You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ جەدىتچىلىك چۈشەنچىسى

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ جەدىتچىلىك چۈشەنچىسى

دوكتۇر مىنارا ئالىيەۋا چىنار (تۈركىيە ئۇلۇغ تاغ ئۇنىۋېرسىتېتى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆرىگۈچى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن دىلنۇر ئەنۋەر، تەھرىرلىگۈچى شاتگۈل ساۋۇر.

كىرىش سۆز: جەمىئىيەت ۋە شارائىت

ياۋرۇپادا ئەدەبىيات -سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بىرىلىشىغا ئەگىشىپ، زىيالىيلار پەلسەپەسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا سانائەت ئىنقىلابى پارتىلاپ زامانىۋى جەمىئىيەت قۇرۇلۇپ چىقىلىۋاتقان بىر پەيىتتە، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بولسا ياۋرۇپادىكى بۇ تەرەققىياتقا ھەيرانلىق بىلەن قاراشماقتا ئىدى. ھەيرانلىقنىڭ ئورنىنى بىر مەزگىلدىن كىيىن  ھەيرانلىق بىلەن ياۋرۇپاغا ھەۋەس قىلىش ۋە ئۇنى تەقلىد قىلىش ئالدى. ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقى، روسىيە ۋە ياپۇنىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى كىشىلىرى ۋە زىيالىلىرى ياۋرۇپادىكى ئىلگىرلەشكە ھەيران قالغانلارنىڭ باشلامچىلىرىدىن ئىدى. ھەيرانلىق ئۆتكەنسىېرى ياۋرۇپادىكى باشنى ئايلاندۇرىدىغان بىلىم ۋە تىخنىكا ئىنقىلاۋىنى چۈشىنىشكە ۋە بىر قاتار ئىسلاھاتلار ۋە ئىسلاھات تەرتىپلىرى ئارقىلىق سانائەت ئىنقىلاۋىغا ماسلىشىشقا تېرىشتى. روسىيە، بۈيۈك بىرتانىيە -دەۋرىدە (1682-1725) ، ئوسمانلى دۆۋلىتى ئۈچۈنجى سەلىم(1789-1808) ۋە ئىككىنجى مەھمۇت دەۋرىدە(1808-1839) ۋە ياپۇنىيە مىجى دەۋرىدە(1867-1912) زور ئىنقىلاپ دەۋرىگە كىرگەن ئىدى. بۇلاردىن روس ۋە ياپۇن زامانىۋىلىشىشنى غەلبىلىك تاماملىدى.

ئوسمانلى دۆلىتى 19- ئەسىردە سانائەت دەۋرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن دۆلەت ۋە جەمىيەتتە كەڭ كۆلەمدە ئىسلاھات ئىلىپ باردى. دۆلەت يېڭىدىن مەركىزى ھاكىمىيەتكە ئۆتتى،پارلامىت دىمىكوراتسىيەگە ئۆتۈش دەۋرىگە كىردى. جەمىيەت مەيدانىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تۈزۈلمە مائارىپتىن تەركىپلەندى. جەمىيەت يېڭى ئۇقۇتۇش سېستىمىلىرى ۋە ئىلمىي تەلىم تەربىيە (پەننى بىلىم) بىلەن ئۇچراشتى.

بۇ جەرياندا تۈرك دۇنياسىدىكى زىيالىيلارمۇ پاۋرۇپادىكى تەرەققىياتقا قارىماقتا ۋە ھەۋەس قىلماقتا ئىدى. ياۋرۇپادىكى تەرەققىياتلار بىلەن ئۆز مەملىكەتلىرىدىكى تەرەققىياتنى سېلىشتۇرغان تۈرك زىيالىلىرى مەۋجۈت بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ،  قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەرنى بەرگەن ئىدى. بۇ زىيالىلارنىڭ بېشى  قىرىمدىكى ئىسمائىل گاسپىرالى(1851-1914) ئىدى. ئىسمائىل گاسپىرالى  پۈتۈن تۈرك ( ئىسلام )دۇنياسىنى قاپلىغان بىر ئىسلاھات پىروگىراممىسىنىڭ ھازىرلىنىشى ۋە يۈرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن قاراشلىرىنى ئوتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا  بۇ قاراشلارنى تەسىرى بار   مەتبۇئاتلاردا   تارقاتقان. شۇنداق قىلىپ جەدىد ئۇسۇلى نامى  بىلەن بىر يېڭىلىق چۈشەنچىسىنى تەرەققى قىلدۇرغان. زىيالىلار پەلسەپىسىنىڭ ياۋرۇپادىكى تەسىرىگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر  تەسىر ئۇسۇلى جەدىدچىلىك ھەركىتى بىلەن تۈرك دۇنياسىدا ئەمەلىلىشىشكە باشلىغان.

گاسپىرالى قىزلارنى يىتەكلەپ 1884-يىلى ئۇسۇلى جەدىد مەكتىۋىنى ئاچقان. ئوسمانلىدا بولسا 1870 – يىلى قىز ئوقۇتقۇچىلار مەكتىۋى ئىچىلغان. گاسپىرالى ئىستانبولنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. بىراق ئوسمانلىنىڭ ئىسلاھاتى دۆلەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ خەلقنىڭ تەلىۋىگە قارىماي ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، قىرىم ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ باشقا يەرلىرىدە گاسپىرالىدەك زىيالىلارنىڭ خەلقنى تەربىيەلەپ ئىسلاھات ئىلىپ بىرىشى ئۈچۈن ئىستەك ياراتقىنىنى بىلىۋالالايمىز.

جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكىنىدەك تۈركىيەگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن تىخىمۇ كونكىرىت بىر ئىپادىسى كۆرۈلگەن. بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرىدە زىيالىلارنىڭ بەزىلىرىنى تۈركىيەگە كىلىپ ئاتا تۈركنىڭ يىنىدىن ئورۇن ئالغان ۋە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان (يۈسۈپ ئاقچۇرا، ئەھمەت ئائوغلى، زەكى ۋەلىدى توئان، سادرى مەھسۇدى ئارسال قاتارلىقلار).

مەدرىسلەرنى تەنقىد قىلىپ، مەدرىس موللىلىرىنى ماھىتىنى بىلمەيدىغان، ۋاختى ئۆتكەن نەرسىلەرنى ئۈگىتىدۇ دەپ ئەيىپلىگەن  گاسپىرالى، ئولارنىڭ بۇ ھالىتى مىللەتنى تۈگەشتۈرىدۇ دەپ قارىغان. ئاچقان مەكتەپلەردە» ئۇسۇلى جەدىد»(يېڭىچە ئۇسۇل) ئۇرنىغا «ئۇسۇلى خىيانەتچى» دىگەن نامنى قوللانغان ۋە  رۇسلارغا ژورنالىستلىق قىلغان(كونا ئۇقۇتۇش تەرەپدارلىرى) بىلەن كۆرەش قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

گاسپىرالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن تۈرك خەلقىنىڭ مىللى تەقدىرى، روس مۇسۇلمان (سلاۋ تۈركلىرى) مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى، مەدەنىي مائارىپ ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسەتشۇناسلىق سەۋىيەسىدە ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىنمىسا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. گاسپىرالى يازمىلىرىدا نۇرغۇن قىتىم روسيە بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئورتاق تەقدىر ۋە ھەمكارلىق ئورناتقان ئىدى.

روسيە تۈركلىرى ياۋرۇپانى تەرەققىي قىلدۇرغان سانائەت دەۋرىنى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى ، ئۇلار بىر ياندىن بۇ تەرەققىياتتىن يۈز ئۆرۈپ يەنە بىر ياندىن بۇ ھارۋىغا چىقىشنى خالايتتى. ئەيتاۋۇر مەرىپەتچىلىك ئېقىمىنىڭ تۇنجى ۋەكىلى ئابدۇرەھىم ئاتېزىمنىڭ قىياسى قاتارىدىن نەتىجىلەندۈرۈپ روسچىنى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇنىڭ ئاستىدا ياتقان ياۋرۇپا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ تىلنى ئۈگىنىشى ۋە روس تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى چىقىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلىشى زۆرۈرىيەت ئىدى.

تۈركىستاندا جەدىت ھەركىتىنىڭ باشلامچىلىرى ئارسىدا ئىسمايىل گاسپىرالى باشلىق مۇھەممەد خۇجا بەھبۇدى (1874-1919)، مۇسا غەيرۇللا (1875-1949)، مۈنەۋۋەر قارى ئابدىراشىتخان (1878-1931)، ئابدىراھىف فىترات (1886-1938)، ئابدۇللاھ قادىرى (1894-1938) قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى. تاتار جىھادچىلىرى 1910-يىللاردا ۋە 1920-يىللاردا ۋە دىندىن خالىي ھازىرقى زامان مائارىپ قۇرۇلمىسىنى يارىتىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى موھىم رول ئوينىغان.

ئۇيغۇر ئىلى

ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان تۈرك قەۋملىرىدىن  بىرىدۇر. نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى خىتاي چىگرىسى ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايون ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى قازاقىستان، ئۆزبىكىستان ۋە قىرغىزىستاندا تارقاق شەكىلدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان. باشقا تۈرك قەۋمىگە قارىغاندا ھەممىدىن بالدۇر ئولتۇراقلىشىپ ياشىغان. تارىختا مەدەنىي بىر جەمىيەت قۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇرپان شەھرى ئۈچۈن كارىز سۇ سىستىمىسىنى ياراتقان. ئىچىدىن فارابىي، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەدىب ئەھمەت يۈكنەكىيدەك تىل، ئەدەبىيات ساھەسىدە يېتىشكەن  ۋە ئېسىل ئوي پىكىرلىك شەخىسلەر چىققان. بۇ جەمىيەت 18-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ تەرەققىياتىنى قوغداپ قالالمىغان، مەدەنىيەت باشلامچىسى بولۇش تەسىرىنى يوقىتىش بىلەنلا قالماي، مەۋجۈتلىقىنى ساقلاپ قالالماسلىقتەك خەتەرلىك ئەھۋالغا قالغان.

ئۇيغۇرلار ياۋرۇپادا سانائەت ئىنقىلابىي ئىلىپ بىرىلىۋاتقان مەزگىلدە ھەر جەھەتتە ئارقىدا قالغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا روسيە ۋە خىتاينىڭ ئىشخالى ۋە تارلاش- تارتىشلىرىمۇ بۇ رايونغا غايەت زور ۋەيرانچىلىق ئىلىپ كەلگەن. خىتاي ئىشخالىيىتىدىن كىيىن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلغان كۆرەشلەردە ئۇيغۇر ياشلىرى تۈركىيە، روسىيە ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە تەربىيەلەنگەن.  جەمىيەتنى كۆزەتكەن ۋە ئۈگەنگەنلىرىنى  ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈگىتىش ئۈچۈن جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنى باشلىغان.  بۇنىڭ بىلەن كۆپ ساندىكى ئىلمىي تەربىيە ئىلىپ بارىدىغان يېڭى مەكتەپلەر ئىچىلىپ، گىزىت، ژورناللار نەشىر قىلىنغان. بۇلارنىڭ يىنىدا فىئودالىزىم قالدۇقلىرى ۋە ئۆلىما ئاتالغانلارنىڭ جاھالىتىدىن كىلىپ چىققان قالاقلىق ۋە زۇلۇم ھەر يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلگەن. 19-ئەسىردە خىتاي ئىشخالىيىتى جەمىيەتنى كونتىرول قىلىشتا مۇسۇلمان دىن ئادەملىرىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلانغان. شەرقىي تۈركىستاندا تەسەۋۋۇپ ۋە تەغرىبات مەنسۇپلىرى خىتاي دۆلىتى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ كەلگەچ تەسەۋۋۇپ ئىنتىزامى، مىللى ۋە دىنى تۇيغۇلىرى بار كىشىلەرگە بەك يېقىپ كەتمەيتتى. بىر خىتاي مەنبەسىدە بۇ تېمىدا مۇنداق دىيىلگەن:»ئۇيغۇرلار دىنغا ئىشەنمىسە ۋە ئىماملىرى بولمىسا ، ھىچنىمىدىن قورقمايدۇ ۋە ھىچبىر باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن باشقۇرۇشقا بويسۇنمايدۇ.»

جەدىتچىلىك چۈشەنچىسى تۈركىستاندا، قىرىمدا، ئەزەربەيجاندا ۋە قازاندا يېڭىچە پىكىرلىك زىيالىلارنىڭ تەسىرىدە تارقالىشقا ۋە جەمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغاندىن كىيىن، خىتاينىڭ باسقۇنچىلىقى ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ چۇڭقۇر تەسىرگە ئۇچرىغان. بۇ مەزگىلدە زۇلۇمغا، ئادالەتسىزلىككە، تەڭسىزلىككە، جاھىللىققا قارشى مۇستەقىللىق، ئىجتىمائىيلىق، ئادالەت، بارابەرلىك، يېڭىلىقنى قوغدىغان ئۇيغۇر زىيالى، شائىر ۋە يازغۇچىلىرى مەيدانغا چىققان. بۇلار ئۇيغۇر رايۇنىدا ئويغانغان ۋە خەلقىنى ئۇيغۇتۇشقا چاقىرغان ھۈسىيىن بەگ، باۋۇدۇن بەگ، ئابدىقادىر داموللام، مەمەتئىلى ئەپەندى، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، قاتارلىق زىيالىلار ئىدى.  بۇ ياش جەدىتچىلەردىن ھۈسىيىن بەگ(1844-1926) ۋە باۋۇدۇن بەگ قىرىنداشلار(1851-1928)، 1870-يىللىرى باشلىغان ئۇيغۇرلاردا يېڭىچە ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ ئاساسىنى ياراتتى. بۇ رايون خەلقىنى جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇش، يەرلىك فىئوداللارنىڭ زۇلىمىدىن قۇتقۇزۇش، ياتلارنىڭ سۈمۈرگۈچىسى بولماسلىق ئۈچۈن ھەممەيلەن بىرلىكتە كۆرەش قىلىشقا چاقىرغان ۋە مۇسۇلمان بىر جەمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلغان ئابدىقادىر داموللام، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلىپ بىرلغان يېڭىچە ئوقۇتۇش ھەرىكىتىدە باشلامچىلىق قىلغان، ئۇيغۇر زامانىۋى مائارىپىنىڭ ئاساچىلىرىدىن بىرى ھىساپلىنىدۇ. مەمتېلى ئەپەندى، يېڭىچە مائارىپ ئۇسۇلىدا مەكتەپ ئاچقان ۋە ئوقۇتقۇچى يىتىشتۈرۈشتە موھىم رول ئوينىغان. قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ئۇيغۇرلاردا جەدىد ھەرىكىتى ئىلىپ بارغان ئەڭ موھىم پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ گېزىتچىلىك ۋا نەشىرياتچىلىق ئىشلىرىدا موھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. جەدىدچىلىك ھەرىكىتىدە خەلقنى ئويغىتىش، ئۈچۈن موھىم تۆھپىلەرنى قوشقان يەنە بىرەيلەن بولسا دەل ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدىخالىق ئۇيغۇردۇر.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ياشىغان مۇھىتى

ئەسلى ئىسمى ئابدۇخالىق ئابدىراھمان ئوغلى بولۇپ شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر دەپ تونۇلغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇغۇلغان يىللار تۈرك دۇنياسى ئىچىدە قالاقلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە زامانىۋى بىر سانائەت جەمىيىتى قۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرلىۋاتقان بىر يىللار ئىدى. گاسپىرالىنىڭ پىكىرلىرى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكىنىدەك شەرقىي تۈركىستانغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. خەلقئارالىق سودا قىلىدىغان سودىگەرلەر، چەتئەللەردە ئۇقىغان ئۇقۇغۇچىلار ۋە مەككىگە بارغان ھاجىلار تۈرك دۇنياسىدىكى تەرەققىيات، تالاش تارتىش ۋە پىكىرلەر ئارىسىدا كۆرۈلدى ۋە كىشىلەرگە قۇتۇلۇش چارىلىرى سۇندى، بۇ پىكىرلەر جەمىئىيەتتە كۈچلۈك ھاياجان قوزغىدى. بۇ تىجارەتچىلەردىن بىرى بولغان ھۈسىيىن بەگ ياۋرۇپانى ۋە ئىستانبولنى ئايلىنىش جەريانىدا يېڭى پىكىرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. بۇ تەسىرلەر نەتىنجىسىدە مىللى سانائەت، مىللى مائارىپ ۋە خەلقئارالىق بازار تەرەققىياتىدا موھىم رول ئوينىدى. 1913-يىلنىڭ ئاخىرىدا نۇرغۇن تىجارەتچىلەرنى باشلاپ ئىستانبۇلدا ئىتتىھات ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى ۋە لىدىرى تەلەت پاشانى زىيارەت قىلدى. خىتاي مەنبەلىرى تەلەت پاشانىڭ شىنجاڭ را يونىغا ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىشكە قوشۇلغىنىنى خاتىرلىگەن. سودىگەرلەرنىڭ بۇ تۈردىكى پائالىيەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللى بۇرژىئازىيەنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ۋە زامانىۋىلىققا ئىگە مىللى تەلەپ- ئىستەكلىرىنىڭ ئويغانغىنىنى چۈشەندۈرىدۇ. شەرقىي تۈركىستانغا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭمۇ ئىتىبار بەرگىنى چۈشەندۈرىدۇ. خىتاي يازغۇچىسى شاڭ، ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ «ئىلىم بىرىش» باھانىسى بىلەن شىنجاڭغا كىلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئىتتىھات ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەۋەتكەن ئەھمەت كامال بەي ۋە ئۇنىڭ ئالتە دوستىنى شىنجاڭدا ھۈسىيىن باي باھچا بىلەن بىرلىكتە قەشقەردە مەكتەپ ئاچماقچى بولغىنىنى بايان قىلىپ، بۇلار رۇخسەت ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاتۇشتا مەكتەپ ئاچقىنىنى، بۇ «يېڭى مەكتەپلەر «نىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە قەشقەر، يەكەن، خوتەن ۋە كۇچا قاتارلىق رايونلارغا تارقىغىنىنى يېزىش ئارقىلىق،شاڭ چىن خىتاينىڭ ئىتىبار بەرگىنىنى يازغان. خىتاي ھۆكىمىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ بۇ تەرەققىياتنى توختاتقان. ھەبىبۇزادە دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىقىنى قىلغان ئەھمەت كامال بەي ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى تۈرمىگە تاشلانغان. پانتۈركىسلامىزىمنى توسۇش مەخسىتىدە نۇرغۇن بەلگىلىمە چىقىرىپ چەكلىگەن، مەسجىدلەردە چەتئەللىكلەرنىڭ ئىماملىق قىلىشى چەكلەنگەن، 10000 دىن ئارتۇق خۇجالار كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ، 10 يىل ھەجگە بىرىش چەكلەنگەن.1927-يىلى بىرىلگەن رۇخسەتكىمۇ بەك چەكلىمە قۇيغان. يەنە مەسۇدشابىل، مۇھەممەد ئىمىنۋە سابىت داموللام قاتارلىق باشلامچىلار ئۇيغۇرلارنى مائارىپ ۋە دىموكىراتىك ھەقلەرنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان.  ئابدىخالىق ئۇيغۇر دەل مۇشۇ ۋەزىيەتتە ۋە شارائىتتا چوڭ بولغان.

ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتچى، رىئالىست شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان شەھرىدە بىر تىجارەتچى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلىسى مەرىپەتلىك ئائىلىلەر قاتارىدىن ئىدى. دادىسى ۋە ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بولغاچقا ئابدىخالىق بەش يېشىدىن باشلاپ ساۋاد چىقىرىشقا باشلايدۇ. ئون ئىككى ياشقا كىرگەندە دىنى مەكتەپتە ئەرەپچە ۋە پارىسچە ئۈگىنىشكە كىرىشىدۇ. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ شېئىرلىرى ۋە داستانلىرىنى زوق بىلەن ئوقۇيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىسقا لىرىك شېئىرلىرىنى يېزىشقا باشلايدۇ.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1916-يىلى چوڭ دادىسى مەخسۇم ھاجىم بىلەن بىللە تىجارەت ئۈچۈن روسيەگە بارىدۇ  ۋە شەمەي شەھرىدە روس تىلىنى ئۈگىنىدۇ. روسيەدە تۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا جەدىدچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ چۇڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر روسيەدىن قايتىپ كىلىپ مەكتەپكە كىرىپ خىتايچە ئۈگىنىدۇ ۋە بۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجىدە پۈتتۈرىدۇ. ئوقىۋاتقان مەزگىللىرىدە قەدىمىي ۋە ھازىرقى زامان خىتاي ئەدەبىياتىنى ئۈگىنىدۇ. خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈن جۇڭ شەننىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ دىمىكىراتىيە ھەققىدە قاراشقا ئىگە بولىدۇ. ئۇ مەزگىلدە ئابدىخالىق فىئودال ئەكسىيەتچىلەرگە قارشى ئىلمىي نەزىريەنى تارقىتىپ جەمىيەتنى ئۆزگەرتىشنى غايە قىلىدۇ. ۋەتەنگە قايتقاندىن كىيىن جەدىدچىلىك يولىدا قىلغان تۇنجى ئىشى 1921-يىلى يازغان «باردۇر» ناملىق شېئىرنى يېزىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ شېئىردا ئىلمىي مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھالىنى تەسۋىرلىگەن.

جاھالەت سەمەرەسىدىن بىزگە كۈن كۆپ جاپا باردۇر،

ئىيتىڭىزچۇ بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.

ئىلىمنىڭ ئىجتىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،

ئۇقۇيمىز ئوقىتىمىز سەككىز چايناشىمىز باردۇر.

مۇنەججىم ھەم ئىنجىنىر ئالىملارنىڭ ئورنىغا،

تونى ساللە نەپسى بالا موللىلىرىمىز- سۇلتانىمىز باردۇر.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يەنە 1921-يىلىدا «ئويغان» ناملىق شېئىرىنى يېزىپ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىچىگە چۈشكەن غەپلەتكە قارىتا «ئەي پىقىر ئۇيغۇر ئويغان ئۇيقۇڭ يېتەر» دىيىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئەمدى ئويغىنىشى كىرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان.

ئەي پىقىر ئۇيغۇر ئويغان ئۇيقۇڭ يېتەر،

سەندە مال يوق ئەمدى كەتسە جان كىتەر.

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقازمىساڭ ئەگەر،

ئاھ سىنىڭ ھالىڭ خەتەر ھالىڭ خەتەر.

كۆزۈڭنى يوغان ئىچىپ ئەتراپقا باق،

ئۆز ئىقبالىك ھەققىدە ئويلا ئۇزاق.

كەتسە قولدىن بۇ غانىمەت پۇرسىتى،

كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1923-يىلى مەھمۇت مۇھىتىدەك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىككىنجى قېتىم سوۋىت ئىتتىپاقىغا بىرىپ ئۈچ يىل تۇرۇپ تەلىم تەربىيە ئالدى. روس كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئۈگىنىپ روس ئەدەبىياتى توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولدى. ئۇ، ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىنى شەخسەن ئۆزىگە نىسبەتەن كۆز قارىشىنى كىڭەيتتى.

سوۋىت ئىتتىپاقىدىن 1926-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ ھازىرقىي زامان بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ خەلقنى ئويغىتىش مەخسىتىدە گىزىت، ژورنال چىقىرىش ئۈچۈن تۇرپاندا مەتبۇئات قۇرۇشقا كىرىشتى. خەلق ئارىسىدا بەزى خاتىرلەرگە قارىغاندا ئۇ دەۋىردە ئالدىن كۆرەر كىشىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلىرىنى پۈتتۈردى. بىراق مۇستەبىت ياڭ زىڭ شىڭ ھۆكىمىتى ئۇنىڭ مەتبۇئات قۇرۇشقا رۇخسەت بەرمىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئابدىخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىدىكى مەھمۇت موھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خوجىلار بىلەن بىللە 1927-يىلى «ئاقارتىش بىرلەشمىسى» نامىدا بىر ئىلىم جەمىيىتى قۇرۇپ ۋە پۇل توپلاپ تۇنجى بولۇپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى نىياز سەيپۇڭ ئىسىملىك كىشىنىڭ ھويلىسىدا، بىر يىلدىن كىيىن يېڭىشەھەردىكى ئاقسارايدا «ھۈررىيەت مەكتىۋى»، كوناشەھەردىكى جەنۇنى قوۋۇقتا بىر مەكتەپ ئاچتى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇ مەزگىلدە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر بىلەن شوغۇللۇنۇپ ۋە جەمىيەتنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن شېئىرلارنى يېزىپ، مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئىچىپ تاشلاشقا تىرىشقان. ئابدىخالىق ئۇيغۇرنىڭ كۆرىشىنىڭ ۋە تىكلىگەن غايىسىنى، قۇتۇلۇش ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ كۆرەش قىلىش كىرەكلىكىنى ۋە بۇ يولدا جىنىنى پىدا قىلىشنى ئۆزىنىڭ بەخت ھىساپلايدىغانلىقىنى»ئاچىل»،»غەزەپ ۋە زار»،»زۇلۇمغا قارشى»،»كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»،»خار»،»ئارمان»،»كۆڭۈل خانىسى»دەك  نۇرغۇن شېئىرلىرىدە ئەدەبىي شەكىلدە ئىپادىلىگەن.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يۈز يىللاردىن بىرى ئاسارەتتە ۋە زۇلۇم ئاستىدا ئىڭرىغان، نادان قالدۇرۇلغان مىللەتنى ئويغىتىش، بىلىم بىلەن قۇراللاندۇرۇش، جەمىيەتنىڭ  بىشىغا كەلگەن پالاكەتكە سەۋەپ بولغان مەنىۋى گورۇپلىرىغا ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئاياق ئاستى قىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. شائىر «غەزەپ ۋە زار» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

ئەي پەلەك بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،

ئىستىدىم كۆپ تاپمىدىم بۇ ھەردىمگە ھىچ دەرمانىمەن.

ئاتا بوۋامدىن مىراس كونا كىسەلنىڭ دەردىدە،

گاھ ئۆلۈپ گاھ تىرىلىپ كۆپتىن بىرى ئاۋارىمەن.

باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،

مەن مىسال يالاڭئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.

ۋەتەنپەرۋەر مىللىيەتچى، رىئالىستىك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىدىكى چۇڭقۇر سىياسىي چۈشەنچە ۋە يۈكسەك ئىسيانكارلىق روھى دەۋىرنىڭ زالىم ھاكىمىيىتىنى بىئارام قىلغان. «غەيرى ۋە يېڭى پىكىرلەر»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ شېئىرلاردىن ئەندىشە قىلغان قالاق گوروھلار ئابدىخالىقنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشنى چەكلىگەن. ئابدىخالىق ئويغۇر يېزىلغان شېئىرلىرى بىلەن مىللەتنى ئويغىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ، كۆرەشكە چاقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ،ئۆزىمۇ بۇ كۆرەشنىڭ باشلامچىسى بولغان. 1932-يىلى 11-ئايدا «ئاچىل» قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئاق رەختكە چوڭ قىلىپ يېزىپ كوچىلارغا ئېسىش ئارقىلىق قالاق ھاكىمىيەتنىڭ باستۇرىشىغا قارشى چىققان. 1932-يىلى 12-ئاينىڭ باشلىرىدا تۇرپاندا دېھقانلار قالاق ھاكىمىيەت ۋە فىئودانلىق زۇلۇمغا قارشى دەس تۇرۇپ تۇرپان يېڭىشەھەردە قوزغالدى. 1932-يىلى 12-ئاينىڭ27-كۈنى جىن شۈ رەن تۇرپاندىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن تۇرپانغا ئەسكەر ئەۋەتكەندە قوزغىلاڭچىلار يېڭىشەھەرنىڭ غەربىدىكى قۇملۇقتا «ئوت يىقىپ قارشىلىق كۆرسىتىش» ھىلىسىنى قوللىنىپ بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە يۈز دۈشمەننى ئۆلتۈردى ۋە نۇرغۇن قۇرال ياراقلارنى قولغا چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىملىق غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. شائىرمۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ «لەنەت ساڭا زالىملار «، «مۇزلىدى» قاتارلىق قەھرىمانلىق شېئىرلىرى بىلەن بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ دەس تۇرشىنىڭ غەلبىسىنى ماختىسا يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنى قۇرقماي كۆرەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

ئەسەرلىرى بىلەن خىتاي ھۆكىمىتىنى بىئارام قىلغان شائىر 1933-يىلىنىڭ بىشىدا 12 دوستى بىلەن بىرلىكتە شېڭ شې سەي تەرىپىدىن قولغا ئىلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ۋە شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇرپاندا ئۆلتۈرۈلىدۇ. جەسۇر ئابدىخالىق دۈشمەنگە باش ئەگمەي قەھرىمانلارچە كۆكسىنى كىرىپ تۇرۇپ قىلىچ ئۇرىۋاتقاندىمۇ «ياشىسۇن ئازاتلىق»شۇئارىنى توۋلاپ تۇرۇپ ئۆزىنى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىگە ئاتىغان بىر شائىر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قىتىم ئىسپاتلاپ شېھىد بولدى.

خەلقنىڭ مىللى شۇئارى ئۈچۈن، بىلىمىنىڭ چۇڭقۇرلىشىپ، نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ ئەركىن ياشىشى ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى پىدا قىلغان ئابدىخالىق ئۇيغۇر،ئەدەبىي يېزىقچىلىق پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەدەبىياتىدا ئوتتۇرغا چىققان مىللى ئويغىنىش، مىللىلىشىش ۋە قۇتۇلۇش كۆرشىگە كۈچ بەرگەن ھەقىقەتچىلىك ئېقىمىنى كۆتۈرۈپ چىققان، تۈركچى،خەلقچى،ۋەتەن سۆيەر، مىللىيەتچى، ئىسلاھاتچى، جەدىدچى (يېڭىلىقچى) دېموكىراتچى  بىر شائىردۇر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرىدۇر. داۋادىكى قىرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مىللى ئويغىنىشىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بۈيۈك بىر زىيالىيدۇر. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، «مىللىي ئىستىقلال ۋە مىللىي ئىستىقبال ئاشىقى» دۇر.

ئۆمرىنى ۋەتەن ئۈچۈن ئاتىغان بۇ ئۇيغۇر ئەۋلادى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا قەھرىمان بولۇپ مەڭگۈ ياشايدۇ. ئابدىخالىق ئۇيغۇرنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ قەلبىدە ئەبەدى-ئەبەد تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top