You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ھايۋانات ناملىرى ھەققىدە تەھلىل

«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ھايۋانات ناملىرى ھەققىدە تەھلىل

غەيرەت ئابدۇرەھمان

قاراخانىيلار دەۋرىدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى ھەققىدە تارىختا بىرىنچى بولۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئالىم بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىنىڭ نادىر ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۆز دەۋرىنىڭ تىل ئېلېمېنتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن شېئىر، ماقال- تەمسىل ۋە ھەرخىل ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ھەجىملىك بىر قامۇس بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ جۇغراپىيىسىگە، تارىخىغا، ئېتنوگرافىيىسىگە، فولىكلورىغا ئائىت ئىنتايىن قىممەتلىكبىلىملەر بايان قىلىنغان، شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، يېمەك- ئىچمىكى، كىيىم- كېچىكى، تۇرالغۇ جايى، ئەمگەك ۋە جەڭ قوراللىرى، ماددىي مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا دائىر ئىنتايىن مول ماتېرىياللار تىلغا ئېلىنغان. ئۇندىن باشقا، «دىۋان» دا يەنە ھەرخىل ھايۋانات (ھايۋانلار، جان- جانىۋارلار ۋە قۇش- پەرەندىلەر) قا دائىر ماتېرىياللارغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ھايۋانات ۋە ئۇچار قاناتلاردىن كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىنىڭ ناملىرى ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ مەنبەلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاش شارائىتى، تۈرلۈك ھايۋانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشىمىزنى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماستىن، ئەينى دەۋردىكى قۇرىغار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ ئىندېكىسى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. بۇ ھازىرقى زامان زوئولوگىيە پېنى تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە.
ئالدىنقى يازمامدا «دىۋان»دا ئۇچرايدىغان ھايۋانات ناملىرىنىڭ تىزىمىنى بەرگەنىدىم، تۆۋەندە ئۇلار ھەققىدىكى قىسقىچە چۈشەنچەمنى ئوقۇرمەنلەر ۋە كەسىپداش ئۇستازلارنىڭ تەنقىدىي پايدىلىنىشى ھەم مۇھاكىمىسى ئۈچۈن سۇندۇم.
1
مەھمۇد كاشغەرى «دىۋان» نى تۈزۈشتە، پۈتۈن تۈركىي تىللارغا ئورتاق بولغان بىر ئەدەبىي تىل نورمىسىنى ئاساس قىلىنىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ۋە ئەرەبلەرگە تۈركىي تىلنى تونۇشتۇرۇشتا ئەلۋەتتە ئەنە شۇنداق ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى تىلنى تونۇشتۇرۇشزۆرۈر ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنگەن. شۇڭا ئۇ لۇغەت ئۈچۈن تىل ماتېرىياللىرى توپلاشقا كىرىشكەندىن تارتىپ، تاكى ئۇنى رەتلەپ، كىتاب شەكلىگە كەلتۈرگەنگە قەدەر، ھەربىر سۆز ۋە ھەربىر تاۋۇش مەسىلىسىدە ئەدەبىي تىل نورمىسىغا قاتتىق رىئايە قىلغان.
11- ئەسىردە بارلىق تۈركىي تىللارغا ئورتاق بولغان يېزىق ئەدەبىي تىلى بار ئىدى. تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخىي ئەھۋالىدىن شۇ نەرسە مەلۇمكى، 4- ئەسىردىن كېيىن تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئوتتۇرىسىدا چوڭ بۆلۈنۈش ھەم بىرلىشىش ۋە يەنە پارچىلىنىش ھادىسىلىرى يۈز بەردى. بۇ ئىقتىمائىي ھادىسىلەر تەبىئىي يوسۇندا ئۇلارنىڭ تىللىرىغىمۇ تەسىر قىلدى. مەھمۇد كاشغەرى لۇغەتنى تۈزۈشتە، شۇ دەۋرنىڭ ئەدەبىي تىلى بولغان«خاقانىيە تىلى» نى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىللە، ھەرقايسى قەبىلە- ئۇرۇق شېۋىلىرىدىكى ئاتالغۇلاردىنمۇ پايدىلانغان. يەنى ئارغۇ، قىپچاق، ئوغۇز، توخرى، ياغما، چىەىل، ئوغراق، ياباقۇ، تۈركمەن، چارۇق، يەمەك، باشقىرت، بۇلغار، سۇۋار ۋە پەچەنەك قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ تىل ماتېرىياللىرىدىنمۇ ئۆز نۆۋىتىدە پايدىلىنىپ، شۇ تىلدىن ئېلىنغانلىقى ياكى شۇ تىلدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلغان. ئۇندىن باشقا، بەزى شەھەر- بالىق خەلقلىرىنىڭ تىلىدىكى ئاتالغۇلارنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. مەسىلەن: «قون – قوي. ئارغۇچە؛ سىڭەك – شەھەرلىكلەرنىڭ تىلىدا ‹پاشا›، سەھرالىقلارنىڭ تىلىدا ‹چىۋىن›؛ سەمۈرگۈك – سۈمۈرگۈك، بۇلبۇلغا ئوخشايدىغان بىر قۇش. بالاساغۇن تىلىدا» دېگەندەك. بۇ ھەقتە مەھمۇد كاشغەرى مۇنداق دەيدۇ: «ئەسلى سۆزلەردە پەرق ئاز بولىدۇ. سۆزلەردىكى پەرقلەر پەرقلەر بىرقانچە ھەرپلەر ئورنىغا باشقا ھەرپلەرنىڭ ئالمىشىپ كېلىشىدە ياكى چۈشۈپ قېلىشىدا كۆرۈلىدۇ… ئارغۇلار سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياكى ئاخىرىدا كەلگەن ‹ع – يا› ھەرپىنى ‹ن – n› غا ئالماشتۇرىدۇ. مەسىلەن: تۈركلەر ‹قوي›نى ‹قوى – koy› دېسە، ئارغۇلار ‹قون – kon› دەيدۇ…» («تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرچە نەشرى، Ⅰتوم41- 42- بەتلەر، )
قەدىمكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئولتۇراقلاشقان ئورنى كەڭ، تارقاق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئۇرۇق- قەبىلىلەر شەھەرلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بەزىلىرى كۆچمەن- چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، يېزا- قىشلاقلاردا بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تىلىدا ياكى تەلەپپۇزىدا بەزىبىر پەرقلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. بۇ خىل ھادىسە پەقەت تۇرمۇشتىكى ئاتالغۇلاردىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى ھايۋانات ناملىرىدىمۇ ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتكەن. مەسىلەن:
ئەينى ۋاقىتتىكى تەلەپپۇزى ھازىرقى نامى ياكى مەنىسى
ئايىغ ~ ئازىغ ئېيىق
ئايغىر ~ ئازغىر ئايغىر
ئارزۇ ~ ئارژۇ ئارجۇ، چىشى چىلبۆرە
ئاس ~ ئاز ئەرس، ئاق سۆسەر
ئەشەك ~ ئەشگەك ~ ئەشيەك ئېشەك
بۆ(ئوغۇزچە) ~ بۆگ ~ بۆي بۆ~دۆ، ئۆمۈچۈكنىڭ بىر تۈرى.
بورسمۇق ~ بورسۇق بورسۇق
بوتۇ ~ بوتۇق بوتا، بوتىلاق
كۆسۈركەن ~ كۈسۈرگە كۈسۈتكە، ئېتىز چاشقىنىنىڭ بىر تۈرى.
قوچ(ئوغۇزچە) ~ قوچڭار قوچقار
تەۋە ~ تەۋەي ~ تەۋى تۆگە
ياغان ~ ياڭان پىل
قىرغۇي ~ قىرقۇي قۇرغۇي
ئۆپكۈك ~ ئۆپۈپ ھۆپۈپ
سۈگلىن ~ سۈۋلىن قىرغاۋۇل
تاقاغۇ ~ تاقۇق(تۈركمەنچە) توخۇ
مانا بۇلار ھەرقايسى قەبىلىلەر ۋە ئۇرۇقلار تەلەپپۇزىدىكى ياكى بىر قەبىلە ۋە بىر ئۇرۇقتىكى ئاتالغۇلاردا ئۇچرايدىغان فونېتىكىلىق پەرقلەر بولۇپ، بۇ ئەينى دەۋر تىلىدىكى شېۋىلەر پەرقىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە. بۇ خىل ھادىسە ھازىرقى زامان تىللىرىمىزدىكى دىئالېكت- شېۋىلەر پەرقىدىمۇ داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتىكى تەلەپپۇزى ھازىرقى نامى ياكى مەنىسى
ئاسرى ~ بۇرسلان قاپلان
ئابا ~ ئايىغ ~ ئازىغ ئېيىق
بۇزاغۇ تىلى ~ كۈسۈرگە ~ كۆسۈركەن كۈسۈتكە
مۇش(چىگىلچە) ~ چەتۈك (ئوغۇزچە) مۈشۈك
چەكۈرگە (ئوغۇزچە) ~ سارىچغا چېكەتكە
بىچىن ~ كەيلىگ مايمۇن
ئالاۋان ~ نەك تىمساھ
ئۇد ~ سىغىر ئۇي، سىيىر، كالا
كۈمىنچە ~ سىڭەك پاشا
لاچىن ~ چافلى لاچىن
ئۈكى ~ ئۈھى ~ قوبۇرغا ~ياپا قۇلاق (ياباقۇ ۋە يەمەك تىللىرىدا) ھۇۋقۇش
يەرىسە ~ ئايا يەرسگۈ (چىگىلچە) شەپەرەڭ
مانا بۇلار ئاتالغۇلاردىكى لېكسىكىلىق پەرقلەر بولۇپ، بىر خىل ھايۋان (قۇش ياكى جانىۋار)، ئۆزئارا لېكسىكىلىق پەرققە ئىگە بىرنەچچە خىل ناملار بىلەن ئاتالغان.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بەزى ھايۋانلارنىڭ تۈرى ۋە خۇسۇسىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغان بولسا، بەزىلىرىنىڭ تەلەپپۇزىدا فونېتىكىلىق ۋە لېكسىكىلىق ئۆزگىرىشلەر بولغان. «دىۋان» دىكى مەلۇماتلار ھازىر بار بولغان بەزى ھايۋاناتلارنى قانداق ئاتىشىمىزنى ئاتالغۇ مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى تارىختىن بۇيان تىلىمىزدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنىمۇ ئەينەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
11- ئەسىر ئەرەب تىلى بىلەن تۈركىي تىل بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك چېپىپ كېتىۋاتقان بىر دەۋر بولۇش بىلەن بىللە، كونا ئېلېمېنتلار بىلەن يېڭى ئېلېمېنتلار ئۆزئ.ارا تەسىر كۆرسىتىشىۋاتقان، ئۆزئارا بىر- بىرىگە سىڭىشىۋاتقان دەۋر بولغاچقا، ئۇ دەۋردە بارلىققا كەلگەن بۇ قامۇس بىزنى قەدىمكى دەۋرنىڭ مول تىل ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ.
2
قاراخانىيلار 10- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام دىنىنى رەسمىي قوبۇل قىلىپ، ئۇنى دۆلەت دىنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەشقەر ۋە بالاساغۇننى قوش مەركەز قىلىپ، ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان شەھەرمەدەنىيىتىگە كۆچتى. لېكىن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزاق مۇددەتلىكئوۋچىلىق ۋە كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش بىلەن تۇرمۇش بىلەن شۇغۇللانغاچقا، ئۇلارنىڭ ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق (جۈملىدىنھايۋانات ناملىرى) ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ىېلىلا چوڭقۇر بولغان. ئوۋچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەرەپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىل بىلىمىمۇ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغانىدى. شۇڭا مەھمۇد كاشغەرى «دىۋان» دا ھايۋاناتلارنىڭ ھەرخىل بەلگىسى، جىنس ئايرىمىسى، ياش پەرقى ۋە يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھەرقايسىسىنى بىر- بىرىدىن پەرقلىق ناملار بىلەن ئىزاھلىغان. مەسىلەن:
تەلەپپۇزى مەنىسى
ئارسالىق ھايۋانلارنىڭ خۇنساسى (قوش جىنسلىقلىقى). ئوغۇزچە.
ئارزۇ~ئارژۇ ئارجۇ، چىشى چىلبۆرە.
ئاتان ئاتان، ئاتان تۆگە.
ئايغىر~ئازغىر ئايغىر
ئەتۈك ئارسلان (شىر) بالىسى.
ئەركەچ ئەركەچ، بىر ياشلىق تېكە.
بى بىيە، بايتال. تۈركچە.
بوتۇ~بوتۇق بوتا، بوتىلاق
بۇغرا بۇغرا. بۇغا، تۆگە قاتارلىقلارنىڭ ئەركىكى.
بۇقا بۇقا
بۇزاغۇ موزاي
ئىڭەك موزاي
ئىڭەك ئىنەك
ئىڭەك تاشپاقىنىڭ چىشىسى.
ئىنگەن ھىنگان (چىشى تۆگە)
ئىرك ئىرىك. تۆت ياشقا تولاي دەپ قالغان ئەركەك قوي.
ئىقىلاچ شوخ، يۈگۈرۈك ئات.
كۈۋۈك چەتۈك ئەركەك مۈشۈك.
قىسراق تۇغمىغان، قىسىر بايتال.
قوچ~قوچڭار قوچقار
قوزى قوزا
قۇلۇن قۇلۇن، تاي
مەردەك ئېيىق كۈچۈكى
ئوغلاق ئوغلاق
ئوي قارا تورۇق ئات.
ئۆكۈز ئۆكۈز
چەبىش چىۋىش، ئالتە ئايلىق چىشى ئوغلاق.
چەگۈن مولۇن ئاسلىنى
چوچۇق تۆرۈشەن، چوشقا كۈچۈكى
ساغلىق ساغلىق
تادۇن تايىنچا، بىر ياشلىق موزاي.
تەكە ئەركەك كىيىك
تىشەك ئىككى ياشلىق قوي.
توقلى توقلا، ئالتە ئايلىق قوزا.
تۈگە ئىككى چىشلىق موزاي.
ئۇد ئۇي، كالا. چىگىلچە.
ئەركەك تاقاغۇ خوراز
تىشى تاقاغۇ مېكىيان
يۇقىرىدىكى مەلۇماتتىن مەلۇمكى، مەھمۇد كاشغەرى «دىۋان» دا ھەربىر ھايۋاننىڭ ئەركەك- چىشىسى، چوڭ- كىچىكى، ئۇلاردىكى فىزىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلەرگە قاراپ، ئايرىم- ئايرىم خاس ناملار بىلەن ئاتىغان. بۇ ئەينى دەۋردىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھايۋاناتلار بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئۇلار ھەتتا شۇنچە ئىنچىكە ھېسابلىغانكى، قوي، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ چىشىغا قاراپ تۇرۇپ (ئادەتتە تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ يېشى ئۇلارنىڭ چىش سانىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ)، ھەرقايسىسىنى ئايرىم نام بىلەن ئاتىغان.
ئۇندىن باشقابىز يۇقىرىدىكى ھايۋاناتلار ئىندېكىسىغا كىرگۈزمىگەن، ھايۋاناتلارغا ئالاقىدار مۇنداقمۇ ئاتالغۇلار ئۇچرايدۇ:
ئالىق ئۇچار قاناتلارنىڭ تۇمشۇقى. ئوغۇزچە. Ⅰ. 92- 9
ئازما ئازما. تاشىقىنىڭ تېرىسى يېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن چاپالمايدىغان قوچقار. Ⅰ. 175- 9
ئازما يىلقى قېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىشلەتمەي قويۇپ بېرىلگەن يىلقا. Ⅰ. 175- 6
ئەرىك يورغا، ئويناق. يورغا ئات. Ⅰ. 95- 5
بويمال ئات بوينىدا ئېقى بار ئات. Ⅲ. 242- 8
بۆگرۈل ئات ئىككى بېقىنى ئاق ئات.Ⅰ. 628- 11
ئىگىش شاش ھايۋان. Ⅰ. 165- 7
كەرشەگۈ ئات گەجگىسى يېغىر ئات. Ⅰ. 640- 3
كەتكى ئات تۆشلۈك ئات. بېلى ئىنچىكە، تۆشى كەڭ ئات. Ⅰ. 560- 9
كىركىن تۆگىنىڭ بۇغرىغا كىرگەن ۋاقتى. Ⅰ. 577- 14
كۆگ بېشى بوش قويۇۋېتىلگەن ھايۋان. Ⅲ. 180- 16
قارتال قوي ئالا قوي. Ⅰ. 629- 13
قىزغۇل ئات قىزىل بورۇل ئات. Ⅰ. 629- 15
قۇلناچى قىسراق بوغاز بايتال. Ⅰ. 639- 8
ماما خامان تېپىشتە ئوتتۇرىغا قېتىلىدىغان ئۆكۈز. Ⅲ. 324- 12
ئوپ خامان تېپىشكە قېتىلىدىغان ئككۈزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆكۈز. Ⅰ. 48- 7
ئۆكۈش يىلقى توسۇن يىلقا. Ⅰ. 84- 9
چوفغا تېز يۈرەر پوچتىچىنىڭ يولدا ئالماشتۇرۇپ مىنىدىغان ئېتى. Ⅰ. 553- 19
تەڭىل كەيىك ئالدىنقى پۇتلىرىدا يول- يول سىزىقلار بولغان كېيىك. Ⅲ. 499- 14
تىغ قارا قىزىل بىلەن ئاچ قىزىل ئوتتۇرىسىدىكى ئات. Ⅲ. 176- 10
تىش قاشقىسى كۆزىگىچە بارغان، قۇلاقلىرىغا يەتمىگەن، بۇرنىغىچە سوزۇلۇپ چۈشمىگەن ئات. Ⅲ. 175- 15
توقۇم سويۇلىدىغان مال. Ⅰ. 515- 9؛ Ⅱ. 208- 11
توسۇن توسۇن، مىنىلمىگەن تاي. Ⅰ. 523- 4؛ Ⅱ. 39- 16؛ Ⅲ. 583- 3
ئۇلاغ بەگنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يۈرىدىغان تېز پوچتىنىڭ بېكەتلەردە يەڭگۈشلەپ مىنىدىغان ئېتى. Ⅰ. 165- 11
مانا بۇ مەلۇماتتىن بىلىۋالالايمىزكى، ئەينى دەۋردە ئەجدادلىرىمىز ھەتتا ھايۋانلارنىڭ رەڭ ئالاھىدىلىكى، فىزىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتى ھەم ئۇلارنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن پايدىلىنىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئۇلارغا ھەرخىل ناملارنى قويۇپ ئاتىغان.
يۇقىرىدىكى بەزى ئاتالغۇلار ھەتتا ھازىرقى زامان تىلىمىزدىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، ياكى تېخى ئۇلارغا مۇناسىپنام قويۇپ ئۈلەۈرمىدۇق. مەسىلەن، «ئىڭەك – تاشپاقىنىڭ چىشىسى؛ مەردەك – ئېيىق كۈچۈكى؛ چەكۈن – مولۇن ئاسلىنى؛ سىپ – ئىككى ياشقا ماڭغان تاي؛ تۆگە – ئىككى چىشلىق موزاي…» قاتارلىق.
3
«دىۋان» دا تىلغا ئېلىنغان بەزىبىر ھايۋانلارنىڭ ئىزاھى ۋە ھازىرقى زامان زوئولوگىيە ئىلمىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىز بەزى ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ پەقەت مەلۇم دائىرە ياكى مەلۇم جۇغراپىيىلىك رايونغىلا خاس ئىكەنلىكىنى قىياس قىلالايمىز.
ھايۋاناتلار ئېكولوگىيىلىك- جۇغراپىيىلىك ئورنى، ھاۋا كېلىماتى، ئىقلىم ئۆزگىرىشلىرىگە ئاساسەن ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان مۇھىتنى تاللاپ، ياشاپ ھەم نەسىل قالدۇرۇپ، كۆپىيىپ كەلگەن. ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولىدىغان ماددا ۋە ئېنېرگىيە ئالمىشىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە سىستېمىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.
قەدىمكى قۇرىغار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئۆزىگە خاس جۇغراپىيىلىك ئورنى، مول ھەم كۆپ خىللىققا ئىگە تەبىئىي مۇھىتى، بىپايان، كەڭ دالىلىرى تۈر ۋە سان جەھەتتىن كۆپ بولغان ياۋايى ھايۋاناتلار بايلىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئەقدادى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. «دىۋان» دا بېرىلگەن ھايۋانات، جان- جانىۋار ۋە ئۇچار قۇشلاردىن ئەجدادلارنىڭ ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئاللىقاچان قولغا كۆندۈرۈپ، دېھقانچىلىق ۋە باشقا كۈندىلىك تۇرمۇشتا پايدىلانغانلىقىنى بىلىمىز.
مەھمۇد كاشغەرى «دىۋان» دا پەقەت تۈركىي تىللىق خەلقلەر رايونىدا ياشايدىغان بىر تۈركۈم ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارنى، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە شەكلىنى ئىزاھلاپ كۆرسەتكەن. مەسىلەن:
ئالاڭىر كېمىرگۈچىلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر ھايۋان. بۇنى تۈركمەنلەر يەيدۇ.
ئازغىراق پاچىقى ئالا، باشقا يەرلىرى قارا بىر خىل تاغ تېكىسى.
باشغان ئېغىرلىقى 50- 100 رىتىل كېلىدىغان بىر خىل چوڭ بېلىقنىڭ نامى.
بۇلان بۇلان، قىپچاق ئەللىرىدە ياشايدىغان بىر خىل يوغان ۋەھشى ھايۋان.
قارساق قارساق، تۈلكە جىنسىغا كىرىدىغان بىر خىل ھايۋان.
قاتقىچ چايانغا ئوخشاش چاقىدىغان بىر خىل قۇرت. ئارغۇچە.
قۇسغاچ ئۆزى كىچىك، رەڭگى قارا بىر جانىۋار. ئوغۇزچە.
مۇغۇزغاق ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدىغان بىر خىل چىۋىن.
ئۆپلەن ھۆپلەن، ھۆپىگەن، چاشقان جىنسىغا كىرىدىغان كىچىك بىر جانىۋار.
ئۆيەز بىر خىل پاشا. ئوغۇزچە.
چاباق تۈرك كۆلىدە بولىدىغان بىر خىل كىچىك بېلىق.
توڭا قاپلان قىنسىدىن بىر ھايۋان. ئۇ پىلنىڭ كۈشەندىسى.
بايبايۇق يېقىملىق سايرايدىغان بىر قۇش.
كۆكتاپۇلغان بىر قۇشنىڭ ئېتى.
قىلقۇش~قىلقۇزرۇق ئەتىيازدا كېلىدىغان، ئۆردەككە ئوخشاش بىر خىل قۇش.
تۇرۇمتاي تۇرۇمتاي، يىرتقۇچ ئوۋچى قۇشلاردىن بىرىنىڭ ئېتى.
ئالىم مەھمۇد كاشغەرى «دىۋان» دا باشقا ھايۋانات ناملىرىنى ئەرەبچە تەڭداش مەنىسى بويىچە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدىكى بىر قىسىم ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ پەقەت شەكلى، خۇسۇسىيىتى ۋە ياشايدىغان جۇغراپىيىلىك ئورنىنىلا كۆرسىتىپ قويۇش بىلەن كۇپايىلەنگەن، خالاس. ئەجەبا، ئالىم ئۇلارنىڭ ئەرەبچىدىكى تەڭداش نامىنى بىلمەمدىكىنە؟! مەھمۇد كاشغەرى ئۆزى توغرىلىق مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ (تۈركىي خەلقلەرنىڭ) شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن- ئاياغ كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇبلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم.»①
«مەھمۇد كاشغەرى ئەدەبىي تىلدىن باشقا، ئوغۇز، قىپچاق، ئارغۇ ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ شېۋە لېكسىكىلىرىنىمۇ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان ھەم ئەمەلىي تەكشۈرگەن. ئۇ ئۆز تىلىنىڭ ئەڭ يېتىشكەن مۇتەخەسسىسى بولغىنىدىن تاشقىرى، ئەرەب، پارس تىللىرىنىمۇ خۇددى ئۆز ئانا تىلىدەك پىششىق ئۆزلەشتۈرگەن. شۇنداقلا ئەرەبلەر تارىخىنى، بولۇپمۇ ئىسلام تارىخىنى، ئىسلام پەلسەپىسىنى، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى ناھايىتى ئىنچىكە ئۆگەنگەن»②. شۇنى دەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، مەھمۇد كاشغەرى ئۆز يۇرتىدا تىل ماتېرىياللىرىنى توپلاپ، رەتلەپ بولۇپ، ئۇنى باغدادتا يېزىپ تاماملاپ، كىتاب قىلىپ تۈپلىگەن. ئۇ باغدادقا كەلگەندىن كېيىن، كىتابنى قايسى ئۇسۇلدا يېزىش ئۈستىدىمۇ كۆپ باش قاتۇرغان.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، مەھمۇد كاشغەرى ھەرگىزمۇ ئۆزى توپلىغان ھايۋانات ئىسىملىرىغا تەڭداش ئەرەبچە ئىسىم تاپالمايدىغانلاردىن ئەمەس. بۇ يەردە ئۇنىڭ «بىر قۇشنىڭ ئېتى»، «مۇنداق- مۇنداق بىر جانىۋار»، «تۈرك كۆلىدىكى بىر بېلىقنىڭ ئىسمى» دېەىنى شۇ قۇش، شۇ ھايۋاننىڭ پەقەت تۈرك ئەللىرىدىلا ياشايدىغانلىقىنى، ئەرەب ئەللىرىدە بۇ خىل قۇش ياكى ھايۋاننىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
«شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرلىرى جۇڭگودا ياشايدىغان بارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ 29 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بۇنداق كۆپ بولۇشى، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەبىئىي شەرت- شارائىتىنىڭ ھەقىقەتەن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغىنى شۇكى، بۇنداق خىلمۇ- خىل تۈرلەر ئىچىدە دۇنيا ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغايدىغان بىر بۆلۈك ئەتىۋارلىق ھەم ئاز ئۇچرايدىغان تۈرلەرنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. مەسىلەن، قوش لوكىلىق ياۋا تۆگە، ياۋا ئات، ياۋا ئېشەك (قۇلان)، قاڭشارلىق بۆكەن، قۇندۇز، ئاق قۇ، ئۇلار قاتارلىق تۈرلەر پەقەت شىنجاڭدىنلا تېپىلىدۇ»③
يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان زوئولوگىيە ئىلمى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىئىتى مۇھىتى، باشقا رايون ۋە دۆلەتلەردە بولمىغان نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلارغا ئانا ماكان بولغان. شۇڭا، ئالىمنىڭ «دىۋان» دىكى يەرلىك ھايۋاناتلارنى خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىك ياكى شەكىل جەھەتتىن ئىزاھلاپ قويۇشى ئانچە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. لېكىن بۇ زوئولوگلارنىڭ يەنىلا چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىنى كۈتمەكتە.
※ ※ ※
«دىۋان» دا تىلغا ئېلىنغان يۇقىرىقى ھايۋاناتلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرمۇ مەۋجۇت (بەزىلىرىنىڭ نامى ئۆز پېتى، بەزىلىرىنىڭ قىسمەن فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىغان، يەنە بەزىلىرىگە يېڭىچە ئىسىم قويۇلغان) بولسا، بەزىلىرى فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ياسىغان ياكى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.
جانلىقلاردا نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
دارۋىن مۇنداق دېگەن: «جانلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب، تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، مۇھىت شارائىتىنىڭ – ياشاش شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىكى پاكىت: بىرىنچىدىن، بېقىلغان جانلىقلاردىكى ئۆزگىرىش ياۋايى جانلىقلارغا قارىغاندا بىرقەدەر كۆپ، بىرقەدەر روشەنبولىدۇ. ئىككىنچىدىن، كەڭ دائىرىدە تارقالغان تۈرلەرگە قارىغاندا بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ»①
ئەگەر مەلۇم بىر خىل ھايۋاننىڭ ياشاش شارائىتى ئۆزگەرسە، بۇ ھايۋاننىڭ خۇسۇسىيىتىمۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋە ئىشلىتىلمەسلىكى مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ- دة، ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.
«دىۋان» دىكى نۇرغۇن ھايۋانات ناملىرى گەرچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بولمىسىمۇ (ياكى ئاۋام خەلق تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ)، لېكىن ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن ئاتالغۇلار فونېتىكا جەھەتتىن قىسمەن ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، قېرىنداش تۈركىي تىللىق مىللەتلەر تىلىدا يەنىلا ساقلىنىپ تۇرماقتا. بىز تىلىمىزنىڭ لۇغەت بايلىقىنى ياكى لېكسىكا بايلىقىنى بېيىتىمىز دەيدىكەنمىز، ھە دېسىلا چەت ئەل تىلىدىن سۆز قوبۇل قىلىشقا ئالدىرىماستىن، ئۆزىمىزنىڭ قەدىمكى تىل بايلىقلىرىمىزنى، لېكسىكا بايلىقلىرىمىزنى ئوبدان تەتقىق قىلىشىمىز، ئۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز زۆرۈر.
«دىۋان» ئەينى دەۋردىن قالغان بىردىنبىر ئىنسكلوپېدىك تەۋەررۈك. ئۇنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، ھازىرقىغا تەدبىقلاش، ھازىرقى دەۋردىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. «دىۋان» دىكى ھايۋانات ناملىرى ھەققىدىكى تەتقىقات تېخى شۇ پېتى تۇرماقتا.. شۇڭا ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىلىم سۈپىتىدە جاھانغا يۈزلەندۈرۈشىمىز لازىم.

بۇ يازمىدىن پايدىلانغۇچىلار مەنبە ۋە ئاپتور نامىنى ئەسكەرتىشى شەرت.

_________
① «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرچە نەشرى، Ⅰتوم 3- بەت
② يۇقىرىقى كىتاب Ⅰتوم كىرىش سۆز، 15- بەت
③ ئابلىمىت ئابدۇقادىر: «شىنجاڭنىڭ ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلىرى» كىرىش سۆز، 1- بەت. جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى شىنجاڭ ئۇيغۇر، قازاق شۆبىسى، 1990- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
④ فاڭ زۇڭيەن: «دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئاز- تولا بىلىۋالايلى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 32- 33- بەتلەر

مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top