You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » 21-ئەسىردە سۈنئىي ئەقىل ۋە خىزمەت

21-ئەسىردە سۈنئىي ئەقىل ۋە خىزمەت

يۇۋال ھەرىرى

تەرجىمان: ئادىلجان

2050-يىلى كەسىپ، ئىش ۋە خىزمەت بازىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ياكى نېمىگە ئوخشاپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئازراقمۇ پىكرىمىز يوق. ماشىنا ئادەم تېخنولوگىيەسىنىڭ قېتىق ئۇيۇتۇشتىن يوگا تەلىمىگىچە بولغان بارلىق ئىش ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئورتاق قاراش بار، لېكىن بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، 10، 20 يىل ئىچىدىلا مىلياردلارچە ئىنسان دۇنيا ئىقتىسادىي سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئىشسىز قېلىپ كارغا كەلمەس بولۇپ قالىدىكەن. يەنە بەزىلەر ئاپتوماتلىشىشنىڭ يېڭى كەسىپ ۋە ئىش يارىتىدىغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تېخىمۇ ئۆسىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇنداقتا بىز غايەت زور بىر بۇرۇلۇشنىڭ گىرۋىكىدە تۇرۇۋاتىمىزمۇ ياكى بۇ خىلدىكى تەخمىنلەر ئاساسسىز نەرسىلەرگە تايانغان لۇددىتې ھەرىكىتىگە ئوخشاش ھاياجانلارغا ئۆرنەكمۇ؟ بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىش قىيىن. ئاپتوماتلىشىشنىڭ كوللېكتىپ ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن پەيدا بولغان ئەندىشىلەر 19-ئەسىردىلا بار ئىدى، ھازىرغىچە بۇ ئەندىشىلەر رېئاللىققا ئايلانمىدى، سانائەت ئىنقىلابىنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن ماشىنىلارغا تارتقۇزۇپ قويۇلغان ھەر ئىش تۈرىنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر ئىش تۈرى دەسسىدى ياكى ئىجاد قىلىندى، نەتىجىدە ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى. بىراق بۇ نۆۋەت ئەھۋال بۇرۇنقىدىن تامامەن پەرقلىق بولۇپ، ئاپتوماتلىشىش ۋە ماشىنا ئۆگىنىش ئويۇن قائىدىلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان قۇدرەتكە ئىگە، ھازىردىن باشلاپ بۇنىڭ ئالامەتلىرىگە شاھىت بولۇۋاتىمىز.

ئىنسانلار ھەم جىسمانىي ھەم زېھنىي بولۇپ ئىككى خىل قابىلىيەتكە ئىگە. ئۆتمۈشتە ماشىنىلار كۆپ چاغلاردا بىۋاسىتە جىسمانىي قابىلىيەتلەر ساھەسىدە ئىنسانلار بىلەن رىقابەتلىشەلەيتتى، ئىنسانلار زېھنىي جەھەتتىن ماشىنىلاردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى. يېزا-ئىگىلىك ۋە سانائەتتە قول كۈچى بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ ئاپتوماتلىشىش مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشى بىلەن، يېڭى كەسىپ، ئىش ۋە خىزمەت تۈرلىرى بارلىققا كەلدى، بۇلار ئىنسانلارنىڭ زېھنىي قابىلىيىتىنى تەقەززا قىلاتتى، بۇلار ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، ئالاقە ئورنىتىش ۋە ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ئىنسان ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بىراق سۈنئىي ئەقىل بۇ زېھنىي قابىلىيەتلەر ۋە ئىنسان ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىش بولۇپ نۇرغۇن ساھەدە ئىنسانلاردىن ئېشىپ كېتەلەيدىغان سەۋىيەگە كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ. جىسمانىي ۋە زېھنىي قابىلىيەتتىن باشقا ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشتا ئىشقا يارايدىغان ئۈچىنچى بىر پائالىيەت قابىلىيىتىنىڭ بارلىقىدىن ھازىرچە خەۋىرىمىز يوق.

سۈنئىي ئەقىل ئىنقىلابىنىڭ نوقۇل كومپيۇتېرلارنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېخىمۇ تېز ۋە ئەقىللىك ھالەتكە كېلىشىدىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئىنقىلاب تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەردىكى ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىياتلاردىنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ. ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى، ئارزۇلىرى ۋە خاھىشلىرىغا زېمىن تەييارلاپ بېرىدىغان بىيوخىمىيەلىك مېخانىزملارنى قانچە ياخشى چۈشەنسەك، كومپيۇتېرلارنىڭمۇ ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئانالىز قىلىش، ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ۋە خاھىشلىرىنى ئالدىن بىلىش، شۇنداقلا شوپۇرلار، بانكىرلار ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەيدىغانلىقىنى ئاسان قوبۇل قىلىمىز.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى نېرۋا ئىلمى ۋە ھەرىكەتسىمان ئىقتىساد ئىلمىغا ئوخشاش ساھەلەردىكى تەتقىقاتلار، ئالىملارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش سىستېمىسىنى چۈشىنىش، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ قانداق تاللاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىدراك قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. نېمە يەپ نېمە ئىچىش، كىم بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشقىچە بولغان نۇرغۇن ئىشلاردا بەرگەن قارارلىرىمىزنىڭ قانداقتۇر سىرلىق ئەركىن ئىرادە تۈرتكىسىدە ئەمەس بارلىق ئېھتىماللىقلارنى بىرلا ۋاقىتتا ھېسابلاپ چىقىدىغان مىلياردلارچە نېرۋىغا باغلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. بىز كۆككە كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان «ئىنسانىي ھېس-تۇيغۇلار» ئاساسەن «قېلىپلارنى تونۇش» قابىلىيىتىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەسلىكى تەكىتلەندى. ئۇستا شوپۇرلار، بانكىرلار ۋە ئادۋوكاتلار قاتناش، مەبلەغ ۋە مۇرەسسە قاتارلىق ئىشلاردا سىرلىق ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن ھەرىكەت قىلمايدۇ، بەلكى تەكرارلانغان قېلىپلارنى ئىدراك قىلىپ پەرۋاسىز ۋە بىخۇد پىيادىلەرنىڭ، نامۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن قەرز تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ۋە يالغانچى ئوغرىلارنى دەرھال تونۇپ بۇلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئىنسان مېڭىسىنىڭ بىيوخىمىيەلىك ئالگورىتمىلىرىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى، بۇلار تۇرمۇش رىتىمى تېز ۋە بېسىم ئېغىر شەھەرلەرگە ئەمەس، ئافرىقىدىكى ئاددىي سەھرالارغا ماس كېلىدىغان ئاددىي نەرسىلەرگە مايىل بولغان بۇزۇق ئايلانمىلاردىن ئىبارەت ئىدى. شۇڭا ئۇستا شوپۇرلارنىڭ، ئۆتكۈر بانكىچىلارنىڭ ۋە سۆزمەن ئادۋوكاتلارنىڭمۇ بەزىدە خاتالىق سادىر قىلىشىغا ھەيران قالماسلىق كېرەك.

بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ: سۈنئىي ئەقىل «ئاڭ-سېزىم» تەقەززا قىلىدىغان ئىشلاردىمۇ ئىنسانلاردىن ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان رىقابىتىنى سىرلىق ئاڭ سىزىملارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ ئاڭلاپ قالسىڭىز ئۆز قۇلىقىڭىزغا ئىشەنمەي قېلىشىڭىز تۇرغانلا گەپ. بىراق سۈنئىي ئەقىل نېرۋا توقۇلمىلىرى بىلەن ئېھتىماللىق ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە قېلىپلارنى تونۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەيگىگە چۈشسە بۇلارغا بەكلا ھەيران قالمىسڭىزمۇ بولىدۇ.

سۈنئىي ئەقىل ئۆزگە ئىنسانلار ھەققىدە ھېس-تۇيغۇ تەقەززا قىلىدىغان ئىشلارغا بەكرەك ماھىر كېلىشى مۇمكىن. پىيادىلەر كېزىپ يۈرىدىغان بىر ئاۋات كوچىدا ماشىنا ھەيدەش، چەت ئەللىكلەرگە قەرز پۇل بېرىش ۋە سودا توختامنامىسى تۈزۈشكە ئوخشاش نۇرغۇن ئىش ساھەسى باشقا ئىنسانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇ ۋە ئارزۇلىرىنى توغرا مۆلچەرلەشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇ بالا چوڭ يولغا چىقىۋالامدۇ؟ ئۇدۇلۇمدىكى كاستۇم كىيىۋالغان ئادەم پۇلۇمنى ئوغرىلاپ تىكىۋېتەمدۇ؟ بۇ ئادۋوكات راست تەھدىت سېلىۋاتامدۇ ياكى قورقۇتۇپ قويۇۋاتامدۇ؟بۇنىڭغا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇ ۋە ئويلارغا ماددىي بولماستەك ئالاھىدىلىككە ئىگە روھنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئويلىغان ۋاقتىڭىزدا كومپيۇتېرلارنىڭ شوپۇرلار، بانكىچىلار ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەيدىغانلىقى كاللىڭىزغا كېلىپمۇ قويمايدۇ. ئەگەر بۇ ھېس-تۇيغۇ ۋە ئارزۇلار بىيوخىمىيەلىك ئالگورىتمالاردىن ئىبارەت بولسا كومپيۇتېرلارنىڭ بۇ ئالگورىتمىلارنى ئىنقىلاب چىقالماسلىقى ۋە بۇنى ھەر قانداق بىر ئىنسانغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى قىلالماسلىقىغا ھېچقانداق سەۋەب يوق.

پىيادە ماڭغان كىشىنىڭ نىيىتىنى ئالدىن بىلىۋالغان بىر شوپۇر، قەرز تەلەپ قىلغۇچىنىڭ قەرز تەلىپىنى تەستىقلىغان بىر بانكىر ۋە مۇرەسسە قىلىش شارائىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بىر ئادۋوكات ھەرگىزمۇ سېھىرگەرلىكىگە مۇراجىئەت قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىمۇ ھېس قىلماستىن مېڭىلىرى چىراي ئىپادىلىرى، تاۋۇش دەرىجىسى، قول ئىشارەتلىرى ۋە بەدەن ھىدلىرى قاتارلىقلارنى ئانالىز قىلىپ كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىيوخىمىيەلىك قېلىپلارنى تونۇۋالىدۇ. مۇۋاپىق ۋە توغرا ئاگاھلاندۇرغۇچىلار ئورنىتىلغان بىر سۈنئىي ئەقىل بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئىنسانغا قارىغاندا تېخىمۇ توغرا ۋە ئىشەنچلىك تەرىقىدە بىر تەرەپ قىلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ئىشتىن ئايرىلىپ قېلىش خەتىرىنىڭ يېگانە سەۋەبى قانداقتۇر ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئەمەس. بۇ خەتەر ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەسىنىڭ بىيوتېخنولوگىيە بىلەن كېسىشىشىدىن پەيدا بولىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىرلىشىپ كېتىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. « FMRI»تاراتقۇلىرىدىن ئىش،كەسىپ ۋە مۇلازىمەت ساھەلىرىگىچە تۇتىشىدىغان يول تولىمۇ ئۇزۇن ۋە ئەگرى-توقاي بولسىمۇ، بۇ يولنىڭ ئالدىمىزدىكى 50 يىل ئىچىدە تولۇق بېسىلىپ بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. مېڭە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىملارنىڭ ئامىگدالا ۋە مېڭەچاق توغرىسىدا ھازىر بىلىدىغانلىرى، بەلكىم 2050-يىلىغا كەلگەندە كومپيۇتېرلارنىڭ پىسخولوگلار ۋە كېچىلىك كۇلۇبنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش خادىملىرىدىن ئېشىپ كېتىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش ئېھتىماللىقى خېلى بار.

سۈنئىي ئەقىل پەقەت ئىنسانلارنى خاككېرلاپ ھازىرغىچە ئىنسانلارغا خاس بولغان قابىلىيەتلەردە ئۇلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ماھارەتلەرنى كۆرسىتىشكە قابىل بولۇش بىلەن بىرگە، غەيرى ئىنسانىي نەرسىلەرگىمۇ خاس بولغان ماھارەتلەرگە ئىگە. بۇ سەۋەبتىن سۈنئىي ئەقىل بىلەن نورمال ئىشچى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق نوقۇل سەۋىيە جەھەتتىنلا بولماستىن سۈپەت جەھەتتىمۇ بار. سۈنئىي ئەقىل ئىگە بولغان غەيرى ئىنسانىي ماھارەتلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى يېڭىلىنىپ تۇرۇش ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرۇش ئالاھىدىلىكىدۇر. بىراق ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە تولۇق باغلاش ۋە يېڭىلاپ تۇرۇش تولىمۇ زور بىر ئىش. ئەكسىچە كومپيۇتېرلارنى بىرلا تور سىستېمىسىغا باغلاپ يېڭىلاپ تۇرۇش تەس ئەمەس. شۇڭلاشقا بۇ يەردە بولۇۋاتقان گەپ مىليونلارچە ئىشچىنىڭ ئورنىغا مىليونلارچە ماشىنا ئادەم ۋە كومپيۇتېرلارنىڭ دەسسىشى ئەمەس، مىليونلارچە ئىشچىنىڭ ئورنىنى بىر پۈتۈنلەشكەن تور سىستېمىسى بىلەن تولدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ سەۋەبتىن ئاپتوماتلىشىشنى ئانالىز قىلغاندا بىرلا شوپۇرنى بىرلا ئاپتوماتىك ماشىنا بىلەن ياكى بىرلا دوختۇرنى بىرلا سۈنئىي ئەقىلنىڭ مەھسۇلاتى بولغان دوختۇر بىلەن سېلىشتۇرۇش توغرا ئەمەس. بۇ يەردە بىر گۇرۇپپا ئىنساننىڭ قابلىيەتلىرىنى بىر پۈتۈنلەشكەن تور سىستېمىسىنىڭ قابىلىيەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.

مەسىلەن، نۇرغۇن ماشىنا ھەيدىگۈچى يېڭى تۈزۈلگەن قاتناش قائىدىلىرىدىن خەۋىرى يوق بولغانلىقتىن داۋاملىق قاتناش قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇرىدۇ. ئىككى ماشىنا بىر دوقمۇشقا ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يېقىنلاشقاندا، ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر بىر-بىرىنىڭ نىيىتى ۋە ئويىنى بىلىپ بولالماسلىقى سەۋەبىدىن ئۈسۈشۈپ سېلىشى مۇمكىن. ئاپتوماتىك ماشىنىلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە باغلانغان بولىدۇ، بۇ خىلدىكى ئىككى ماشىنا ئوخشاش بىر دوقمۇشقا يېقىنلاشقاندا بىر-بىرىگە ئۈسۈشۈپ كەتمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى ماشىنا بىر-بىرىگە يات ئىككى ئادەمنىڭ ئەمەس ئوخشاش بىر ئالگورىتمانىڭ پارچىلىرىدۇر. قاتناش ئىدارىسى بىر قاتار قاتناش قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلسا، ئاپتوماتىك ماشىنىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سىستېمىسى بىرلا ۋاقىتتا يېڭىلىنىدۇ، سىستېمىدا چاتاقلا چىقمىسا بارلىق ئاپتوماتىك ماشىنىلار يېڭى قاتناش قائىدىلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشاش، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن يېڭىدىن بايقالغان بىر كېسەللىك ياكى بىر تەجرىبىخانىدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى بىر دورىغا ئوخشاش يېڭى ئۆزگىرىشلەردىن پۈتكۈل دۇنيادىكى دوختۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا خەۋىرى بولۇشى ناتايىن، دوختۇرلار بىرلا ۋاقىتتا بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا ئېرىشىپ بولمايدۇ. لېكىن دۇنيا مىقياسىدا بىر ئىنساننىڭ بولسىمۇ سالامەتلىكى كۆزىتىپ تۇرىدىغان سۈنئىي ئەقىلنىڭ مەھسۇلاتى بولغان دوختۇرلارنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا دەرھال خەۋىرى بولىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر كۇنۇپكا بىلەنلا بارلىق دوختۇرلارنىڭ ئۇچۇر-مەلۇماتلىرى يېڭىلىنىدۇ. بىز بۇرۇنمۇ دەپ ئۆتكەندەك، سۈنئىي ئەقىل تور سىستېمىلىرىنىڭ يېڭىلىنىش ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىشتەك ئالاھىدىلىكى شۇنچىلىك جىق قولايلىق يارىتىپ نۇرغۇن مەسىلىسىنى تېزلا سۈرئەتتە ھەل قىلالايدۇ، بەزى ئىنسانلار شەخسىي ئۆز ئالدىغا ئاپتوماتىك ماشىنىلارغا قارىغاندا يەنىلا نۇرغۇن قىيىن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا بەزى ساھەلەردە بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئورنىغا كومپيۇتېرلارنى دەسسىتىش ئەقىلگە بەكرەك مۇۋاپىق.

ئىنسانلار ئۆزلىرى قىلىدىغان ئىشلارنى كومپيۇتېر تور سىستېمىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تەقدىردە، ئىنسانغا خاس بەزى ئالاھىدىلىكىمىز، ئەۋزەللىكلىرىمىز ۋە ئارتۇقچىلىقىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ قېلىشىمىز تەبىئىي ئەھۋال. مەسىلەن، بىر دوختۇر بىر كېسەلگە خاتا دىياگنوز قويۇپ قويسا دۇنيادىكى باشقا بىمارلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولمايدۇ، شۇنداقلا يېڭى دورىلارنىڭ ياسىلىشىغا دەخلى قىلمايدۇ. سۈنئىي ئەقىلنىڭ مەھسۇلاتى بولغان دوختۇرلار بىر سىستېمىغا باغلىق بولغانلىقتىن، بۇ سىستېمىدىن چاتاقلا چىقسا زور پالاكەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. لېكىن بىر پۈتۈنلەشكەن كومپيۇتېر سىستېمىسى ھەر قانداق شارائىتقا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ يۇقىرى ماھارەت كۆرسىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە، چۈنكى بۇ سىستېمىلار بارلىق ئېھتىماللىقلار نەزەردە تۇتۇلۇپ لايىھەلەنگەن بولىدۇ. ئوخشاش بىر تور سىستېمىسىدا نۇرغۇن ئالگورىتمانى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن، ئورماننىڭ ئىچىدىكى كىچىك بىر يېزىدا ياشايدىغان بىر كېسەل ئەقىللىك تېلېفونىدىن پايدىلىنىپ، بىرلا دوختۇر بىلەن ئەمەس كەسپىي ئىقتىدارى بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىغان تەرىقىدە لايىھەلەنگەن سۈنئىي ئەقىل دوختۇرلار بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ، ئەگەر بۇ بىمار بىر « IBM» دوختۇرىنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى ياقمىسا قەتئىي ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ. سىز كىلىمانجارونىڭ ئېتەكلىرىگە قاپسىلىپ قالغان بولسىڭىزمۇ گوگۇل ياكى بەيدۇ دوختۇرىدىن مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.

مۇشۇنداق بىر سىستېمىنىڭ ئومۇملىشىشى ئىنسانلارغا زور پايدىلار ۋە قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. سۈنئىي ئەقىل مەھسۇلاتى بولغان دوختۇرلار مىلياردلارچە ئىنسان بولۇپمۇ نۆۋەتتە ئازراقمۇ سەھىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلارغا تۆۋەن باھادا ئەلا مۇلازىمەت قىلىشى مۇمكىن.

تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردىكى يېزىلار ئەقىللىك تېلېفون تۈرتكىسىدە تەلىم-تەربىيە ئالگورىتمىلىرى ۋە بىيومېترىك سېنسۇرلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەڭ باي ئىنسانلار ئەڭ ئىلغار دوختۇرخانىلاردا ئېرىشەلمىگەن سەھىيە ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلىشىشى مۇمكىن. ئوخشاشلا ئاپتوماتىك ماشىنىلارمۇ ئىنسانلارغا تېخىمۇ ئەلا قاتناش خىزمەتلىرى تەقدىم قىلالايدۇ، ھەممىدىن مۇھىمى قاتناش ۋەقەلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆلۈم ھادىسىلىرىنى ئازايتىدۇ. كۈنىمىزدە ھەر يىلى 1 مىليون 250 مىڭغا يېقىن ئادەم قاتناش ۋەقەسى تۈپەيلى قازا قىلىدۇ (بۇ سان ئۇرۇش،جىنايەت ۋە تېررورلۇق سەۋەب بولغان ئۆلۈملەرنىڭ سانىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ). بۇ ۋەقەلەرنى 90%دىن كۆپرەكىگە دەل ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى سەۋەب بولغان. مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش، ماشىنا ھەيدىۋېتىپ تېلېفوندا ئۇچۇر يوللاش، مۈگدەپ قېلىش، تېز ھەيدەش ۋە دىققەتسىزلىك قاتارلىقلار قاتناش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا دۆلەتلىك تاشيول قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2012-يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەلىرىگە %31ىنىڭ مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش،%3نىڭ تېز ھەيدەش،%21 دىققەتسىزلىكنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاپتوماتىك ماشىنىلار بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى سادىر قىلمايدۇ، بۇ قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كەمچىلىكلىرى بولسىمۇ (بەزى ۋەقەلەردىن ساقلىنىش تولىمۇ تەس)بارلىق ماشىنا ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ئورنىغا كومپيۇتېرلار دەسسىگەندە قاتناش ۋەقەلىرى سەۋەب بولىدىغان ئۆلۈم ۋە يارىلىنىشنىڭ %90ىنىڭ ئازىيىشى مۆلچەرلەنمەكتە. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاپتوماتىك ماشىنىلار ئومۇملاشسا يىلدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتى قۇتۇلۇپ قالىدۇ.

مەسىلىگە باشقا نۇقتىدىن قارىساق، قاتناش ۋە سەھىيە خىزمەتلىرى ساھەلىرىدە ئىنسانلارنىڭ ئىشسىز قالماسلىقى ئۈچۈنلا ئاپتوماتلىشىشقا سەل قاراش ئەخمەقلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك بولغىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشى، كەسپىي ۋە خىزمىتى ئەمەس بەلكى دەل ئۆزلىرىدۇر. ئىشسىز قالغان بىر شوپۇر ياكى دوختۇر باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر.

ماشىنىدىكى موزارت

سۈنئىي ئەقىل ۋە ماشىنا ئادەم تېخنولوگىيەلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بارلىق كەسىپ ساھەلىرىنى تەلتۆكۈس يوق قىلالمايدۇ. چەكلىك بىر ساھەدىكى بىر قاتار قېلىپلاشقان پائالىيەتلەردە مۇتەخەسسسىسلىشىشنى تەقەززا قىلىدىغان ئىشلار ئاپتوماتلاشتۇرۇلىدۇ. بىراق قېلىپلاشمىغان، بىردىن ئارتۇق ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ۋە تەخمىن قىلىش تەسرەك بولغان سېنارىيەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغان ئىشلاردا بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئورنىغا ماشىنىلارنى دەسسىتىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. مەسىلەن، سەھىيە خىزمەتلىرىگە نەزەر سېلىپ چىقايلى: كۆپ قىسىم دوختۇر ئاساسەن دېگۈدەك قولىدىكى كەسپىي مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىشقا مايىل كېلىدۇ، مېدىتسىنا ئۇچۇرلىرىنى ئانالىز قىلىدۇ، دىياگنوز قويىدۇ. لېكىن سېسترالار كىشىنىڭ جېنىنى قىينايدىغان ئوكۇل سېلىش، داكىلارنى ئالماشتۇرۇش ياكى خۇدىنى يوقاتقان بىر بىمارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەم ئۈسكۈنە ئىشلىتىشكە ھەمدە بىمارغا ئىدىيە جەھەتتە خىزمەت ئىشلەشكە مەجبۇر. ئىشەنچلىك بىر سېستراغا قارىغاندا يىللار بۇرۇن ئەقىللىك تېلېفونىمىز ئارقىلىق ئالاقە قىلغان سۈنئىي ئەقىلنىڭ مەھسۇلاتى بولغان دوختۇرغا تېزراق ئېرىشەلمەيمىز. بىمارلارنىڭ، بالىلارنىڭ ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ساناتورىيەلەر خېلى بىر مەزگىلگىچە ئىنسانلارنىڭ قەلئەسى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. ھەتتا زور ئېھتىمال ئىنسان ئۆمرى ئۇزىراپ تۇغۇت سانى ئازايغانسېرى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ساناتورىيەلەر ئىنسان كۈچى بازىرىنىڭ ئەڭ تېز سۈرئەتتە زورىيىدىغان ساھەلىرىدىن بىرى ھالىتىگە كېلىدۇ.

بىمارلار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ساناتورىيەلەردىن سىرت ئىجادىيەت (مۇزىكا ئىجادىيىتى) ئاپتوماتلىشىشقا زور توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مۇزىكىلارنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئىنسانلارغا ئېھتىياجىمىز چۈشمەيدۇ. ناخشىلارنى «iTunes »دىن چۈشۈرەلەيمىز، لېكىن كومپوزىتورلار، مۇزىكانتلار، ناخشىچىلار يەنىلا گۆش ۋە سۆڭەكتىن تەشكىل تاپىدۇ. يېڭى مۇزىكا ئىجاد قىلىپ چىقىش ئۈچۈنلا ئەمەس غايەت زور سىغىمچانلىقتىكى ناخشا-مۇزىكا تورلىرىدىن مەخسۇس ئەسەر تاللاش ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقىغا مۇراجىئەت قىلىمىز.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ ھامان بىر كۈنى نۇرغۇن ئىش ۋە كەسىپ ئاپتوماتلىشىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، سەنئەتچىلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. زامانىۋى دۇنيادا سەنئەتنىڭ داۋاملىق ئىنسان ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقى تەكىتلىنىدۇ. سەنئەتچىلەرنىڭ ئىچكى پىسخىكىلىق ئېنېرگىيەلىرىنى نامايان قىلدۇرىدىغانلىقى ۋە سەنئەتنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ بىزنى ھېس-تۇيغۇلىرىمىز بىلەن تېپىشتۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئىچكى دۇنيايىمىزدىكى يېڭى ھېس-تۇيغۇلارنى ئويغىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك سەنئەتكە باھا بەرگەندە چوقۇم سەنئەتنىڭ ئوبيېكتى يەنى كەڭ سەنئەتخۇرمارلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى نەزەرگە ئالىمىز. ناۋادا سەنئەتنى بەلگىلەيدىغان ئىنسانىي ھېس-تۇيغۇرلار بولسا، تاشقى ئالگورىتمىلار ئىنسانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى شېكىسپېر، فرىدا كاخو ياكى بېيونكې قاتارلىق سەنئەتكارلاردىن تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يېتەكلىيەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكەندە قانداق بولىدۇ؟

ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن ساھەسىدە ھېس-تۇيغۇلارنىڭ سىرلىق نەرسىلەر بولماستىن بىيوخىمىيەلىك جەرياننىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك قاراشلار مەۋجۇت. بۇ سەۋەبتىن يېقىن كەلگۈسىدە ماشىنا ئۆگىنىشكە ماھىر بولغان ئالگورىتمىلار بەدەنگە ۋە ئىچىدىكى ئاگاھاندۇرغۇچىلاردىن چىققان بىيوخىمىيەلىك ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ، كىشىلىك تىپىڭىز ۋە ئۆزگىرىشچان روھىي ھالىتىڭىزنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق مەلۇم بىر ناخشىنىڭ، ھەتتا مەلۇم بىر ئاككوردىيونغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلەرنى ھېسابلىيالىشى مۇمكىن.

پۈتكۈل سەنئەت تارماقلىرى ئىچىدە زور مىقداردىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئانالىز قىلىدىغان تۈر يەنىلا مۇزىكىدۇر. چۈنكى مۇزىكا كىرگەنلەر (نوتا) ۋە چىققانلارنى (ئاھاڭ-مۇزىكا) ماتېماتىكىلىق جەھەتتىن ئەڭ ياخشى ئىپادىلىيەلەيدۇ. كىرگەنلەر يەنى خام ماتېرىياللار ئاۋاز دولقۇنلىرىنىڭ ماتېماتىكىلىق مودېللىرى بولسا، چىققانلار يەنى مەھسۇلاتلار نېرۋا دولقۇنلىرىنىڭ ئېلېكتىر -خىمىيەلىك مودېللىرى بولىدۇ. كەلگۈسىدە مىلياردلارچە مۇزىكىلارنى تېز سۈرئەتتە ئاختۇرۇپ چىقىدىغان ئالگورىتما قايسى كىرگەنلەرنىڭ قايسى چىققانلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلالايدىغان سەۋىيەگە كېلىشى مۇمكىن.

ئالايلۇق، قىز دوستىڭىز بىلەن جېدەللىشىپ قالدىڭىز، ئاۋاز سىستېمىسىغا مەسئۇل ئالگورىتما ئىچىڭىزدە پەيدا بولغان ھېس-تۇيغۇنى تونۇۋېلىپ كىشىلىك خاراكتېرىڭىز ۋە ئىنساننىڭ ئومۇمىي پىسخىكىسى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى دائىرىسىدە، قايغۇڭىزغا ماس كېلىدىغان ۋە ئىچ پۇشۇقىڭىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ناخشىلار چېلىشقا باشلايدۇ. بۇ ناخشىلار باشقىلارغا مەنىسىز كېلىشى مۇمكىن، لېكىن سىزنىڭ كىشىلىك خۇسۇسىيىتىڭىزگە دەل ماس كېلىدۇ.

ئازابىڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇق قاتلىمى بىلەن يۈزلىشىشىڭىزگە ياردەم قىلغان ئالگورىتما، بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي بەلكىم سىزمۇ ھېس قىلىپ يەتمىگەن بالىلىق چېغىڭىزدىكى خۇشاللىققا تولغان بىر ئەسلىمىڭىزنى ئەسلەتكەنلىكى ئۈچۈن دۇنيادا سىزنى خۇشال قىلىدىغان يېگانە ناخشىنى قويىدۇ. بۇنداق بىر سۈنئىي ئەقىل بىلەن بىرمۇ ئىنسان رىقابەت قىلىپ بولالمايدۇ.

يۇقىرىدىكىلەر رېئاللىققا ئايلانغاندا، سۈنئىي ئەقىلنىڭ بارلىق ئېھتىماللىقلارنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ۋە بىزنى بۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قالغان نەرسىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللەنگەن تار دائىرىلىك مۇزىكا رامكىسىغا قامال قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىڭىز مۇمكىن. يۆنىلىش مۇشۇ تەرىقىدە بولغاندا يېڭى مۇزىكا زوقى ۋە تۈرلىرى قايسى خىل شەكىلدە بولىدۇ؟ بۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس. ئالگورىتمىنى تاللانغان ناخشىنىڭ %5نى خالىغان تەرىقىدە ئاڭلىغىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشىسىڭىز، تۇيۇقسىزلا ھىندونېزىيەگە خاس بىر پوتپۇرى، روسسى يازغان بىر تىياتىر ياكى كورېيەنىڭ بىر ئاممىباب ناخشىسىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز. سۈنئىي ئەقىل ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بارلىق ئىنكاس،خاھىش ۋە پوزىتسىيەڭىزنى كۆزىتىپ تاسادىپىيلىقنى ئەڭ مۇۋاپىق سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ، سىزنىڭ ناخشىلارنى بىمالال ئىزدەپ تېپىشىڭىز ئۈچۈن، تاسادىپىيلىق سەۋىيەسىنى %3كە تۆۋەنلىتىش ياكى %8گە چىقىرىشى مۇمكىن.

تەخمىن قىلىنىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە بولسا، ئالگورتىمانىڭ قايسى تۇيغۇنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى قانداق بىلىش مەسىلىسىدۇر.سىز مۇھەببىتىڭىز بىلەن جېدەل قىلغاندىن كېيىن ئالگورىتما سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىشى كېرەكمۇ ياكى خۇشال قىلىشى لازىممۇ؟ ياكى قەتئىي ھالدا «ياخشى تۇيغۇلار» ۋە «ناچار تۇيغۇلار»دەپ ئالدىن بېكىتىلگەن بىر ئۆلچەمگە قارىغۇلارچە ئەگىشەمدۇ؟بۇ ھاياتتا قايغۇنىڭمۇ ئىنسانغا پايدىلىق ۋە مەنىلىك بولىدىغان بىر تەرىپى يوقمۇ؟بۇنداق سوئالنى مۇزىكانتلاردىنمۇ سوراشقا بولىدۇ. ئۇنداقتا ئالگورىتىمىلاردىن سورىساق قانداق بولار؟ شۇنىسى ئېنىقكى بۇ سوئالنىڭ نۇرغۇن جاۋابى بولۇشى مۇمكىن.

جاۋابلاردىن بىرسى تاللاش ھوقۇقىنى خېرىدارغا بېرىش بولۇشى كېرەك. ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى خالىغانچە كونترول قىلالايسىز ۋە ئالگورىتمىمۇ سىزنىڭ بۇيرۇقىڭىزغا بويسۇنىدۇ. ئۆزىڭىزگە ئىچىڭىز ئاغرىتىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، ئەكسىچە خۇشاللىقتىن گۈل قەقەلىرىڭىز ئېچىلىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ھەتتا سىز نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭقىرىپ بولالماي تېڭىرقاپ قالغاندا، ئالگورىتما سىز ئارزۇ قىلغان نەرسىنى سىز ئۈچۈن تېپىپ بېرەلىشىمۇ مۇمكىن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئۆزىڭىزگە ئىشەنمىسىڭىز داڭلىق پىسخولوگلار ئىچىدە قايسىسىغا ئىشەنسىڭىز ئۇنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن، ئالگورىتمىغا بۇيرۇق بەرسىڭىز بولىدۇ. ئاقىۋەت مۇھەببىتىڭىز سىزنى تاشلاپ كەتسە، ئالگورىتما ماتەم جەريانىنىڭ بەش باسقۇچىنى قانداق ئۆتكۈزۈشتە سىزگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن: ئالدى بىلەن رىئاللىقنى ئىنكار قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، ناخشىچى نېلۇپەرنىڭ «دۇنياغا پەرۋا قىلمايمەن»، ئارقىدىن ئېچىشقا يارىڭىزغا تۇز چېچىش ئۈچۈن ناخشىچى ئەسماراينىڭ «مېنى ئۇنۇتما»، سىزنى مۇرەسسەگە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ناخشىچى سەزەن ئاقسۇنىڭ «قايتىپ كەل»، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ تاشلىۋېتىش ئۈچۈن گۈلدەن كارابۆجەكنىڭ «خارلىنىۋاتىمەن» ۋە نەشە كارابۆجەكنىڭ «ئىسكىرىپكىچى»، ئەڭ ئاخىرى بۇ ئىشنى تەن ئېلىشىڭىزغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ناخشىچى ئاجدا پەككاننىڭ «باشقىچە بىرى»ناملىق ناخشىلىرىنى قويىدۇ.

ئالگورىتمىلارنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا ناخشىلار ۋە ئاھاڭلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇسۇل ئوينىغىلى بولىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى بىزنىڭ ئارزۇ ۋە ئىستەكلىرىمىزگە ئاساسەن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بەلكىم سىزگە بۇ ناخشا تولىمۇ ئېسىل بىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن، ئالگورىتما بۇنى چۈشىنەلەيدۇ، چۈنكى ناخشىنىڭ سىزنى غەمگە چۆمدۈرگەن قىسمىنى ئاڭلىغان ھامان يۈرىكىڭىز تېز-تېز سوقۇشقا باشلاپ ئوكسىتوسىن سەۋىيەڭىز ئازراق چۈشىدۇ. ئالگورىتما سىزنى مۇڭلاندۇرغان بۇ نوتىلارنى باشقىغا ئۆزگەرتىدۇ ياكى چىقىرىۋېتىدۇ.

ئالگورتىمىلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆز ئالدىغا مۇزىكا ئىجاد قىلىشنى ئۆگىنىپ ئىنسانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى، خۇددى بۇ ھېس-تۇيغۇلار پىيانىنونىڭ كونۇپكلىرىدەكلا ھەرىكەتكە كەلتۈرەلىشى مۇمكىن. بىيومېترىك ئۇچۇرلىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ سىزگىلا خاس مۇزىكىلار ئىجاد قىلىپ چىقالىشى مۇمكىن.

سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى تاپالىشى ئىنسانلارنىڭ سەنئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى، دەپ قارىلاتتى. مەسىلەن، فېيسبۇك سىز توغرۇلۇق بىلىدىغان بارلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ سىزگىلا خاس سەنئەت ئەسەرلىرى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، ھەيران قالارلىق ئىشلارغا شاھىت بولىدىغانلىقىمىز تۇرغانلا گەپ، ئەلۋەتتە بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان ھەيران قالارلىق ئىشلار ھەم سەلبىي ھەمدە ئىجابىي بولۇشى مۇمكىن. مۇھەببىتىڭىز سىزنى تاشلاپ كەتكەندە، فېيسبۇك سىزگە ئاجدا پەككاننىڭ ياكى سەزەن ئاقسۇنىڭ قەلبى ئازابتىن پۇچىلانغان مەجھۇل شەخسكە مۇناسىۋەتلىك ناخشىنى ئەمەس، دەل سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلغان ۋىجدانسىز شەخسكە دائىر مەخسۇس يېزىلغان ناخشىنى تەقدىم قىلالايدۇ. بۇ ناخشا سىلەر مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا يۈز بەرگەن باشقا ھېچكىمنىڭ خەۋىرى بولمىغان ھادىسىلەرنىمۇ ئېسىڭىزگە سېلىشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە شەخسكىلا قارىتىلغان سەنئەت ئەسىرى ھەممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى ئىنسانلار ھەممە ئادەم ياقتۇرىدىغان ئالەمشۇمۇل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سىزدىن باشقا ھېچكىمنىڭ خەۋىرى بولمىغان بىر ناخشىنى كوللېكتىپ ھالەتتە ئوقۇش ياكى مۇشۇنداق بىر ناخشىغا ئۇسۇل ئويناش مۇمكىنمۇ؟ شۇنىسى ئېنىقكى، ئالگورىتمىلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئالقىشقا ئېرىشىدىغان ناخشا-مۇزىكىلار ئىجاد قىلىپ تۇرىدۇ، بىرلا شەخسكىلا مەخسۇس ئىجاد قىلىشقا قارىغاندا كوللېكتىپ ئۈچۈن ناخشا-مۇزىكا ئىجاد قىلىشقا بەكرەك ماھىر كېلىدۇ. ئالگورىتما مىليونلارچە ئىنساندىن يىغىلغان زور مىقداردىكى بىيومېتىرلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ، ھەممە ئادەمنى ئۇسۇلغا سالالايدىغان دەرىجىدىكى ھاياجانلىق ناخشا ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن قايسى بىيوخىمىيەلىك ئامىللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. سەنئەت ھەقىقەتەن ئىنسان ھېس-تۇيغۇلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان نەرسە بولسا، ئۇنداقتا مۇشۇنداق بىر ئالگورىتما بىلەن رىقابەتلىشىشكە نۇرغۇن مۇزىكانتلارنىڭ قۇربى يەتمەي قالىدۇ. قىسقىسى، ھېچبىر مۇزىكانت تارىلىرىنى جىرىڭلىتىپ تۇرىدىغان چالغۇسىنى يەنى ئىنسانلارنىڭ بىيوخىمىيەلىك سىستېمىسىنى ئالگورىتمىدەك ياخشى چۈشەنمەيدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار ئېسىل سەنئەت ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرالامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى سەنئەتكە قانداق ئېنىقلىما بېرىشكە باغلىق. بىر ئەسەرنىڭ ئېسىل ياكى ئەمەسلىكىنى ئاڭلىغۇچى باھالىسا ۋە خېرىدار ھەر دائىم ھەقلىق بولىدىغان بولسا، بىيومېتىرلىق ئالگورىتمىلارنىڭ تارىختىن بۇيان روياپقا چىقىرىلغان سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. سەنئەت ئىنسانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىدىنمۇ ھالقىغان تېخىمۇ سىرلىق مەنىۋى نەرسە بولسا ۋە بىيوخىمىيەلىك تىترەشلەر بىلەن ئالاقىسى بولمىغان بىر ھەقىقەت بولىدىغان بولسا، بىيومېترىك ئالگورىتمىلاردىن ياخشى سەنئەتچىلەرنىڭ چىقىشى ناتايىن. ئەمەلىيەتتىمۇ، نورمال ئاۋام خەلق ئارىسىدىنمۇ سەنئەتچى تولىمۇ ئاز چىقىدۇ. سەنئەت ساھەسىگە كىرىش ۋە مۇزىكانت ۋە ناخشىچىلارنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم چايكوۋسكىدىن ئېشىپ كېتىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق، بىرىتنېي سىپېرىسدىن ئېشىپ كەتسىلا بولدى.

يېڭى كەسىپلەر؟

سەنئەتتىن سەھىيە ساھەسىگىچە بولۇپ نۇرغۇن ساھەدە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كارغا كەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشى تۈپەيلى پەيدا بولغان بوشلۇقلارنى، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن كەسىپلەر بىلەن نىسبەتەن تولدۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ھەممىگە تونۇشلۇق كېسەللىكلەرنى دىياگنوز قويۇپ ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئىشلەتكەن بىر ياردەمچى دوختۇرنىڭ ئورنىغا سۈنئىي ئەقىلنىڭ دەسسىشى تامامەن مۇمكىن. دەل بۇ سەۋەبتىن بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىش، يېڭى دورىلار ياساپ چىقىش ياكى يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى تېپىش ئۈچۈن ئىنسان دوختۇرلارغا ۋە تەتقىقاتچىلارغا زور مىقداردا مائاش ئاجرىتىلىشى كېرەك.

سۈنئىي ئەقىل ئىنسانلار ئۈچۈن يېڭى ئىش ۋە كەسىپلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ئىنسانلار سۈنئىي ئەقىل بىلەن رىقابەتلىشىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئادەم ئۇچقۇچىلارنىڭ ئورنىغا ئىنسانسىز ئايروپىلانلارنىڭ دەسسىشى بىلەن بەزى كەسىپلەر يوق بولغان بولسىمۇ رېمونتچىلىق ۋە ئاسراش، يىراقتىن تىزگىنلەش، ئۇچۇر ئانالىزى ۋە سىبەر بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە يېڭى ئىش شارائىتلىرى يارىتىلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى پىرداتور ياكى رېپېر مودېلى بولغان ئىنسانسىز ئايروپىلانلارنىڭ سۇرىيە ئاسمىنىدا بىمالال پەرۋاز قىلىشى ئۈچۈن ھەر بىر ئايروپىلانغا مەخسۇس ئوتتۇز كىشى ئاجرىتىش بىلەن بىرگە، ئايروپىلانلار ئۇچۇش خىزمىتى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن يىغىلغان ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ ئانالىز قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز 80 كىشىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 2015-يىلى بۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدىغان يېتەرلىك خادىمى يوق ئىدى، شۇڭا ئىنسانسىز ئايروپىلانلارنى باشقۇرىدىغان كەسپىي خادىملارنى تاپالماي قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى.

ئەھۋال بۇنداق بولىدىغان بولسا، 2050-يىلدىكى كەسىپ، ئىش ۋە خىزمەت بازىرىنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىنى ئىنسانلار بىلەن سۈنئىي ئەقىللەرنىڭ رىقابەت قىلىشىدىن بەكرەك بۇ ئىككىسىنىڭ ھەمكارلىقى بەلگىلىشى مۇمكىن. ئىنسان بىلەن سۈنئىي ئەقىلدىن تەشكىل تاپقان ئەترەتلەر ئامانلىقتىن بانكىچىلىققا بولغان نۇرغۇن ساھەدە ھەم ئىنسانلارنى ھەمدە كومپيۇتېرلاردىن ئېشىپ كېتىدىغان رول ۋە قابىلىيەتلەرنى جارى قىلدۇرالايدۇ. 1997-يىلى « IMB» شاھمات پىروگراممىسى بولغان دېپ بلۇ (Deep Blue)، گارىي كاسپاروۋنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىنمۇ ئىنسانلار شاھمات ئويناشتىن ۋاز كەچمىدى. ئەكسىچە داڭلىق شاھماتچىلار سۈنئىي ئەقىلنىڭ مەھسۇلاتى بولغان تىئېرنېرلارنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا شاھمات ئويناشتا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كېلىشتى، ئىنسان ۋە سۈنئىي ئەقىلنىڭ ھەمكارلىقىدىن تەشكىل تاپقان داڭلىق شاھماتچىلار بىر مەھەل بولسىمۇ ھەم ئىنسانلارنى ھەمدە كومپيۇتېرلارنى مەغلۇپ قىلدى. شۇڭا سۈنئىي ئەقىل ئەڭ تەجرىبىلىك رازىۋىتچىكلار، ئۆتكۈر بانكىچىلار ۋە كۈچتۈڭگۈر ئەسكەرلەرنىڭ تەربىيەلىنىپ چىقىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن.

بىراق بۇ خىلدىكى يېڭى كەسىپلەر يۇقىرى كەسپىي سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقى تۈپەيلى بەزىبىر مەسىلىلەردىن قۇتۇلۇپ بولمايدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن يېڭى كەسىپ يارىتىش ئىنسانلارنى بۇ كەسىپلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايدىغان سەۋىيەدە تەربىيەلەپ چىقىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسانغا توختايدۇ. ماشىنالاشقان دەۋرلەردە ئىنسانلار ئاساسەن تۆۋەن سەۋىيەلىك ئىشلارنى تاشلاپ باشقا ئىشلارغا ئاسانلا ئالمىشالايتتى. 1920-يىللاردا يېزا-ئىگىلىك ساھەسىدە ماشلىنىشىشنىڭ ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە ئىشتىن قوغلانغان بىر ئىشچى تىراكتور ئشلەپچىقىرىلىدىغان بىر زاۋۇتتا يېڭى ئىش تاپالايتتى. 1980-يىللاردا ئىشسىز قالغان بىر زاۋۇت ئىشچىسى تاللا بازارلىرىدا پىرىكازچىك بولۇپ ئىشلىيەلەيتتى. بۇنىڭغا ئوخشاش خىزمەت ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىشلار ئاسانغا توختايتتى. چۈنكى دېھقانچىلىق ئېتىزىنى تاشلاپ زاۇۋتقا، زاۋۇتتىن تاللا بازىرىدا ئىشلەشكە يۇقىرى سەۋىيە كەتمەيتتى.

بىراق 2050-يىلىغا كەلگەندە ئىشىنى ماشىنا ئادەملەرگە تارتقۇزۇپ قويغان بىر پىرىكازچىك ياكى توقۇمۇچىلىق ئىشچىسىنىڭ راك تەتقىقاتچىسى، ئىنسانسىز ئايروپىلان باشقۇرغۇچىسى ياكى يېرىمى ئىنسان يېرىمى سۈنئىي ئەقىلدىن تەشكىل تاپقان بانكا ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ ئىشلىيەلىشى تولىمۇ قىيىن. بۇ خىلدىكى ئىنسانلار يېتەرلىك كەسپىي قابىلىيەتكە ئىگە بولالمايدۇ. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا مىليونلارچە ھەربىي تەلىم كۆرمىگەن ياشنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ قولىغا مىلتىق تۇتقۇزۇپ ئۇرۇشقا سېلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ھېسابلىناتتى. كۈنىمىزدە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئىنسانسىز ئايروپىلان باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئىشىنى قانداقتۇر تاللا بازىرىدا ئىشلەپ ئىشتىن چىققان ياكى بىر توقۇمۇچىلىق ئىشچىسىغا تاپشۇرمايدۇ. تەجرىبىسىز ئەسكەرلەرنىڭ ئافغانىستاندىكى بىر توي مۇراسىمىنى ئالىي دەرىجىلىك تالىبان ئەزالىرىنىڭ يىغىنى، دەپ ئويلاپ قېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

بۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن يېڭى كەسىپ پەيدا بولسىمۇ، «كارغا كەلمەس»بىر سىنىپنىڭ شەكىللىنىشىگە شاھىت بولىمىز. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ھەم زور ئىشسىزلار قوشۇنى ھەمدە كەسپىي ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ئىشچىلارنىڭ ئاز بولۇشىدەك ئىككى چوڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. كۆپ قىسىم ئىنسان 19-ئەسىردە ئات ھارۋىسى ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلىدىغانلار بار ۋاقىتتا تاكسىچىلىق قىلىشقا باشلىغانلارنىڭ تەقدىرىنى ئەمەس، 19-ئەسىردە تېز سۈرئەتتە ئىش ساھەسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلانغان ئاتلارنىڭ تەقدىرىنى ئورتاقلىشىدۇ.

شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قالغان باشقا كەسىپلەرمۇ ئاپتوماتلىشىشنىڭ پەيدا قىلىدىغان تەھدىتلىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. دەرۋەقە، ماشىنا ئۆگىنىش بىلەن ماشىنا ئادەم ئىلمىي ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ. 40 ياشتا ئىشسىز قالغان بىر پىرىكازچىك پەۋقۇلئاددە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆزىنى ئىنسانسىز ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى قىلىپ قايتىدىن تەربىيەلەپ چىقالىسا، بۇ ئىنسان يەنە 10 يىلدىن كېيىن ئۆزىنى قايتىدىن تەربىيەلەپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ تۇراقسىزلىق سەۋەبىدىن ئۇيۇشما قۇرۇش ياكى ئىشچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تېخىمۇ تەسلىشىدۇ. كۈنىمىزدىمۇ گۈللەنگەن ئىقتىسادلاردىكى نۇرغۇن يېڭى كەسىپ سۇغۇرتىسى بولمىغان ۋاقىتلىق ئىشچىلار، ئەركىن كەسىپلەر ۋە بىر قېتىملىق لايىھەلەر سىنىپىغا كىرىدۇ. ئون يىللىق مەزگىلدە موگوغا ئوخشاش تۈرى يوق بولۇپ كەتكەن بىر كەسىپ ئۈچۈن ئۇيۇشما قۇرۇش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن.

ئوخشاشلا ئىنسان بىلەن كومپيۇتېردىن تەشكىل تاپقان سەنتور ئەترەتلىرىمۇ ئۆمۈرۋايەت شېرىكلىشىپ ئۆتۈشنىڭ ئورنىغا، ئىنسان بىلەن كومپيۇتېر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتكە بەكرەك مايىل كېلىدۇ. شېرلوك ھوملېس ۋە دوكتور ۋاتسونغا ئوخشاش پەقەت ئىنسانلاردىنلا تەشكىل تاپقان گۇرۇپپىلاردا كۆپ چاغلاردا قاتلاملىق تۈزۈم ۋە ئۇزۇن يىلغىچە داۋاملىشىدىغان مۇئەييەن ئىش-ھەرىكەت قېلىپلىرى بولىدۇ. بىراق «IBM »نىڭ ۋاتسون ناملىق كومپيۇتېر سىستېمىسى بىلەن (2011-يىلى ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنغان جىئورپاداي ناملىق مۇسابىقە پىروگراممىسىدا ئۇتۇپ چىقىپ مەشھۇر بولغانىدى)بەيگىگە چۈشكەن رازۋېدچىك ھەر قانداق بىر ئىش-ھەرىكەت شەكلىنىڭ مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق بىر قاتلاملىق تۈزۈمنىڭ ئىنقىلابقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ھامان بىر كۈنى تونۇپ يېتىدۇ. تۈنۈگۈن يانچۇقچىلىق قىلىدىغان بىرسى كەلگۈسىدە باشلىق بولۇشى مۇمكىن، بارلىق كېلىشىم ۋە قوللانمىلار ھەر يىلى باشتىن-ئاخىرى يېڭىلىنىشى مۇمكىن.

شاھمات ساھەسىنى يېقىندىن كۆزىتىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئاز-تولا تەخمىن قىلغىلى بولىدۇ. دېپ بىلۇ ناملىق شاھمات پىروگراممىسى داڭلىق شاھمات ماھىرى كاسپاروۋنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن شاھمات ساھەسىدە ئىنسانلار بىلەن كومپيۇتېرلار يېقىندىن ھەمكارلىق ئورناتتى. بىراق يېقىنقى مەزگىللەر كومپيۇتېرلار شاھماتنى شۇنچىلىك ياخشى ئويناشقا باشلىدىكى، شاھمات ئۇستىلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرىنىڭ كەيپىياتى تۆۋەنلەپلا كەتتى، پات يېقىندا ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى ئىچىدە بىرمۇ ئىنسان قالماسلىق ئېھتىمالى تولىمۇ يېقىن.

2017-يىلى 7-دېكابىردا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇنداق بىر ھادىسە بارلىققا كەلدى: مەسىلە بىر كومپيۇتېرنىڭ داڭلىق بىر شاھماتچىنى يېڭىۋېلىشى ئەمەس ئىدى، گوگۇلنىڭ ئالپازېرو (Alpha zero) پىروگراممىسى سىتوكفىش 8 ناملىق پىروگراممىنى شاھماتتا يېڭىۋالدى، ستوكفىش8 ناملىق بۇ پىروگرامما 2016-يىلى كومپيۇتېرلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن شاھمات مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغانىدى، بۇ پىروگراممىدا ھەم ئىنسانلارنىڭ نەچچە يۈز يىللىق شاھمات تەجرىبىسى ھەمدە كومپيۇتېرلارنىڭ نەچچە ئون يىللىق شاھمات تەجرىبىسى جۇغلانغان بولۇپ، بىر سېكۇنتتا 70 مىليون شاھمات تاكتىكىسى ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. ئالپازېرو ناملىق پىروگراممىنىڭ بولسا بىر سېكۇنتتا 80 مىڭ شاھمات تاكتىكىسى ھېسابلاپ چىقىش ئىقتىدارى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلار بۇ پىروگراممىغا بىرمۇ شاھمات ئىستراتېگىيەسى ۋە تاكتىكىسى ئۆگەتمىگەنىدى، ھەتتا قانداق باشلاش توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرمىگەنىدى ئالپازېرو ئەڭ ئىلغار ماشىنا ئۆگىنىش قائىدىلىرىدىن پايدىلىنىپ شاھمات ئويناشنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ چىققانىدى. ئالپازېرو رەقىبى ستوكفىش بىلەن 100 مەيدانغا مۇسابىقىگە چۈشۈپ 28 مەيداندا ئۇتۇپ چىقتى، 72 مەيدانغا بولسا تەڭلەشتى، ھەيران قالارلىقى بىرمۇ قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويمىدى. ئالپازېرو ئىنسانلاردىن بىرمۇ ئىستراتېگىيە ياكى تاكتىكا ئۆگەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، مۇسابىقىدىكى ماھارەتلىرى ئىنسانلارغا تولىمۇ بىنورمال بىلىندى، ئالپازېرو شاھماتنى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئويناپلا قالماستىن يېڭىچە تاكتىكا ۋە ئىستراتېگىيە ئىشلەتتى.

ئالپازېرونىڭ شاھماتنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ستوكفىش بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈشكە تەييارلىق قىلىپ مۇشۇنداق يۇقىرى ماھارەتلەرگە ئىگە بولۇشىغا سىزچە قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ؟ ئاران تۆت سائەت. شاھمات ئەسىرلەردىن بۇيان ئىنسان ئەقلىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىلىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى، ئالپازېرو ساۋاتسىز ھالەتتىن ئىجادكار ئۇستا سەۋىيەسىگە تۆت سائەتتە كەلدى،بۇ ماھارەتكە بىرمۇ ئىنساننىڭ ياردىمىگە تايانماي تۇرۇپ پەقەت تۆت سائەت ئىچىدىلا ئىگە بولالىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

ئالپازېروغا ئوخشاش نۇرغۇن يۇقىرى ئىقتىدارلىق پىروگرامما بار، كۈنىمىزدە نۇرغۇن پىروگرامما نوقۇل ھېسابلاش جەھەتتىنلا ئەمەس، يۇقىرى ماھارەت ۋ ئىجادچانلىق جەھەتتىنمۇ نۇرغۇن ئىنساندىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. پەقەت ئىنسانلار ئوينايدىغان شاھمات مۇسابىقىلىرىدە رېپىرلار كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىدىن يوشۇرۇن پايدىلىنىپ ئويۇنغا ھىيلە-مىكىر ئارىلاشتۇرۇپ ئارىلاشتۇرمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سەگەك تۇرۇشى كېرەك. ھىيلىگەرلەرنى بايقاپ چىقىشنىڭ ئۇسۇللىرىدىن بىرى ماھىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرغان ياكى قىلدۇرمىغانلىقىنى كۆزىتىشتىن ئىبارەت. ئادەتتىن تاشقىرى بىر تاكتىكا ئىشلىتىلگەندە، رېپىرلار بۇنىڭ ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى، كومپيۇتېر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن تاكتىكا ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ. قىسقىسى، شاھمات ساھەسىدە ئىجادچانلىق كومپيۇتېرلارنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ھالىتىگە كەلدى، شاھماتنى بىر پالاكەتنىڭ خەۋەرچىسى دەپ پەرەز قىلساق، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلىۋاتىدۇ، دېسەك بولىدۇ. كۈنىمىزدە شاھمات ئوينايدىغان ئىنسان-سۈنئىي ئەقىل گۇرۇپپىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر، كەلگۈسىدە بىخەتەرلىك، مېدىتسىنا ۋە بانكىچىلىق ساھەسىدە بارلىققا كېلىدىغان ئىنسان-سۈنئىي ئەقىل گۇرۇپپىلىرىنىڭمۇ بېشىغا كېلىشى مۇمكىن.

قىسقىسى، يېڭى كەسىپلەر يارىتىش ۋە بۇ كەسىپلەرنى قىلالايدىغان ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈشكە زور كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. سۈنئىي ئەقىل ئىنقىلابى قانداقتۇر بىرلا ۋاقىتتا يىپيېڭى بىر ئىش، كەسىپ ۋە خىزمەت بازىرى سىستېمىسى بەرپا بولۇشنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەكسىچە غايەت زور بۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتىن ئىبارەت. ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن بىر نەچچە ئىشتا خىزمەت قىلماقتا. ھازىرقى دەۋردە بىرلا كەسىپتە مۇتەخەسسىسلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلىنىۋاتىدۇ، لېكىن 2025-يىلغا كەلگەندە «ئۆمۈر بويى بىرلا كەسىپ»ئۇقۇمىدىن سىرت «ئۆمۈر بويى بىرلا كەسىپتە مۇتەخەسسىسلىشىش»ئۇقۇمىمۇ تارىخ سەھىپىلىرىگە كۆمۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن.

توختىماي يېڭى كەسىپلەر يارىتىپ تۈركۈملەپ كەسپىي خادىملارنى تەربىيەلەپ چىقساقمۇ، ئىنسانلار ئەگرى-توقايلىققا تولغان مۇرەككەپ ۋە ئادەمنى قاتتىق چارچىتىۋېتىدىغان بۇ ئىش دۇنياسىغا تاقابىل تۇرالامدۇ يوق؟ يېڭى خىزمەت ۋە كەسىپ بېسىمىغا ئىنسانلار قانچىلىك بەرداشلىق بېرىپ بولار؟ ئۆزگىرىش ھەر ۋاقىت ئىنسانغا روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا مەيدانغا كەلگەن داۋالغۇش دەۋرىمۇ يەر شارى خاراكتېرلىك بېسىم ئېلىپ كەلدى. ئىنسانلار ئىش، خىزمەت بازىرى ۋە كەسىپلەردىكى ئۆتكۈنچىلىكنىڭ كۈچىيىپ بېرىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا تەمتىرىمەي تۇرالامدۇ؟ قارىغاندا، ئىنسانلارنىڭ زېھنىي دۇنياسىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دورىلار، نېرۋا خاراكتېرلىك ئىنكاس ئۇسۇللىرى، مېدىتاتسىيە ۋە مەنىۋى ئوزۇق بولالايدىغان نەرسىلەرگە كۆپرەك مۇراجىئەت قىلىدىغاندەك تۇرىمىز. 2050-يىلغا كەلگەندە ھەر قانداق بىر كەسپى، خىزمىتى ياكى ئىشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئەمەس، نوقۇل زېھنىي چىداش كۈچى كەم بولغان «كارغا كەلمەس»سىنىپ ياكى ئىجتىمائىي قاتلام شەكىللىنىشى مۇمكىن.

يۇقىرىدىكىلەر پەقەت تەخمىندىن ئىبارەت خالاس. 2018-يىلىنىڭ بېشىدا بۇ قۇرلار يېزىلىۋاتقاندا، ئاپتوماتلىشىش نۇرغۇن ساھەگە كېڭەيگەن بولۇشنىڭ ئەكسىچە، يەنىلا كوللېكتىپ خاراكتېرلىك ئىشسىزلىق ھادىسىسى يۈز بەرمىدى. ئامېرىكىغا ئوخشاش نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتتە ئىشسىزلىق نىسبىتى تولىمۇ تۆۋەن ھالەتتە بولماقتا. ھېچكىم سۈنئىي ئەقىل ۋە ئاپتوماتلىشىشنىڭ كەلگۈسىدە ھەر قايسى كەسىپلەرگە قانداق ۋە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىىدىغانلىقىنى تولۇق بىلىپ بولالمايدۇ ۋە بۇ مەسىلىلەرگە دائىر ئۆزگىرىشلەرنىڭ كالېندارىنى چىقىرىش تولىمۇ تەس. چۈنكى بۇ ئۆزگىرىشلەر تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتلاردىن سىرت، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرگىمۇ باغلىق، بۇ سەۋەبتىن ئاپتوماتىك ماشىنىلار بىزگە ئوخشاش جانلىق ماشىنا ھەيدىگۈچىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر ۋە ئەرزان ئىكەنلىكى بەش قولدەك ئايان بولسىمۇ، سىياسەتچىلەر ۋە ئىستېمالچىلار يەنىلا ئۇزۇن مەزگىل بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە پاسسىپ مۇئامىلە قىلىپ تۇرۇۋېلىشى مۇمكىن، ھەتتا توسالغۇ بولسىمۇ ھەيران قالمىساق بولىدۇ.

بىراق بۇ غايەت زور ئۆزگىرىشكە مۇنداقلا مۇئامىلە قىلىپ پەرۋاسىزلارچە ياشىيالمايمىز. يوقاپ كەتكەن كەسىپلەرنىڭ ئورنىغا يېتەرلىك دەرىجىدە كەسىپ پەيدا بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش تولىمۇ خەتەرلىكتۇر، بۇرۇنقى ئاپتوماتلىشىش دولقۇنلىرىدا ئەھۋالنىڭ مۇشۇنداق بولۇشى قانداقتۇر 21-ئەسىرنىڭ باشقىچە شارائىتلاردىمۇ ئوخشاش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى يوشۇرۇن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي بوھرانلارنىڭ تەسىرلىرى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدۇكى، ئومۇميۈزلۈك كوللېكتىپ خاراكتېرلىك ئىشسىزلىق ئېھتىماللىقىغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.

19-ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن سانائەت ئىنقىلابى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادى سىستېمىلار ھەل قىلىشتىن تولىمۇ ئاجىز بولغان ئېغىر بوھرانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. فېئودالىزم، مونارخىيە ۋە ئەنئەنىۋى ئېتىقاد شەكىللىرى سانائەتلەشكەن شەھەرلەرنى، يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مىليونلارچە ئىشچىنى ياكى زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ ئۆزگىرىشچان تەبىئىتىنى تەرتىپكە سېلىشقا قادىر ئەمەس ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئىنسانىيەت لىبېرال دېموكراتلار، كوممۇنىستىك دىكتاتورلار ۋە فاشىست ھاكىمىيەت تۈزۈلمىلىرىگە ئوخشاش يېڭى تۈزۈملەر يارىتىشقا يۈزلەندى. بۇ تۈزۈملەرنى تەجرىبە قىلىش، سامان بىلەن بۇغداينى ئايرىش ۋە ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ياخشى چارىلەرنى قوللىنىش ئۈچۈن يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت دەھشەتلىك ئۇرۇشلار ۋە غايەت زور ئىنقىلابلار مەيدانغا كەلدى. دىكنىس رومانلىرىدا تەسۋىرلىنىدىغان بالا ئىشچىلارنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتى، 1-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە 1932-1933-يىللىرىدا ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ئېغىر ئاچارچىلىق ھادىسىسى قاتارلىقلار ئىنسانىيەت تۆلىگەن زور بەدەللەردىن بىر قىسمى ئىدى، خالاس.

ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەلىرى ۋە بىيو-تېخنولوگىيەسىنىڭ 21-ئەسىردە ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى پار ماشىنىلىرى، تۆمۈر يوللار ۋە ئېلېكتىر قاتارلىقلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز مەدەنىيىتىمىزنىڭ زىيانكەشلىك كۈچىنى، كارغا كەلمەس تۈزۈملەرنى، دۇنيا ئۇرۇشلىرىنى ياكى قانلىق ئىنقىلابلارنى قايتا باشتىن كەچۈرۈشكە تەۋەككۈل قىلساق قەتئىي بولمايدۇ. بۇ قېتىم ئۇتۇق قازىنالمىغان تۈزۈم ۋە سىستېمىلار يادرو ئۇرۇشلىرى، گېنى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن مەخلۇقلار ۋە بىيوسفېرىنلار سەۋەبىدىن يوق بولۇشى مۇمكىن، بۇ سەۋەبتىن سانائەت ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى بۇ نۆۋەت ھەسسىلەپ كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئېكسپلاتاتسىيەدىن «كارغا كەلمەسلىك» ( فۇنكسىيەسىزلىك)كە قاراپ

يوشۇرۇن چارىلەر مۇنداق ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىلىدۇ: كەسىپلەرنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك، يېتەرلىك ساندا كەسىپ يارىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش لازىم ۋە بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ ئەكسىچە يوقاپ كەتكەن كەسىپلەرنىڭ سانى، يارىتىلغان كەسىپلەرنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك.

بەزى كەسىپلەرنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنداق قىلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. بۇنداق قىلىنسا سۈنئىي ئەقىل بىلەن ماشىنا ئادەم بىلىمىنىڭ ئىجابىي پايدىلىرىدىن مەھرۇم قالىمىز. ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ، دۆلەتلەر يەنىلا ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ جەمئىيەت ۋە خەلق يېڭى تەرەققىياتقا ماسلىشىپ بولغۇچە سۈنئىي ئەقىل ۋە ئاپتوماتلىشىشنىڭ سۈرئىتىنى قەستەن ئاستىلىتىشى مۇمكىن. تېخنولوگىيە ھېچقاچان بەلگىلىگۈچى رول ئوينىيالمايدۇ، بىر نەرسىنى قىلغىلى بولۇش چوقۇم شۇ نەرسىنى قىلىش كېرەك، دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى سودا جەھەتتىن مۇۋاپىق، ئىقتىساد جەھەتتىن پايدىلىق بولسىمۇ يېڭى تېخنولوگىيەلەرگە مەلۇم دەرىجىدە توسالغۇ بولىدۇ. مەسىلەن، تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەردە «بەدەن ئەزالىرى بازىسى» قۇرۇپ، چارىسىز قالغانلارنىڭ بەدەن ئەزالىرىنى ساتقىلى بولىدىغان تېخنولوگىيە ئىجاد قىلىش تەس ئەمەس، بۇنداق تېخنولوگىيەلەرگە بەدەن ئەزالىرىغا ئېھتىياجى بار پۇلدارلار دەرھال ئېرىشەلەيدۇ. بۇنداق «بەدەن ئەزالىرى بازىلىرى» بەرپا قىلىنىشقا مىلياردلارچە دوللار سەرپ قىلىنىشى مۇمكىن. ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ، قانۇنىي جەھەتتىن ئىنساننىڭ بەدەن ئەزالىرىنى ئېلىپ سېتىش چەكلىنىدۇ. بەدەن ئەزالىرىنى ئېلىپ سېتىش چەكلەنگەن تۇرۇپ يەنىلا بەدەن ئەزالىرى ئەتكەسچىلىكى كىچىك كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلماقتا.

تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش يوقاپ كېتىدىغان كەسىپلەرنىڭ ئورنىغا يېتەرلىك مىقداردا يېڭى كەسىپ دەسسىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇرۇنمۇ دەپ ئۆتكىنىمدەك، ئىقتىسادى تەرەققىياتقا ماس ھالدا مائارىپ ۋە پىسخىكىلىق ساھەلەرمۇ تەڭ تەرەققىي قىلىپ ماسلىشىپ مېڭىشى كېرەك. يېڭى كەسىپ ۋە خىزمەتلەرنىڭ يۇقىرى مائاشلىق دۆلەت كادىرلىقىدىنلا ئىبارەت بولمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلايلى، بۇ كەسىپ ۋە خىزمەتلەر يۇقىرى كەسپىي ئىقتىدار تەلەپ قىلىدۇ، ھەمدە سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا خىزمەتچىلەر ھەم كەسىپ جەھەتتىن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەمدە ئۆز كەسپىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھۆكۈمەتلەر ھەم ئۆمۈر بويى تەلىم-تەربىيە ئېلىش تۈزۈمىنى س كۈچەيتىشى ھەمدە ئۆتكۈنچى دەۋرلەر ئۈچۈن بىر بىخەتەرلىك تورى بەرپا قىلىشى كېرەك. 40 ياشتىكى بىر لىيۇتچىكنىڭ ئىنتېرنېت لايىھلىگۈچىسى بولۇش ئۈچۈن ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كەلسە، بۇ مەزگىل ئىچىدە ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجى چۈشىدۇ(كۈنىمىزدە ئىسكەندىناۋ دۆلەتلىرىدە مۇشۇنداق سىياسەت مەۋجۇت.بۇ دۆلەتلەر كەسىپلەرنى ئەمەس <خىزمەتچىلەرنى قوغداش> دېگەن پىرىنسىپ بويىچە سىياسەت يولغا قويماقتا).

دۆلەت يېتەرلىك دەرىجىدە ياردەم قىلدىمۇ دەيلى، ئۇنداقتا مىلياردلارچە ئىنسان روھى ھالىتىنى بۇزۇپ قويماي ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن ئۆزگەرتىپ چىقىشقا قادىر بولالامدۇ يوق؟ بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىش ھەقىقەتەن تەس. بۇ سەۋەبتىن ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى بارلىق تىرىشچانلىقلارنىڭ ئەكسىچە، خىزمەت دۇنياسىنىڭ سىرتىدا قالسا مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىشسىز قالسا جەمئىيەت،ئىقتىساد ۋە سىياسەت ساھەلىرى ئۈچۈن يېڭىچە ئەندىزە تېپىشقا مەجبۇر بولىمىز. بۇنى قىلىشتىن ئاۋۋال تۇنجى بولۇپ شۇنى قىلىشىمىز كېرەك: ئۆتمۈشتىن مىراس قالغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئەندىزىلىرىمىزنىڭ بۇنداق بىر قىيىنچىلىقنى بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىش.

مەسىلەن، كوممۇنىزمنى ئويلاپ بېقىڭلار. ئاپتوماتلىشىش كاپىتالىستىك تۈزۈمنى يىمىرىپ تاشلاش بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئۈچۈن ئىنساننىڭ كاللىسىدا كوممۇنىزمنىڭ قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقى پەيدا بولىدۇ. بىراق كوممۇنىزم بۇنداق بىر كىرىزىستىن پايدىلىنىش ئۈچۈن پەيدا بولمىدى، 20-ئەسىردىكى كوممۇنىزم ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىقتىسادتا ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان بولسا، كوممۇنىست مۇتەپەككۇرلار پىرولېتارىيات سىنىپىغا بۇ غايەت زور ئىقتىسادى كۈچنى سىياسىي كۈچكە قانداق ئايلاندۇرۇشنى ئۆگىتىشكە تىرىشتى. كوممۇنىستىك سىياسىي پىلان ئىشچى سىنىپىنىڭ ئىنقىلاب قىلىشىنى تەقەززا قىلاتتى، ئىنسانلار ئىقتىسادى كۈچىدىن ئايرىلىپ قالسا ۋە ئېكسپلاتاتسىيە بىلەن ئەمەس «كارغا كەلمەسلىك ۋە فۇنكسىيەسىزلىك» قىسمىتىگە دۇچ كەلسە، كوممۇنىزم دەردكە دەرمان بولالامدۇ؟ ئىشچى سىنىپى بولمىسا ئىنقىلابنى قانداقمۇ ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولسۇن؟

بەزىلەر ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادى فۇنكسىيەسىدىن ئايرىلىپ قالمايدىغانلىقىنى چۈنكى كەسىپ ۋە خىزمەت ساھەسىدە سۈنئىي ئەقىل بىلەن رىقابەتلىشەلمىسىمۇ لېكىن ئىستېمال نۇقتىسىدىن يەنىلا ئىنسانلارغا ئېھتىياج بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. بىراق كەلگۈسىنىڭ ئىقتىسادىدا ئىنسانلارنىڭ ئىستېمالچى بولۇپ بولالمايدىغانلىقى مەجھۇل، چۈنكى بۇ ۋەزىپىنى ماشىنىلار ۋە كومپيوتېرلارمۇ بىمالال ئادا قىلالىشى مۇمكىن. نەزەرىيە جەھەتتە تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر كان شىركىتى تۆمۈرلىرىنى ماشىنا ئادەم زاۋۇتلىرىغا ساتىدۇ، ماشىنا ئادەم زاۇۋتلىرىمۇ ماشىنا ئادەم ئىشلەپچىقىرىپ بۇ ماشىنا ئادەملەرنى كان شىركىتىگە ساتىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ماشىنا ئادەم ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىلىشى كېرەك، بۇ سىستېما مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇ شىركەتلەر زورىيىپ دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيگەندە چوقۇم ماشىنا ئادەملەر ۋە كومپيۇتېرلارغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ، ھەرگىز ئىنسانلارغا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئۈچۈن ئېھتىياج چۈشمەيدۇ.

كۈنىمىزدە كومپيۇتېرلار ۋە ئالگورىتمىلار ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەسىدىن باشقا مۇشتەرى بولۇشتەك فۇنكسىيەلەرگە ئىگە بولۇشقا باشلىدى. مەسىلەن ئالگورىتمىلار پايچىك بازارلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم پايچىك ۋە خېرىدار سالاھىيىتىگە ئېرىشىش يولىدا ئىلگىرىلمەكتە. ئوخشاشلا ئېلان ساھەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم خېرىدارى يەنە ئالگورىتما بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ گوگۇلنىڭ ئىزدەش موتورى ئالگورىتمىسىدۇر. ئىنسانلار تور بەتلىرى لايىھەلىگەندە ئادەتتە ھەر قانداق بىر ئىنسانغا ئەمەس گوگۇلنىڭ ئىزدەش موتورى ئالگورىتمىسى ياقتۇرغان نەرسىلەرگە خىتاب قىلىدۇ.

ئەلۋەتتە ئالگورىتمىلارنىڭ ئاڭ-سېزىمى يوق، بۇ سەۋەبتىن سېتىۋالغان نەرسىنىڭ تەمىنى تېتىيالمايدۇ، قانداقتۇر ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلمايدۇ. ئالگورىتمىلار بەكرەك سىستېمىدىكى ھېسابلار ۋە ئومۇمىي خاھىشلارغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ، گوگۇل ئىزدەش موتورى ئالگورىتمىسى ماروژنى شىركەتلىرىنىڭ تور بەتلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ماروژنى شىركەتلىرى قانداقتۇر ئەڭ ئېسىل تەملىك ماروژنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر بولماستىن گوگۇل ئالگورىتمىلىرى ئەڭ يۇقىرى رەتكە تىزغان ماروژنى شىركەتلىرىدۇر.

ئەھۋالنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز تەجرىبەمگە ئاساسەن ئوبدان بىلىمەن، بىر كىتاب نەشر قىلدۇرماقچى بولسام، نەشرىياتچى مەندىن توردا ئېلان قىلدۇرۇش ئۈچۈن كىتاب توغرۇلۇق خۇلاسە يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق نەشرىياتتا مەن يازغان قىسقىچە كىتاب خۇلاسىسىنى گوگۇل ئالگورىتمىسىنىڭ خاھىشىغا مۇۋاپىق ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان مەخسۇس خادىم بار. بۇ خادىم تېكىستنى بىر قۇر قاراپ چىقىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كەلىمىنى چىقىرىۋېتىپ ئورنىغا شۇنى يازسىڭىز بوپتىكەن، بۇ كەلىمىنى كىرگۈزسەك گوگۇل ئالگورىتمىسىنىڭ دىققىتىنى ئاسان جەلپ قىلالايمىز.» بۇنىڭغا قاراپ شۇ خۇلاسىگە كېلەلەيمىز: ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشتىن بەكرەك ئالگورىتمىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش بەكرەك مۇھىم.

ئىنسانلارغا نە ئىشلەپچىقارغۇچى سالاھىيىتىدە نە ئىستېمالچى سالاھىيىتىدە ئېھتىياج چۈشمىسە، ئۇنداقتا ئىنسانلار بىيولوگىيەلىك جەھەتتىن قانداق ھاياتتا قالىدۇ؟ روھىي ھالىتىنى قانداق قىلغاندا تەڭپۇڭ ھالەتتە ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن كىرىزىسنىڭ چوقۇم يۈز بېرىشىنى ساقلاپ تۇرۇشنىڭ ئورنى يوق. كىرىزىسنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرساق تولىمۇ كېچىپ قالغان بولىمىز. 21-ئەسىردىكى تولىمۇ ئېغىر تېخنولوگىيەلىك ۋە ئىقتىسادى بوھرانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بۇرۇنراق ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ئەندىزىلەر ياكى تۈزۈملەر بەرپا قىلىپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇ ئەندىزە ياكى تۈزۈملەر كەسىپلەرنى ئەمەس ئىنسانلارنى قوغداش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان ھالدا شەكىللىنىشى لازىم. بۇنى قىلغاندا چوقۇم ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك.

دۇنيا نورمال كىرىم ئەندىزىسى كۈندىن-كۈنگە دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقان يېڭى ئەندىزە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەندىزىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتلەر ئالگورىتما ۋە ماشىنا ئادەملەرنى كونترول قىلىۋاتقان مىلياردنېرلار ۋە شىركەتلەردىن ئالغان باجلارنى، بارلىق پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان راسخوتقا ئاجرىتىدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە نامراتلار ئىشسىز قېلىشتىن ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، بايلارمۇ نامراتلارنىڭ غەزەپ -نەپرىتىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، «كەسىپلەر»نىڭ تۈرى ۋە دائىرىسى ئىزچىل كېڭىيىپ بارىدىكەنمىش. كۈنىمىزدە مىلياردلارچە ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىگە قارايدۇ، قوشنىلار بىر-بىرى بىلەن ئەپ ئۆتۈپ ياردەملىشىپ ئۆتىدۇ، پۇقرالار كوپىراتىپ شىركەتلەر قۇرىدۇ. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھېچقايسى كەسىپ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىز بىر بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم لېكىن ئەڭ قىيىن ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتسەك بەلكىم بۇنىڭ تولىمۇ مۇھىم كەسىپ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلالىشىمىز مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا كومپيۇتېرلار ۋە ماشىنا ئادەملەر پۈتكۈل شوپۇرلارنىڭ، بانكىچىلارنىڭ ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن تەقدىردىمۇ، خىزمەت قىيىنچىلىقى يۈز بەرمەيدۇ. بىراق كەسىپ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغان بۇ ۋەزىپىلەرگە كىمنىڭ باھا بېرىپ بېكىتىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بەدىلىنى كىم تۆلەيدىغانلىقى ئۈستىدە سوئال تۇغۇلۇشى مۇمكىن.ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئانىسىغا مائاش بېرەلمەيدىغانلىقىنى نەزەرگە تۇتساق، مەسئۇلىيەت دۆلەتكە قېلىپ قالىدۇ. بېرىلىدىغان مائاش بارلىق ئائىلىنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىغان ئەھۋالدا، پەيدا بولىدىغان نەتىجە دۇنيا نورمال كىرىم ئەندىزىسىدىن پەرقلىق بولمايدۇ.

دۆلەتلەر دۇنيا (ئالەمشۇمۇل) نورمال كىرىم ئەندىزىسىنى ئەمەس مۇلازىمەت ۋە كەسىپلەرنى قوللىشى مۇمكىن. ئىنسانلارغا ئۆزلىرى خالىغانچە خەجلىيەلەيدىغان مائاشنىڭ ئورنىغا سەھىيە، مائارىپ ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەرنى ھەقسىز قىلىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئەمەلىيەتتە ئوتۇپىيەدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئىشچى ئىنقىلابىنى قوزغاش چۈشەنچىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، كوممۇنىزمنىڭ مەقسىتىنى باشقىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟

ئىنسانلارغا دۇنيا نورمال كىرىم ئەندىزىسى (كاپىتالىستىك جەننەت) تەقدىم قىلىش بەكرەك ئۈنۈملۈكمۇ ياكى دۇنيا نورمال مۇلازىمەت (كوممۇنىستىك جەننەت) ئەندىزىسى تەقدىم قىلىش ياخشىمۇ؟ بۇنىڭ ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىنسا بولىدۇ. ھەر ئىككى ئەندىزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرى بار. قايسى خىل «جەننەت»نى تاللاڭ ياكى تاللىماڭ، بۇ يەردىكى مەسىلە «دۇنيا» ۋە «نورمال»دېگەن ئۇقۇملارنى قانداق چۈشىنىش مەسىلىسىدۇر.

دۇنياۋى ( ئالەمشۇمۇل )دېگەن نېمە؟

مەيلى كىرىم بولسۇن مەيلى مۇلازىمەت بولسۇن دۇنيا ياكى ئالەمشۇمۇل نورمال ياردەم ئەندىزىسى دېگەندە، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا دۆلەتنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھازىرغىچە بارلىق دۇنيا نورمال كىرىم ياردىمى ئەندىزىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمەتلىرى يا دۆلەت ياكى رايون خاراكتېرلىك بولۇپ كەلدى. فىنلاندىيە 2017-يىلى يانۋاردا ئىككى يىللىق سىناق ئېلىپ بېرىپ، 2000 ئىشسىز كىشىگە ئىش تېپىش ياكى تاپالماسلىقى بىلەن كارى بولماي ئايدا 560 ياۋرو بېرىشكە باشلىدى. كانادانىڭ ئونتارىيو ئىشتاتىدا، ئىتالىيەنىڭ لىۋورنو شەھىرىدە ۋە گوللاندىيەنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە بۇنىڭغا ئوخشاش سىناقلار ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى. (2016-يىلى شىۋېتسىيەدە مىللىي نورمال كىرىم ئەندىزىسى يولغا قويۇش قويماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە راي سىناش ئېلىپ بېرىلدى، بىراق راي سىناشقا قاتناشقانلار بۇنى رەت قىلدى.)

ئاپتوماتلىشىش ياكى سۈنئىي ئەقىلنىڭ قۇربانلىرى فىنلاندىيە، ئونتارىيو، لىۋىرنو ياكى ئامستىردامدا ياشىماي باشقا دۆلەتلەردە ياشىسىچۇ؟ ئۇنداقتا بۇ دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن زور راسخوت ئاجرىتىپ بۇنداق ئەندىزە ۋە سىياسەتلەرنى يولغا قويىدۇ؟ ئاپتوماتلىشىش ياكى سۈنئىي ئەقىلنىڭ قۇربانلىرى كۆپ بولغان دۆلەتلەر پۇقرالىرىنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئەندىزە ياكى سىياسەت يولغا قويۇلمىسا ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتمەمدۇ؟ يەر شارىلىشىش ھادىسىسى بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنى باشقا بىر دۆلەتنىڭ بازارلىرىغا بېقىندى قىلىپ قويدى، بىراق ئاپتوماتلىشىش ۋە سۈنئىي ئەقىل دۇنيا سودا تورىنىڭ كەڭ قاتلاملىرىنى ئاجىز مىللەتلەرگە زىيان بېرىدىغان تەرىقىدە بەرپا قىلىپ چىقىشى مۇمكىن. 20-ئەسىردە تەبىئىي بايلىقلاردىن مەھرۇم بولغان تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر ئاساسەن دېگۈدەك كەسپىي ئىقتىدارى يوق نوقۇل جىسمانىي خىزمەتكىلا يارايدىغان ئىشچىلارنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىنى سېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادى جەھەتتىن مەلۇم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى. كۈنىمىزدە مىليونلارچە باڭلادېشلىق مايكا ئىشلەپچىقىرىپ ئامېرىكىلىقلارغا سېتىش ئارقىلىق، باڭگالوردا ياشايدىغانلار بولسا چاقىرغۇ مەركەزلىرىدە ئامېرىكىلىق خېرىدارلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ.

بىراق سۈنئىي ئەقىل، ماشىنا ئادەم ۋە 3-د پرىنتېرلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچىنىڭ قىممىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. مايكىلارنى داككادا ئىشلەپچىقىرىپ بۇلارنى ئامېرىكىغا تىرانسپورت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئامازوندىن سېتىۋېلىپ نىيۇيوركتا بېسىپ چىقىرىش ئەقىلگە تېخىمۇ مۇۋاپىق. 5-كوچىدىكى زارا ۋە پىرادا ماگزىنلىرىنىڭ ئورنىغا بروكلىيىندىكى 3-د لىق پىرىنتېر مەركەزلىرى دەسسىشى مۇمكىن، ھەتتا بۇنداق پىرىنتېرلار بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆيىگىچە كىرەلىشى مۇمكىن. ناۋادا پرىنتېرىڭىزدىن چاتاق چىقىپ قالسا ياكى ئۇنىڭدىن نارازى بولۇپ قالسىڭىز، باڭگالوردىكى چاقىرغۇ مەركەزلىرى بىلەن ئەمەس گوگۇلدىكى ئاۋازىڭىز ۋە شېۋىڭىزگە ئاساسەن تەييارلانغان سۈنئىي ئەقىل ۋەكىلى بىلەن پاراڭلىشالايسىز. داككا ۋە باڭگالوردا ئىشسىز قالىدىغان ئىشچىلار ۋە چاقىرغۇ مەركەزلىرىدىكى خادىملارنىڭ مودا مايكىلارنى ياكى كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىنى لايىھەلەپ چىقىشقا قۇربى يەتمىسە، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇلارنى قىلالايدىغان يېتەرلىك كەسپىي ئىقتىدارى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئىنسانلار قانداق تىرىكچىلىك قىلىدۇ؟

سۈنئىي ئەقىل ۋە 3-د لىق پىرىنتېرلار ھەقىقەتەن باڭلادېش ۋە بانگالورلىقلارنىڭ خىزمىتىنى قولىدىن تارتىۋالسا، بۇرۇن جەنۇبىي ئاسىياغا تۈركۈملەپ ئاققان بايلىقلار كالىفورنىيەدىكى بىر نەچچە تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ چۆنتىكىنى تولدۇرۇشقا باشلايدۇ. ئىقتىسادى گۈللىنىش دۇنيا مىقياسىدا تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنىڭ ئورنىغا، سىلىكون ۋادىسىغا ئوخشاش ئىلغار تېخنولوگىيە مەركەزلىرىگە سەرمايىنىڭ جۇغلىنىشىغا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە ھىندىستان ۋە باڭلادېشقا ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادى كۈچلەر كىم غالىب كەلسە شۇنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئېلىپ، كېلەچىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالمايدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن توقۇمۇچىلىق ئىشچىلىرى ۋە چاقىرغۇ مەركەزلىرىدىكى خادىملارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى كومپيۇتېرلار ۋە 3-د لىق پىرىنتېرلارنى ھەم ئىشلەپچىقىرالايدىغان ھەمدە بۇ ساھەنى مەلۇم سەۋىيەگىچە كونترول قىلالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ بۇ سەۋىيەگە كېلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت كېرەك، ئەپسۇسلىنارلىقى ۋاقىت بارغانچە ئاز قېلىۋاتىدۇ. ئۆتمۈشتە ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى دۇنيا ئىقتىسادتىكى چوڭقۇر ھاڭنى ئازراق بولسىمۇ تولدۇرۇش رولىنى ئوينايتتى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى دۇنيانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايتتى. بىر دۆلەت ناھايىتى ئاستا تەرەققىي قىلسىمۇ، كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى سەۋىيەگە كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. توغرا قەدەملەرنى تاشلاش تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشتىن ئەۋزەل ئىدى، بىراق كۈنىمىزدە ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى كۆۋرۈكلۈك رولىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ناۋادا ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى سېپىدىكىلەر قاتتىق تىرىشىپ دەۋرگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرنى ئۆگەنسە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالىشى مۇمكىن، بۇنداق قىلمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سىز ئويلاپ بېقىڭ. ناۋادا ھېچكىمنىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجى چۈشمىسە ۋە سىزمۇ زامانغا ماس تەلىم-تەربىيە سىستېمىسى قۇرۇپ ئىشچىلىرىڭىزغا يېڭى تېخنىكىلار ئۆگىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك شارائىتلارغا ئىگە بولمىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟

بۇ ئىشچىلارنىڭ ياكى زامانغا ماسلىشالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟ ئامېرىكىلىق سايلىغۇچىلار ئامازون ۋە گوگۇل شىركەتلىرى تۆلەيدىغان باجلارنىڭ پېنسىلۋانىيەدىكى ئىشسىز كانچىلار ۋە نىيۇيوركتىكى ئىشسىز تاكسىچىلارغا تەمىنات سۈپىتىدە بېرىلىشىگە قارشى چىقماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداقتا يا ئامېرىكىلىق سايلىغۇچىلار باجلارنىڭ پىرېزىدېنت ترامپ «پوق-سۈيدۈك كاتەكلىرى» دەپ تەرىپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئىشسىز ئىنسانلارغا ئەۋەتىلىشىگە رازى بولامدۇ؟ بۇنداق بىر نەرسىنىڭ بولۇشىغا ئىشىنىش بىلەن روژدېستۋا بوۋاي ۋە پاسخالىيا توشقىنىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق.

نورمال (ئەقەللىي) مەنىسى؟

دۇنيا نورمال (ئەقەللىي) ياردەم ئەندىزىسى ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجىنى قامداشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىراق بۇنىڭغا تولۇق ئېنىقلىما بېرىش تولىمۇ تەس. بىيولوگىيەلىك نۇقتىدىن بىر ئىنساننىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن كۈندە 1500-2500 ئارىسىدا كالورىيەگە ئېھتىياجى بار، بۇنىڭدىن كۆپ بولۇپ كەتسە نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. بىراق ئەلمىساقتىن بۇيان ھەر مەدەنىيەت بۇ بىيولوگىيەلىك نامراتلىق پاسىلىدىن ھالقىغان قوشۇمچە ئېھتىياجلارنىمۇ «نورمال ياكى ئەقەللىي» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ كەلدى. ئوتتۇر ئەسىردىكى ياۋروپادا ئىنسانلارغا نىسبەتەن، چېركاۋنىڭ خىزمەتلىرى تاماق يېيىشتىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئىدى، چۈنكى چېركاۋ بەدىنىڭىزنىڭ ئۆتكۈنچى ماددىي ئېھتىياجىغا ئەمەس ئەبەدىي بولغان روھىي ئېھتىياجىڭىزغا ئەھمىيەت بېرەتتى. كۈنىمىزدىكى ياۋروپادا بولسا نورمال تەلىم-تەربىيە ۋە سەھىيە مۇلازىمىتىمۇ نورمال ئىنسانىي ئېھتىياج ھېسابلىنىدۇ ۋە بەزىلەر ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنىڭمۇ ھەم ئەر ھەم ئايال، ھەتتا بالىلار ئۈچۈن زۆرۈر ئېھتىياج دەپ قارىشىدۇ. 2050-يىلى بىرلەشكەن دۇنيا دۆلىتى دېترويىتتىن داككاغىچە بارلىق ئىنسانلارنىڭ نورمال ئېھتىياجىنى قوللاش مەقسىتىدە گوگۇل، ئامازون، بەيدۇ ۋە تەنسېنت شىركەتلىرىگە باج قويۇشنى قارار قىلسا، ئۇنداقتا «نورمال-ئەقەللىي» ئۇقۇمى قانداق ئىزاھلىنىدۇ؟

مەسىلەن، نورمال تەلىم-تەربىيە زادى نېمە؟ نوقۇل ساۋاتنى چىقىرىشمۇ ياكى كومپيۇتېر پىروگراممىلىرى لايىھەلەيدىغان ۋە ئىسكىرىپكا چالالايدىغان بولۇشمۇ؟ نوقۇل ئالتە يىللىق باشلانغۇچ مائارىپىمۇ ياكى دوكتورلۇققىچە ئوقۇشمۇ؟ ئۇنداقتا سەھىيە مۇلازىمەتلىرىچۇ؟ 2050-يىلغىچە قېرىش مۇساپىسىنى ئاستىلىتالايدىغان ۋە ئىنسان ئۆمرىنى خېلىلا ئۇزۇن ئۇزارتالايدىغان تېببىي تەرەققىياتلار بارلىققا كەلسە، بۇ يېڭى داۋالاش مۇلازىمەتلىرىدىن ئون مىليارد ئىنساننىڭ ھەممىسى بەھرىمەن بولالامدۇ ياكى بۇ يېڭىلىقلاردىن پەقەت بىر نەچچە مىلياردنېرلارلا پايدىلىنامدۇ؟ بىيوتېخنولوگىيە ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلىرىنىڭ «تەبىئىي ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش»شارائىتى يارىتىپ بەرسە، بۇمۇ نورمال ئىنسانىي ئېھتىياج ھېسابلىنامدۇ ياكى پۇلدار «ئېسىلزادىلەر» بىچارە ئىنسانلاردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن ئىقتىدارلىرىدىن زوقلىنىپ كەيپ سۈرۈۋاتقان بىر شارائىتتا، ئىنسانىيەتنىڭ پەرقلىق بىيولوگىيەلىك قاتلاملارغا ئايرىلىپ كېتىشىگە شاھىت بولامدۇق ؟

«نورمال ئىنسانىي ئېھتىياجلار»قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ھەممە ئادەم بۇلاردىن ھەقسىز بەھرىمەن بولغاندا، ئىجتىمائىي رىقابەتلەر ۋە سىياسىي كۈرەشلەر «نورمال ئىنسانىي ئېھتىياجلار»كاتېگورىيەسىگە كىرمەيدىغان نەرسىلەر ئەتراپىدا جەريان قىلىدۇ. مەسىلەن، ھەشەمەتلىك ماشىنىلار، تەبىئىي بولمىغان باغچىلاردا سەيلە قىلىش ياكى بىيولوگىيەلىك ئىنژېنېرلىق بىلەن لايىھەلەپ چىقىلغان بەدەن قاتارلىقلار ھەشەمەتلىك نەرسىلەردۇر. ئەمما ئىشسىزلار قوشۇنى ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە بولالمىسا، بۇنداق ھەشەمەتلىك نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن بايلار (تېنسېنت خوجايىنلىرى ۋە گوگۇل ھەسسىدارلىرى) بىلەن نامراتلار (دۇنيا نورمال كىرىم ئەندىزىسى بىلەن كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغانلار) ئوتتۇرىسىدىكى پەرق زورىيىش بىلەنلا قالماي، پەرقنى تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس ھالەتكە كېلىدۇ.

شۇڭا 2050-يىلى يولغا قويۇلىدىغان دۇنيا ياردەم ئەندىزىسى نامراتلارغا ھازىرقىدىن تېخىمۇ ياخشى تەلىم-تەربىيە ۋە سەھىيە مۇلازىمىتى تەقدىم قىلسىمۇ، ئىنسانلار دۇنياۋى تەڭسىزلىك ۋە بۇ ئەندىزىنىڭ ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلانماسلىقىدىن نەپرەتلىنىپ يۈرۈۋېرىدۇ. ئىنسانلار سىستېمىنىڭ ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ئەمەس زىيىنىغا قۇرۇلغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ بايلارغىلا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى ۋە پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ زۇلمەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ.

ئەپسۇس ئىنسانلارنىڭ نەپسىنى تولۇق قاندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئىنسان بۇنداق يارىتىلمىغان. ئىنسانلارنىڭ خۇشاللىقى قانداقتۇر ماددىي ۋە ئوبيېكتىپ نەرسىلەردىن بەكرەك ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە ھاياتتىن كۈتىدىغانلىقلىرىغا باغلىق. ئىنسانلارنىڭ ھاياتتىن كۈتىدىغىنى ۋە ئارزۇ –ئارمانلىرى شارائىتقا ئاساسەن شەكىللىنىشكە بەكرەك مايىل، بۇنىڭغا ئۆزگىلەرنىڭ شارائىتلىرىمۇ كىرىپ كېتىدۇ. ئىشلار تۈزۈلۈپ قالغاندا ئىنساننىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە ھاياتتىن كۈتىدىغانلىرىمۇ كۈچىيىپ ماڭىدۇ، ئىشلار پۈتۈنلەي تۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ، قانائەتسىزلىك ۋە مەمنۇنىيەتسىزلىك يەنىلا داۋاملىشىدۇ. ئەگەر دۇنيا نورمال ياردەم ئەندىزىسىنىڭ مەقسىتى 2050-يىلى ئادەتتىكى ئىنسانلارنىڭ ئوبيېكتىپ شارائىتىنى ئۆزگەرتىش بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا يەنىلا پۇرسەت بار دېگەن گەپ. لېكىن مەقسەت ئىنسانلارنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئارامسىزلىقنى تۈگىتىش بولسا نەتىجە چىقمايدىغانلىقى ئېنىق.

دۇنيا نورمال ياردەم ئەندىزىسىنى ھەقىقىي مەنىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دىندىن تەنتەربىيەگىچە بولغا نۇرغۇن ساھەدە بىر قاتار ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىرغىچە بۇ ساھەدە ئىشقا ئاشقان ئەڭ ئۈنۈملۈك «خىزمەتتىن كېيىن تۇرمۇشتا قانداق خۇشال بولغىلى بولىدۇ» دېگەن سىناق ئىسرائىلىيەدە ئېلىپ بېرىلماقتا. ئاشقۇن ئورتودوكس يەھۇدىي ئەرلىرىنىڭ %50ى پەقەتلا ئىشلىمەيدۇ. ئۇلار ئۆمرىنى مۇقەددەس تېكىستلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە دىنى مۇراسىملارغا ئاتايدۇ، ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك خىزمەت قىلىشى ۋە دۆلەتنىڭ پۇقرالارغا زور مىقداردا تەمىنات بېرىشى قاتارلىقلار تۈرتكىسىدە ئۇلارنىڭ ھەم ئۆزلىرى ھەمدە ئائىلىلىرى ئاچ قالمايدۇ. بۇ ئىشقا نام بېرىلمىگەن بولسىمۇ، بۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا دۇنيا نورمال ياردەم ئەندىزىسى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ئاشقۇن ئورتودوكس يەھۇدىي ئەرلىرى نامرات ۋە ئىشسىز بولسىمۇ، ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك راي سىناش پائالىيەتلىرىدە ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنىڭ باشقا قاتلاملىرىغا سېلىشتۇرغاندا تۇرمۇشىدىن بەكرەك رازى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ سەۋەبى جامائەتچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، مۇقەددەس تېكىستلەرنى ئوقۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىزدىنىپ تۇرۇشى ۋە دىنى ئىبادەت ۋە مۇراسىملارنى ئادا قىلىشى قاتارلىقلارنى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلار، دەپ قارىشىدۇر. كىچىك بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تالمۇد ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشقان بىر تۈركۈم يەھۇدىي ، غايەت زور چوڭلۇقتىكى زاۋۇتلاردا تەر تۆكۈپ ئىشلەيدىغان ئىشچىلارغا قارىغاندا، ھەم خۇشال، ھەم مەسئۇلىيەتچان ھەمدە ئەقىللىك ھېسابلىنىدۇ. تۇرمۇشتىن رازى بولۇش نىسبىتىنى ئۆلچەيدىغان راي سىناش پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە دەل مۇشۇ ئاشقۇن ئىشسىز ۋە نامرات يەھۇدىيلارنىڭ ھەسسىسى بىلەن ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالىدىكەن.

لايىك ئىسرائىلىيەلىكلەر داۋاملىق ئاشقۇن ئورتودوكس يەھۇدىيلارنىڭ ئىشلىمەي تەييارغا ھەييار تىرىك تاپ بولۇشىدىن تولىمۇ ئاغرىنىشىدۇ. لايىك يەھۇدىيلار ئاشقۇن ئورتودوكس يەھۇدىيلارنىڭ ئوتتۇرىچە يەتتىدىن بالىسى بولۇش تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئاچ قالىدىغانلىقىنى ياقلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھامان بىر كۈنى دۆلەت ئاشقۇن ئورتودوكس يەھۇدىيلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى توختىتىدۇ ۋە ئۇلار ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. كىم بىلىدۇ، بۇنىڭ دەل تەتۈرى بولامدۇ، تېخى. ماشىنا ئادەملەر ۋە سۈنئىي ئەقىل ئىنسانلارنىڭ قولىدىن ئىشلىرىنى تارتىپ ئېلىشقا باشلىغاندا، ئاشقۇن يەھۇدىي ئورتودوكسلار ئۆتمۈشتىن قېلىپ قالغان تاش قاتمىلارغا ئوخشاش ئەمەس كەلگۈسىنىڭ ۋەكىللىرىدەك سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەلۋەتتە ھەممە ئادەم ئاشقۇن يەھۇدىيلارغا ئوخشاش تەلمۇدنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يەشىۋاياغا بېرىپ يۈرمەيدۇ. بىراق ھاياتنىڭ مەنىسى، غايىسى ۋە جامائەت بولۇپ ئۆتۈش قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىش ئىزدەشتىنمۇ ئەھمىيەتلىك ھېسابلىنىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ.

كۈچلۈك جەمئىيەتلەر ۋە مەنىلىك ئىشلار بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادى بىخەتەر تورى بەرپا قىلىۋالالىساق، خىزمەتلىرىمىزنى ئالگورتىمىلارغا تارتقۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ. بۇ قانداقلا بولمىسۇن ھاياتنىڭ تىزگىنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا قارىغاندا نىسبەتەن خەتىرى ئازدۇر. ھاكىمىيەت ۋە كۈچ لىبېرالىزمغا بولغان سۇس ئىشەنچىمىزنىمۇ يوق قىلىپ دىگىتال دىكتاتورلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان تەرىقىدە ئىنسانلاردىن ئالگورىتىملارغا ئۆتسە، بۇ بىزنى كۈچلۈك ئەندىشىگە سالمامدۇ؟ كوللېكتىپ ئىشسىزلىقچۇ تېخى؟

مەنبە: «21-ئەسىر ئۈچۈن 21 دەرس» ناملىق كىتاب

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top