You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » چەۋگەن توپ ئويۇنى

چەۋگەن توپ ئويۇنى

ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان كۈچلۈك بىر مەدەنىيەت، ئۇيغۇر–قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا، ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ ئوينالغان، قەدىمىي تەنھەرىكەت ئويۇن تۈرىنىڭ بىرى، كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە، چەۋگەن توپ ئويۇنى، شەرىققە كۆك تۈرك قاغانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرى (مىلادى 552-840) دە سۇي، تاڭ خاندانلىقىغا تارقالغانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرى (848-1036) ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (848-1369) دە قىتان، سوڭ، جىن، موڭغۇل-يۈەن، مىڭ سۇلالىسىغىمۇ تارقالغانلىقى؛ ئۇيغۇر قاراخانىيلار دەۋرىدە (مىلادى 850-1212)، چاغاتاي خانلىقى دەۋرى، ئېلخانىيلار، تۆمۈرىيلەر، بابۇر خانلىقى، ياركەند سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە چەتئەللەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شەكلىدە، غەربكە تارقالغانلىقى، تۈرلۈك تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا ئىخچام ئوتتۇرغا قويۇلغان.
چەۋگەن-ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ ئوينالغان، قەدىمىي تەنھەرىكەت ئويۇن تۈرىنىڭ بىرى. چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى ئات ئۈستىدىكى تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئاشۇرىدىغان بىر خىل ئەسكەرلىك تەربىيىسى بولۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەردە تەنتەربىيە ھەرىكىتى تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن .
ئۇ قارىمۇ-قارشى ئىككى سەپ ئوتتۇرسىدا، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ، يەردىكى توپنى چەۋگەن تاياق ياردىمىدە قارشى تەرەپ يۆلىنىشىگە قوغلاپ–سۈرۈپ، رەقىب دەرۋازىسىغا (تۆشۈكىگە) كىرگۈزىدىغان بىرخىل ئات ئۈستى (بەزى شارائىتلاردا ئات مىنمەيمۇ ئوينىلىدۇ) تەنتەربىيە ھەرىكىتىدۇر.
تارىخىي يازمىلارغا ئاساسلانغاندا، چەۋگەن-پولو ئوتتۇرا ئەسىردە ۋىزانتىيىلىكلەردىمۇ بولغان. بۇ دەۋرىدىكى چەۋگەن ئالما چوڭلۇقىدىكى بىر توپ بولۇپ، پالاق شەكلىدىكى تاياق ئارقىلىق ئوينىلاتتى. لېكىن بۇ ئويۇن ۋىزانتىيىگە ئىران ۋە ئانادولۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن.
ئىران خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى، تارىخچى، گئوگىراف، ھەربىي ئالىم، ئۇبۇلقاسىم بىننى ئىسھاق فىردەۋسى (مىلادى 934-1024 ) ئۆزىنىڭ 25 يىل (989-1014) ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېزىپ چىققان 120 مىڭ قۇرلۇق «شاھنامە» داستانىدا قەدىمكى تۇران خەلقىنىڭ پادىشاھى-ئافراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) بىلەن ئىران پادىشاھى -سىياھۇشلارنڭ چەۋگەن ئوينىغانلىقىنى ھېكايە قىلىدۇ.
قاراخانىيلار خانلىقى (مىلادى850-1212) دا ئۆتكەن ئۇلۇغ تىلشۇناس، ئالىم بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي « دىۋانى لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە «تۈرك-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ئالىپ ئەرتۇڭا دەپ ئاتىلاتتى. بۇ قاپلانغا ئوخشاش كۈچلۈك، باتۇر ئادەم، دېمەكتۇر»② كاشىغەر-ئوردۇكەنت دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خان تۇرىدىغان شەھەر-مەركەز دېگەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغىنى ئۈچۈن ئافراسىياپ شۇيەردە تۇرغان»③ دەپ كۆرسىتىدۇ. دېمەك، پاكىتقا قارىغاندا، چەۋگەن-توپ تەنھەرىكىتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردىن-7 ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا تۇران خاقانى ئالىپ ئەر تۇڭا دەۋرلىردىمۇ ئوينىلىپ كېلىنگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئويۇن ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركى قەۋملەر ئارسىدا نەۋرۇز (كۆك بايرىمى-يېڭى يىل، باھار ) بايرىمى، ھەر تۈرلۈك بايراملاردا، ھەرتۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە، شۇنداقلا ھەربىي مەشىق سۈپىتىدە ھەربىي لاگىرلاردىكى قوشۇنلار ئارسىدا، خان ئوردىسىدا، كەڭ خەلق ئارىسدىمۇ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلادا چەۋگەن توپ ئويناش تارىخى يازما خاتىرلەردە تىلغا ئېلىنغاندىن باشلاپ ھېسابلىساق 3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئەمدى تارىخقا يېزىلمىغان دەۋرلەردەچۇ؟ بۇنىڭدىن قارىغاندا چەۋگەن توپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى تارىخى ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن باشلانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇن (بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىرى) ئاسىيا يايلاقلىرىدا، ئەڭ دەسلەپ چارۋىچىلارنىڭ ئىككى سەپ ئاتلىق قوشۇن بولۇپ، قارىمۇ- قارشى يۆلۈنىشتە توپ تالىشىپ ئوينىشىدىن تەرەققىي قىلىپ بارا-بارا ھەربىي قوشۇنلاردا ھەربىي تەنھەرىكەت تۈرى-شەكلىنى ئالغان.
ھونلار، كۆك تۈركلەر، ئۇيغۇرلاردا بۇ تەنھەرىكەت تۈرى مىلادىدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا ئوينىلىپ كېلىنگەن («بۇ ھەقتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى» ناملىق ماقالەمدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتكەن، شۇڭا بۇ يەردە تەكرارلاپ ئولتۇرماي، دوستلارنىڭ كوڭۈل ئارامىنى ئويلاپ، تەپسىلاتىنى يازمىدىم-ئاپتوردىن).
1979-يىلى ئارخىئولوگىيە خادىملىرى تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەۋرىستانلىقىدىن مىلادى 5-ئەسىردىن 7-ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان چەۋگەن توپچىنىڭ لايدىن ياسالغان رەڭلىك ھەيكىلىنى تاپقان.
بۇ چەۋگەن توپچىنىڭ لايدىن ياسالغان رەڭلىك ھەيكىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 37 سانتېمىتىر بولۇپ، بىر دەغنەك-چەۋگەن توپچىنىڭ ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ توپ قوغلاۋاتقان، ھەيۋەتلىك قىياپىتى تەسۋىرلەنگەن. ئۇ بېشىغا دوپپا، ئۈستىگە تامبال ۋە تون، پۇتىغا ئۈتۈك كىيگەن، يارىشىملىق بۇرۇت قويغان، ئىككى كۆزى يەردىكى توپقا تىكىلىپ، ئوڭ قولىدا توپ كالتىكى كۆتۈرۈپ ئاق ئاتقا مىنىپ ناھايىتى چاققان، تەڭداشسىز قەيسەرلىك بىلەن، ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھالىتى كۆرسىتىلگەن.(«ئۇيغۇر مىللي تەنتەربىيىسى» 1985-يىل ئۈرۈمچى خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى 67-بەتكە قاراڭ).
مانا بۇلار قاڭقىل خانلىقى ياكى تۈرك خانلىقى دەۋرىدە تۇرپان رايۇنىدا ئۇيغۇرلار ياكى تۈركلەرنىڭ دەغنەك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەردۇر.
بابۇر شاھ ھىندىستاندا قۇرغان يېڭى دۆلىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىن يالغۇز تۇغقانلىرى بىلەن مۇھىم ئادەملىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. ئۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەنئەنە ۋە تۆرە-قانۇن ۋە تەنتەربىيىسىنىمۇ ئېلىپ بارغان. پاكىستاندا ھېلىھەم ناھايىتى ياخشى كۆرىلىدىغان «پولو»ئويۇنى بابۇر شاھنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئېلىپ بارغان تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى ئىدى .
كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئىنگلىزلار ھىندىستاننى ئىشغال قىلغان مەزگىلىدە (1764-يىلى) ھىندىستاندا بابۇر تۈرك دۆلىتى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا 1860-يىلى ھىندىستاندا بۇ ئويۇننى كۆرۈشكە باشلايدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنگلىزلار تۈركلەردىن چەۋگەن ئويۇنىنى ئۆگۈنۈپ، بۇ ئويۇننى 1871-يىلى ئۆز دۆلىتى ئەنگىلىيەگە ئاپىرىپ تارقىتىدۇ، 1872- يىلى ئىنگلىز قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئوينالغان. ئېسىلزادىلەر ئارىسىدا تارقالغان بۇ ئويۇن كېيىن ئەنگلىيە، ئامېرىكىلارغا تارقىلىپ، ئولىمپىك تەنتەربىيە ئويۇنى تۈرى سېپىگە قوشۇلىدۇ.④
يەنى، 1876-يىلى ئامېرىكىلىق مەشھۇر تەۋەككۇلچى-جامېس گوردون بېننېت (James Gordon Bennet، كېيىن كىشىلەر تەرپىدىن (ئامېرىكا چەۋگەن توپ پىشىۋاسى دەپ ئاتالغان) چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى مەستانىلىرىنى باشلاپ، نيويوركقا قايتىپ، ئامېرىكا چەۋگەن توپ جەمئىيىتىنى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنا 10 يىل ئىچىدە چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى پۈتۈن ئامېرىكىغا كەڭرى تارقالغان تەنتەربىيە ھەرىكىتى تۈرىنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان.

 

 

مەنبە: ئۇيغۇر تەنتەربىيىسى

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top