You Are Here: Home » دىنىي ھايات » يېڭى يىل شۈكۈر قىلىش ۋە ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش ۋاقتىدۇر

يېڭى يىل شۈكۈر قىلىش ۋە ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش ۋاقتىدۇر

مۇھەممەد يۈسۈپ
نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى يىل كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە يېڭى يىلدا خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ئىش بولسا، دەل ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئۆمۈر بېرىپ، تېنىمىزنى سالامەت قىلىپ، بىزنى مۇشۇ يېڭى يىلغا يەتكۈزگەنلىكىدۇر. بۇنىڭغا خۇشال بولۇشىمىز ۋە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشىمىز بىزنىڭ مىننەتدارلىق بۇرچىمىزدۇر.
يېڭى يىلدا مۇسۇلمان ئادەمنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىدىن ئۆزى ھېساب ئېلىشىدۇر. چۈنكى ئەسلىدە يېڭى يىلنىڭ كىرگەنلىكى بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ساق – سالامەت مۇشۇ كۈنگىچە ياشىغانلىقىمىزغا خۇشال بولۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل ئىچىدە ئاللاھ تائالانى رازى قىلغۇدەك ۋە ئۆزىمىزنى خۇشال قىلغۇدەك قانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلدۇق، بۇ يىل ئىچىدە قانداق يامان ئىشلارنى قىلدۇق ۋە قانداق كەمچىلىكلەرنى سادىر قىلدۇق؟ بۇلارنى ئەقلىمىزدىن بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزۈپ، ياخشى قىلغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن خۇشاللىنىپ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشىمىز، يامان قىلغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى يېڭى يىل كىردى دېگەنلىك ئۆمرىمىزدىن بىر يىل قىسقاردى، ئەجىلىمىز بىر يىل يېقىنلاشتى دېگەنلىكتۇر.
يېڭى يىل بۇ تەرەپتىن ئېيتقاندا خۇشاللىق ئەمەس، بەلكى غەمكىن، ئۆزىنى سىلكىش، غەپلەتتىن ئويغىنىش پەيتىدۇر.
يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللارنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولساق، ئالدىمىزدىكى يىللارنى مەنىلىك ۋە نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بەل باغلاش پەيتىدۇ.
يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللاردا ئاللاھ تائالانى رازى قىلغۇدەك، ئىنسانلارنى مەمنۇن قىلغۇدەك، ۋىجدانىمىزنى راھەتلەندۈرگۈدەك ياخشى ئىشلارنى قىلالمىغان بولساق، ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ ئىشلارنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۇن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ۋەدە بېرىش پەيتىدۇر.
يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللاردا ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ، خىزمەتداشلارنىڭ، قوشنىلارنىڭ ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ۋە ئۇلارغا ئۇنتۇلماس خۇشاللىقلارنى تەقدىم قىلالمىغان بولساق، ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن نىيەت قىلىش پەيتىدۇر.
يېڭى يىل ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ھېساب ئالىدىغان ۋە ئۆزىمىزگە باھا بېرىدىغان ۋاقىتتۇر. ئەگەر بىز ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ھېساب ئېلىپ، كەمچىل تەرەپلىرىمىزنى تولۇقلاپ، گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلىپ تۇرساق، بىزنىڭ يۈكىمىز يەڭگىللىشىپ قالىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىشىمىزمۇ ئوڭايلىشىدۇ.
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ، ئۆمۈرنىڭ قەدرىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ھېچبىر سائىتىنىڭ مەنىسىز، ساۋابلىق ئەمەلسىز ئۆتۈپ كېتىشىگە قەتئىي رازى بولمايدىكەن. بۇرۇنقى ئۈلگىلىك زاتلاردىن ھەسەن بەسرى «بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى ۋە ۋاقتىنى ئالتۇن –كۈمۈشتىنمۇ قىممەتلىك بىلىدۇ» دېگەن ئىكەن.
يېڭى يىل بايرىمى ئىسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلنى قۇتلاش ئۈچۈن خرىستىئانلار يولغا قويغان دىنىي بايرام بولۇپ، ئۇنىڭ پائالىيىتى خرىستىئانلارنىڭ بىر- بىرىگە سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىش، يېشىل دەرەخنى تىكلەش، ئائىلە بويىچە خوشاللىق تەنتەنىسى قىلىش، نوۋېل پاپانىڭ تەقلىدىنى ياساش بىلەن بولىدۇ. بۇ بايرام كرېسماس دەپ ئاتىلىدۇ. (چۈنكى Xmas) سۆزى گرېكچىدىكى خرىستوس(Xpіотоς) سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، ئەمما خرىستىئانلارنىڭ ياۋروپادىكى پرۇستانت مەزھىبى بىلەن كاتۇلىك مەزھىبى 25 دېكابىرنى قارارلاشتۇرغان بولسا، شەرقتىكى ئورتۇدوكس مەزھىبى يانۋارنىڭ 7- كۈنىنى قارارلاشتۇرغان.
مىلادىيىنىڭ 220- يىلىغا كەلگۈچىلىك خرىستىئانلاردا بۇ ئادەت يوق ئىدى. شۇ يىلى خرىستىئان ئالىملىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى مىلادىيىنىڭ 29- يىلى 25 مارت كۈنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قارارلاشتۇرغان، كېيىنكى خرىستىئان ئالىملىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى مىلادىيە 33- يىلى 3- ئاپرىل كۈنى دارغا ئېسىلغان دەپ قارارلاشتۇرغان. تارىختا تۇنجى قېتىم 14 – ئەسىردە كونستانتىن ئىمپېراتورىنىڭ زامانىدا، كونىستانتىن 25- دېكابىرنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش بايرىمى دەپ بېكىتكەن. چۈنكى رىملىقلار خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ھەر يىلى 25- دېكابىر كۈنىدە «قۇياش ئىلاھى» سانىلىدىغان «بول ئىنفىكتوس» نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئادەت خرىستىئان دىنىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك دىنىي بايراملىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئادەتلىرىنى دوراشتىن توسۇپ: «مۇشرىكلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: مەيلى قايسى دىندا بولمىسۇن، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى دورىماڭلار، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قىلماڭلار، ئۇلارغا ئۆزۈڭلارنى ئوخشاتماڭلار دېگەنلىك بولۇپ، مۇشرىكلارغىلا خاس ئەمەس. ھەدىستە «مۇشرىك» سۆزىنىڭلا تىلغا ئېلىنغانلىقى ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار ئەسلىدە مۇشرىكلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى، مۇشرىكلىك مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپرەك مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىغانلىقى سەۋەبتىن بولسا كېرەك.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top