You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تۈرك مىللىتى ۋە تۇران

تۈرك مىللىتى ۋە تۇران

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

تۈركچىلىك ھەققىدە شۇنچىۋالا ئوچۇق چۈشەندۈرۈشلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم كاللىلار ئىككىلىنىشتىن، يەنە بىر قىسم پىكىرلەر مۈجمەللىكتىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ.

مەپكۇرىلەرگە مۇقەددەسلىك نەزىرىدە قارىلىدىغان بولغاچقا ئاسانلىقچە ئانالىز قىلىنمايدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولۇشىدىن بەكرەك مەنىۋى مۆجىزە بولغانلىقىدىندۇر. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ دەسلەپكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئۆتكۈر كۈچى ئاجىزلاپ، تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈشكە بولغان ئېھتىياج كۈچىيىشكە باشلايدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ھازىر «دۇنيادا تۈرك مىللىتى بارمۇ؟ ياكى شۇنداق بىر مىللەت پەيدا قىلغىلى بولامدۇ؟» دېگەندەك بىرەر سوئالنى ئاڭلىغىنىمىزدا ھەيران بولۇشىمىز كېرەك.

دەرۋەقە، قازانلىق بىر تۈرك ياش بۇ يەردىكى تۈركچىلىك پېشىۋالىرىنىڭ بىرىدىن مۇشۇ مەنىدە بىر سوئال سورىغان. ئومۇمغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ مەسىلە ھەققىدە ھەر كىم باش قاتۇرغانلىقىنى دېيىشى مۇمكىن. شۇڭا مەن بۇ ماقالەمدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئويلىنىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بۇ مۇھىم مەسىلىنى مۇنازىر تېمىسى قىلماقچىمەن.

قازانلىق ياش مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ مىللىتىم ئۆزبېك، قىرغىز، تۈركمەن، سارت، ئوسمانلى، تاتار ۋە ئازەر تۈركلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك تۈرك مىللىتىمۇ؟ ياكى بۇ خەلقلەرنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئايرىم-ئايرىم مىللەت بولۇپ، مېنىڭ مىللىتىم پەقەت «تاتار»مۇ؟ يەنى تۈركلۈك يالغۇز بىر مىللەت ھالىتىدە قېلىۋېرەمدۇ ياكى كۆپ مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر توپ ھالىتىگە ئۆتەمدۇ؟

ئۇ بۇ سوئالغا ئۆزلۈكىدىن كەسكىن ھەم ئېنىق بىر جاۋاب بەرمەسلىك بىلەن بىرگە، كەلگۈسىدە بۇ سوئالنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىغا مۇنداق ئىككى پاكىت كەلتۈرىدۇ. بىرىنچى پاكىت: يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرك خەلقلىرى بىر–بىرىدىن يىراق بولغانلىقى تۈپەيلى ئۆزئارا كەمدىن-كەم ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا، بارغانسېرى تىل جەھەتتىن بۆلۈنۈپ، ئۆز ئالدىغا ئەدەبىيات بەرپا قىلىشى بۇ بۆلۈنۈشنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

ئىككىنچى پاكىت: شىمال تۈركلىرى رۇس كۈلتۈرىگە ئېغىپ كەتسە، ئوسمانلى تۈركلىرى فرانسۇز ياكى گېرمان كۈلتۈرىدىن زەۋق ئالىدىغان بولىدۇ. مۇشۇ شەكىلدە تۈركلۈك كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ يىراق ئىككى پارچىگە بۆلۈنىدۇ، دېگەن گەپ.

بىرىنچى پاكىتقا جاۋاب: تۈرك خەلقلىرى پوچتا-تېلېگراف ۋە مەتبۇئات قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر يوق ۋاقىتلاردا تىل ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىن بىر-بىرىدىن يىراقلىشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى، خۇددى ئەينى ۋاقىتتا سەلچۇقلۇ بىلەن چاغاتاي تۈركلىرى بىرلا ۋاقىتتا، بىر-بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالەتتە ئۆزلىرىگە خاس مۇستەقىل ئەدەبىيات بەرپا قىلغاندەك. تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن بىر-بىرىدىن خەۋەرسىز ھالەتتە ئوخشىمىغان دىنلارغا كىرىشى ھەمدە خىلمۇخىل يېزىقلارنى قوبۇل قىلىشىمۇ مۇشۇ يىراقلىقنىڭ ۋە ئالاقە ئورنىتالماسلىقنىڭ نەتىجىسى ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ يىراقلىشىش پۈتۈن تۈركلەرنىڭ پەقەت مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بىراقلا ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشىغا توسالغۇ بولالمىدى. لېكىن كېيىن شۇنداق بىر كۈنلەر كەلدىكى، يەنە شۇ يىراقلىقنىڭ ھەم ئۆزئارا باردى-كەلدى قىلىشماسلىقنىڭ تەسىرىدە تۈركلەرنىڭ بىر قىسمى پارسلارغا ماسلىشىپ، ئاستا-ئاستا شىئەلىشىشكە باشلىدى. بىراق، ھازىر مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ مەزھەب ئىختىلاپىنى يوقىتىشقا مۇۋەپپەت بولغانلىقىنى كۆرۈۋاتمايمىزمۇ؟ دۇرۇس، نادانلىق دەۋرى يەنە بىر قانچە ئەسىر داۋاملاشقان بولسا ئىدى، تۈركلەرمۇ تىل ۋە مىللەت جەھەتتىن كۆپ مىللەتكە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولاتتى، خۇددى ئىسلاۋلار، لاتىنلار ۋە كۈرتلەر قەدىمقى دەۋرلەردىن تارتىپ كۆپ مىللەتكە  بۆلۈنۈپ كەتكىنىگە ئوخشاش. (ھازىرقى دەۋردە كۈلتۈرلەر بىر-بىرىنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيدىغان بەش خەلقتىن تەشكىل تاپقان). لېكىن تۈركلەر كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرگەن خەلق بولغاچقا، ئۆتمۈشتە بۇنداق بۆلۈنۈشكە دۇچ كەلمىگەن. ئەرەب ئايماقلىرى كەڭ دالادا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كۆچمەنلىك تۈپەيلىدىن ئۈزلۈكسىز مۇناسىۋەت ۋە ئارىلىشىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولغاچقا، ئەرەب تىلى بىردەكلىكىنى ساقلاپ قالغان. تۈركلەرگە نىسبەتەن كۆچمەنلىك، قۇللۇق ۋە مۇھاجىرەت ئامىللىرى تۈپەيلىدىن باشقا مەتە، كومەنە، بىلگە خان، قەشقەر خاقانلىرى، سەلچۇق، چىڭگىز ۋە تىمۇر ئىستىلالىرىغا ئوخشاش بىرلەشتۈرگۈچى ۋە ئۇيۇشتۇرۇغۇچى قىيىن پەيتلەرمۇ پات-پات يۈز بېرىپ تۇراتتى. شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھازىر تۈركلەر ئاساسىي جەھەتتىن بىر-بىرىنىڭ تىلىنى چۈشىنىدىغان بىر مىللەت ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن. ھازىر ئاللىبۇرۇن ئۇچۇر دەۋرى باشلانغان بولغاچقا ئەمدى تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى يوق.

تۈركچە كىتابلارنىڭ ھەر قايسى خەلقلەر ئارىسىدا قولدىن-قولغا ئۆتۈشىمۇ تۈركلەرنىڭ تىل جەھەتتىن بىر-بىرىدىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرىدۇر.  بىر تەرەپتىن غەرب تۈركلىرى چاغاتايچە شېئىر توپلاملىرىنى ئوقۇغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوسمانلىچە ئەسەرلەر ساندۇق-ساندۇقلاردا قىرىمغا، قازانغا، كاپكاسياغا ۋە تۈركىستانغا يۆتكىلىۋاتىدۇ. ئوسمانلىچە كىتابلار بولۇپمۇ تۈرك خەلقى ئۆزئارا مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. دەسلەپتە قىرىم ۋە كاپكاسيادا ئىستانبۇل ئەدەبىياتى تەقلىد قىلىنىشى بىلەن خەلق ئىستانبۇل تۈركچىسىگە يېقىنلىشىشقا باشلىدى. كېيىن بۇ ھەرىكەت قازان ۋە تۈركىستانغا قەدەر كېڭەيدى.

لېكىن بۇ جەرياندا چوڭ بىر كۈچ ئۈچ تەرەپتىن تەسىر كۆرسىتىشكە باشلاپ، بۇ تىلنىڭ بىرلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ئۇرۇندى.

  1. سوتسىيالىزم: ھازىر تۈركلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر پىكىر بار دېيىلسە، شەكسىزكى ئۇ سوتسىيالىزمدۇر. چۈنكى ئۇ مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ دۈشمىنىدۇر. ھالبۇكى تۈركلەرنى ھەر تۈرلۈك يوقىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان ئامىل پەقەت مىللەتچىلىك ئېڭىدۇر. بۇنىڭدىن سىرت سوتسىيالىزم تەبىئىي ھالەتتە كەڭ كۆلەمدە سانائەتلىشىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. تۈركلەر تېخىچە سوتسىيالىزمنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان دەرىجىدە بۇ ساھەگە قەدەم قويۇپ بولالمىدى.

شىمال تۈركلىرى ئىچىدە بىنورمال شەكىلدە ئويغىنىشقا باشلىغان سوتسىيالىزم پىكرى رايون خاراكتېرلىك ئەدەبىياتلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ھالبۇكى ئوخشاش بىر تىلغا ئىگە بولغان ھەر توپنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىر-بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدۇ. يەرلىك شېۋىلەرنى يېزىق تىلىغا كىرگۈزۈش، ئاندىن بۇنىڭدىن بىر ئەدەبىيات چىقىرىش مىللىي باراۋەرلىك ئۈچۈن زور بىر خەتەردۇر. مەسىلەن، پەقەت تۈركىيە ئىچىدە ھەر مەھەللىنىڭ خەلق تىلىدا ئەدەبىيات بەرپا قىلىشقا باشلانسا يۈزلىگەن خەلق تىلى شەكىللىنىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى پۈتۈن مىللەتلەر ئۈچۈن تىراگېدىيەلىك بىر يوقىلىشتۇر.

  1. ئۈمىدسىزلىك: ياۋروپا گېزىتلىرى ئىزچىل تۈركىيەنىڭ ئاجىزلىقىنى، ياشاش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ كەلدى. ياۋروپا ئاگېنتلىقلىرىمۇ داۋاملىق مۇشۇ مەقسەتكە خىزمەت قىلىدىغان ھادىسىلەر ھەققىدە خەۋەرلەرنى تارقاتتى. شىمالدىكى بىر قىسىم تۈرك گېزىتلىرىمۇ مۇشۇ قارا نىيەت سەپسەتىلەرنى ئاقىۋىتىنى ئويلاشمايلا نەقىل قىلدى. شۇنداق قىلىپ تۈركلەرنىڭ مەدەنىي قابىلىيىتىدىن ئۈمىد ئۈزۈلۈپ، نەتىجىدە سۈنئىي بىر تاتار مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش ئېڭى پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

ھالبۇكى، «تاتار» سۆزى قەدىمكى تۈرك تارىخىدا بۈگۈنكى شىمال تۈركلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان يات بىر ئەلگە بېرىلگەن يامان ئاتاق بولۇپ، بۇ ئاتاقنى چىڭگىزلارمۇ، تىمۇر تاتارلىرىمۇ ياقتۇرمايتتى. دېمەك، تاتارلار تۈرك بولمىغىنىدەك موڭغۇلمۇ ئەمەس. ئۇنداق بولغانىكەن، رۇسلارنىڭ ھەم كەمسىتىش، ھەمدە تۈركلەرنىڭ ئارىسىنى بۆلۈش مەقسىتىدە قويغان بۇ ئاتاقنى شىمال تۈركلىرى قوبۇل قىلماسلىقلىرى كېرەك. شىمال تۈركلىرى ئاساسىي جەھەتتىن قىپچاق تۈركلىرىدۇر.

  1. مەكتەپلەرگە قويۇلغان چەكلىمىلەر: بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر ئوخشىمىغان تۈرك خەلقلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تەلىم-تەربىيە بېرىشىگە توسالغۇ بولۇشقا باشلىدى. ھەر توپقا ئائىت كىتابلارنى باشقىلارنىڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇش مەنئىي قىلىندى. بۇنىڭدىن سىرت مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەر بىر مەھەللىدىكى ئاساسلىق تىلنىڭ مائارىپ تىلى بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ھەممىسىدىن مەقسەت تۈرك مىللىتىنىڭ ئوخشىمىغان توپلارغا بۆلۈۋېتىش ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرىدۇ. بىر خەلقنى يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پارچىلاش كېرەك، بىر مىللەتنى پارچىلاش ئۈچۈن دەسلەپتە تىلىنى پارچىلاش كېرەك. بۇنداق قىلغانلارنىڭ بىر قىسمى بىلىپ تۇرۇپ قىلىدۇ، يەنە بىر قىسمى بىلمەي قىلىدۇ.

مانا مۇشۇ ئۈچ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق تۈرك تىلى پارچىلىنىشقا، ئوخشىمىغان ئەدەبىياتلار شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ خەتىرىنى پەملىگەن قازى رىزائۇددىن ۋە مۇسا بەگەف ئەپەندىلەرگە ئوخشاش ۋەتەنپەرۋەر زاتلار يازغانلىرىنى ئىزچىل تۈردە ئۇنىۋېرسال تۈرك تىلىدا يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. قىرىمدا چىقىدىغان «تەرجىمان» گېزىتىمۇ «ئىدىيە بىر بولۇش، تىل بىر بولۇش، ئىش بىر بولۇش» دېگەن كونا قائىدىسىگە ئەمەل قىلدى. باكۇدا چىقىدىغان «شەللالە» مەجمۇئەسى بىۋاسىتە كونا ئوسمانلىچىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ مەزگىلدە رۇسىيە تۈركلىرىدە ئىككى ئېقىم بار ئىدى: بىرىنچىسى، يەرلىك شىۋىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش. ئىككىنچىسى، ئىستانبۇل تۈركچىسىنى مىللىي تىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، مۇشۇ تىلنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىش.

بىرىنچى ئېقىمغا ئالدانغانلار شەكسىزكى ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ھالدا تۈركلۈك دۈشمەنلىرىگە خىزمەت قىلغانلاردۇر. ھەقىقىي تۈرك ۋىجدانى بىلەن ئويلانغانلار بولسا ئىككىنچى ئېقىمغا مايىل بولدى. پۈتۈن تۈرك شېۋىلىرىدىن تەشكىل تاپقان سۈنئىي بىر ئۇنىۋېرسال تۈركچە پەيدا قىلىش قوبۇل قىلىنمانلىقى ئۈچۈن بۇ ئېقىملارغا ئۈچىنچى بىر ئېقىم قوشۇلمىغان. مەۋجۇت تىللارنىڭ ھەممىسى يەرلىك شېۋىلەردىن ۋە ئېغىز تىلىدىن بىرىككەن بولۇپ، ھەر بىر تىل چوقۇم كۆپ تارماق ھالىتىگە كەلگەن. لېكىن ئىنچىكە كۆزىتىلسە، بۇ كۆپلۈكنىڭ ئۈستىدە ئەدەبىي بىرلىكنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن پايتەختنىڭ تىلى سىياسىي ئۈستۈنلۈككە، ئىجتىمائىي بىر مۆجىزىگە ساھىبتۇر. تاردە مۇنداق دەيدۇ: «فېئودالىزم دەۋرىدە شان-شۆھرەت ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسىگە مەنسۇپ ئىدى. ھۆكۈمرانلىق شەكىللەنگەندىن كېيىن شان-شۆھرەت پايتەختكە مەنسۇپ بولدى». شان-شۆھرەت ۋە مۆجىزە مىللەتنىڭ كوللېكتىپ ۋىجدانىنىڭ تارازىسى ۋە ئۆلچىمىدۇر. مىللەت بارچە قىممەت-قاراشلىرىنى مۇشۇ تارازا ياكى ئۆلچەم بىلەن تارتىدۇ.

ئىستانبۇلنىڭ بىر پايتەخت مۆجىزىسىگە ساھىب بولۇشى پەقەت ئوسمانلى تۈركلىرىگە نىسبەتەنلا ئەمەس. چۈنكى ئىستانبۇل تۈرك خاقانلىقىنىڭ بىردىنبىر پايتەختىدۇر. شۇ سەۋەبتىن بۇ جاي پۈتۈن تۈركلەرنىڭ قىبلىگاھىدۇر. بۇلاردىن سىرت ئىستانبۇل ئىسلام خىلاپىتىنىڭمۇ قارارگاھى ئىدى. شۇنداق بولغانىكەن، ئىستانبۇل مىللىي مۆجىزىدىن باشقا دىنىي مۇقەددەسلىككىمۇ ئىگە. ئىستانبۇل تۈركچىسىنىڭ پۈتۈن تۈركلەرگە نىسبەتەن مىللىي تىل بولۇشى بۇ مۆجىزىلىك ۋە مۇقەددەسلىكنىڭ تىلدىمۇ ئەكىس ئەتكەنلىكىدىندۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىستانبۇل تۈركچىسى تۈرك شېۋىلىرىنىڭ ئەڭ گۈزىلى، ئەڭ پىششىقلاپ ئىشلەنگىنى، ئەدەبىيات ۋە ئىلمىيلىك جەھەتتىن ئەڭ بايراقىدۇر.

ئۇنداق بولغانىكەن، ھەر قانداق توسالغۇنىڭ بولۇشىغا قارىماي ئىستانبۇل تۈركچىسىنى مەڭگۈلۈك تىل قىلىش پۈتۈن تۈركلەرنىڭ مىللىي ۋەزىپىسىدۇر. بۇ ۋەزىپە ئورۇندالغان ۋاقىتتا پۈتۈن تۈركلەر تىل ۋە ئەدەبىيات جەھەتلەردە ئورتاق ھەم يالغۇز بىر مىللەت ھالىتىگە كېلىدۇ.

ئىككىنچى پاكىتقا جاۋاب: تۈركچىلىكنىڭ نىشانى بىر تۈرك كۈلتۈرى بەرپا قىلىش بولۇپ، بۇ كۈلتۈر شەرق، شىمال ۋە جەنۇب تۈركلىرىنىڭ ئورتاق نىشانىدۇر. شۇنداق بولغانىكەن، غەرب تۈركلىرىنىڭ فرانسۇز كۈلتۈرىگە، شىمال تۈركلىرىنىڭ رۇس كۈلتۈرىگە بېقىندى بوپقېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەر يوقىلىدۇ.

تۈركلەرنىڭ پەقەت بىرلا كۈلتۈرى بولۇشى ھەمدە بۇ كۈلتۈر ئۆزلىرى بەرپا قىلغان كۈلتۈر بولۇشى كېرەك.

تۈركلەر گېرمانلىشىپ كەتسە، ياكى فرانسۇزلاشسا ۋە ياكى ئۇرۇسلىشىپ كەتسە پارچىلىنىپ كېتىدۇ، لېكىن تۈركلەشسە مىللىي بىرلىك تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

گېپىمىزنى خۇلاسىلىسەك، ئىستانبۇل تۈركچىسىنىڭ مىللىي تىل قىلىنىشى ھەمدە ياۋروپا مەدەنىيىتى ئىچىدە بىر تۈرك كۈلتۈرى بەرپا قىلىشقا تىرىشىش بىر پۈتۈن تۈرك مىللىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئوسمانلى، قىپچاق، ئۆزبېك ۋە قىرغىز قاتارلىق ناملار پەقەت رايون ئىسىملىرى سۈپىتىدە قېپقالىدۇ.

«تاتار» سۆزىگە كەلسەك، ئىلمىي تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ سۆزنىڭ مەقسەتلىك ھالدا شىمال تۈركلىرىگە بېرىلگەن ئاتاق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ، شۇنداقلا تاتارچىلىق ئېقىمىنىڭ قۇيرۇقىنىمۇ قۇم باسىدۇ.

ئۇنداقتا، بۇ ئومۇمىي تۈرك مىللىتىنىڭ ۋەتىنى قەيەردە؟

بۇنىڭغا جاۋابەن دەيمىزكى:

تۈركنىڭ ۋەتىنى نە تۈركىيە، نە تۈركىستان،

ۋەتەن ئۇ بۈيۈك ھەم ئەبەدىي دۆلەتتۇر تۇران.

تۇران  – پۈتۈن تۈركلەرنى ئۆز قوينىغا ئالىدىغان، باشقىلارنى سىقىپ چىقىرىدىغان مەپكۇرەۋى ۋەتەندۇر.

تۇران – تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان ھەم تۈرك تىلى قوللىنىلىدىغان بارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئومۇمىسىدۇر.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «ئىسلاملىشىش، تۈركلىشىش ۋە چاغداشلىشىش» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top