئەپتىبەشىرىسىنىڭ ئېچىلىشى ۋە بىزنىڭ كۈچەپ تەشۋىقات قىلىشىمىز نەتىجىسىدە خەلقئارادا خىتتاينى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدىغان مۇھىت بارلىققا كىلىشى ، مۇستەققىللىق كۆرىشىمىز پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كۈرىشىگە ئايلىنىپ ئالدىنقى سەپتە ئۇيغۇرلارلا ئەمەس باشقا مۇسۇلمانلار ۋە ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ، ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئوخشىمىغان دىنلاردىن بولغان ئىنسانلار بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى مومكىن . يەنى بۇ كۈرەش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرىز ۋە جەننەتكە ئىرىشىشنىڭ يولى ھىساپلانسا ، مۇسۇلمان بولمىغانلار ئۈچۈن ئىنسانىيلىق ئۇرۇشى ھىساپلىنىدۇ . سوۋىت-ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن تارتىپ بوسنىيە ، كوسوۋو مۇستەققىللىق ئۇرۇشلىرىغىچە ، ۋە ھەتتاكى يېقىنقى زامانلاردا سۈرىيە ۋە ئىراق تۇپراقلىرىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردا چەتئەللىك جەڭچىلەرنىڭ سانى ۋە ئوينىغان رولى خېلى ئېغىر سالماقنى ئىگەللەيدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەققىللىق ئۇرۇشىدىمۇ شۇنداق بولمايدۇ دەپ كىم دىيەلەيدۇ؟
بۇ خىل ئىھتىماللىقتا بىز تىز بولسا تۆت بەش يىلدا ، ئاستا بولسا ئون ، ئونبەش يىلدا ۋەتىنىمىزنى خىتتاي مۇستەملىكىسىدىن ئازات قىلىپ ئانا تۇپراقلىرىمىزدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى قايتا لەپىلدىتەلىشىمىز مومكىن.

ئەمدى تۆۋەندىكى قىسسەنى كۆپچىلىككە ئەسلىتىپ ئۆتەي:
ھەزرىتى ئۆمەر شام دىيارىغا كېتىۋاتقان سەپەر جەريانىدا شامدا ۋابا كېسىلىنىڭ تارقاپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن شامغا بارماي، كەلگەن ساھابىلەر بىلەن قايتىپ كېتىشنى قارار قىلغان ئىدى. بۇ چاغدا ئەبۇ ئۇبەيدە ئىسىملىك بىر ساھابە: «ئې مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن قاچماقچىمۇ؟» دېگەن ئىدى، ھەزرىتى ئۆمەر:«شۇنداق، ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قاچىمىز» دەپ جاۋاپ بەردى. ۋابا كېسىلى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن يۈز بەرگەن، ئۇنىڭدىن ساقلىنىشمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ئىبارەت.
ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«ئەگەر سىنىڭ تۆگىلىرىڭ بولۇپ، سېنىڭ ئالدىڭدا مۇنبەت زېمىن بىلەن قۇرغاق قاقاسلىق زېمىن بولسا، تۆگىلەرنى ئوت-چۆپلۈك زېمىندا باقساڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن باققان بولىسەن، ئەگەر قۇرغاق قاقاسلىق زېمىندا باقساڭمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن باققان بولمامسەن؟ دېگەندە، ئەبۇ ئۇبەيدە: «شۇنداق» دەپ جاۋاپ بېرىپ قايىل بولغان.
ئاللاھنىڭ تەقدىرى ھەق، ئاللاھنىڭ تەقدىرى شەكسىز ئىجرا بولىدۇ. بىراق ئۇ تەقدىر ئاللاھنىڭ كائىناتتا بېكىتكەن قانۇنىيىتى ۋە ئاللاھ ياراتقان سەۋەبلەر ئارقىلىق ئىجرا بولىدۇ. ھايات قانۇنىيەتلىرى بىلەن سەۋەب-چارىلەر ئاللاھنىڭ ئومۇمى تەقدىرىدىن پارچىلانمايدىغان بىر قىسمىدۇر.

ئەمدى تىمىغا قايتىپ كەلسەك ، يۇقاردا ئوتتىرىغا قويۇلغان تۆت خىل ئىھتىماللىقنىڭ مەيلى قايسى بېشىمىزغا كەلسۇن ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر. ئۇنداقتا بىز قايسى تەقدىرگە قاچىمىز؟

ئاللاھ بىزنى پات پۇرسەتتە ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشقا، مۇستەققىلققە لايىق بولۇشقا ۋە ۋەتەننىڭ مۇستەققىلقىنى بۇ ئۆمرىمىزدە كۆرۈشكە نىسىپ قىلسۇن ! بۇ زۇلۇم ، بۇ مۇسىبەت ، بۇ شەرمەندىچىلىك بىز بىلەن كەتسۇنكى ئەۋلاتلىرىمىزغا مىراس قالمىسۇن!

ئەسكەرتىش: يازمىنىڭ ئۇزۇراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئامال بار ئىخچام يېزىشقا تىرىشتىم . يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىل سانلرى كۆپچىلىكنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن يېزىپ قويۇلدى ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئۇنىڭدىن قىسقىراق ۋاقىتتا يۈز بىرىشىمۇ ، ئۇزۇنراق ۋاقىتتا يۈز بىرىشىمۇ ، ۋە ھەتتا يۇقارقىلاردىن سىرت باشقا بىر تەقدىر بىزنى كۈتىۋاتقان بولىشىمۇ مومكىن . قېنى بىز پەرەز قىلالىغىنمىزچە تەييارلىق قىلىپ باقايلى ، سەۋەپ بىزدىن، نەتىجە ئاللاھتىن . مەن پەرىزىمنى ئورتاقلاشتىم ، قېنى قېرىندىشىم، سىزنىڭمۇ پەرقلىق پەرەزلىرىڭىز بولسا ئورتاقلىشىڭ، ھەرخىل ئىھتىماللىقلارغا بىرلىكتە تەييارلىق قىلايلى.

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top