You Are Here: Home » شەرقىي تۈركىستان

شەرقىي تۈركىستان


20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى

بىرىنجى جۇمھۇرىيەت: 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، خوجا نىياز ھاجى جۇمھۇر رەئىسى ۋە سابىت داموللام باش مېنىستىر بولغان.

سابىت داموللام بىرىنجى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسىدۇر.

بۇ جۇمھۇرىيەت تەخمىنەن 3 يىلچە ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، سوۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئاستىرىتتىن ياردەم قىلىشى بىلەن، گومىنداڭنىڭ خىتاي مىللىتارىستى شىڭ شىسەي ۋە تۇڭگان قۇماندان ما جۇڭيىڭ تەرىپىدىن 1937-يىلى يىقىتىلغان. جۇمھۇر رەئىسى خوجا نىياز ھاجى (1941-1889)  ۋە باش مېنىستىر سابىت داموللام (1934-1883) شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

ئىككىنجى جۇمھۇرىيەت: 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجادا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئېلىخان تۆرە جۇمھۇر رەئىسى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى باش مېنىستىر بولغان.

ئېلىخان تۆرە ئىككىنجى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسىدۇر.

بۇ جۇمھۇرىيەت تەخمىنەن 5 يىلچە ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، سوۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئاستىرىتتىن ياردەم قىلىشى بىلەن، كومىنىست ماۋ زىدۇڭ قۇرغان خىتاي كومىنىست دۆلىتى تەرىپىدىن 1949-يىلى ئىشخال قىلىنغان. باش مېنىستىر ئەخمەتجان قاسىمى (1949-1914) سىتالىن تەرىپىدىن 1949-يىلى موسكوۋادا ئۆلتۈرۈلگەن. جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرە (1976-1885) سوۋىتلەر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە نەزەربەنت ئاستىدا ياشاپ، ئۆز ئەجىلى بىلەن 1976-يىلى تاشكەنتتە ۋاپات بولغان.


شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىدە بىرلىككە كېلىشكە تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار ھەققىدە مەخسۇس تەييارلانغان تەپسىلىي دوكىلاتنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرەلەيسىز:

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىدە بىرلىككە كېلىشكە تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار


20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە ئاساسىي ساۋاتلار

1. شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى


2. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆلچەملىك ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە رەڭ كودى

شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ ئۆلچەملىك رەڭ كودى: 65B7FF#

Corel Draw رەڭ كودى: R:101, G:183, B:255, C:58, M:21, Y:0, K:0

ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ مەنىسى: شەرقىي تۈركىستان بايرىقىدىكى ئاي – ئىسلامىيەتكە، يۇلتۇز – شۇ تۇپراقنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا سىمىۋۇل قىلىنغان بولسا، كۆك رەڭ تارىختىن بېرى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك قەۋىملىرى تەرىپىدىن ئۇلۇغلاپ كېلىۋاتقان رەڭ بولۇپ، ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىققە سىمۋۇل قىلىنغان.

ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ مۇقەددەسلىكى: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا لەپىلدىتىش ۋە شەرقىي تۈركىستان زىمىنىنىڭ ھەر يېرىگە تىكلەش ئۈچۈن نەچچە مىليۇنلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قان ئاققۇزۇپ ۋەتەن ئۈچۈن شېھىد بولدى. شۇڭا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇقەددەستۇر.

نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆز بايرىقىنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى سەۋەبلىك بايراققا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارنى تۈزگەن ۋە دۆلەت بايرىقىنى خارلاپ دەسسىگەن، ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرغان، يىرىتقان ياكى كۆيدۈرگەنلەرنى ئېغىر جازاغا تارتقان.

شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ مۇقەددەس ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنى كۆزىمىزنىڭ قارچۇقىدەك ئاسرىشىمىز، ئۈستىگە قالايمىقان خەت يازماسلىقىمىز ۋە ھەمدە ھىچ بىر تەشكىلات ئىسمىنى يازماسلىقىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى پائالىيەتلەردە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز بىلەن بىرگە چوقۇم ئۆزىگە خاس تەشكىلات لوگولىرىنى ئىشلىتىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ بايراقنى تەشكىلاتنىڭ لوگوسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇ بىر ئەقەللى ساۋات.


3. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆلچەملىك دۆلەت گىرىبى:

شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گىرىبىنىڭ مەنىسى: ئاي ۋە ئوتتۇرىدىكى ھۆسىن خەت شەكلىدە يېزىلغان ئەرەپچە «بىسمىللاھ» – شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىتىقادى بولغان ئىسلامىيەتكە، ئۈست تەرىپىدىكى ئۈچ يۇلتۇز-تارىختا قۇرۇلغان كۆك تۈرك، ئۇيغۇر ۋە قاراخانىلار دۆلىتىگە، ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلانغان 18 نوقتا–تارىختىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ياشاپ ئۆتكەن 18 تۈرك قەۋىملىرىنىڭ مىللىي بىرلىكىگە سىمىۋۇل قىلىنغان دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گىرىبىدە دۆلەت، مىللەت ۋە ئىتىقاد بىر گەۋدىلەشكەن شەكىلدە ناھايىتى رۆشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.


4. شەرقىي تۈركىستان «مىللىي مارشى» نىڭ سېلىشتۇرۇلۇپ رەتلەنگەن نۇسخىسى

(مۇراسىملاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان شەرقىي تۈركىستان «مىللىي مارشى» قىسقا نۇسخىسى 1- ۋە 3- كوپىلىتلەر)



5. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلىدىكى يەر مەيدانى: تەخمىنەن 1.828.418 كۇۋادرات كىلومېتىر

سىۋىن ھىدىننىڭ 1927-يىلىدىن 1935-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئېكىسپىدىيە تەكشۈرۈشى جەريانىدا يازغان «ما جۇڭ يىڭنىڭ قېچىشى» ناملىق كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى» دە بېرىلگەن 1:7 مىل نىسبىتىدىكى ماسىشتاپ بويىچە ھېساپلىغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1935-يىلىدىكى مەۋجۇت يەر مەيدانى تەخمىنەن 1,828,680 كۇۋادىرات كېلومىتىر[1] ئىكەنلىكى ئىنىقلاندى. بۇ سانلىق مەلۇمات، يىللاردىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ 1949–يىلىدىن بۇرۇنقى بىر قىسىم چەتئەل مەتبۇئاتلىرى تەمىنلىگەن مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 1.828.418 كۇۋادرات كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنىڭ دەلىل – ئىسپاتى بولالايدۇ.


6. «ئۇيغۇر» ۋە «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇر لاتىن كومپىيوتېر يېزىقىدىكى يېزىلىشى

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، مىللەت ۋە تىل نامىمىز بولغان مۇبارەك «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا رەسمى ھۆججەتلەردە ۋە تۈرلۈك تاراتقۇلاردا Uigur, Uiguir, Uighuir, Uighur, Uygur, Uyghur ۋ Weiwuer دېگەندەك ھەر خىل يېزىلىپ ئىشلىتىلمەكتە.

«ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنىڭ ئىنگلىزچە ئىملاسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار، چەتئەللىك تىلشۇناسلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار ئارىسىدا كۆپ قېتىم كەسكىن مۇنازىرە قىلىش نەتىجىسىدە، ئەڭ ئاخىرقى تاللاشتا «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسى يەنىلا «Uyghur» غا مەركەزلىشىپ، 2006–يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ۋەتەن ئىچىدە ئومۇملاشقان ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ كەڭ قوللىنىشقا باشلىغان.

جۇغراپىيەلىك نام ۋە تارىخى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسمى بولغان «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشى ۋەتەن سىرتىدا رەسمى ھۆججەتلەردە ۋە تۈرلۈك تاراتقۇلاردا Eastern Turkistan, East Turkestan, East Turkistan ۋە Eastern  Turkestan دېگەندەك ھەر خىل شەكىلدە يېزىلىپ ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە.

«شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنىڭ ئىنگلىزچە ئىملاسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلار ۋە تىلشۇناسلار ئارىسىدىمۇ كۆپ قېتىم تالاش – تارتىش بولغان. نەتىجىدە، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك قەۋىملىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى «East Turkistan» غا مەركەزلىشىپ ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلاردا ئومۇملىشىشقا باشلىغان. تۈركمەنىستان Turkmenistan، تاجىكىستان Tajikistan ۋە پاكىستان Pakistan ئىبارىلىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىمۇ estan ئەمەس، بەلكى istan شەكلىدە ئېلىنغان.


7. ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇس سانى»

ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە تارىخىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسلىق ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسىنى ھەر دائىم ئاز كۆرسىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىى قىياسقا تايانغان نوپۇس مەلۇماتلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىم بولۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، 2013-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى 255 ئۇيغۇر پىدائىنىڭ 3 يىللىق مەخپى ئىزدىنىشى ۋە جاپالىق تېرىشچانلىقى نەتىجىسىدە «ياشلار ئاۋازى تورى» [2] دا ئىلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى 2013-يىلىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى  18,838,470 (ئون سەككىز مىلىيون سەككىز يۈز ئوتتۇز سەككىز مىڭ تۆت يۈز يەتمىش) دىگەن نۇپۇس ئىستاتىستىكىسىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ، ئارىدىكى 5 يىللىق ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشىنى ۋە نوپۇسقا ئېلىنمىغان ئۇيغۇرلارنى نەزەردە تۇتۇپ، 2018-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئۇيغۇر نۇپۇسىنى تەخمىنەن 20 مىلىيۇن» دەپ بېكىتىشنى قارار قىلدى.

2015-يىلى خىتاي نۇپۇس ئىستاتىستىكىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسىنى 11,303,300 (ئون بىر مىلىيون ئۈچ يۈز ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈز) دەپ ئاز كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ۋە خىتايدىن باشقا 12 يەرلىك مىللەتنىڭ نۇپۇسىنى تەخمىنەن 3,160,400  دەپ ئىلان قىلغان[3].

2015-يىلى خىتاي نۇپۇس ئىستاتىستىكىسىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش 5 تۈرك قەۋىمىنىڭ جەمىئىي نوپۇسى تەخمىنەن 1,824,500 (بىر مىلىيۇن سەككىز يۈز يىگىرمە تۆت مىڭ بەش يۈز):

  • قازاق نۇپۇسى 1,591,200 (بىر مىلىيۇن بەش يۈز توقسان بىر مىڭ ئىككى يۈز)

  • قىرغىز نۇپۇسى 202,200 (ئىككى يۈز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز)

  • ئۆزبەكلەرنىڭ سانى 18,700 (ئون سەككىز مىڭ يەتتە يۈز)

  • سالارلارنىڭ سانى 7300 (يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز)

  • تاتارلارنىڭ سانى 5100 (بەش مىڭ بىر يۈز)

شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا 7 يەرلىك مىللەتنىڭ نۇپۇسى تەخمىنەن 1,335,900 (بىر مىلىيۇن ئۈچ يۈز ئوتۇز بەش مىڭ توققۇز يۈز):

  • تۇڭگان نۇپۇسى 1,015,800 (بىر مىلىيۇن ئون بەش مىڭ سەككىز يۈز)

  • مۇڭغۇل نۇپۇسى 180,600 (يۈز سەكسەن مىڭ ئالتە يۈز)

  • تاجىكلارنىڭ نۇپۇسى 50,100 (ئەللىك مىڭ يۈز)

  • شىبەلەرنىڭ نۇپۇسىنى 43,200 (قىرىق ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز)

  • مانجۇلارنىڭ سانى 27,500 (يىگىرمە يەتتە مىڭ بەش يۈز)

  • رۇسلارنىڭ سانى 11,800 (ئون بىر مىڭ سەككىز يۈز)

  • داغۇرلارنىڭ سانى 6,900 (ئالتە مىڭ توققۇز يۈز)

ۋەتەن ئىچىدىكى تەخمىنەن 20 مىلىيۇن ئۇيغۇردىن باشقا، يۇقارىقى خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ھېساپلىغاندا يەرلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇسى تەخمىنەن 3,160,400 (ئۈچ مىلىيۇن يۈز ئاتمىش مىڭ تۆت يۈز) بولۇپ چىققان. ئەمما خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نۇپۇسىنىمۇ ئاز كۆرستىۋاتقان بولۇشى ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋەتەندە ئۇيغۇردىن باشقا 12 شەرقىي تۈركىستان مىللىتىنىڭ نۇپۇسىنى تەخمىنەن 4 مىليۇن دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار كېڭىشىدىكى تەتقىقاتچىلار ئىزدىنىش نەتىجىسىدە، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ تەخمىنەن 20 مىلىيۇن ۋە ئۇيغۇرلاردىن باشقا 12 يەرلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىتىنىڭ نۇپۇسىنى  خىتاي ئاز كۆرسەتتى دىگەندىمۇ، تەخمىنەن 4 مىلىيۇن دېيىشكە بولىدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلدى. شۇنداق بولغاندا، ۋەتەن ئىچىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇسىنى تەخمىنەن 24 مىلىيۇن دەپ ئېلىشقا بولىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى.

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇسى مەسىلىسىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولغان، ئۇيغۇرلارغا ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان ھەر دۆلەتتىن ئەڭ ئاز ئۈچ ئۇيغۇر زىيالىي ۋە تەتقىقاتچىدىن مەلۇمات ئېلىش نەتىجىسىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نۇپۇسىنىڭ تەخمىنەن 350,805 (سەككىز يۈز بەش مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىك) ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.[4]

بىز تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالمىغان ۋە ئادەتتە ئۇيغۇرلارغا ئارلاشمايدىغان مۇھاجىرەتتە يەنە 200 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار دېيىلگەندە، مۇھاجىرەتتە تەخمىنەن بىر مىليۇن شەرقىي تۈركىستانلىق بار دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت مۇستەقىل نۇپۇس ئىستاتىستىكا ئورگىنىمىز بولمىغاچقا، ھازىرچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ۋەكىللىك ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى «پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇسىنى تەخمىنەن 25 مىلىيۇن» دەپ بېكىتىشنى قارار قىلدى. بۇ سانلىق مەلۇمات يۈزدە يۈز توغرا بولۇشى ناتايىن، ئەمما ھىچ بولمىغاندا مەلۇم بىر مەنبەگە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلىنى بۇ شەكىلدە ھەل قىلىش ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1] سىىۋېن ھېدىن (Sven Hedin) ، 1935-يىلى، «ما جۇڭ يىڭنىڭ قېچىشى»، ئاخىرقى بەت، ئالبېرت بوننىرس نەشىرىياتى، سىتوكھولىم (Albert Bonniers, Stockholm)

[2] 2013 ئۇيغۇر نۇپۇسى، «ياشلار ئاۋازى تورى» http://yashlarawazi.com/2013/10/11/%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1-%D9%86%D9%88%D9%BE%DB%87%D8%B3%D9%89-2013/ 【ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تورىدا (https://www.akademiye.org/ug/?p=3509) ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2013-يىلى 13-ئۆكتەبىر】

[3] ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇپۇس ئىستاتىكىسى (خىتايچە) «سوخۇ تورى» http://www.sohu.com/a/209303440_810287 (ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2018-يىلى 12-ئىيۇن)

[4] دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن، دوكتور مەمتىمىن ئەلا، دولقۇن ئەيسا، سىراجىدىن ئەزىزى، دوكتور مەمەت ئېمىن، ئۆمەر قانات، رۇقىيە تۇردۇش، ئابدۇغېنى سابىت، دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا، پروفېسسور سەيفۇللاھ ئابدۇللايېۋ، قاسىم ئازات ۋە ئۆمەر ئۇيغۇر قاتارلىق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىيلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى ھەققىدە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلىرى نەزەردە تۇتۇلدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top