You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئاقسۇلۇقلارنىڭ ئالاھىدىلىگى

ئاقسۇلۇقلارنىڭ ئالاھىدىلىگى

مىزاجى: كېلىماتنىڭ نىسبەتەن مۆتىدىل ۋە نەملىكى، مىۋە-چىۋە ئىستىمالىنىڭ كۆپلىكى جەھەتتىن ئومۇمەن كىشىلەرنىڭ مىزاجىنى ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇق، ھۆل ئىسسىق، قۇرۇق ئىسسىق، دىگەن تەرتىپ بويىچە تىزىشقا بولىدۇ.

خىلىتى: ئاقسۇ كىشىلىرىنىڭ خىلىت ئېتىبارىدىن بەلغەم، سەۋدا، قان، سەپرا خىلىتلىق كىشىلەر دەپ بۆلۈش مۇمكىن، ئومۇمەن ئۇلارنىڭ تەن ساپاسى ، ھەركەت ئالاھىدىلىگى، پىسخىك سۈپىتىمۇ ئۈشبۇ يەكۈننى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.

چىراي شەكلى: ئاقپىشماق، سەل-پەل بۇغداي ئۆڭ، بېشى يۇمىلاق، يۈزى كەڭ گۈشلۈك، چاچلىرى قارا ۋە دولقۇنلۇق، قوي كۆز، يۇقىرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ، ساقال-بۇرۇتلىرى ئوتتۇرا ھال، بۇرنى كەڭرەك ۋە تۈز، پېشانىسى كەڭ بولىدۇ، كىشىلىرى ئوتتۇرا بوي كىلىدۇ، خام سېمىز كىشىلەر مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
مىڭىش-تۇرۇشى: ئالدىرىماي ئۆز خىيالىدا ماڭىدۇ، كۆرۈشكەندە مۇلايىملىق ۋە ئۆزرە بىلەن كۆرۈشىدۇ.
كىيىنىشى: ئاددى-ساددا پاكىز كىيىنىدۇ، دوپپا ۋە بۆكنى ئەتىۋارلايدۇ، ئاياللىرى ئۇزۇن ۋە زەر تۇتقان گۈللۈك رەخىتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.

يېمەك-ئىچمىكى: ئاقسۇنىڭ كۆپىنچە رايونلىرىدا بۇغداي، شال تېرىلىدۇ ، مىۋە -چىۋىلەردىن ئۈزۈم ، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئانار، خورما، ئالما، قوغۇن، تاۋۇز، ئاق ئۈجمەقاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ، كۈكتاتلاردىن سەۋزە، ياڭيۇ، چامغۇر، كەرەپشە، يېسىۋىلەك قاتارلىقلار يىتىشتۈرىلىدۇ، مېۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىش ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ موھىم يېمەك-ئىچمەك مەنبەلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلانغان.

قىممەت قارىشى: ئاقسۇنىڭ سۈيى ئەلۋەك، مېۋە-چىۋىسى مول بولۇپ ، كىشىلىرى ئاددىي-ساددا، تۈز، كەلمتەر، شۈكرىچان كىلىدۇ، دېھقانچىلىق قىلىدىغانلار نىسبەتەن كۆپ، ئادەتتە باغۋەنچىلىك، تېرىم ئىشلىرىغا ماھېر كىلىدۇ، كۆڭۆلچەك، تۈز، خالىس تەرەپلىرى كۆپ، جىددى ئەمەس، لىكىن باشقا يۇرتقا بېرىپ ئوقۇغان ۋە تۇرۇپ قالغان كىشىلىرى تىرىشچان، كۈچلۈك بولۇپ يىتىشىدۇ، ئەدەبىيات-سەنئەتكە ھېرىس، مېھماندۇست، ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ باشقا تۈرلىرىدە ئۆچمەس ئىزلارنى يارىتىپ ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللى پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.

كۈندىلىك موھىم پائالىيىتى: دېھقانچىلىق، سودا -سىتىق، ھۈنەرۋەنلىك ۋە باشقا پائالىيەتلەر.

ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى: ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىدا پىسخىك توسالغۇ كۆپرەك ئۇچرايدۇ، ئۆپكە، يۈرەك، قو-پۇت ھەمدە تېرە كىسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ.
تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى: ھەر بىر سوئاللىق ئاياقلاشقان پېئىلنىڭ ئاخىرىغا «يا» قوشۇلىدۇ، بېرىپ، قىلىپ، ئېيتىپ …..قاتارلىق سۆزلەردە چۇقۇم «ي» ھەرپى پېئىلىنىڭ ئاخىرقى ھەرپىنىڭ ئالدىغا «يىرىم ھەرپ» شەكلىدە قوشۇلىدۇ، مەسىلەن: قىيلىپ (قىلىپ) قاتارلىقلار، بىر-بىرىنى سىلى، ئۆزلىرى دەپ ئاتىشىدۇ.

كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى: قارى، بارسىلا (بېرىشسىلا)، كەتكىيلا (كىتىۋەرسىلا)…قاتارلىقلار.
مەنبە: ئەينەك

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top