You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » مېدىيانىڭ ئىككى چوڭ كۈچى ۋە شەكىللەندۈرۈش جەريانى

مېدىيانىڭ ئىككى چوڭ كۈچى ۋە شەكىللەندۈرۈش جەريانى

مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

ئاخبارات ۋاستىلىرى ياكى تاراتقۇ دەپ ئاتىلىۋاتقان تىلىۋۇزۇر، رادىئۇ، مەتبۇئات (كىتاپ، گىزىت، ژۇرنال)، كىنۇ، تىياتىرلار… كۈنىمىزدە يەرشارىۋى بىر تىلغا ئايلاندى. ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر بۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ مېدىيا دەپ ئاتايدۇ. تاراتقۇ، ۋاستە سۆزلىرى جۈملە ئىچىدە مەزمۇنغا قاراپ تەقسىملىنىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

مېدىيا تىئورىسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان ھەرخىل تۈرلەرگە ئايرىلدى. كىلاسسىك تاراتقۇ، ئاممىۋى تاراتقۇ، يىڭى تاراتقۇ، ئىجتىمائى تاراتقۇ، رەقەملىك تاراتقۇ، سەپلىمە تاراتقۇ، ئانائىقىم مېدىيا،  رادىكال تاراتقۇ، ئازسانلىقلار تاراتقۇسى، ئىزىلگەنلەر تاراتقۇسى، چەتكە قىقىلغانلار تاراتقۇسى … گىزىتچىلىك، خەۋەرچىلىك، كىنۇچىلىق، تىياتىرچىلىق، دىرامما … ۋەھاكازا دىگەندەك. بۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ ئۆزىگە خاس خىزمەت پىرىنسىپى ۋە كاتىگورىيلىرى بار بولۇپ، مەن تۆۋەندە بۇ مېدىيالارنىڭ ھەممسىگە خاس بولغان  ئىككى خىل تەسىر كۈچىنى ۋە شەكىللەندۈرۈش جەريانىنى  تونۇشتۇرىمەن.

1. جامائەت پىكىرى يارىتىش كۈچى

مېدىيانىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى خەۋەرلەندۈرۈش، پىرىنسىپى تەرەپسىزلىك، نىشانى دىمۇكراتىك جەمىيەتنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش. غەرىپتە، ھەتتاكى تۈركىيەدە مېدىيا تۆتىنچى كۈچ دەپ ئىتراپ قىلىنىدۇ. قانۇن چىقرىش، ئىجرا قىىش ۋە تەپتىشتىن قالسىلا مېدىيا نازارەتچى تۆتنىچى كۈچ دەپ قارلىدۇ. مېدىيانىڭ تۆتىنچى كۈچلۈك ئورنى دىمۇكراتىك سىستىمىنىڭ ئاجىزلىىشغا ئەگىشىپ بىر ئاز تۆۋەنلىسىمۇ، جامائەت پىكرى يارىتىش كۈچى ئارقىلىق يەنىلا سىياسى كۈچلەر ۋە خەلىقنىڭ كۆۋرۈكى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

مېدىيا جامائەت پىكرىنى قانداق يارىتىدۇ؟ بۇنىڭدا تۆت باسقۇچ بار بولۇپ، ئىشلەپچىقرىش، تارقىتىش، قوبۇل قىلدۇرۇش، ھەركەتكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتتۇر. ھەركەتكە ئايلانغان قىسمى مېدىيانىڭ كۈچىنى نامايەن قىلغان ۋاقتىدۇر.

بىرىنچى باسقۇچتا، مەلۇم خىل ئىدىيە، پىكىر، كۆز قاراش، ۋەقە، يىڭىلىق، تىراگىدىيە، تارىخ (مېدىيادا تارقىتىلىدىغان مەزمۇن) قاتارلىقلار سىياسى كۈچلەر، مىللەتنىڭ  ياكى مەلۇم بىر جەمىئىيەتنىڭ سەرخىللىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرغا تاشلىنىپ سىستىملاشتۇرلىدۇ. بۇ ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇمەزمۇننى ئوتتۇرغا تاشلىغۇچىلار – رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە يىتەكچىلەر قاتلىمىغا تەۋە.  بۇ باسقۇچ مەزمۇنلار تىخى مېدىياغا ئەكىس ئەتمىگەن باسقۇچ بولۇپ، مەزمۇنلار سىسىتىملاشتۇرلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئىجابى ۋە سەلبى مەقسەتلەردە ئوخشاشلا ئۈنۈم بىرىۋىرىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ تارقىتىش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە سەرخىل يىتەكچىلەر قاتلىمى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزمۇن ئوتتۇرا تەبىقىدىكىلەر ئارىسىغا سۇنۇلۇپ، بەس- مۇنازىرە قوزغاش باسقۇچىدۇر، ئوتتورا تەبىقىدىكىلەرنىڭ تىلى ۋە ھەركىتى ئارقىلىق ئاۋام پۇقرا يىتەكلىنىدۇ. ئوتتۇرا تەبىقىدىكىلەر خالاپ خالىماي رەھبەرلىك قاتلىمى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلدۇرماقچى بولغانلىرىنى تەشۋىق قىلىپ بىرىدۇ.

كىچىك مىسال: تۈركىيە پىرزىدىنتى ئەردوغان سايلام مەزگىلىدە، شەھەر ۋالىيلىرى، ناھىيە ھاكىملىرى، يىزا باشلىقلىرى، كەنىت مۇدىرلىرى، مېدىيا مەنسۇپلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى، ياشلار ۋەكىللىرى ھەتتاكى ئۆسمۈلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يىقىنلىقىنى، ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ جەرياندا قىلماقچى بولغان خىزمىتى، پىرۇجەلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. بۇ ۋەكىللەر سىياسى سىسىتىمىنىڭ تەشكىلى ئاپاراتلىرى بولۇپ ھەممىسى ئۆز ساھەسىدە مەلۇم تەسىرگە ئىگە. بۇلار جەمىيەتتە پىرزىدىنتتىن ئالغان تەلىماتىنى خەلىقنىڭ رايغا سۇنىدۇ. يىغىن، يىغىلىشلاردا بۇلاردىن سىگىنال بىرىدۇ.

بۇ باسقۇچ قىسمەن مېدىيا ۋاستىلىرىغا مۇراجىئەت قىلىدىغان جەريان بولۇپ، كۆپىنچە يۈزتۇرانە تەشۋىق، يۈزتۇرانە يەتكۈزۈش ئاساس قىلىنىدۇ. مۇراجىئەت قىلىنىدىغان مېدىيالارغا مەزمۇن ۋە نىشان ئوچۇقمۇ ئوچۇق دىيىلمەيدۇ، پەقەت چىكىپ بىقىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. جەمىئىيەتتە ئاڭلىق، ھۇشيار، مەلۇم ساھەگە ۋەكىل قىلالايدىغان كىشلەرنىڭ ھىسياتىغا خىتاپ قىلىدۇ ۋە بۇلار ئارقىلىق تۆۋەن قاتلام ياكى جەمىيەتنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاۋام پۇقرالارغا يەتكۈزۈشنى پىلانلايدۇ.تارقىتىش باسقۇچى ئەمەلىيەتتە ھەقىقى تارقىتىش بولماستىن بەس مۇنازىرە قوزغاش دىققىتىنى تارتىش باسقۇچى دىيىلسە تىخىمۇ توغرا بولىدۇ.

ئۈچۈنچى باسقۇچ قوبۇل قىلدۇرۇش باسقۇچى. بۇنى چۈشەندۈرۈش، ئىشەندۈرۈش، قايىل قىلىش، يۈزلەندۈرۈش باسقۇچى دىيىشكىمۇ بولىدۇ بۇ باسقۇچتا بارلىق ۋاستىلەرگە (ئاساسلىقى مېدىيا) مۇراجىئەت قىلىنىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ مۇۋەپپىقيەتلىك تاماملانغادىن كىيىن ئۈچۈنچى باسقۇچ ياكى خالاپ قوبۇل قىلىدۇ ياكى  باشقىلاردىن پەرىقلىق بولۇپ قىلىش ئەندىشىسى ياكى چەتكە قىقىلىپ قىلىش تەشىۋىشى بىلەن رەھبەرلىكنىڭ ئوتتۇرغا تاشلىغىنىنى قوبۇل قىلشتىن باشقا چارىسى بولمايدۇ. قوبۇل قىلمىسىمۇ ئۈنىنى چىقارمايدۇ.

تۆتىنچى باسقۇچ ھەركەتكە ئايلاندۇرۇش باسقۇچى. ئالدىنقى ئۈچ باسقۇچ دىمۇكراتىك ، كۆپ پارتىيلىك دۆلەت سىسىتمىسىغا قىياس قىلىنغان.  ھەركەت ئاۋام پۇقرانىڭ  ئۇمۇميۈزلۈك تەرەپ تۇتۇشى بىلەن، كۆزلەنگەن ئىدىيەنى كۈچلەندۈرۈشكە قاراپ يۈزلىنىشى بىلەن ئەكىس ئىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاۋام – پۇقرانىڭ بىلەت تاشلىشى بىلەن رەھبەرلىك قاتلىمى ياكى يىتەكچى سەرخىللار ئۆز نىشانىغا يەتكەن بولىدۇ.

بۇلارنى ئۇيغۇرداۋاسىنى خەلىقئارالارشتۇرۇش تەشۋىقاتىىغا قىياس قىلساق ئەلۋەتتىكى نەتىچە يارىتىلىش مۇمكىن. ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان تەشكىلات رەھبەرلىرى ، ئۇيغۇرنىڭ ئاڭلىق، ۋىجدانلىق سەرخىلىرى بىرىنچى باسقۇچنىڭ رولىنى ئۆتەلەيدۇ. يەنى تەشۋىقات پىرۇگىراممىسى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇ ئارقىلىق مىدىيانىڭ كۈچىنى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن قوللىنالايدۇ. بىر دۆلەتتە رايۇنلار ئارا، دۇنيادا دۆلەتلەر ئارا قانداق تەسۋىقات قىلىمىز، قايسى تەشۋىقات ئۇسۇلى ئەڭ ئۈنۈملۈك، كىم- كىملەرگە ئاڭلىتىمىز، كىم- كىملەر ئارقىلىق ئاڭلىتىمىز، مەزمۇن، جەريان، نىشان نىمە؟ بۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندا بىرىنچى باسقۇچنى قولدا تۇتقۇچىلار بولغان سىياسى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە مىللەتنىڭ سەرخىللىرى ھازىرقىدەك تىلى قۇرۇپ جاپا تارتىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، توغرا ئشنى قىلىش مۇھىم بولغانغا ئوخشاش ئىشىنى توغرا قىلىشىمۇ ناھايتى مۇھىم ۋە ھوسۇللۇقتۇر.

ئىككىنچى باسقۇچقا كەلسەك ئۇيغۇرنىڭ سەرخىلىرى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ پىرۇگىراممىلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ساھە ۋە ۋەكىللىك كىشلەرگە سۇنىدۇ. يەنى ، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ سەرخىللىرى  دۆلىتى ئۈچۈن بىرنچى قاتلام بولسا، ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئىككىنچى قاتلام ، تارقىتىپ بەرگۈچى قاتلام ھالىتىگە ئىلىپ كىلىنىدۇ. مۇمكىنمۇ دىيىلسە، مۇمكىن. تۈركىيەدە ئۈلكە ئوجاقلىرى، كادىرلار ئۇيۇشمىسى، ئالپەرەنلەر بىز ئۈچۈن مەيدانلاردا، ئىكرانلاردا . ئەپسۇس، بىزنىڭ سەرخىللىرىمىز ئۇلارنى يىتەكلىمەيدۇ يىتەكلىنىدۇ. مىنىڭ ياخشى بالا ئىكەنلىكىمنى مەن ئۆزۈمنى داملاپ تونۇشتۇرسام تەسىرى ياخشىمۇ ياكى مەلۇم بىر جامائەت ئەربابىمۇ؟ ئوخشاش سوئال تەشۋىقات لىنيىسىدە سورىلىشى زۆرۈر.

ئۈچۈنچى باسقۇچ، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى كۆپ سانلىق پۇقرالارنىڭ ئۇيغۇرنى تونۇشى، ئۇيغۇرغا ھىسداشلىق قىلىشى، ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتۈش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا كىشلەر بىلەت تاشلىغان پارتىيەلەرنىڭ مىللەت ۋەكللىرىگە، باشلىقلىرىغا ئۇيغۇر مەسلىسى ھەققىدىكى ئۈمىد – ئىستەكلىرىنى يەتكۈزىدۇ. كوچىلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىشقا، مېدىيالار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پىرۇگىرامما ئىشلەشكە ئۆتىدۇ. كۈچلۈك جامائەت ئارزۇسى، جامائەت پىكرى ھاكىميىتىنى داۋاملىق قولدا تۇتۇشقا ياكى ھاكىمىيەتنى قولغا ئىلىشقا ھىرىسمەن پارتىيەلەرنى ھەركەتكە كەلتۈرىدۇ. سىياسى پارتىيەلەر ۋە ھۆكۈمەت خەلقنىڭ مايىللىقىنى، مەۋجۇت سايلام ئاۋازىنى، خەلىقنىڭ قوللىشىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرىنى ئورۇنداشقا مەجبۇر بولىدۇ. جامائەت پىكرى سىياسى كۈچلەرنىڭ ئەڭ ئەھمىيەت بىرىدىغان ۋە قورقىدىغان ئۇنسۇرلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ كۈچ ئۇنسۇرى مېدىيانىڭ تەشۋىقات، جامائەت پىكرى يارىتىش،كىشلەرنىڭ ھىسياتىغا خىتاپ قىلىش كۈچى ئارقىلىق  قولغا كەلتۈرلىدۇ.

تۆتىنچى باسقۇچ، بىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە خەلق بىز ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتكەن چاغدا، ھاكىمىيەت بىز ئۈچۈن قەدەم ئاتىدۇ. بۇيەردىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا، بىز بۇ تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ھاكىميەتتىن نىمىنى تەلەپ قىلماقچى، ئۇلار بىزگە نىمىش قىلىپ بىرىشى كىرەك؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىرىنچى باسقۇچنىڭ ئاكتىيۇرلىرى بولغا سىياسى رەھبەرلەر ياكى سەرخىللار، ئىستىگراتىگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئەتراپلىق ئويلىشى كىرەك.

2. كۈن تەرتىپ يارىتىش كۈچى

كۈنتەرتىپ ئۇقۇمى جامائەت پىكرى مۇۋەپپىقيەتلىك يارىتىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئىجتىمائىي كۈن تەرتىپ ۋە سسياسى كۈنتەرتىپ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

ئىجتمائى كۈنتەرتىپ ئاۋام ئارىسىدا ئىغىزدىن چۈشمەي بەس-مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ئاۋامنىڭ زىھىنى مەزكۇر مەسىلىنىڭ ھەل بولۇش بولماسلىقى ئەندىشىسدە سىياسى كۈچلەرگە مەركەزلىشىدۇ. مېدىيا بۇ ئەسنادا سىياسى كۈچلەر بىلەن ھاكىمىيەت ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولنى ئۈستىگە ئالىدۇ، سىياسى كۈچلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى خەلىققە سۇنىدۇ. خەلىقنىڭ ئىستەكلىرىنى سىياسى كۈچلەرگە…

سىياسىي كۈن تەرتىپ يارىتىلغان جامائەت پىكرى تەسىرىدىن دۆلەت مەسىلىسىگە ئايلىنىپ پارلامىنىتنى، دۆلەتنىڭ ئىچكى- تاشقى سىياسىتىنى مەشغۇل قىلىدۇ. دىمۇكراتىك دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت خەلىقنىڭ ئىستەكلىرى ئۈچۈن بىر جاۋاب بىرىشى كىرەك ۋە بۇ جاۋاب قىسمەن بولسىمۇ خەلىقنىڭ ئىستىكىنى ئورۇنداش بىلەن لاياقەتلىك بولىدۇ.

مىسال، فىرانسىيەدىكى ئىشچىلا نامايىشى بىرئايغا يىقىن داۋاملاشتى، ماكىرۇن نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئىلىنغان سىياسى قارارلارنى ئالتە ئاي كەينىگە كىچىكتۈردى. ئىشچى مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكى، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قاراتلىق نامايىشنىڭ مەنبە كۈچىگە قارشى تەڭشەش ئىلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى. خەۋەرلەردە دىيلىشچە فىرانسىيەدىكى نامايىشنىڭ شەكىللىنىشى ۋە نامايىشچىلارنىڭ توپلىنىشىدا مېدىيا بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار مىسلىسىز تەسىر كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئۇقەدەر چوڭ ۋە دۆلەت ئەسىلەھەلىرىنى زىيانغا سالغۇدەك نامايىش قىلىشنىڭ ئورنى يوق. مەقسەت ئاۋام پۇقرانىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتىگە مەركەزلەشتۈرەلىسەك، ھۆكۈمەتمۇ خەلىقنىڭ رايغا، جامائەت پىكرىگە ئەھمىيەت بىرىشكە باشلايدۇ. يۇقارقى بايانلاردا مېدىيانىڭ كۈچى كونكىرىت تونۇشتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئوتتۇرغا قويۇلغان ھەر بىر كۆز قاراش ۋە نەتىجە مېدىيانىڭ يۇقاردا تونۇشتۇرۇلغان ئىككى خىل كۈچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top