You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » دەۋرنىڭ جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۇرىغا بولغان تەسىرى

دەۋرنىڭ جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۇرىغا بولغان تەسىرى

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئىنسان قىسقا بىر مۇددەت مۇساپىر بولغان بۇ دۇنيادا، روھىنــى باغلىغــان ئالتــۇن زەنجىــر جەننەتتــەك كۆرۈنگــەن جەھەننەمــدۇر.
– مەۋلانا

جالالىدىــن رۇمــى مەۋلانــا ھەزرەتلىــرى بىــر مۇتەپەككــۇر، شــائىر ۋە ئارىــف ھەمــدە كــەڭ مەنادىــن ئېيتقانــدا بىــر كۆڭــۈل ئادىمــى بولــۇش ســۈپىتى بىلــەن ئىنســانىيەتنىڭ تەپەككۇرىغــا يىپيېڭــى بىــر دەۋر ئاچقــان. شــۇنىڭدەك ئىســلام مۇتەپەككۇرلارنىــڭ پىكىــر ۋە سېســتىملىرىنى، ئىتىقــاد ئەقىدىلىرىنــى روھ، ئەقىــل ۋە ســۆيگۈدىن ئىبــارەت ئــۈچ بۇلــۇڭ ئىچىگــە ئەكىرىــپ ئىنســانلارغا ئەخــلاق، دىــن ئىلىــم ۋە ئەقىــل يوللىرىنــى ئايدىڭلىتىــپ يېڭــى ئۇپۇقــلار ئاچقــان. بــۇ ئىســلام تەسســەۋۋۇپىنى ئالەمشــۇمۇل ئالاھىدىلىككــە ئىگــە قىلغــان جالالىدىــن رۇمىنىــڭ ئۆمرىنىــڭ بــاش ئاخىرقــى دەۋرى خــارەزم شــاھ دۆۋلىتــى ( 1128 -1230) زاۋاللىققــا يۈزلەنگــەن 1075-1273ۋە ســەلچۇقلار دۆلىتىنىــڭ ( 1273- 1075 ) دەۋرلىرىگــە توغــرا كېلىــدۇ.

جالالىدىــن رۇمــى ئالتــە يــاش بــەزى ماتىريالــلاردا ئــون ئىككــى يــاش دەپ ئالغــان ۋاقىتلىرىــدا ئائىلىســى بىلــەن تۇغۇلۇپ ئۆســكەن ئانــا ماكانــى بەلختىــن ئايرىلىــپ، ئاخىــرى نەگــە بېرىــپ توختايدىغانلىقىنــى بىلمەيدىغــان ئــۇزۇن ســەپەرگە ئاتلىنىــدۇ. ئــۇ دەۋر خــارەزم شــاھى ئەلەئىددىــن مۇھەممەدنىــڭ ئالدىراقســانلىقتا، بىپەرۋالىقتــا تــازا نــام ســالغان، ئۆزىنــى بارچــە مۆمىنلەرنىــڭ باشــپاناھى ۋە نىجاتــكارى دەپ ئاتىۋالغىنــى بىلــەن ئەمەلىيەتتــە بەلخ شــەھەر ئاھالىســىگە شــۇنچىلىك ئېغىــر باج-ســېلىق ســېلىۋاتقان ۋاقىتلىــرى ئىــدى. جالالىدىــن رۇمىنىــڭ دادىســى باھاۋىددىــن ۋەلــەد بەلختىكــى پەلســەپىچىلەر ۋە شــاھ مۇھەممــەد بىلــەن بولغان پىكىــر ئىختىلاپتىــن ھەمــدە شــىددەتلىك بىــر بورانــدەك ئالدىغــا ئۇچرىغانــلا نەرســىلەرنى ســۈپۈرۈپ ســوراپ يــوق قىلىۋىتىدىغــان چىڭگىزخاننىــڭ ئاتلىــق ئەســكەرلىرىنىڭ يېقىنــلاپ كېلىۋاتقانلىقىنــى ئالدىــن كۆرەلىگەنلىكــى ســەۋەبىدىن بــۇ ســەپەرگە ئاتلىنىشــنى قــارار قىلغــان ئىــدى. 1213-يىللىــرى ئىــدى. ئــۇ زامانــلاردا بەلــخ قەدىمىــي بــۇ يىپــەك يولىنىــڭ تۈگىنــى ئىــدى. خىتايدىــن دەمەشــىق، مەككــە مۇكــەررەم، مىســىرغا قاتنايدىغــان كارۋانــلار ۋە ھىندىســتاندىن رۇســلارنىڭ ئۆلكىســىگىچە، بۇخــارا، ســەمەرقەندلەردىن ياۋروپاغىچــە بارىدىغــان كارۋانلارنىــڭ ھەممىســى بــۇ يەردىــن ئۆتەتتــى. ئەممــا ئــۇ دەۋرلــەردە جەڭگە-جىــدەل، يوللاردىكــى قاراقچىــلار ۋە شــاھ ســارىيىدىكى كۇپرانىــي مەئىشــەتلەر بەلخنىــڭ ئىقتىســادىي مەنبەســى بولغــان تىجــارەت ۋە ھۈنەرۋەنچىلىككــە ئېغىــر زەربــە ئۇرغــان ئىــدى. شــەھەرنى تىلەمچىلــەر قاپلىغــان، ئاھالىنىــڭ كىرىمــى تۆۋەنلــەپ كەتكــەن، شــەھەر بايلىرىنىــڭ ســاخاۋىتى بىلــەن كــۈن كەچۈرىدىغــان خانىقادىكــى شــەيخ دەرۋىشــلەرنىڭ ئەھۋالــى خــاراپ بولغــان ئىــدى.

ئــۆز ۋاقتىــدا چىڭگىزخاننىــڭ تــۆت يــۈز كىشــلىك ســودا كارۋىنــى بەلخقــە تىجــارەت ھــەم دوســتانە مۇناســىۋەت بىلــەن كەلگەنــدە خــارەزم شــاھنىڭ بىــر ۋالىســى ئۇلارنىــڭ ھەممىســىنى بىــر كېچىدىــلا ئۆلتــۈرۈپ، بــەش يــۈز تۆگىگــە ئارتىــپ ئەكەلگــەن مال-دۇنياســىنى ئىگىلىۋىلىــپ پادىشــاھقا ســوۋغا قىلغــان. بــۇ پاجىئەلىــك ۋەقەدىــن كېيىــن چىڭگىزخــان يەنــە بىــر قېتىــم ئەلچــى ئەۋەتىــپ بــۇ ئىشــنى تىنچلىــق يولــى بىلــەن بىر تــەرەپ قىلىشــنى ئوتتۇرىغــا قويغــان بولســىمۇ تەكەببۇرلــۇق ھەۋىســىگە چۈشــكەن مۇھەممــەد شــاھ ئۇلارنــى جاسۇســلار ســۈپىتىدە قولغــا ئالغــان. شــۇنىڭ بىلــەن غەزەپكــە كەلگــەن چىڭگىزخــان دۇنيانىــڭ ئــەڭ 1219-يىللىرىنىــڭ ئاخىرىــدا قانلىــق ئەســكىرىي كۈچــى بىلــەن بەلخقــە باســتۇرۇپ كەلــدى. موڭغۇلــلار شــەھەرنى ئالغاندىــن كېيىــن شــەھەرنى كــەڭ كۆلەملىــك بۇلاپ-تــالاپ، قارشــىلىق كۆرســەتكەنلەرنى قىرىــپ تاشــلاپ، شــەھەرنى تۈپتــۈز قىلىۋەتتــى. پەقــەت ھۈنــەرۋەن ۋە يــاش ئايال-قىزلارنــى قــۇل ئورنىــدا ئېلىپ قېلىــپ، قالغــان ئاھالىنــى شــەھەرنىڭ قەلئــە ســىرتىدىكى دالاغــا چىقىشــقا بۇيــرۇق قىلىــپ، ئۇلارنــى قاتــار تۇرغــۇزۇپ ھەممىســىنى قىلىــچ ۋە ئېغىــر توقماقــلار بىلــەن كاللىســىغا ئــۇرۇپ ئۆلتــۈردى.

موڭغــۇل ئەســكەرلىرى  1220-يىلــى2-ئاينىــڭ 11-كۈنـــى  قەدىمــى مەدەنىــي شــەھەر، ئىلىم-مەرىپەتنىــڭ بۆشــۈكى بۇخارانــى  30 مىڭغــا يېقىــن ئادەمنــى بىــر كۈندىــلا بۇلاڭ-تــالاڭ قىلىــپ قىرىــپ تاشــلىدى. شــۇ چاغــدا دۇنيانىــڭ ئــەڭ زالىــم ھۆكۈمــدارى دەپ نــام ئالغــان چىڭگىزخــان ھايــات قالغــان بۇخــارا ئاھالىســىنى بىــر مەيدانغــا توپــلاپ مەشــھۇر بۇخــارا نۇتۇقىنــى ســۆزلىدى: ســىلەرنىڭ ئەرلىرىــڭلار خوتۇنــدەك بــوپ كېتىپتــۇ. ئانــا يۇرتۇڭلارنــى قوغــداش ئۈچــۈن جېنىڭلاردىــن ۋاز كېچىشــتىن قورقتــۇڭلار. ســىلەردىن يىرگىنىۋاتىمــەن. ســەنلەرنىڭ تىللىرىــڭ شــېكەر، دىللىرىــڭ زەھــەر، كۆڭۈللىرىــڭ پــەس ئىكــەن. بىــربىرىڭلارغــا يالغــان سۆزلەيســىلەر، ئــۆزارا ھىلــە ئىشلىتىســىلەر. پادىشــاھىڭلار، ۋەزىرلىرىــڭلار، بەگلىرىڭلارنىــڭ ھەممىســى چۈپرەندە ئىنســانلار ئىكــەن. ســىلەرمۇ شــۇلارغا ئوخشــاش چۈپرەنــدە بولغانلىقىــڭلار ئۈچــۈن ئۇلارنىــڭ قىلغــان پەشكەشــلىكلىرىگە كــۆز يۇمــدۇڭلار. ئوغرىلارنىــڭ قوللىرىنــى ســۆيەتتىڭلار، كىمنىــڭ ئەمەل-مەرتىۋىســى، مال-دۇنياســى بولســا شــۇنىڭغا ئىگىلىــپ تازىــم قىلىــپ، ئاياقلىرىغــا بــاش قوياتتىــڭلار. ســىلەردىن ھەقىقەتــەن يىرگىنىۋاتىمــەن. شــۇ تاپنىــڭ ئۆزىــدە ھەممىڭلارنــى بوغــۇزلاپ، لەشــلىرىڭلارنى ئاتنىــڭ تۇياقلىــرى بىلــەن چەينىۋەتســەم چەينىۋىتىمــەن. ئەممــا بۇنــداق قىلمايمــەن. چۈنكــى مېنىــڭ قولــۇم ۋە بۇيرۇقــۇم بىلــەن ئۆلتۈرۈلۈشــكە ئەرزىمەيســىلەر. پەقــەت شــۇنى بىلىڭلاركــى، ســىلەرنىڭ گۇناھىــڭلار بەكمــۇ كــۆپ ۋە ئاللاھقــا قارىغــۇدەك يۈزۈڭلارمــۇ يــوق. مــەن ھەممــە نەرســىنى بىلىــپ ۋە كــۆرۈپ تۇرىدىغــان تەڭرىنىــڭ قىلىچىمــەن. ســىلەرنىڭ بوينۇڭلارنــى چېپىــش ئۈچۈن قىنىمدىــن چىقتىــم، ۋال-ۋۇل پارقىراپ تۇرماقتىمــەن. ئەگــەر كاللاڭلارنى ســىلكىۋىتىپ، ئەقىل-ھوشــۇڭلارنى تاپســاڭلار بەلكــى بــۇ نىجىــس تېنىڭلاردىــن جېنىڭلارنــى جــۇدا قىلمايمــەن. بولمىســا ئەر-ئايــال، ئوغۇل-قىــز دېمــەي ھەممىڭنــى ئۆكــۈز ھارۋىلىــرى چەيلىۋەتكــەن چىكەتكىلــەردەك قىلىۋىتىمــەن. شــۇنداق دەھشــەتلىك قىرغىنچىلىقــلار ئارقىلىــق ئوتتــۇرا ئاســىيانى تەلتۆكــۈس ئىســتىلا قىلغــان موڭغۇلــلار ئارىدىــن يىگىرمە يىــل ئۆتكەنــدە ســەلچۇقلار دۆلىتىنىــڭ تۇپراقلىرىغــا قــاراپ يۈرۈش قىلىشــقا باشــلىدى.

ســەلچۇقلار دۆلىتــى ســەلچۇقلار ئىمپىراتورلىقىنىڭ ئــەڭ ئاخىرقى خانىدانلىقــى ئىــدى. تۈركلــەر خــۇددى موڭغۇللارغــا ئوخشاشــلا قەدىمدىــن تارتىــپ ئىتىقادىغــا ئاساســەن ئۆزلىرىنــى كــۆك تەڭــرى تەرىپىدىــن جاھاننــى ئىــدارە قىلىــش ئۈچــۈن تاللانغــان مىللــەت دەپ قارايتتــى. شــۇڭا بارلىــق تۈركلەرنىــڭ بىرلىشىشــىنى ئالدىنقــى شــەرت قىلغــان ۋە بارلىــق تــۈرك خەلقــى بــەگ، خــان ۋە قاغاننىڭ ئەتراپىغــا ئۇيۇشىشــى لازىــم ئىــدى. تۈركلەرنىــڭ جاھانغــا ھاكىــم بولــۇش چۈشەنچىســىنى تــۈرك ھۆكۈمدارلىــرى ئۆزىنىــڭ ئــەڭ ئالىــي غايىســىغا ئايلاندۇرغــان ئىــدى. قەدىمكــى تۈركلــەر ئۇلــۇغ تەڭرىنىــڭ ئۆزلىرىگــە جاھاننىــڭ ھاكىمىيتىنــى ئىھســان قىلغانلىقىغــا ئىشــىنەتتى. بىلگــە قاغــان «تەڭــرى ئىــرادە قىلغانلىقــى ئۈچــۈن تەختكــە ئولتــۇردۇم. تــۆت ئەتراپتىكــى مىللەتلەرنــى ئۆزۈمگــە بويســۇندۇردۇم» دېگــەن.

ئورخــۇن ئابىدىلىرىــدە «قۇياشــنىڭ چىققــان يېرىدىــن باشــلاپ پاتقــان جايىغىچــە بولغــان زېمىننــى تۈركلــەر ئىــدارە قىلىــش كېــرەك» دەپ يېزىلغانلىقــى مەلــۇم. بــۇ ســۆزلەردىن تۈركلەرنىــڭ جاھاننىــڭ ھاكىميىتىنــى ئۆزلىرىگــە ئىلاھىي بىــر ئىھســان دەپ ئىشــەنگەنلىكىنى كۆرەلەيمىــز. پۈتــۈن جاھانغــا ھۆكۈمــدار بولــۇش چۈشەنچىســى ســەلچۇقلار دەۋرىگــە كەلگەنــدە «جىھــاد» چۈشەنچىســىگە ئايلانغــان. تۈركلــەر ئاناتولىيــە تۇپراقلىرىغــا كۆچــۈپ كەلگەندىن كېيىن خىرىســتىيانلارنىڭ «ئەھلــى ســەلەپ» ئۇرۇشــى ۋە موڭغۇللارنىــڭ تاجاۋۇزچىلىقىغــا قارشــى جىھــاد پــەرز قىلىنغــان. ئەممــا ســەلچۇقلار دۆلىتــى ئىچىدىكــى ھــەر خىــل دىنغــا ئىتىقــات قىلىدىغــان ھــەر مىللــەت خەلقىنىــڭ دىنىــي ئەركىنلىكىگــە ھۆرمــەت قىلغــان. شــۇنىڭ ئۈچــۈن شــۇ زامانــلاردا ســەلچۇقلار دۆلىتىنىــڭ پايتەختــى كونيــا ناھايىتــى تىنــچ شــەھەر بولــۇپ، ئىلىم-مەرىپەتنىــڭ بۆشــۈكى بولغــان. موڭغۇللارنىــڭ زۇلىمىدىــن قاچقــان شــەرقلىق بىلىــم ئادەملىــرى، ســەنەتچىلەر يىغىلغــان جــاي بولغــان. ئاناتولىيىنىــڭ ھەرقايســى يەرلىرىدىــن بــۇ يەرگــە ئىلىــم ئۆگىنىــش ئۈچــۈن كەلگــەن ياشــلار بىلــەن تولغــان. كونيــا ئىســلامنىڭ غەرپكــە يۈزلىنىشــىدە ناھايىتىمۇ مۇھىــم مەركەزگــە ئايلانغــان. بــۇ شــەھەردە ھەرخىــل مەدەنىيەتتىكى ئىنســانلار ياشــىغان، تۈركلــەر، ئەرمەنلــەر، يەھۇدىــلار، گرىــك، پارىــس قاتارلىقــلار. شــۇڭا ئەتراپتىكــى ھەرقايســى مەملىكەتلەردىــن كەلگــەن زىيارەتچىلەرمــۇ كۆپەيگــەن. ئەينــى چاغــدا چىڭگىزخــان قوشــۇنلىرى ئىســتىلا قىلغــان رايونلاردىــن قاچقــان خەلــق توپ-توپــى بىلــەن چەكســىز ئــادەم دېڭىزىنــى ھاســىل قىلىــپ كونياغــا كېلىشــكەن باشــلىغان. جۈملىدىن 1228-يىلــى باھــاردا ســۇلتان جالالىدىــن رۇمىنىــڭ ئائىلىســىمۇ ئالائىددىــن كەيكۇباتنىــڭ تەكلىــپ قىلىشــى بىلــەن كونياغــا كەلگەن.

كونيــا مەۋلانــا ئائىلىســىنىڭ مۇســاپىرچىلىق ھاياتىدىكــى  ئــەڭ ئاخىرقــى بىكــەت ئىــدى. بــۇ ئــون ئىككــى يىــل داۋاملاشــقان ســەپەردە ھەيۋەتلىــك كارۋانلارنــى كۆرگــەن كىشــىلەرنىڭ «نەدىــن كېلىــپ نەگــە كېتىۋاتىســىلەر؟» دېگــەن ســۇئاللىرىغا باھائەددىــن ۋەلــەد «ئاللاھدىــن كەلــدۇق، ئاللاھقــا كېتىۋاتىمىــز، ئاللاھدىــن باشــقا ھېــچ بىــر كــۈچ ۋە توســالغۇ بىزنــى توســالمايدۇ» دەپ جــاۋاپ بەرگــەن ئىكــەن. كونيــا خەلقــى بــۇ كارۋاننــى شــۇنداق ھەيۋەتلىــك قارشــى ئالغــان. ھەتتــا ســەلچۇقلار دۆلىتىنىڭ ســۇلتانى ئالائىددىــن كەيكۇباتمۇ قارشــى ئېلىشــقا چىققــان ۋە ئوردىغــا تەكلىپ قىلغــان. ئەممــا باھائىددىــن ۋەلــەد «ئــەي ئەركلىــك ســۇلتانى! ياخشــى كۆڭۈللىــرى بىزگــە يەتتــى. پەقــەت ئىمامــلار مەدىرىســگە، شــەيخلەر خانىقاغــا، ئەمىرلــەر ئوردىغــا، ســودىگەرلەر ســارايلارغا، بويتاقــلار بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغــا، غېرىپــلار دەڭلەرگــە ئۇيغۇنــدۇر. رۇخســەت قىلســىڭىز بىــز ئــۆز لايىقىمىــز بولغــان مەدىرىســگە ئورۇنلىشــايلى» دېگــەن. شــۇنىڭ بىلــەن كارۋان كونيادىكــى ئــەڭ چــوڭ مەدىرىســلەردىن بىــرى بولغــان «ئالتــۇن ئاپــا» ناملىــق مەدىرىســگە يەرلەشــكەن ۋە ھېچقانــداق ســوۋغا قوبــۇل قىلمــاي «بىزنىــڭ دۇنيــا مېلىغــا ھاجىتىمىــز يــوق» دەپ، ئــەدەپ بىلــەن ســوۋغىلارنى رەت قىلغــان. مەۋلانــە ئائىلىســىنىڭ بۇ شــەھەرگە كېلىشــىدىن پۈتۈن شــەھەر ئاھالىســى خــوش بولغــان. باھائىددىــن ۋەلــەد كونيادىكــى چــوڭ مەدىرىســلەردە دەرس بەرگــەن. ئۇنىــڭ دەرســخانىلىرى ئىنســانلار بىلــەن لىــق تولــۇپ، نامــى ئەتراپقــا يېيىلىــپ ھۆرمىتــى ئاشــقان. ئەممــا ئارىدىــن ئانچــە ئــۇزۇن ئۆتمــەي 1231-يىلــى بــۇ بۈيــۈك  ئىســلام ئالىمــى ۋاپــات بولغــان. ئاندىــن جالالىدىــن رۇمــى مەرھۇم دادىســىنىڭ ئــەڭ يېقىنــى شــەيخ بۇرخانەتنــى ئۇســتاز قىلغــان. ئــۇ زاتتىــن توققــۇز يىــل ئىلــم ئۆگەنگــەن. كېيىــن مەۋلانــا بــەزى تالىپــلار بىلــەن بىرگــە بىلىمىنــى تېخىمــۇ چوڭقۇرلاشــتۇرۇش مەقســىتىدە ئايالــى ۋە ئىككــى ئوغلىدىــن بىــر مەزگىــل ئايرىلىــپ، باغــدات ۋە شــاملارغا بېرىــپ ئىلىــم ئالغــان. بــۇ جەريانــدا ئــۇ نۇرغــۇن ئالىمــلار، پەلســەپەچىلەر بىلــەن ئۇچراشــقان. ئــەرەپ، پــارس ۋە گرىــك تىللىرىنــى پىششــىق ئىگەللىگــەن. ئەممــا ئاناتولىيــە ۋە بارلىــق ئىســلام ئالىمىــدە ئــۇرۇش ئوتى ھېــچ ئۆچمــەي ئەكســىچە بارغانســىرى كۈچىيىشــكە باشــلاپ، پۈتۈن ئوتتــۇرا شــەرقنى ئۇرۇشــنىڭ دەھشــەتلىك زۇلىمــى قاپلايدۇ.

1243 -يىلــى موڭغۇلــلار ئاناتولىيەنىــڭ ئــەرزۇرۇم، قىرشــەھىر،  قەيســىرى، ســىۋاس قاتارلىــق مۇھىــم شــەھەرلىرىنى ئىگەللــەپ، نۇرغــۇن ئىنســاننىڭ جېنىغــا زامىــن بولــۇپ، شــەھەرلەرنى بــۇلاڭتــالاڭ قىلــدۇ. ئاخىــرى كېلىــپ كونيانــى مۇھاســىرىگە ئالىــدۇ. ســەلچۇقلار ســۇلتانى شــەھەرنى تاشــلاپ قاچىــدۇ. بولغۇلــۇق خەلققــە بولىــدۇ. ئارامىچىلىــق خــۇددى ئەنقــا قۇشــنىڭ تۇخۇمىدەك يــوق بولــدى. تىنچلىــق خــۇددى ســۇمرۇغ قۇشــىدەك كۇھىقاپنىــڭ ئىچىدىــن ۋەتــەن تۇتتــى. خەلقنىــڭ ھالــى ئىنتايىــن پەرىشــان ئىــدى. شــۇ چاغــدا مەۋلانــا ھەزرەتلىرىنىــڭ مەنىۋىي كۈچــى ئالدىدا موڭغــۇل قوماندانــى باجــۇ نويــان كونيانــى ئىشــغال قىلىشــتىن ۋاز كەچتــى. پەقــەت بــاش ۋەزىــر بىلــەن موڭغۇللار ئارىســىدا كېلىشــىم تــۈزۈپ، كونيــا خەلقــى موڭغۇللارغــا ناھايىتــى يۇقىــرى تۆلــەم تۆلىــدى. ئۇنىڭدىــن باشــقا شــۇ چاغــدا موڭغۇلــلار بۇلاڭ-تــالاڭ قىلىــپ ئالغــان بايلىــق ھەددى-ھېساپســىز ئىــدى. پەقــەت ئولجــا  ئالغــان ئالتۇنلارنىــڭ ئۆزىنىــلا 300  تۆگىگــە ئارتىــپ ماڭىــدۇ.

1258-يىللىــرى چىڭگىزخاننىــڭ ئوغلــى ھۇلاگۇخــان 120 مىڭ كىشــىلىك ئەســكىرى كــۈچ بىلــەن باغداتقــا يېقىنــلاپ كېلىــدۇ. ئــۇ دىجلــە دەريــا ياقىســىدا باغداتقــا ھۇجــۇم قىلىشــتىن بــۇرۇن ئابباســىيە خەلىپىلىكىنىــڭ ئەســكىرى كۈچىنــى ســىناش ئۈچــۈن تىڭتىــڭلاپ ياتىــدۇ. ئەممــا خەلىپىدىــن ھېــچ بىــر قارشــىلىق كەلمىگەندىــن كېيىــن دەريادىــن ئۆتــۈپ باغداتغــا ھۇجــۇم قىلىــدۇ. موڭغــۇل لەشــكەرلىرى باغداتنــى ئالغاندىــن كېيىــن ھۇلاگــۇ خەلىپىنىــڭ ئوردىســىدىكى خەزىنىلەرنىــڭ كۆپلىكىنــى كــۆرۈپ ھەيــران قالغــان ۋە خەلىپىنــى ئالدىغــا چاقىرىــپ «ئەگــەر ســەن مۇشــۇ ئالتۇن-كۈمۈشــلىرىڭنى ســاقلاپ ئولتۇرغاننىــڭ ئورنىغــا ئۇنــى خەلققــە خەجلــەپ، ئەســكىرى كۈچــۈڭ ئۈچــۈن ئاجراتقــان بولســاڭ، قــورال ياســاپ ھــەر بىــر پۇقرانىــڭ قولىغــا تۇتقــۇزۇپ ۋەتىنىڭنــى ســاقلىغان بولســاڭ بىــز ھەرگىزمــۇ دەريانىــڭ ئــۇ قاتىدىــن بۇياقىغــا ئۆتەلمىگــەن بولاتتــۇق. ئەمــدى شــۇ جېنىڭدىــن ئەزىــز كــۆرۈپ ســاقلىغان ئالتۇن-كۈمۈشــلەر ســېنى قۇتۇلــدۇرۇپ باقســۇن!» دېگــەن ۋە ئــۈچ كــۈن ئــاچ قويــۇپ خەزىنىدىكــى ئالتۇنلارنــى ئېرىتىــپ ئاغزىغــا قۇيغــان ۋە پۈتــۈن ئائىلىســى بىلــەن قەتلــى قىلىــپ دەرياغــا تاشــلىۋەتكەن. ئــەڭ يامىنــى نەچچــە ئەســىرلەردىن بېــرى ئىســلام ئالىمىنىــڭ ئەقىل-پاراســەت جەۋھەرلىــرى مۇجەسســەملەنگەن كۇتۇپخانىــلار كۆيدۈرۈلــۈپ، كۆيدۈرۈلۈشــتىن ئامــان قالغــان ئاجايىــپ ئىســىل نادىــر جىلــدجىلــد مۇقــەددەس كىتابــلار دىجلــە دەرياســىدا ھــالاك بولغــان. نەتىجىــدە بــەش يــۈز يىگىرمــە ئىككــى يىــل ھۆكۈمرانلىــق قىلغان ئابباســىيە خەلىپىلىكىنىــڭ ســەلتىنىتى ئاخىرلاشــقان. يۇقىرىــدا بايــان ئەيلىگــەن دەۋرنىــڭ سىياســىي، ئىجتىمائىــي ۋەزىيىتــى ۋە ئەتراپىدىكــى پەيلاســوپ، ئالىــم، شــەيخ، ئۆلىمــا ۋە زالىــم ھۆكۈمــدارلار جۈملىدىــن بىــر تەرەپتىــن موڭغــۇل زۇلىمىغــا ئۇچرىغــان، يەنــە بىــر تەرەپتىــن ئەھلىســەلىپ ئۇرۇشــلىرىدىن ۋەيــران بولغــان خەلقنىــڭ ئاھۇزارلىــرى جالالىدىــن رۇمىنىــڭ تەپەككۇرىغــا ئالاھىــدە تەســىر قىلغــان. ئەنــە شــۇ تارىخنىــڭ رىئال قىســمەتلىرى جالالىدىــن رۇمىنــى بىــر دەرۋىــش، بىــر مۇتەپەككــۇر، بىــر شــەيخ، بىــر شــائىر، بىــر ئارىــف، بىــر ئاشــىق قىلىــپ يېتىشــتۈرۈپ چىققــان. ئادەملــەر ھەممــە دەۋردە ئوخشاشــلا غايىــپ پەردىســىدىن ھالقىــپ ئىســتىقبالىنى كۆرۈشــنى، ھازىرغــا قــاراپ كەلگۈســىنى كۆرۈشــنى ئــارزۇ قىلىشــىدۇ. ئەممــا مۇنــداق بىــر قابىلىيــەت ھەممــە ئادەمــدە بولمايــدۇ.

دۇنيانــى قانچىلىــك كــۆپ چۈشــەنگەن ئادەمنىــڭ زىھنــى شــۇنچىلىك ئايدىــڭ بولىــدۇ. جالالىدىــن رۇمــى شــۇ دەۋرلەرنــى تولــۇق ماھىيىتــى بىلــەن چۈشــىنىپ يەتكەنلىكــى ئۈچــۈن بارلىــق ئىنســانلارغا مۇھەببــەت بىلــەن يېقىنلاشــتى. ئۇنىڭدىكــى ســۆيگۈ پۈتــۈن مەۋجۇدىيەتنــى ھەرىكەتلەندۈرگــۈچ كــۈچ ئىــدى. ئــۇ مۇنــداق دەپ قارايتتــى، بارلىــق ئۆســۈملۈكلەر، جانىۋارلارمــۇ سۆيۈشــنى بىلىــدۇ. لېكىــن ئــۇلار يالغــۇز تېنــى، تاشــقى پوســتى بىلەنــلا ســۆيەلەيدۇ. ئەممــا ئىنســانلار تېنــى، ئەقلــى، ئىدراكــى ھــەم خىيــال خاتىرىســى بىلــەن سۆيۈشــكە قادىــر. شــۇنداق بولغانلىقــى ئۈچــۈن ئىنســانلار ھەمــدە بارلىــق تەبىئــەت ئۇلۇغــدۇر دەپ قارايــدۇ. شــۇڭا ئــۇ بارلىــق مەۋجۇدىيەتكە نەپــرەت بىلــەن ئەمەس بەلكــى مۇھەببــەت ۋە ئىشــق بىلــەن قارايتتــى. شــۇڭا ئۇنىــڭ بارلىــق ئەســەرلىرىدە، نەســىھەتلىرىدە ۋە ســۆھبەتلىرىدە ئۇلــۇغ ئاللاھقــا بولغــان ئىشــقىنى ئەكــس ئەتتــۈرۈش بىلــەن بىرگــە يەنــە شــەھەر ئاھالىســىنىڭ تــۆۋەن تەبىقىلىرىنىــڭ فىئوداللىــق تۈزۈمگــە بولغــان نارازىلىقــى ۋە مەناغــا ئەمــەس شــەكىلگە ئەھمىيــەت بېرىدىغــان تاشــتەك قېتىــپ قالغــان دىنىــي ئەقىدىلەرگــە قارشــى كــۆز قاراشــلىرىنى دادىللىــق بىلــەن ئوتتۇرىغــا قويغــان. شــۇ مۇناســىۋەت بىلــەن شــائىر ھايــات چاغلىرىــدا ھــەر خىــل تەقىــپ ۋە ھۇجۇملارغــا ئۇچرىغــان، جاھىــل نــادان مۇتەئەسســىپ كۈچلــەر ئۇنىــڭ ئەســەرلىرىنى دىــن ۋە شــەرىئەتكە زىــت دەپ ئىــلان قىلغــان ئىــدى.  ئەممــا ئۇنىــڭ خەلــق ئىچىدىكــى ئىناۋىتــى ھــەر ۋاقىــت ئۇنــى جىســمانىي ۋە روھىــي جازالاردىــن ســاقلاپ قالغــان. ئۇنىــڭ ئۈچــۈن ھەزرىتــى مەۋلانانىــڭ ئەســەرلىرى بۈگۈنگىچــە خەلقنىــڭ ســۆيۈپ ئوقۇشــىغا مۇيەسســەر بولــۇپ كەلمەكتــە.

مەمبە: «جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۇرى» ناملىق كىتاب

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top