You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » سابىت داموللام ئابدۇلباقى كامالى ھەققىدە

سابىت داموللام ئابدۇلباقى كامالى ھەققىدە

سابىت داموللام ئابدۇلباقى كامالى 1883-يىلى ئاتۇشنىڭ ئازراق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ دىنىي تەربىيىنى ئازاقتا چوڭ ئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن كىشىدىن ئالغان. كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان.

1910-يىلى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مامۇت ئاخۇن داموللاملارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن، بۇخاراغا بېرىپ يۇقىرى مەلۇمات ئالغان. 1914-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ داموللا بولۇپ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە، ئىلىغا كېلىپ سۈيدۈڭدە ئىسمائىل ھاجى دېگەن كىشىنىڭ قىزى رابىيە بىلەن تويلىشىپ ئۆيلۈك بولغان. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، «رەستە ۋەقەسى» سەۋەبى بىلەن ئايالى رابىيە بىلەن ئاجرىشىپ، ئوغلى ئابدۇللانى ئايالىغا قالدۇرۇپ، قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە قەشقەر خانلىق مەدرىسە ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مەسلەكدىشى شەمشىدىن داموللام بىلەن بىللە مۇدەررىسلىك قىلىش بىلەن بىرگە مۇتەئەسسىپلىككە، خۇراپاتلىققا، قۇلچىلىققا، نادانلىققا جاھانگىرلىككە قارشى ھەققانىي ھەرىكەتلەرنى تەشكىللىگەن.

1924-يىلى ئابدۇقادىر داموللام سۇيىقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سۇيىقەستچىلەرنىڭ نىشانى سابىت داموللامغا مەركەزلەشكەن. بۇنى سەزگەن سابىت داموللام 1925-يىلى ھەجگە بېرىش باھانىسى بىلەن ئىلىغا يېنىپ چىققان ھەم ئىلىدىكى مەرىپەتپەرۋەر، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، 1927-يىلى، «شىرىنكالام» دېگەن كىتابىنى تۇنجى قېتىم كۈرەدە تاش مەتبەئەدە باستۇرغان. بۇ كىتابتا نۇقتىلىق ھالدا مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەخلاق-پەزىلەتلىرى سۆزلەنگەن. بۇ كىتاب كېيىن ھىندىستاندا بېسىلىپ تارقىتىلغان.

سابىت داموللام دىنىي ئىلىملەردە ھەم تۈركچە، ئەرەبچە، پارسچە ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل تۈرلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان بولغاچقا، مەزكۇر تىللاردا بەزىدە نەسرىي، بەزىدە نەزمىي بىلەن سۆزلەش، يېزىش كامالىتىگە يەتكەن. ئۇ 1927-يىلىدىن باشلاپ، غۇلجا شەھىرى دەڭ مەسچىتىدە «قۇرئان كىرىمى» نى ئاغزاكى تەرجىمە قىلىپ، بۇ ئىشنى ئۈچ يىل داۋاملاشتۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن «ئىسلام قانۇنى»، «ئەلفىيەنىڭ شەرھىسى» «ئاقائىدە جەۋھەرىيە، بايان ئەل سۈننەت» دېگەن كىتابلارنى يازغان. 1930-يىلى غۇلجىدا، چۆچەكتىكى مۇرات ئەپەندىدىن تەلىم ئېلىش باھانىسى بىلەن ۋەزىيەتنى كۆزەتكىلى چىققان خوتەن قاراقاشلىق مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن پىكىرلەشكەن. ئۇ شۇ يىلى كۈزدە قەشقەر ۋە ئاتۇشتىن چىققان شەمشىدىن داموللا، ياقۇپ ھاجى قاتارلىق يۈزدەك كىشى بىلەن بىرلىكتە ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى ئابدۇللانى ئېلىپ ھەجگە ماڭغان.

1931- يىلى باھاردا، ئۇ ھەج تاۋابىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىلمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشقان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن بولغان ۋە ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان. تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان چېغىدا، مىسىردا دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ قاھىرەگە بارغان.

سابىت داموللام سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، مىسىردا ۋە تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ، ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، 1932-يىلى ھىندىستانغا كېلىپ دېھلىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان ھەم «ئاقائىدە جەۋھەرىيە، بايان ئەل سۈننەت»، «ئەلفىيەنىڭ شەرھىسى»، «شېرىن كالام» ناملىق كىتابلىرىنى باستۇرغان.

سابىت داموللام 1932-يىلى 12-ئايدا، قاغىلىققا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن ئۇدۇل خوتەنگە بارغان. 1933-يىلى 1-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، قاراقاش ئويباغ مەدرىسىدە، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا 1931-يىلى 6-ئايدا قۇرغان يوشۇرۇن تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن بىر يۈز ئوتتۇز كىشى يىغىن ئېچىپ، سابىت داموللام بىلەن قارىقاشلىق مەمەت نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى ئەزالىققا قوبۇل قىلغان ھەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش كۈنىنى بەلگىلەش، قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرىنى سايلاش ئىشىنى مۇزاكىرىلىشىپ بېكىتكەن.

سابىت داموللام ئۆزىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان:

بىرىنچى، بۈگۈنكى دۇنيا شارائىتىدا قوشنا ۋە باشقا چەت دۆلەتلەردىن ئىنقىلابىمىزغا ياردەم كۈتۈش

مۇمكىن ئەمەس. مەن بۇ ھەقتە كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن پىكىرلەشتىم،

ئىككىنچى، ئىنقىلابنىڭ قوزغىلىش نۇقتىسى خوتەندە بولۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئۇدۇل خوتەنگە كەلدىم.

سابىت داموللام رامزان مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «قۇرئان» ۋە ھەدىسلەردىن ۋەز ئېيتىپ، بولۇپمۇ جىھاد توغرىسىدىكى تەلىماتلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قوزغىلاڭ ئۈچۈن خەلق ئىچىدە ئومۇمىي پىكىر ئېقىمى بەرپا قىلىپ، ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچلەرنىڭ توپلىنىشىغا كۈچ چىقاردى.

1933-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، قاراقاشتا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1933-يىلى 4-ئايغىچە خوتەن تەۋەسى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن 4-ئاينىڭ 5-كۈنى «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» قۇرۇلغان. سابىت داموللام قوزغىلاڭ جەريانىدا، يەكەن قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراشتۇرغان.

1933-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، سابىت داموللام بىلەن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئىنىسى ئىمىر ئابدۇللا (شاھ مەنسۇر) ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ يەكەندىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان. سابىت داموللاملار يەكەندىكى چاغدا، قەشقەردىن تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام باشچىلىقىدىكى تۆت ۋەكىلى يەكەنگە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەشقەرگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقى توغرىسىدا سابىت داموللاملار بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزگەن. سابىت داموللام باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمىغان.

سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا يېتەكچىلىكىدىكى ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇن يېڭىسارغا يېتىپ كەلگەندە، تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردىن يېڭىسارغا كېلىپ، سابىت داموللاملارنىڭ قەشقەرگە بارماسلىقىنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپ، 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ. ئون مىڭلىغان شەھەر پۇقراسى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۇرۇپ، ئۇلارنى قىزدىن قارشى ئېلىشىدۇ.

بۇ ئارىدا يۈز بەرگەن بەزى قالايمىقانچىلىقلاردىن كېيىن، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سابىت داموللام قەشقەر شەھىرىدە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنى قۇرغان. 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بۇ ئىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق جەمىئىيىتى» نى قۇرغان.

ئىككى ئايلىق پۇختا تەييارلىق خىزمىتىدىن كېيىن، 1933-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلۇپ، كۆنچى مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بايراق چىقىرىلدى. بۇ بايراق ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئىدى. بايراق چىقىرىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش چوڭ يىغىنىدا، ھۆكۈمەت تەشكىلىي ئاپپاراتى، ئاساسىي قانۇن ۋە دۆلەت مارشى ئېلان قىلىندى.

11-ئاينىڭ 15-كۈنى، سابىت داموللام شۋېتسىيە كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسىنىڭ قۇتلۇق ھاجى باش مۇھەررىرلىكىدىكى باسمىخانىسىدا «شەرقىي تۈركىستان ھەپتىلىك گېزىتى» نى چىقاردى. يېرىم ئايدىن كېيىن: ئايلىق «مۇستەقىللىق» ژۇرنىلى چىقىرىلدى، ئۇنىڭدا، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە مۇھىم ھۆججەتلەر بېسىلدى، كەڭ كۆلەمدە جامائەت پىكرى تەييارلاندى».

«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ستالىن ھۆكۈمىتى بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خوجىنىياز ھاجىغا ۋەدە بېرىپ، ئۇنى ئۈندەككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق بۇ يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى يوقىتىشنى پىلانلىغان. خوجىنىياز ھاجى ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە كۆنگەن ھەمدە سابىت داموللام قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ، شېڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان.

1934-يىلى 4-ئايدا، خوجىنىياز ھاجى يەكەندە زىرىپ قارى ھاجى، شەمشىدىن داموللا، ئابلاخان سۇلتانبەگ قاتارلىق تۆت كىشىنى نەزەربەند قىلغان. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، مەخمۇت سىجاڭ قول ئاستىدىكى غوپۇر تۈەنجاڭنى قاغىلىققا ئەۋەتىپ، سابىت داموللامنى قولغا ئالغان. خوجىنىياز ھاجى سابىت داموللام بىلەن زىرىپ قارى ھاجىنى ئاقسۇغا يالاپ ئېلىپ كېلىپ، شېڭ شىسەينىڭ ئاقسۇدىكىسى قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

سابىت داموللام 1934-يىلى شېڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىسىگە قامالغان. 1940-يىلى ئۈرۈمچى ئىككىنچى تۈرمىنىڭ باشلىقى لۇ بىندى ئىسىملىك خۇيزۇ سابىت داموللام بىلەن تونۇشۇپ قالغان. لۇ بىندى سابىت داموللامنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنىڭغا «قۇرئان كىرىمى» بىلەن قەغەز-قەلەم ئەكىرىپ بەرگەن ھەمدە سابىت داموللامنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ بەرگەن. شۇ كۈندىن باشلاپ، سابىت داموللام «قۇرئان كىرىمى» نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە-تەفسىر قىلىشقا كىرىشكەن ۋە ئون ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا تەرجىمە-تەفسىرىنى تولۇق تاماملىغان.

سابىت داموللام تەرجىمە خىزمىتىنى تۈگىتىپ كۆپ ئۆتمەي، يەنى 1941-يىلى 58 يېشىدا، شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار

ئىستىمەس

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

ئەي نىگار ھىجرىڭدە كۆڭلۈم ئىنتىلىشنى ئىستىمەس،
مەن خىتاب قىلسام ۋەتەنگە ئىنتىلىشنى ئىستىمەس.

ئوت بولاتتىم، تولغىناتتىم، مەن يېنىپ چاقماقلىسام،
ئەل ئېغىر ياتقۇدا بولدى ھەم بىلىشنى ئىستىمەس.

«ئۇ ئۇزۇن، بۇ قىسقا» دەپ يۈرىشىدۇ بېزىلەر،
ئوغرى تەگسە ئۆيدە مالغا ئىز تېپىشنى ئىستىمەس.

ئېھتىيات جانى ئۈچۈن سەن بىر كېڭەش بەرسەڭ ئەگەر،
بىز بولۇرمىز دەپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى ئىستىمەس.

ھامىنىڭ ئەۋلادىدىن بىرى قۇللۇقتا قالمىدى،
ئۇيغۇر ئەۋلادى بۇنى ھەم سېزىشنى ئىستىمەس.

يەپ زەھەر بولدى كېسەل، ئەلۋىدا! كۆپتۇر خەتەر،
مىللىتىم جان چىقسا ھەم، داۋالىنىشنى ئىستىمەس.

باشقىلار كۆكتە، دېڭىزدا ئۈزدى شوخ پەرۋاز قىلىپ،
بىزگە كەلسە بىر قوتۇر ئېشەك مىنىشنى ئىستىمەس.

ئىزلىدى ھۇما قۇشىنى كۈندە ئاسمانغا قاراپ،
ئىزدىگەنلەر باشىغا ھۇما قونۇشنى ئىستىمەس.

مىللىتىم تارتقان ئازابقا كۆڭۈل قانداق چىدىغاي،
ئەل-غېرىب ئىڭرايدۇ، ئەمما تەۋرىنىشنى ئىستىمەس.

ئابدۇخالىق قىل سۇبات، ئىزدە سىراتەل مۇستەقىم،
بۇ سۇبات بارىدا دىل ۋەيران كېزىشنى ئىستىمەس.

1920-يىلى تۇرپان

كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

مەنزىل مەقسەت ئۇزاق، تېز ماڭمىدى مىنگەن ئۇلاغ،
تاش قۇراملىقتا مېڭىپ، ئاسقاپ ياماق بولدى ياداپ.

ئازغىنە بىر ئىستىراھەتنى قىلاي ھاسىل دېسەم،
ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتىن ئىت قاۋاپ.

گاھى ئوخشارمەن مۇھىت ئاتلاسىدا بىر كېمىگە،
تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراب.

بىر چۆكۈپ بىر چىقىمەن، تۇنجۇقۇپ بىر تىنىمەن،
كۆرۈنەر ساھىل قاچان، دەپ كۆزلىرىم كەتتى قاماپ.

ھەققە باغلىدىم دىلىمنى، ئىشقا سالالماي تىلىمنى،
زوقلىنىپ سوقۇر يۈرەك، مىڭ پارە قىلسىمۇ چاناپ.

جان ئۆلۈم خەۋپىدە قالدى، كۆزلىرىمدىن ياندى ئوت،
ئۆلمىسەم غازى ئەگەر، ئۆلسەم شېھىتلەردىن ھېساب.

ئېقى ئاق، قارىسى قارا، ھەرگىزمۇ ئاق بولماس قارا،
ئاجرىسۇن مىستىن تازا ئالتۇن كۆيۈپ ئوتتا چىداپ.

كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك،
ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق، ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاب.

1930-يىلى

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top