You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تەشكىلاتچىلار

تەشكىلاتچىلار

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن سالاھىدىن ياسىن

ناتۇنۇش پەيلاسۇپتىن يەنە سورىدۇم:

– غەربنىڭ تېخنىكىسىدىن ئۈگەنسەك ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ. بىزدىمۇ ئىقتىساد ھەم ئىختىساسلىقلار ۋە مۇتەخەسىسلەر بار.  تەبئىي بايلىقلىرىمىز، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمىز ۋە جاپاغا چىداپ ئىشلەيدىغان ئەمگەك كۈچى ئەۋزەللىكىمىز بولۇش بىلەن بىرگە، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى مەنبە قىلغان ئەسكىرى ۋە سىياسى مۇۋەپىقىيەت ۋە ئۈستۈنلۈكىمىز تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشەلمەيمىز؟

ئۇ پىرپەس تۇرىۋالغاندىن كىيىن شۇنداق جاۋاب بەردى:

– سەن سانىغان بۇ ئامىللار ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ يولى ئەمەس. تارىخى ۋە كىلاسسىك  ئىقتىسادقا ئائىت مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەبئىي بايلىق، ئەمگەك كۈچى ۋە سېلىنما (مەبلەغ ياكى سەرمايە) دىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلى باردۇر. مەنچە بۇ ئۈچ ئامىل يېتەرلىك ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە بىزدە مول بولغان تەبئىي بايلىق، تېخنىكا خادىملىرى ۋە سېلىنما دەسلەپكى قەدەمدە ئىش باشلىشىمىز ئۈچۈن ئىھتىياجىمىزغا يېتىدۇ. ئۇنداقتا نېمىشقا شەرت-شارائىتىمىز يېتەرلىك تۇرۇپمۇ ئىش باشلىيالمايمىز؟ چۈنكى بۇ ئۈچ ئامىلدىن باشقا يەنە بىزدە بولمىغان ناھايىتى مۇھىم بولغان تەشكىللىگۈچى، يەنى تەشكىلاتچىلار كەمچىل ياكى ناھايىتى ئازدۇر. كۆپىنچىمىز دۆلىتىمىزدە سېلىنمىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ يوقلۇقىدىن ۋايسايمىز. ئەمەلىيەتتە ھەر نەرسىدىن ئاۋۋال ئىقتىسادتا كەينىدە قېلىشىمىزغا سەۋەپچى بولغان ئامىل ئىقتىدارلىق تەشكىللىگۈچىنىڭ بولمىغانلىقىدۇر.

قابىل بىر تەشكىللىگۈچى ھەرگىزمۇ جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچى ياكى ئىقتىسادىي مەبلەغ سالغۇچى ئەمەس. ئۇ ئىجادكارلىق روھىغا باي، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئالغا ئىنتىلىدىغان جۇشقۇن ھاياتى كۈچكە ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە شەخستۇر. ئۇ ئۆزى ياراتماقچى بولغان يېڭىلىق ياكى تېخنىكىدا چۇقۇم غەلبە قازىنىمەن دەيدىغان تەۋرەنمەس ئىمانغا، بوشاشماس ئىشەنچىگە ۋە چەكسىز ئۈمىتكە تولغان بولىشى كىرەك. ئىشەنچ ۋە ئۈمىت ئىقتىدار ئىگىلىرىنى قۇۋەتلەيدۇ. بۇخىل روھ يالغۇز ئىقتىساد ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا ھەرقانداق بىر ساھەدە يېتىشكەن ئۇلۇغ تەشكىلاتچىلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن: بېشىمىزدا مۇستافا كامال ۋە ئسمەت پاشاغا ئوخشاش غازى تەشكىللىگۈچىلىرىمىز بولمىسا، ئەسكىرى ۋە سىياسىي جەھەتلەردە مۇۋاپىقيەتلىرىمىز قولغا كېلەرمىدى؟ مىللىي مۇزىيىمىز يالغۇز بىر تەشكىلاتچىنىڭ تەشكىللىشى ۋە تىرىشچانلىقى ئاستىدا بارلىققا كېلەرمىدى؟

تۈرك قىزىل ئايىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق بولغان بۇ قەدەر كۆپ خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىپ، دۆلەتنىڭ يەلكىسىگە چۈشكەن بېسىمنى يەڭگۈللىتىدىغان خىزمەتلەرنى قىلالىشى بۇ جەمئىيەتنىڭ بېشىدىكى ئىقتىدارلىق تەشكىلاتچىلارنىڭ دانالارچە باشقۇرىشىدىن ۋە تەشكىللىشىدىن ئەمەسمۇ؟ بۇ تەشكىلاتچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىي تەپەككۈر قىلىش كۈچىگە باي، تەۋرەنمەس ئىشەنچ ۋە چەكسىز ئۈمىتكە  ئىگە بولغانلىقىنىڭ دەلىلى ئەمەس دىيەلەمدۇق؟ لېنىننىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشى روسىيە دۆلىتىنىڭ  ھازىرقى ئاساسىنى تىكلەپ بەردى.

ھەقىقىي تەشكىلاتچىنىڭ ئۆزىدە  ھازىرلىشى زۆرۈر بولغان ئىككى شەرت بولسا، ھەقىقىي ئىشەنچ ۋە چەكسىز ئۈمىدۋارلىق روھىدۇر. بۇ خىل روھ ئەڭ ئاۋۋال بىر شەخسنىڭ ئىدىيسىدە بارلىققا كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ھەرقانداق ماددىي ۋە مەنىۋىي ئامىللار تۇسۇپ قالالمايدۇ. بۇ خىل روھ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىشىلەرگە تەسىر قىلالايدۇ ۋە ناھايىتى تېزلا بىر پۈتۈن جامائەتنىڭ، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ، بىر پۈتۈن ئۈممەتنىڭ ئىدىلوگىيىسىگە تەسىر قىلالايدۇ. ھەتتا بىر مىللەت ياكى ئۈممەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىستىلاسى ئاستىغا ئالالايدۇ. پەيغەمبەرلەر بۇنىڭ ئەك ئۇچۇق دەلىل تەلەپ قىلمايدىغان مىسالى ئەمەسمۇ؟ ئۇلاردىكى تەۋرەنمەس ئىمان ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋارلىق  روھى – بۈگۈن ھەم مىلىيونلارچە ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇتقان يولىدىن مېڭىشىغا  سەۋەپ ئەمەسمۇ؟

تۈركلەر بۇ خىل روھىنىڭ كۈچىنى ئەسكىرى ۋە سىياسىي ھاياتلىرىدا  ئەمەلىيەتتە ياشىغانلىقلىرى ئۈچۈن بۇ خىل كۈچنىڭ مۆجىزىۋىي تارىخى ياكى ئىجتىمائىي دەلىللىرىگە مۇھتاج ئەمەستۇر. ئەمما كۈنىمىزدە تۈركلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى بولسا  نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ساھەدە  تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرىدىكى ئىقتىسادىي يۈكسىلىشكە قارىغاندا بىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەسلىكىدۇر.  ئۇنداقتا تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە قارىغاندا بىزدىكى بۇ بىر ئىزىدا  توختاپ قېلىشنىڭ سەۋەبى  نېمە؟ شۈبھىسىزكى، بىزدە تېخى  ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان  ئەللەردىكىگە ئوخشاش بۇ ساھەدىكى ئىختىساس ئىگىلىرى بولغان  پىلانلىغۇچىلار ۋە تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بولمىغانلىقى ھەم بۇ خىل ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمىغانلىقىمىزدىندۇر.

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە ئىقتىسادشۇناسلار ۋە تەشكىلىگۈچى باشلامچىلار  يېتىشىپ چىقمىدى؟

چۈنكى دۆلىتىمىزدە ئەسكىرى قۇۋۋەت ۋە سىياسىي كۆز قاراشلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن بولسىمۇ ئەپسۇسكى ئىقتىسادقا يېتەرلىل ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكىى ئۈچۈن  ئىقتىسادىي كۆز قاراشلار ئەمدى يېڭىدىن بارلىققا  كېلىشكە باشلىدى. بىر جەمىئىيەتتە يالغۇز بىر شەخسنىڭ مەنپەئەت  كۆزقارىشىنىڭ بارلىققا كېلىشى شۇ جەمىئىيەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئويغىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ دەپ قاراش خاتادۇر.

دىنىي، ئەخلاقىي، سىياسىي، قانۇنىي، سىياسىي، تىل، سەلسەپىۋى ۋە  ئىقتىسادىي ئويغىنىشلارغا ئوخشاش ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئويغىنىش ھەم  يېڭى بىر تولۇپ تاشقان ئىشەنچنىڭ، يېڭى بىر ئۈممەتنىڭ ۋە  يېڭى بىر جۇشقۇنلۇقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە مۇھتاجدۇر.

ئىنسانلارنىڭ مەلۇم غايە ياكى مەلۇم مەقسەتلىرى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن تىرىشىشىغا سەۋەپ بولشى ئورتاق بىر ئىشەنچ ۋە ئورتاق بىر ئۈمىتۋارلىقنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىقتۇر. تۈرك مىللىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېنىق بولغان بىر ئىقتىسادىي غايىسى يوق ئىدى. بىر مىللەتنىڭ ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان، خاتىرجەملىك ۋە بەخىت -سائادەتكە ئېرىشتۈرگەن، شەرەپ ۋە نۇمۇسىنى قۇتقۇزغان ئەڭ باشتا ئىقتىسادىي مۇۋاپىقىيەت ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە تۈرك مىللىتىنىڭ روھىدا كۈچىيىشكە باشلىغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدتىن ئىبارەت ئىككى قۇۋۋەتنى كۆرگەنلىكىمىزدىن خۇشال بولىشىمىز كېرەك. بۇ ئىككى  بىخلىنىشقا باشلىدى.  بۇ يۇمران نوتىنىڭ پات ئارىدا بىز سايىسى ئاستىدا ئولتۇرغان ئىگىز چىنارغا ئوخشاش تۈرك مىللىتىنى خاتىرجەم ۋە سائادەتلىك سايىسى ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز، ئىنشائاللاھ.

تۈرك مىللىتى بىر ئىزىدا توختاپ قالغان مىللەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. تۈرك مىللىتىنىڭ روھى مەنىۋىي بىر دورىخانىغا ئوخشايدۇ. قانداق بىر ھىس ئۇيەرگە كىرسە ئۈمىدكە، قانداق بىر پىكىر ئۇنىڭغا كىرسە ئىمان ۋە ئىشەنچكە ئۆزگىرىدۇ. قانداق ئىرادە ئۇ يەردىن ئۆتسە يۈكسەك غايىگە ئۆزگىرىدۇ. ھەتتا شۇنداق دىيەلەيمىزكى، ئەگەر ئاخىرقى زامان دىنى بولغان ئىسلام دىنىنىڭ ئارقىسىدىن باشقا بىر دىننىڭ كېلىش ئىمكانى بولسا ئىدى، تۈرك روھى شۇ دىننىڭ بارلىققا كېلىش مەيدانى بولار ئىدى. چۈنكى تۈرك مىللىتىنىڭ قېنىدا ھەقىقىي جۇشقۇنلۇق ۋە قەيسەرلىك بار. يېڭى بىر ئەخلاقنىڭ ۋە يېڭى بىر ئىدىيەنىڭ بۈشۈكى پەقەت تۈرك مىللىتىنىڭ روھىدىلا بار. چۈنكى تۈركنىڭ ئورتاق روھى ۋە ئورتاق ئىدىئولوگىيىسى بار.

مەن شۇنداق ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئىشىنىمەنكى، پات يېقىندا بىزدە ھەم ئىقتىسادىي باشلامچىلار ۋە تەشكىللىگۈچىلەر مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئىجادكارلار ۋە قابىلىيەتلىك ئىقتىسادشۇناسلار  يېتىشىپ چىقىدۇ. ياشلىرىمىز بۇنى ئۆزلىرىگە ئەڭ چوڭ غايە قىلىشى كېرەك. ياشلىرىمىز قانداق بىر غايىگە يېتىشنى چىن يۈرىكىدىن مەقسەت قىلىپ چاپاغا چىداپ تىرىشسىلا غايىسىگە چۇقۇم يېتەلەيدىغانلىقىغا ھېچ شۈبھەم يوق.

مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ تاكامموللاشتۇرۇش ئۈچۈن، كەلگۈسىمىزنىڭ تايانچ كۈچى بولغان ياشلارغا مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى، تېخمۇ كۆپ  قەلبى ئىشەنچ ، ئىمان ۋە ئۈمىدكە تولغان ھەم تەشكىللەش ئىقتىدارىغا  ئىگە  ياشلارنى يېتىشتۈرىشىمىز،  زامانىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ ۋە جەمىئىيىتىمىزنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرشىمىز يېتەرلىكتۇر.

ياشلىرىمىز ئۆز غايىلىرىنى بىلگەندىن كېيىن، غايىلىرىگە يېتىش ئۈچۈن  رېئاللىققا  يۈزلىنىپ نېمە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە  قايتىدىن  ئويلىنىشى ھەم تەپەككۇر قىلىشى كېرەك.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئاستى يازمىلىرى» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top