You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » راھىلە داۋۇت ۋە «ئۇيغۇر مازارلىرى»

راھىلە داۋۇت ۋە «ئۇيغۇر مازارلىرى»

نۇرىيە راخمان

ئاداش مەن گۆرچى بوپ كەتتىم. –
ۋاي نېمە دەيدىغانسەن؟ –
راست. كىرگىلى بولىدىغانلىكى گۆرلەرگە ئاز دېگەندە بىر قېتىم كىرىپ باقتىم. –
قورقمىدىڭما؟ –
–  ياق، دەسلەپ سەل سۈر باستى، كېيىنچە خۇددى بىر مۇقەددەس ئۆيگە كىرىپ چىققاندەك، غايىۋانە بىر دۇنياغا بېرىپ كەلگەندەك خوش بولىدىغان بولدۇم.
كۈندىلىك خاتىرەمدىن. –

راھىلە مېنىڭ دوستۇم. راھىلە ئىككىمىز قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىلىرىدەك چاغلىرىمىزدا تونۇشۇپ، ئۆزىمىزمۇ تۇيمايلا بىر بىرىمىزگە چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى ئورناتقان چىن  دوستلاردىنمىز. راھىلە ئۆزىنىڭ تىرىشچان، كەمتەر، سىلىق- سىپايە ئىنسانلىق خىسلىتى بىلەن مېنى ئۆزىگە رام قىلىپ كەلگەن گۇزەل  دوستۇم! راھىلە ئۇيغۇرلاردىن فولكلور كەسپىدە تۇنجى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىجتىھاتلىق پەخىرلىك دوستۇم!  راھىلە يەنە 2017- يىلى 8- ئايدىن ئېتىبارەن بېيجىڭغا  بىر يىغىنغا بېرىش باھانىسى بىلەنلا ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كېتىپ، مېنى ئەنسىرىتىپ، ھەتتا چۈشلىرىمدىمۇ مېنى يىغلىتىدىغان بولۇپ قالغان ئەسكى دوستۇم! ھەرقانداق شەخسىي مۇددا- مەقسەتلەردىن مۇستەسنا، پەقەت سەبىي قەلىب رىشتىلىرىنىڭ ئۇلىنىشلىرى بىلەن قۇرۇلغان دوستلىقىمىز  تالاي يىللار ئۆتسىمۇ زەررىچە چاڭ قونماي، يەنە شۇنداق چىن ھەم ساپ رەۋىشتە داۋام ئېتىۋاتاتتى.  بىر نەچچە يىل كۆرۈشمەي قايتا تېپىشقىنىمىزدا، خۇددى تۆنۈگۈن كۆرۈشكەندەكلا، يەنە بۇرۇنقىدەك شۇنداق ئەركىن مۇڭدىشىپ كېتىشلىرىمىزنى ئويلىسام، يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ، كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ياشلىنىدۇ. مانا دوستۇمدىن خەۋەرسىز يۈرگىنىمگە ئىككى يىل بولاي دېدى. مەن دوستۇمنى سېغىندىم، بەكلا سېغىندىم. بەزىدە ئىچىمدە: ”  خەپ، بۇ قېتىم كۆرۈشسەم، سېنى باغرىمغا بېسىپ،  نەپەس ئالالمىغۇدەك سىقىپ،  ”ۋاي ئاداش بولدى قىل! “ دېگۈزىۋەتمىسەم“ دەپمۇ كېتىمەن.  ئىچىلىرىم سىقىلىپ يۈرگەن بۇ كۈنلەردە ئاخىر ئۆزەمچە بىر ياخشى ئامال تاپقاندەك قىلدىم. ئۇ بولسىمۇ، سىزگە دوستۇمنىڭ بىراز پارىڭىنى قىلىپ بېرەي. خاتا ئويلاپ قالماڭ يەنە، دوستۇم غەيۋەتلەردىن تولىمۇ يىراق بىر ئىنسان. بۇ يەردە مەن سىزگە دوستۇمنىڭ « ئۇيغۇر مازارلىرى» دېگەن كىتابىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ بەرمەكچىمەن. شۇنىڭ بىلەن، ناۋادا سىز تېخى بۇ كىتابنى بىر كۆرۈپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولمىغان بولسىڭىز، دوستۇمنىڭ شۇنداق بىر نادىر ئەسەر يازغانلىقىدىن ۋاقىپ بولۇپ قالىسىز، مېنىڭمۇ بىراز ئىچىم بوشاپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
راھىلە 1966- يىلى ماي ئېيىدا ئۈرۈمچىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا، راھىلەنىڭ ئاپىسى رابىيە ئاپپاي مەكتىۋىمىزنىڭ مۇدىرى ئىدى. رابىيە ئاپپاي ناھايىتىمۇ جانلىق، كەسكىن ھەم بەكمۇ سۇباتلىق ئايال بولۇپ، يۈرۈش- تۇرۇشلىرى، سۆز- ھەرىكەتلىرى شۇقەدەر سۈرلۈك بىلىنەتتىكى، ئوقۇغۇچىلار ھەممىمىز رابىيە ئاپپايدىن بەكمۇ ئەيمىنەتتۇق. رابىيە ئاپپاي ئاجايىپ ئۇرغۇلۇق، جاراڭلىق سۆزلەيتتى. راھىلە، ئاپىسىنىڭ ئەكسىچە، تولىمۇ نازۇك، كەمسۆز، خىجىلچان قىز ئىدى، ھەتتا كۈلگەندە ئاغزىنى توسۇۋېلىپ ئاۋاز چىقارماي دېگۈدەك كۈلەتتى، ئەمما رۇخسارىدىن ئىللىق بىر خىل كۈلۈمسىرەش ھەر دائىم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ بەك ئەقىللىق ھەم تىرىشچان بولۇپ، سىنىپنىڭ ئالدى ئىدى. راھىلە 1983- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1987 – يىلى مەخسۇس كۇرسنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 1990 – يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە” ئاز سانلىق مىللەتلەر خەلق ئەدەبىياتى“  بويىچە ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ ۋە  فاكولتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنىدۇ. 1998- يىلى 7- ئايدا  بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىدا فولكلور ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى فولكلور دوكتورى شەرىپىگە نائىل بولىدۇ. 2001- يىلدىن ئېتىبارەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتوتىنىڭ پروفېسسورى ۋە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى.
راھىلە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆگىنىش، ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشنى توختاتمىغان. 1999- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ” پارس ۋە چاغاتاي تىلى تېز تەربىيىلەش كۇرسىدا“ دا ئالتە ئاي ئوقۇغان. 2003 – يىلى بېيجىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت  ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالتە ئاي ئىنگىلىزچە تېز يېتىشتۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇپ، ئىنگىلىز تىلىنى مۇستەھكەملىگەن. 2003 – يىلى 9- ئايدىن 2004- يىلى 9- ئايغىچە ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا  زىيارەتچى ئوقۇغۇچى بولۇپ بىلىم ئاشۇرغان. 2006- يىلى 12- ئايدىن 2007- يىلى 6- ئايغىچە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن.
راھىلە ئۇيغۇر فولكلور ساھەسىدىكى نوپوزلۇق تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن،  دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۇنىۋېرسىتېت دەرىجىلىك كۆپلىگەن تەتقىقات تېمىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان.  دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ئىلمىي جورناللاردا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچە تىللاردا نەچچە ئونلىغان يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. يىللاردىن بېرى، راھىلە دۆلەت ئىچىدىكى سانسىزلىغان فولكلور ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ  مۇھىم ئىشتىراكچىسى بولۇپلا قالماي، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە  ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تەكلىپلىك بېرىپ، لېكسىيەلەرنى سۆزلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مازار پائالىيەتلىرىگە دائىر تارىخىي مىللىي مەدەنىيەتلىرىنى چەتئەللەردىكى كەسپ ئەھلىلىرى ۋە كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. راھىلە فولكلور تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن شىنجاڭغا كەلگەن نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر يېتەكچى، مەسلىھەتچى، قابىلىيەتلىك ئۇستازغا ھەم بىر يېقىملىق، سەمىمىي دوستقا ئايلانغانىدى.
راھىلە، نەدە سەن دوستۇم؟ سېنى مەنلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر، سېنىڭ ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك دوستلىرىڭ، كەسپداشلىرىڭ، ئوقۇغۇچىلىرىڭ، ھەممىمىز ئىزدەۋاتىمىز. ئىنگىلىزچە  ’’ خەۋەر بولمىسا ياخشى خەۋەر دېگۈلۈك “   دەيدىغان بىر گەپ بار. چىن دىلىمدىن تىلەيدىغىنىم، مەيلى نەدە بولغىن، ئامان تۇرغايسەن دوستۇم.
راھىلە ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق  دىسسېرتاتسىيىسى ئۈچۈن ” ئۇيغۇرلاردىكى مازار مەدەنىيىتى“  ناملىق  ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى يازغان بولۇپ، بۇ ئەسەر خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان. كېيىن مۇشۇ دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى ئاساسىدا مەزمۇنىنى تەخىمۇ كېڭەيتىپ ھەم تولۇقلاپ، « ئۇيغۇر مازارلىرى» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. بۇ كىتاب 2001- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
ئادەتتە” مازار “،” قەبرىگاھ “،” تۇپراق بېشى “ دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمىزدا، ۋۇجۇدۇمىزدا ئىختىيارسىز بىر خىل قايغۇ ئېقىمى” شۇررىدە “ ئېقىپ ئۆتكەندەك بولىدۇ. بۇ سۆزلەر بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان قەدىردان ئاتا- ئانىلىرىمىز، ئۇرۇق- تۇققانلىرىمىز، ئەزىز دوست- يارەنلىرىمىزنى ئېسىمىزگە سېلىپلا قالماستىن، يەنە بىز كۆرۈپ باقمىغان، لېكىن نامىنى ياد ئېتىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزنىمۇ ئەسلىتىدۇ. بۇ كىتابدىكى مازارلار بولسا ئۇلۇغ زاتلارنىڭ تۇپراق بېشىنى كۆرسىتىدۇ. خوش، ئۇنداقتا دوستۇمنىڭ « ئۇيغۇر مازارلىرى» دېگەن كىتابىدا نېمىلەر سۆزلەنگەن؟ دىيارىمىزدىكى مازارلارنى بىر ئىلمىي تەتقىقات دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قانچىلىك؟ بۇ بىر ئىلمىيلىكى پەۋقۇلئاددە  يۇقۇرى ئەسەرمۇ ياكى ھەممە ئادەم ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ئاممىباب ئەسەرمۇ؟  ئىشىنىمەنكى، دوستۇمنىڭ بۇ ئەسىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇشۇم بىلەن، بۇ سۇئاللارغا ئۆزىڭىز جاۋاب تاپالايسىز.
راھىلەنىڭ  «  ئۇيغۇر مازارلىرى» ناملىق بۇ كىتابىنى مۇندىن پەقەت بىر يىل ئىلگىرىلا تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ، بىر تەرەپتىن دوستۇمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ناھايىتىمۇ مۇھىم بىر ئەمەلىي تەتقىقات- تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى روياپقا چىقارغانلىقىدىن پەخىرلەنسەم، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ كىتابنى بۇرۇنراق ئوقۇپ باقمىغانلىقىمدىن ئۆكۈندۈم. ۋاھالەنكى، كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن بېرى، كىتابتىكى بەزى مەزمۇنلار يادىمغا كېلىپ، پات-پات كىتابنى قولۇمغا قايتا ئېلىپ ۋاراقلاپ، ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىنى ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدىم. سېھىرلىك يېرى شۇكى، بەزى قۇرلار ئارىسىدا، دوستۇمنىڭ شەيىخلەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ياكى مازارلارنىڭ ئىچىلىرىگە كىرىپ كېتىۋاتقانغا ئوخشاش سىمالىرىنى كۆرگەندەك بولىمەن. ئېھتىمال، بۇ مېنىڭ تەسسەۋۇرۇمدىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك، ئەلۋەتتە.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىر يىلى يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە قايتقان چېغىمدا، ئادىتىمىز بويىچە پەقەت ئىككىمىزلا كۆرۈشتۇق. راھىلەدىن نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى سورىسام،  ” ۋاي ئادىشىم، مەن گۆرچى بولۇپ كەتتىم“ دەپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى شۇنداق تەپسىلىي ھەم قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ بەرگەنىدى. خوتەندىكى مازارلارنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ كېلىپ،  ”شەيىخلەردىن دەسلەپ بىر نەرسىلەرنى سوراپ بىلمەك بەك قىيىن بولدى. كېيىنچە ئۇلارنىڭ ” ئىشەنچىسى “ گە ئېرىشىپ، بىر نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىدىغان بولغاندا، خوتەن شىۋىسىدە تېزرەك سۆزلىسە، نېمە دەۋاتقىنىنى تولۇق ئاڭقىرالماي، يېنىمدىكىلەردىن ” تەرجىمىسى“ نى سوراپ، بەك ئوڭايسىزلاندىم ھەم خىجىل بولدۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ تىل مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىلا ئاجايىپ زور بايلىقكەن. “  دېگەنىدى.
كىتابنىڭ ”مۇقەئەدىمە“سىدە راھىلە ئۆزىنىڭ مازاركەشلىك ھاياتىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق يازىدۇ: « مازار ئۈچۈن دەشت- چۆللەرنى كەزدىم، شەيىخلەرنىڭ يىگانە كەپىلىرىدە ئۇلار بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتلەردە بولدۇم. چوڭ تىپتىكى مازار پائالىيەتلىرىگە خەلقنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى، ھېسسىياتىنى تىڭشىدىم، چېلىشىش، مەدداھلىق، توخۇ، قوشقار سوقۇشتۇرۇش سورۇنلىرىدا قانغۇچە ھوزۇرلاندىم…                                   («ئۇيغۇر مازارلىرى»، مۇقەددىمە، 2- بەت)
روشەنكى، « ئۇيغۇر مازارلىرى» راھىلەنىڭ جاپالىق ئەمەلىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان بىر ئىلمىي ئەسەر. تۆۋەندە مەن دوستۇمنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەمگەك مېۋىسىنى بىر نەچچە بۆلەككە بۆلۈپ تونۇشتۇرىمەن. ئالدى بىلەن، مەزكۇر كىتابنىڭ” مۇقەددىمىسى“دىكى مازارلارنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ ئۆتىمىز؛ ئاندىن، كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان مازارلار ھەققىدە سۆز ئاچىمىز؛ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، جۈملىدىن دىنىي ئېتىقادىنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن بىرى بولغان مازار مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىدىلىكىدىكى مۇھىملىقى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمىز.
1. ئۇيغۇر مازارلىرىنىڭ تۈرلىرى
راھىلە ئۇيغۇر مازارلىرىنى مازاردا ياتقان كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى، جىنسى ۋە مازارنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مازارلار ۋە ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان مازارلار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈپ تونۇشتۇرغان.
ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مازارلار تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرگە ئايرىلغان: 1)
(1) ئىسلام دىنىنىڭ دىيارىمىزدا تارقىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان خاقانلارنىڭ مازارلىرى. بۇنداق مازارلارنىڭ داڭلىقلىرىدىن ئىسلام دىنىنى تۇنجى بولۇپ قوبۇل قىلغان قاراخانىيلارنىڭ خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى، ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كېڭەيتىشكە تۆھپە قوشقان قاراخانىيلار خانى يۈسۈپ قادىرخان مازىرى،  چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى قاتارلىقلار بار.
(2) ئىسلام شېھىتلىرى مازارلىرى. قاراخانىيلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى ئىسلاملاشمىغان رايونلارغا قارىتا قورال كۈچى بىلەن ئىسلاملاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تۈمەنلىگەن ئىسلام لەشكەرلىرى ئۇرۇشتا شېھىت بولغان. ئۇيغۇر مازارلىرى ئىچىدە شېھىتلار مازارلىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، تەسىرىمۇ چوڭ. داڭلىقلىرىدىن خوتەن بۇددىستلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قازا قىلغان قاراخانىيلار خانى ئەلى ئارسلانخان مازىرى، ئاقسۇدىكى قىرمىش ئاتام مازىرى، تۇرپاندىكى ئەلپەتتا خوجام مازىرى قاتارلىقلار بار.
(3) ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلام دىنىنى تارقاتقۇچىلارنىڭ مازارلىرى. بۇ خىلدىكى مازارلارنىڭ تارقىلىشى كەڭ، لېكىن مازار ئىگىلىرىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ئېنىقسىز، يەرلىكتە ئۇلار توغرىلىق ھەر خىل رىۋايەتلەر تارقالغان. داڭلىقلىرىدىن، قەشقەردىكى ئىمام رەببانە مازىرى، ئاقسۇدىكى ئايكۆل مەۋلانەم مازىرى، كورلىدىكى راببىن ئاتا مازىرى، تۇرپاندىكى مۇرتۇق خوجام، خىزىر خوجام، قۇمۇلدىكى قەبىس خوجام، غۇلجىدىكى سۇلتان ئۇۋەيىس مازىرى قاتارلىقلار بار.
(4) دىيارىمىزدىكى داڭلىق خوجا ۋە سوپىلارنىڭ مازارلىرى. داڭلىقلىرىدىن ئاپاق خوجا مازىرى، خوجا مۇھەممەت شېرىپ مازىرى، ئەرشىدىن خوجا مازىرى قاتارلىقلار بار.
(5) ئىسلام شىئە مەزھىپىنىڭ داڭلىق ئىماملىرى ۋە ئەۋلىيالارنىڭ مازارلىرى. بۇ مازارلارنىڭ ئىگىلىرى ئىسلام دىنى تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن ئەۋلىيالار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، ئىسلام شىئە مەزھىپىنىڭ داڭلىق ئىماملىرى. ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەر شىنجاڭغا كېلىپ باققان ئەمەس. بۇ خىلدىكى مازارلار ئىچىدە داڭلىقلىرىدىن خوتەندىكى ئىمام جەئىفىرى سادىق، ئىمام جەئىفىرى تەبران، ئىمام غەززالى، ئىمام مەھدى ئاخىرزامان، ئىمام مۇسا كازىم، تۆت ئىمام مازىرى قاتارلىق ئىسلام شىئە مەزھىپىدىكى 12 ئىمامغا مۇناسىۋەتلىك مازارلار، يەكەندىكى چىلتەن مازىرى قاتارلىقلار با.
2) ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز مازارلار
بۇ تۈردىكى مازارلارنىڭ بىر قىسمى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، مازار ئىگىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تارىخىمىزدا ئۆتكەن ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىلىرى. يەنە بىر قىسمى دەسلەپ قۇرۇلغاندا ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارا- بارا دىنىي تۈس ئالغان. بۇلارنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:
(1) داڭلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ مازارلىرى.   بۇ مازارلار ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن داڭلىق كىشىلەرنىڭ مازارلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئاماننىساخان، ئاقسۇدىكى ھاجى خاراباتى، خوتەندىكى ئەلامى ئەلاۋىددىن مۇھەممەت خوتەنى، ئۈچتۇرپاندىكى ئىمام شاكىر، غۇلجىدىكى يۈسۈپ سەككاكى قاتارلىق داڭلىق ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە شائىرلىرىنىڭ مازارلىرى.
(2) داڭلىق قەھرىمانلارنىڭ مازارلىرى.  قەھرىمانلارغا چوقۇنۇش ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇنلا بار بولغان بىر خىل ئەنئەنە بولۇپ، داڭلىق قەھرىمان شەخسلەرنىڭ مازارلىقلىرى بولغان. كېيىنچە، بۇ خىلدىكى مازارلار ئىسلاملاشتۇرۇلۇپ، ئىسلام قەھرىمانلىرىغا ئايلاندۇرۇلغان. ئالايلى، خوتەن لوپ ناھىيىسىدىكى سىياۋۇش مازىرى.
(3) مەلۇم كەسىپ پىرلىرىنىڭ مازارلىرى. بۇ تۈردىكى مازارلارنىڭ ناملىرى مازار ئىگىلىرىنىڭ ھايات ۋاقتىدا شۇغۇللانغان كەسپى ياكى مەلۇم جەھەتتىكى ئىقتىدارىگە ئاساسەن قويۇلغان. ئالايلى، تۇرپان، قەشقەرلەردىكى سۆگەل كېسىلىگە داۋا دەپ قارالغان سۆگەل خوجام مازىرى، تۇرپاندىكى چىش ئاغرىقى خوجام مازىرى، قويچى ئاتام مازىرى، توقسۇندىكى ئاياللارنىڭ كۆكسى ئاغرىقىغا داۋا دەپ قارالغان قىزىل ئەمچەك خوجام مازىرى، كۇچادىكى چېچەك ئانام مازىرى، قىلىچ ئاتام مازىرى، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى سەنئەتكارلار پىرى دەپ قارالغان قەمبۇرۇللا مازىرى قاتارلىقلار.
(4) ئاياللارغا خاس بولغان مازارلار. بۇ تۈردىكى مازارلار ئاياللارنىڭ ئىسمى بىلەن ياكى ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بەزىلىرى تارىختىكى رېئال شەخىسلەردۇر، مەسىلەن، قاراخانىيلار جەمەتىگە مەنسۇپ بولغان بۇۋى مەريەم خېنىم، نۇر ئەلانۇرخان خېنىم، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئانىسى بۇۋى رابىيە خېنىم قاتارلىقلار ؛ يەنە بەزىلىرى توقۇلما شەخىسلەردۇر، ئالايلى،يەكەندىك سۈت پاشىم، بۈگۈردىكى قارا چاچ ئانام قاتارلىقلار.
(5) بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىدىن ئۆزگەرگەن مازارلار. بۇ تۈردىكى مازارلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تۇرپاندىكى تۇيۇق خوجام، خوتەندىكى كوھمارىم، كەپتەر مازار قاتارلىقلار بار.
(6) ھايۋان، ئۆسۈملۈك ناملىرى بىلەن ئاتالغان مازارلار. بۇ خىلدىكى مازارلارنىڭ شەكىللىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ شامان ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كېيىن رىۋايەت ۋاستىسى بىلەن ئىسلاملاشتۇرۇلغان. ئالايلى، خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدىكى ئۈجمە مازار، گۇما ناھىيىسىدىكى غاز خوجام، چىرا ناھىيىسىدىكى لاچىن خوجام، پىچاندىكى ئاق تېرەك خوجام، يەكەندىكى خوراز خوجام قاتارلىقلار.
دىيارىمىزدىكى مازارلارنى يۇقۇرىقىدەك ئىنچىكە تۈرلەرگە ئايرىش ئارقىلىق، راھىلە ئۇيغۇرلار تارىخىدا زور تەسىر قوزغىغان قاراخانىيلار خان جەمەتى ئەزالىرى، داڭلىق خوجىلار ۋە ئىسلام شېھىتلىرىدىن باشقا، يەنەباشقا شەكىلدىكى نۇرغۇن مازارلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
راھىلە مازار پائالىيىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ جەھەتتىكى ئىجتىمائىي، دىنىي ۋە پىسخىك ئامىللارنى بىر نەچچە نۇقتىغا بۆلۈپ چۈشەندۈرگەن. مەن بۇ نۇقتىلارنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تەرەپكە يىغىنچاقلىدىم:
بىرىنچى، مازار ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ئېتىقاد قىلغان باشقا دىنلارنىڭ يۇغۇرۇلما سورۇنى بولۇپ، مازارغا تىۋىنىش پائالىيەتلىرىدە شامان ۋە بۇددا دىنلىرىنىڭ ئىسلاملاشتۇرۇلغان تېۋىنىش ئادەتلىرى، مۇراسىم شەكىللىرى ساقلانغان.
ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىلىچىلىك دەۋرىدە ئەڭ دەسلەپ بۆرىنى ئۆزىگە ئەجداد ۋە قوغدىغۇچى ئىلاھ ھېسابلىغان. كېيىنچە قەبىلە ئىچىدىكى باتۇر قەبىلە باشلىقلىرى ۋە ئۇرۇش قەھرىمانلىرى ھۆرمەتلىنىپ، ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ روھى قەبىلىنىڭ ھېمايىچىسىگە ئايلانغان. بۇ ھال تەدىرىجىي داۋام ئېتىپ، ئەجدادلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھالەتكە ئۆزگەرگەن. بۇ خىل ئەجداد ئېتىقادى ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان دەۋىرلەردە مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشقان ۋە كېيىنكى مازار تاۋاپىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ ھىمايىچى، قوغدىغۇچى ئىلاھقا تىۋىنىشتەك پىسخىكىلىق ئېھتىياجى ئىسلاملاشقان مازار تاۋاپىدا قاندۇرۇلغان. ھەر خىل نامدىكى ئىلاھلار، مەسىلەن،  مول- ھوسۇل ئىلاھى، تۇغۇت ئىلاھى، بايلىق ئىلاھى دېگەندەك ھەر خىل ئىلاھلار رىۋايەت ۋاستىسى بىلەن ئىسلام دىنىغا  مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلۈپ، ئىسلام دىنى مۇھىتىدا داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتگە ئىگە بولغان؛ بەزى بۇددا مۇقەددەسگاھلىرى ئىسلام رىۋايەتلىرى ئارقىلىق ئىسلام مازارلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن؛ يەرلىكلەردىكى تېرىلغۇدىن بۇرۇن ياكى كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان دېھقانچىلىققا مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋىي تاۋاپ پائالىيەتلىرى، مازارلاردا قان قىلىش، مازارلارغا تۇغ باغلاش، چىراق يېقىش، مازارلاردىكى بۇلاق، تاش ۋە دەرەخلەرگە تېۋىنىش قاتارلىق شامان دىنىنىڭ مۇراسىم ئادەتلىرى مازارلاردا داۋاملىشىش ئىمكانىيىتىنى تاپقان. ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن مازار كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بۇلغاشقا بولمايدىغان” مۇقەددەس“ دىنىي پائالىيەت سورۇنىغا ئايلانغان.
ئىككىنچى،”پىر“ قارىشى ۋە” ۋاستىچى“ لىك ئىدىيىسى مازارلارغا تىۋىنىشنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ مەنىۋىي ئاساسى بولغان.
ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان ھەرقانداق دىننىڭ مەلۇم  كونكېرت تېۋىنىش ئوبيېكتلىرى بولغان. ئىسلام دىنىدا ھەرقانداق بىر مەۋجۇت نەرسىگە چوقۇنۇش مەنئى قىلىنغان بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىي ئېتىقاد قارىشىنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا يول ئىزدىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا خەلق ئىچىدە مەۋجۇت بولغان” پىر“ ئېتىقادىنى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى” ئىمام“ ئېتىقادى بىلەن بىرلەشتۈرگەن. راھىلە بۇ يەردە بىر نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن، يەنى ئىسلام دىنى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىماملار ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىلاھلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلار ئادەملەر بىلەن ئاللا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىچىدۇر. بۇ خىل قاراش كونكېرت شەكىلگە ئىگە بولغان ئەجداد، پىرلار قەبرىلىرىگە ۋە بۇتلارغا تېۋىنىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ- ئىستەكلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئىلاھلارغا يەتكۈزۈپ ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان. خوتەندىكى ئىماملار مازارلىرىنىڭ ۋە شىنجاڭدىكى شېھىتلار مازارلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئەنە شۇ خىل قاراشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورۇن ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك يەنى شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان قەدىمكى يىپەك يولى تۈگىنىگە جايلاشقان بولغاچقا، ھەر خىل دىن ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغان. لېكىن ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنى ساقلاشقا تىرىشىپ، سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيەتنى ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقان مازارغا تېۋىنىش مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم فولكلور ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.
2. ئۇيغۇر مازارلىرى
راھىلە بۇ كىتابتا ئۆزىنىڭ ئاساسەن دىيارىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋە تۇرپان ۋىلايىتىدىكى مازارلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش  بىلەن چەكلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە جەمئىي 86  مازار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر مازار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. بۇ مازارلاردىن بىرى « دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇن » ، ئون بىرى  « ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇن»،  بىرى «ۋىلايەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇن»، ئون سەككىزى « ناھىيە ۋە شەھەر دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇن»  بولۇپ، جەمئىي 31 مازار ئوخشىمىغان دەرىجىدە « نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇن» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
دۆلەت دەرىجىلىك:
ئاپاق خوجا مازىرى
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك:
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى
مەھمۇد قەشقەرى مازىرى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى
ئالتۇنلۇق مازىرى
ئابدۇراخمان ۋاڭ مازىرى
باغداد مازىرى
خىزىر خوجا مازىرى
يەتتە قىزلىرىم مازىرى (پىچان ناھىيىسىدە)
تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى
سۇلتان ئۇۋەيسخان مازىرى
خۇنخاي مازىرى
ۋىلايەت، ناھىيە ۋە شەھەر دەرىجىلىك:
جاي پەنچىم مازىرى
بۇۋى مەريەم خېنىم مازىرى
ئىمام راببانى مازىرى
چىلتەن مازىرى
خوجا مىڭ دۆڭ مازىرى
زۇڭلاڭ مازىرى
قىزىلچى مازىرى
شېھىتدۆڭ مازىرى
كۇھمارىم مازىرى
ئىمام ئاسىم مازىرى
ئىمامى ئەپتەھ مازىرى
ئىمامى ئەسكەر مازىرى
ئىمام جەئىفىرى سادىق مازىرى
قىرمىش ئاتام مازىرى
تىلمىش ئاتام مازىرى
سۇلتانىم مەھمۇد بۇزۇكۋار قەدىمىي قەبرىگاھلىقى
يەتتە قىزلىرىم مازىرى (ئۈچتۇرپاند)ا
تۇيۇق خوجام مازىرى
قەيس خوجام مازىرى
ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ، كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىدە 86 مازارنىڭ ئىسمى بېرىلگەن، لېكىن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان مازارلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن خېلىلا  كۆپ، يەنى راھىلە ھەر بىر سەرلەۋھىدە بىر مازارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇشتىن باشقا، كۆپ ھاللاردا شۇ  مازارنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم تارىخىي قۇرۇلۇشلار جۈملىدىن ئەتراپىدىكى كىچىك مازارلار ھەققىدىمۇ قىسقىچە ئۇچۇر بېرىش ئارقىلىق، كىتابخانلارنى تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن. قوشۇمچە تىلغا ئېلىنغان بۇ مازارلار گەرچە ئىنچىكە تونۇشتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن دىيارىمىزدىكى  مازارلارنىڭ ئومۇمىي سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا ئىگە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
راھىلە ئەسكەرتىپ ئۆتكەندەك، ئۇيغۇر مازارلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەزكىرىسى يوق، بارلىرىنىڭمۇ رىۋايەت تۈسى قويۇق. شۇڭا ئۇ مازار تارىخىغا ئائىت بايانلاردا ئۆزى توپلىغان رىۋايەتلەرنى ئاساسەن كىرگۈزگەن. راھىلە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ”رىۋايەت چىن مەنىدىكى تارىخ ئەمەس، ئەمما ئۇ مازار ئۈستىدىكى تەتقىقاتتا بىزنى قىممەتلىك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ“ (” مۇقەددىمە“، 3- بەت). مەزكۇر كىتابقا كىرگۈزۈلگەن رىۋايەتلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ھەم تولىمۇ قىزىقارلىق.  مەن كىتابنى تۇنجى قېتىم قولۇمغا ئېلىپ، بىر نەچچە مازارنىڭ تونۇشتۇرۇلىشىنى ئوقۇپلا، بىر تەرەپتىن، مازارلارنىڭ ئىلمىي يوسۇندا ئىنچىكە، سېستىمىلىق تونۇشتۇرۇلىشىدىن سۆيۈنسەم،  يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر بىر مازارغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر خۇددى بالىلىق چاغلىرىمدا رەھمەتلىك ئاپام ئېيتىپ بېرىدىغان ”مىڭ بىر كېچە“ ھېكايىلىرىدەك قىزىقىشىمنى زورايتقانىدى. مېنىڭچە بۇ كىتابنى ئۇيغۇر مازارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كىچىك رىۋايەتلەر توپلىمى دېسەك ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز.
راھىلە ھەر بىر مازارنى تونۇشتۇرغاندا ئالدى بىلەن شۇ مازارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، قۇرۇلغان ۋاقتى، تەۋەلىكى يەنى مازار ئىسمىنىڭ كېلىش مەنبەسى،  مازارنىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى، مازاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان تېۋىنىش پائالىيەتلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەتراپلىق بايان قىلغان. تۆۋەندە بىز مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەر بىلەن تەپسىلىيرەك تونۇشۇپ ئۆتەيلى:
جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكلىرى
ھەر بىر مازارنىڭ تونۇشتۇرۇلىشىدا ئالدى بىلەن مازارنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى، خەرىتىدىكى ئورنى، كۆلىمى، سىرتقى شەكلى، ئىچكى قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكلىرى، مازار ئۆز ئىچىگە ئالغان تەركىپلەر، جۈملىدىن مەسچىت، ياتاق، ھويلا، مەقبەرىلەر سۆزلەنگەن. ئاندىن شۇ مازارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.
تەۋەلىكى
ھەر بىر مازارنىڭ تونۇشتۇرۇلىشىدىكى ئىككىنچى قەدەم شۇ مازارنىڭ قاچان، كىم ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى، مازار ئىسمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بولغان. مازارلارنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا،  راھىلە تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، كۆپ ساندىكى مازارلارنىڭ يېزىپ قالدۇرۇلغان تەزكىرىسى بولمىغاچقا، خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەر ئاساسلىق مەنبە قىلىنغان.  مازار ئاتلىرىنىڭ قانداق قويۇلغانلىقىغىغا كەلسەك، بەزى ئىسملار ئېنىق ھەم دەلىللىك بولسىمۇ، بەزىلىرى رىۋايەت ئاساسىدا چۈشەندۈرۈلگەن، يەنى بەزىدە شۇ تۇپراقتا راست ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرنىڭ ياكى شۇ يەردە شېھىت بولغانلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بولسا، بەزىدە ئۇ يەرگە ئاياق باسمىغان ئادەملەرنىڭ ئىسمى بويىچە ئاتالغان. يەنە بەزى مازارلارنىڭ ئىسمى مەلۇم بىر رىۋايەتكە ياكى ئەتراپىدىكى مۇھىتقا ۋە ياكى تىۋىنىشتىكى مەلۇم كونكىرت ئېھتىياجلارغا ئاساسەن قويۇلغان.

مازار قۇرۇلۇشى
راھىلە مازارلارنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە ھۈنەر- سەنئەت  ئالاھىدىلىكلىرىنى يەنى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى، كۆلىمى، قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار، ياسىلىش ئۇسلۇبى ۋە نەقىش- بېزەكلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.  بۇ  ئارقىلىق ئۇيغۇر مازارلىرىنىڭ دىيارىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ھۈنەر- سەنئىتى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بەرگەن. راھىلە يەنە ھەر بىر مازارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا رىمونت قىلىنىش ياكى چېقىلىش ئەھۋاللىرى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي بايانلارنى بېرىپ، تەبىئىي كىلىمات ئۆزگىرىشى، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپاتلەردىن باشقا، مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدا ۋەيرانچىلىققا ئۇچراش، ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇش، ئاسراپ- قوغداش يېتەرلىك بولماسلىق، رىمونت قىلىنماسلىقتەك  ھەر خىل ئەمەلىي سەۋەبلەرنىمۇ تونۇشتۇرغان.
مازاردىكى پائالىيەتلەر
مازارلارنىڭ كىشىلەر تېۋىنىدىغان مۇقەددەسگاھ بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەھكەم دىنىي ئېتىقادىنىڭ نامايەندىلىرىنىڭ بىرىدۇر. راھىلە ھەر بىر مازارنى تونۇشتۇرغاندا،  شۇ مازاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنىمۇ بايان قىلغان.  بۇ بايانلاردىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، مازارلار يەرلىك ئاھالىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يىراق-يېقىندىكى خوشنا ناھىيە- كەنتلەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن تۇڭگانلارنىڭمۇ ئۇلۇغلارنى ياد ئېتىپ تاۋاب قىلىدىغان، چوڭ- كىچىك كۆلەمدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغان، ھېيت- ئايەملەردە ھېيىت نامىزىنى ئوقۇيدىغان، مىللىي تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدىغان بىر مۇھىم ئاممىۋىي سورۇنغا ئايلانغان. كۆپ ساندىكى مازارلارنىڭ يېنىدا  مەسچىتلەر بولغاچقا، بەش ۋاق نامازدىن باشقا، بەزىدە جۈمە نامازلىرىنىڭمۇ ئوقۇلۇپ تۇرۇلىشى، مازاردا نەزىر- چىراغ قىلىنىپ، دۇئا- تەكبىر، تىلاۋەتلەر ئوقۇلۇشى، ھەم يەنە ھاجەتمەنلەرنىڭ مازارلارغا كېلىپ، كېسەللىكلەرگە شىپا تىلەش، بالىلىق بولۇشنى تىلەش، ئۆي- ئوچاقلىق بولۇشنى تىلەش دېگەندەك ھەر خىل كونكىرت ھاجەتلەرنى تىلەپ تاۋاپ قىلىشلىرىغا ئوخشاش تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن مازارلار چۆلدەرەپ قالماي، نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ بىر تەركىۋىي قىسمى بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.
تارىخىي مەلۇماتلار ۋە پايدىلىنىش مەنبەسى
راھىلە ھەر بىر مازارنى تونۇشتۇرغاندا، مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مەلۇماتلارنىمۇ قىسقىچە بايان قىلغان  بولۇپ، ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ تارىخى، مۇھىم شەخىسلەر ھەققىدىكى قىسسەلەر، بۇددا دىنى بىلەن ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى ئارىسىدىكى جەڭلەر قاتارلىقلارغا ئائىت مەزمۇنلار ئوقۇرمەنلەرنى ئىخچام، مېغىزلىق تارىخ بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.  بۇ نۇقتىدا راھىلە يەنە بەزى خاتا مەلۇماتلارغا ئىلمىي دەلىللەر ئارقىلىق تۈزىتىش بەرگەن.
راھىلەنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتا پايدىلانغان ماتېرىياللىرىدىن سۆز ئېچىشقا توغرا كەلسە، راھىلە كۆپ قېتىم تەكرارلىغاندەك، مازارلارغا مۇناسىۋەتلىك يازما ماتېرىياللار يوق دېيەرلىك بولۇپ، كىتابتا ” تەۋارىخى مۇسسىقىييۇن“ (73- بەت)، ” ئۇدۇن-قەشقەر تەزكىرىسى“ (159- بەت)،  ” شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى“ (240- بەت)، ” شەجەرە’ئى تۈرك“  ۋە  ”تارىخىي رەشىدى“ (260- بەت)، قاتارلىق مەنبەلەر پەقەت ساناقلىق بىر نەچچە قېتىملا تىلغا ئېلىنغان. رەسىملەرنى تاللاشتا، راھىلە ئۆزىنىڭ” ئۇيغۇر مازار- مەسچىتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر“لەردىنمۇ پايدىلانغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسىم تارىخىي مەلۇماتلارنىڭ كېلىش مەنبەلىرى ئاساسەن  ”رىۋايەتلەردىن قارىغاندا“،  ”شەيىخنىڭ ئېيتىشىچە“، ”تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە“دەپ ئېلىنغان. كىتابقا پايدىلانغان ماتېرىياللار تىزىملىكى بېرىلمىگەن.  ئەلۋەتتە، بۇ ھال ئېھتىمال ئۇيغۇر مازارلىرى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلار ئۈچۈن بىر بوشلۇق ھېسابلىنىشى مۇمكىن، لېكىن ماڭا ئوخشاش ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرگە تەسىرى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
3. « ئۇيغۇر مازارلىرى» نىڭ مۇھىملىقى
ئاخىرقى بۇ نۇقتىدا مەن كۆپ چۈشەندۈرۈش ئارتۇقچە بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى « ئۇيغۇر مازارلىرى» دېگەن بۇ كىتابنىڭ مۇھىم بىر ئىلمىي ئەسەر ئىكەنلىكى مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدۇ. روشەنكى، خەلقىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، جۈملىدىن دىنىي ئېتىقادىنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن بىرى بولغان مازار مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك ئالاھىدىلىكلىرى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تەركىپلەرنىڭ بىرىدۇر. دىيارىمىزدىكى مازارلارنى ئىلمىي يوسۇندا تەتقىق قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە، دىنىي ئېتىقادىغا، قىسقىسى ئىنسانىي ھەق- ھوقۇقلىرىغا قىلىنغان ھۆرمەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، « ئۇيغۇر مازارلىرى» ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۆھپىكار ئەسەرلەر قاتارىدا سانىلىشقا ھەقلىق بىر نادىر ئەسەردۇر.
دوستۇم راھىلەنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان « ئۇيغۇر مازارلىرى» ناملىق كىتابى توغرىسىدىكى تەپسىلىي  تونۇشتۇرۇشۇمنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئېھتىمال سىزدە بۇ كىتابنى بىر ئوقۇپ چىقىش، ھەتتا ماڭا ئوخشاشلا، ئانا دىيارىمىزدىكى شۇ مازارلارنى بىر كۆرۈپ كېلىش ئىستىكى تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن. شەخسەن مەن دوستۇمنىڭ بۇ كىتابىنى بىر قىممەتلىك ساياھەت يېتەكچىلىك كىتابى قاتارىدا قولۇمدا كۆتۈرۈپ، كىتابتىكى  مازارلارنىڭ بىرىنى قويماي زىيارەت قىلالىغان بولسام، دېگەن ئارزۇدىمەن.  بىزدە” تىلىسەڭ تاپارسەن“دېگەن گەپ بارغۇ. ئۇلۇغ رامىزان ئايلىرىدىكى تىلەكلىرىم ئورۇندىلىپ قالار.  ئۇلۇغ ئاللا، دوستۇم راھىلەنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن! دوستۇم راھىلە بىلەن يېقىن كەلگۈسىدە ئامان- ئېسەن كۆرۈشۈشكە نېسىپ قىلغايسەن!

جەنۋە، 2019- يىلى 30- ماي.

ئىزاھات:
مەزكۇر ماقالىنىڭ ئۈنلىك نۇسخىسىغا كىتابتىكى ئىككى مازارنىڭ تونۇشتۇرۇلىشى تولۇق كىرگۈزۈلدى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top