You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » گرافىك لايىھەلىگۈچى ياشلار ئورالما قاپ لايىھەلەش مۇسابىقىسىدە دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى بولدى

گرافىك لايىھەلىگۈچى ياشلار ئورالما قاپ لايىھەلەش مۇسابىقىسىدە دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى بولدى


فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقپە ئۈنۋىرىستىتى گرافىك لايىھەلەش كەسپى 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى خەلقئارالىق ئورالما قاپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان 2019-يىللىق «دۇنيا چولپىنى» ئوقۇغۇچىلار مۇسابىقىسىدە «كەتچاپ مايونەز ئورالما قۇتىسى» ئەسىرى بىلەن مىس مىدالغا ئېرىشتى.
ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ جاكارلىشىچە، تۈركىيە ئورالما قۇتا سانائەتچىلەر دەرنىكى 2019- يىلى نويابىردا ئورۇنلاشتۇرغان 15-قېتىملىق ئورالما قۇتا لايىھەلەش خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار مۇسابىقىسىدە دەرىجىگە ئىرىشكەن 18 ئەسەر خەلقئارالىق ئورالما قاپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھەر يىل ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «دۇنيا چولپىنى» ئوقۇغۇچىلار مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقپە ئۇنىۋېرسىتېتى گرافىك لايىھەلەش كەسپى 3-يىللىقتىن ئابدۇقەييۇم ياسىن (ئۇيغۇر)، مۇجاھىت ھىلمى يامان ۋە فەتۇللاھ ئەر قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار لايىھەلىگەن «كەتچاپ مايونەز ئورالما قۇتىسى» ئەسىرى دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى بولۇپ مىس مىدالغا ئېرىشتى. تۈركىيەدىن مۇسابىقىگە قەتناشقان باشقا 17 ئەسەر قاتنىشىش گۇۋاھنامىسى بىلەن قايتىپ كەلدى.
بۇ ئەسىەرنىڭ باش لايىھەلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئۇيغۇر ياش ئابدۇقەييۇم ياسىن كىم؟ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئۇنىڭ تەرجىمھالى ۋە بەزى ئەسەرلىرىنى كۆرەلەيسىز: Portfolio_ABDUQEYYUM

بۇ خوش خەۋەر تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن İstanbul haber ajans, Anadolu ajansı, Haber Türk, Yeniçağ gazetesi قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردىن ئورۇن ئالدى.
ئۇلانمىلىرى :
https://www.fsm.edu.tr/haber/Ambalajin-Genc-Tasarimcilarina-Worldstarda-Bronz-Odul2020-02-19-16
54-13pm
https://www.aa.com.tr/tr/sirkethaberleri/egitim/genc-tasarimcilar-ambalaj-tasariminda-dunyaucuncusu/655900
https://www.haberinnabzi.com/service/amp/ambalajin-genc-tasarimcilari-worldstarda-bronz-odulkazandi-41614h.htm
https://m.haberturk.com/ambalajin-genc-tasarimcilari-worldstarda-bronz-odul-2589671-amp
https://www.istanbulhaber.com.tr/ambalajin-genc-tasarimcilari-worldstarda-bronz-odul-kazandi-haber

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top