You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۈمىد

ئۈمىد

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن سالاھىدىن ياسىن

مېنىڭ روھىم ھاۋا بىلەن تولدۇرۇلغان  شىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ شىشە ھەر زامان ھاياتلىقنىڭ  مۇھىم كاپالىتى بولغان  ئوكسىگىندىن مەھرۇم قالسا بولمايدۇ. شىشىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى بىر ناسۇس بىلەن ھاۋا قالمىغانغا قەدەر تارتىپ چىقارسىڭىز ئىچىدە يەنە  بىرئاز ھاۋا قالىدۇ. مېنىڭ روھىمغا جان بەرگىنى دەل مۇشۇ قېپقالغان ھاۋاغا ئوخشايدىغان ئۈمىتتۇر. ھەرقانچە بوش قالغان تەقدىردە ھەم ئىچىمدە كىچىككىنە بولسىمۇ  ئۈمىد قالىدۇ.

ئەتراپىمدا ھەرقانچە كۆپ شامال چىقسۇن، بۇ شاماللار ھەرقانچە كۈچلۈك بوران – چاپقۇنغا ئايلىنىپ ماڭا قارشى چىقسۇن، ئەمما  ھېچبىر زامان روھىمدىكى ۋىلىلداپ تۇرغان ئۈمىد شامىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ. روھىمنى  قاردىن، مۇزدىنمۇ سوغۇق بىر مۇدھىشلىق ئىستېلا قىلسۇن. پۈتۈن دۇنيانى زىمىستانغا ئايلاندۇرىدىغان جۇدۇن-چاپقۇنلار كەلسۇن، ماڭا تەھدىت قىلسۇن، روھىمنى يورۇتۇپ تۇرغان ئۈمىد چىرىغىنى ئۆچۈرەلمەس. ئۈمىد مېنىڭ روھىمدىن زۆرۈر. بىر ئۆسۈملۈكنىڭ  ئوزۇقسىز، يورۇقلۇقسىز ۋە ھاۋاسىز ياشىيالمىغىنىغا ئوخشاش مېنىڭ روھىم ھەم ئۈمىدسىز ياشىيالماس.

بەزى روھلار باركى، ئۆز ھاياتىدىكى پۈتۈن ۋەقەلىكلەر كۈچلۈك ھالدا ئۇنىڭغا ئۈمىدنى تالقىن قىلىپ تۇرسا ھەم مەيۈس بىر ھالدا كۆرىسەن. بۇ خىل روھ بىلەن مېنىڭ روھىم ئارىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىغان بىر  ئۈمىد نورمال بىر ئۈمىتسىزلىكتىن ياخشىدۇر. ئۈمىدسىزلىك روھلارنى بۇزىدىغان خەتەرلىك دۈشمەندۇر. ئۈمىدسىزلىك بىر شەخستە بولسۇن ياكى بىر  مىللەتتە بولسۇن شەخس ياكى مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ مىللەت خەتەر ۋە تەھدىت ئاستىدا قالىدۇ ھەم روھىنى چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىك  قاپلىۋالىدۇ. شەخسنىڭ ئۈمىدسىزلىكى قورقۇنچتۇر، مىللەتنىڭ ئۈمىدسىزلىكى بولسا ھالاكەتكە ۋە يوقۇلۇشقا قاراپ مېڭىشنىڭ بېشارىتىدۇر.

بىر مىللەتنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن، ئەمما ئۇنىڭ ساغلام ھالدا ئالغا قاراپ ئىلگىرلەش روھى، رىئاللىققا يۈزلىنەلەيدىغان ۋە كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن باقالايدىغان مەنىۋى كۈچى ۋە ئىچىكى ئىنىرگىيەسى بولسىلا، شۈبھىسىزكى، ئۇ مىللەت ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆز ئەسلىگە قايتالايدۇ ۋە شۇ خىل ئۈمىدۋارلىق روھى  كۈچنىڭ ياردىمى بىلەن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن ماددىي مەدەنىيىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلالايدۇ. ئىنگىلىزلار بىلەن گىرىتسىيەلىكلەر ئاناتولىيەنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ماددىي مىراسلىرىمىزنى يوق قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركلەرنىڭ قەلبىدىكى ئۈمىدنى يوق قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاناتولىيە بۈگۈن يەنە مىڭ يىللار بۇرۇنقىغا ئوخشاش تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئوچىقى بولماقتا، ۋە شۇنداقلا تۈركلەرنىڭ ھاياتى كۈچكە ئېرىشىدىغان ئۈمىد نۇرى بولماقتا. ھەم بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغۇسى.

بەزىدە مېنىڭ روھىم مولچىلىققا تولغان كۈز پەسلىگە كىرگەن باغچىغا ئوخشاش بارلىق ياپراقلىرىنى، چېچەكلىرىنى، گۈللىرىنى ۋە مېۋىلىرىنى  بېغىشلايدۇ. پەقەت ئۈمىتلا بۇ باغچىنىڭ پىنھان بىر بۇلۇڭىدا تۇرغان مەزمۇت ۋە ھاياتى كۈچكە تولغان مېۋىلىك دەرەخكە ئوخشاش دائىم ئۆز يېشىللىقىنى  ساقلاپ قالىدۇ ھەم مۇھاپىزەت قىلىدۇ.

قانچىلىغان كېسەللەر بار، ئۇلارغا دورا بەرگەندىن بەكرەك ئۈمىدكە، مىھرى – مۇھەببەتكە ۋە ئىلھامغا مۇھتاج. قانچىلىغان پېقىر-مىسكىنلەر باركى، ئۇلار پۇل-مالدىن بەكرەك، ھالال مال-دۇنيا تېپىشنىڭ يولنى كۆرسىتىپ قويۇشقا مۇھتاج. قانچىلىغان مەھبۇسلار باركى، ئۇلار خوش بىشارەتكە مۇھتاج.

ماددى كۈچ بىلەن ھەل قىلالمىغان ئىشلارنى مەنىۋىي ۋە روھى كۈچ بىلەن ناھايىتى مۇكەممەل ۋە گۈزەل بىر شەكىلدە ھەل قىلغىلى بولىدۇ. روھى كۈچلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى ئۈمىدتۇر. ئۈمىد ئالتۇنغا ئوخشايدۇ، ئەمما ھېچقاچان، قەيەردە بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق مۇھىتتا داتلاشمايدۇ. ئۈمىد ئالماسقا ئوخشايدۇ، ھەرقانداق بىر نەرسە ئۇنى كېسىپ تاشلىيالمايدۇ. ئۈمىد روھنىڭ ياشلىق باھارىدۇر. ئۈمىدلىرىنى دائىم جانلىق ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغان ئادەم، نەقەدەر ئۇزۇن ياشىسا ھەم ئۇنىڭ روھى قېرىمايدۇ ۋە ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمايدۇ.

ۋەتىنىمىز ۋە مىللىتىمىز پەقەت ۋە پەقەت ئۈمىد بىلەن قۇتۇلىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋەت مەنبەسى روھىدىكى ئۈمىد چىرىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيلاسۇپلارنىڭ  ۋەزىپىسى بۇ مىللەتنى تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بىر ئۈمىد پەلسەپىسى يېزىشى كېرەك.

ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسى بۇ مىللەت ئۈچۈن بىر ئۈمىد نەزەرىيىسى تىكلىشى ياكى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. شائىرلار بۇ مىللەت ئۈچۈن بىر ئۈمىد ناخشىسى يېزىپ چىقىشى كېرەك. ئۈمىد تاشقىي كۈچلەرگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئۆز ئالدىغا تەسىر كۈچكە ئىگە قۇۋۋەتتۇر. ئۈمىد سىرىتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ۋە تايىنىش بىلەن بىللە ئۆزىمۇ بىر تايانچ كۈچتۇر.

قۇرئان كەرىمدە ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئىساننى كۇفرى ۋە جەھەننەمگە ئېلىپ بارىدىغان بىر كۈچكە ئوخشىتىلغىنىدەك، ئۈمىد ئىنساننى بەختكە ۋە جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىر ۋاستىدۇر. دائىم جەننەتنىڭ سانسىزلىغان نېمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇش ۋە گۈزەل مەنزىرىلەرىدىن ھۇزۇر ئېلىش جەھەننەم ئەندىشىسىدىن قورقۇشتىن ياخشى ئەمەسمۇ؟

غايە ئۇچراشقانلا نەرسىنى ئىشەنچكە ئۆزگەرتىدىغان بىر كۈچتۇر. ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي جەمىئىيەتتە ھەر دائىم تايانچ ھالىتىدە بولغان غايە ھەر قانداق بىر پىكىر ۋە ھەر قانداق خىيال ياكى چۈشەنچە بىلەن ئۇچراشسا، ئۇنىڭدا غايىۋىي تەۋرەنمەس بىر ئالاھىدىلىك شەكىللىنىدۇ. ئۇلۇغۋار پىكىر ۋە مەقسەتلەر ئوزۇقنى غايىدىن ئالىدۇ.

سامان يولى سىستېمسىدىكى سەييارىلەر نۇرنى قوياشتىن ئالغىنىغا ئوخشاش، بىر جەمىئىيەتتىكى قىممەت قاراشلار ئوزۇقنى يەتمەكچى بولغان غايىسىدىن ئالىدۇ. بىر جەمىئىيەتنىڭ غايىسى ئۆزگەرسە، شۇ جەمىئىيەتتىكى ئومۇمىي قىممەت قاراشلارمۇ ئۆزگىرىدۇ. مىسال قىلساق، بىر مەزگىل داۋام قىلغان سەلتەنەت غايىسىى ئۆچكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا مىللەت غايىسى باش كۆتۈردى. غايىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن باشلانغان بۇ ئىنقىلاب ئىككىنچى باسقۇچتا «كۆز قاراش ئىنقىلابى» شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ساراي ياكى ئوردا چۈشەنچىسى مىللەتنىڭ ئېڭىدىن چىقىرىپ  تاشلاندى. دۆلەت دىندىن ئايرىلغان شەكىلدە باشقۇرۇلىشقا باشلىدى. خانىدان جەمەتى ئۆز ۋەتىنىدىن سۈرگۈن قىلىندى. ئۈچىنچى قەدەمدە يېڭى قىممەت قاراشلار ئاساسىدىكى يېڭى قانۇنلار چىقىرىلىشقا باشلىدى. يېڭى بىر ئەۋلات باشقۇرغۇچىلار ۋە كۆزقاراشلار بارلىققا كەلدى.

گېرمانىيەلىك پەيلاسۇپ نىتىزى مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقىي ئىنقىلاپ قىممەت قاراشلاردىكى ئىنقىلاپتۇر.» بۇ سۆزدىن قىممەت قاراشلاردىكى ئىنقىلاپتىن تېخىمۇ چۇڭقۇر ۋە تېخىمۇ كەسكىن بولغان ئىنقىلاپنىڭ غايىلەردىكى ئىنقىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. بىر غايىنىڭ بولۇپمۇ بىر مىللەتنىڭ غايىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ھەرخل شارائىتنىڭ ياكى مەلۇم بىر ساھەدىكى ئۆزگىرىش بىلەن تاماملانمايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئەكسىچە، دىنىي، ئەخلاقى، قانۇنىي، ئىقتىسادىي ۋە  ئىجتىمائىي ساھەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. كونا بىر غايىنىڭ ئۆلۈشى بىلەن يېڭى بىر غايىنىڭ بارلىققا كېلىشى – يالغۇز قىممەت قاراشلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئەمەس، بەلكى كونا غايىدىن مەنبەلەنگەن، شۇ كونا غايىنىڭ كۈچى ۋە تەسىرى بىلەن بارلىققا كەلگەن بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي سېستىمىنىڭ يىلتىزىدىن ئالمىشىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن غايىنىڭ ناھايىتى چوڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.

غايىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى، يېڭى ھادىسەلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىش ئالاھىدىلىكى يەنىلا ئۈمىد پەلسەپسىنىڭ ئاساسىدۇر. دۇركھېمنىڭ قارىشىچە غايە كەلگۈسىدە بارلىققا كېلىدىغان بىر مەقسەت ئەمەس،  ئۆتمۈشتە بارلىققا كېلىپ ياشاپ ئۆتكەن بىر ئىشەنچتۇر. دېمەك، غايە ئۆز ئۆزىنى تۇغۇپ بارلىققا كەلمىگەن، ئەكسىچە يېڭى بىر مەدەنىيەتنى ۋە يېڭى بىر مىللەتنى تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر. جەمىئىيىتىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىش ۋە مەدەنىيلىشىشى ئەڭ ئىشىنىدىغىنىم غايىدۇر. بىر جەمىئىيەتنىڭ ۋە بىر مىللەتنىڭ غايىسى بولسا، ئۇ مىللەتنىڭ بەخت-سائادەت، خاتىرجەملىك ۋە باي-باياشاتلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ناھايىتى قىسقا بىر ۋاقىت مەسىلىسىدۇر.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئاستى يازمىلىرى» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top