You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » ئەسىر بوسۇغىسىدىكى مۇھىم ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيىتى:”ساماۋى كىتاب“نىڭ سىرىنى يېشىش

ئەسىر بوسۇغىسىدىكى مۇھىم ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيىتى:”ساماۋى كىتاب“نىڭ سىرىنى يېشىش

ئەسىر بوسۇغىسىدىكى مۇھىم  ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيىتى:”ساماۋى كىتاب“نىڭ سىرىنى يېشىش

世纪之初的重大科学成就:破解“生命之书”的第一章:人类第一号染色体

غەيرەتچان ئوسمان بىلىكيار

        2006-يىلى 18-ماي كۈنى ئەنگلىيە  ئامېرىكا ئالىملىرى  ئىنسانلار  گېن  گۇرۇپپىسىنى  ئېنىقلاپ ، گېن  ئاتلاسنى  سېزىپ  چىققانلىقىنى  جاكارلىدى .  بۇ ،   دەل ئىنساننىڭ   ”  ھاياتلىقى  ساماۋى  كىتابىنىڭ “ بىرىنچى بابى  بولمىش _ ئادەمنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق  خروموسوماسىدىكى  گېن سانى ۋە ئۇنىڭ سىخىمىسىنى ئېنىقلاپ  چىققانلىقى ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت پەن-تەتقىقات ئىشلىرىدىكى دۇنياۋى چوڭ ھەمكارلىقنى نەتىجىسى بولۇپ، بۇ تەتقىقاتقا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ150 دىن ئارتۇق ئالىمنىڭ 16 يىللىق ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلغان دۇنياۋى زور ئىلىم-پەن  قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش  تۈرىنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.  ئۇزۇندىن بىرى كىشىلەر  ”  ئىنسانلار گېن خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش پىلانى “(HPG)نى  ئالەمشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئايغا چىقىش پىلانى “ دىنمۇ قىيىن دەپ قاراپ، بۇ  تۈر ئىنسانلار بىئولوگىيە- ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى  ساھەسىدىكى” ئايغا چىقىش پىلانى “ بولۇپ ، تولىمۇ مۈشكۈل تەتقىقات تۈرى ھېسابلاپ كەلگەنىدى.  دېمىسىمۇ  ئادەمنىڭ گېن تەرتىپىنى ئېنىقلاپ گېن خەرىتىسى(گېن سېخىمىسى)نى سىزىپ چىقىش راستىنىلا مۈشكۈل ئىش دەپ قاراپ كەلگەنىدى. بىراق كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولۇر دېگەندەك،  بۇ مۈشكۈل پىلان ئاخىرقى ھېسابتا روياپقا چىقىپ،  ئادەم ھاياتلىقىنىڭ ”ساماۋى كىتاب“نىڭ بىرىنچى بابى بولغان  بىرىنچى نومۇرلۇق خروموسوما  ۋە ئۇنىڭدىكى گېن سانى ئەڭ ئاخىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۇ  خروموسوما  ئادەمنىڭ 23 جۈپ خروموسومىسى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن خروموسوما  بولۇپ ، ئۇنىڭدا  جەمئىي  223 مىليون جۈپ شىخارلىق ئاساس بارىكەن . بۇ شىخارلىق ئاساسلار ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىدىكى ئومۇمىي شىخارلىق ئاساسلار  سانى (3مىليارد شىخارلىق ئاساسلار) نىڭ  8% سېنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئالىملار يەنە  بىرىنچى نومۇرلۇق خروموسومىدا 3141 دانە گېن بارلىقىنى(ھازىرچە) ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ تەتقىقات ئارقىلىق يەنە بۇ گېنلاردىكى يوچۇقلارنىڭ ئىنسانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان 350 خىل كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ چىقتى. راك كېسىلىمۇ  بىرىنچى نومۇرلۇق  خروموسوماسىدىكى گېنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان .

        ئالىملار  بىرىنچى نومۇرلۇق  خروموسومىنىڭ ساماۋى سىرلىرى يېشىش جەريانىدا  يەنە مىڭدىن ئارتۇق يېڭى گېنىنى بايقىغان . ئادەمنىڭ 23 جۈپ خروموسومىسى ئىچىدە 22 خروموسوما غەيرىي جىنسىي خروموسوما ، پەقەت 22-نومۇرلۇق بىرلا خروموسوما جىنسىي خروموسوما ھېسابلىنىدۇ . بىرىنچى نومۇرلۇق خروموسوما ئەڭ چوڭ ، يىگىرمە ئىككىنچى نومۇرلۇق خروموسوما ئەڭ كىچىك خروموسوما  ئىكەنلىكى  ئېنىقلاپ چىقىلغان  .  ئالىملارنىڭ ،  كەلگۈسى ئون يىگىرمە يىل ئىنسانلار گېن تەتقىقاتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بۆلىشى مۇمكىن  دەپ مۆلچەرلەشمەكتە.قۇرۇلۇشى  ساھەسىدىكى” ئايغا چىقىش پىلانى “ بولۇپ ، تولىمۇ مۈشكۈل تەتقىقات تۈرى ھېسابلاپ كەلگەنىدى.  دېمىسىمۇ  ئادەمنىڭ گېن مەرتىۋىنى ئېنىقلاپ گېن خەرىتىسى(گېن سېخېمىسى)نى سىزىپ چىقىش راستىنىلا مۈشكۈل ئىش دەپ قاراپ كەلگەنىدى. بىراق كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولۇر دېگەندەك،  بۇ مۈشكۈل پىلان ئاخىرقى ھېسابتا روياپقا چىقىپ،  ئادەم ھاياتلىقنىڭ ”ساماۋى كىتاب“نىڭ بىرىنچى بابى بولغان  بىرىنچى نومۇرلۇق خروموسوما  ۋە ئۇنىڭدىكى گېن سانى ئەڭ ئاخىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۇ  خروموسوما  ئادەمنىڭ 23 جۈپ خروموسومىسى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن خروموسوما  بولۇپ ، ئۇنىڭدا  جەمئىي  223 مىليون جۈپ سىغارلىق ئاساس بارىكەن . بۇ سىغارلىق ئاساسلار ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىدىكى ئومۇمىي سىغارلىق ئاساسلار  سانى(3مىليارد سىغارلىق ئاساسلار)نىڭ  8% سېنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئالىملار يەنە  بىرىنچى نومۇرلۇق خروموسومىدا 3141 دانە گېن بارلىقىنى(ھازىرچە) ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ تەتقىقاتلار ئارقىلىق يەنە بۇ گېنلاردىكى يوچۇقلارنىڭ ئىنسانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان 350 خىل كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ چىقتى. راك كېسىلىمۇ  بىرىنچى نومۇرلۇق خروموسوماسىدىكى گېنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان .

    شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رادىئو مەكتەپ قاغىلىق شۆبىسى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top