You Are Here: Home » دىنىي ھايات » ئىمان ۋە ئەخلاق

ئىمان ۋە ئەخلاق

«ئەخلاقى ئەڭ ياخشى مۆمىن ئىمانى ئەڭ كامىل مۆمىندۇر.»[1]

ھايۋانغا ئۆز تەبىئىتى يېتەرلىك

ئەگەر بىز ھايۋانلار دۇنياسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، ئۇلاردىكى تۇغما تەبىئەتنىڭ ئۇلارغا تۇرمۇشنى توغرا تەشكىللەش ۋە ئىشلارنى توغرا بىر ياقلىق قىلىش جەھەتلەردە ئوبدانلا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، بىز چۈمۈلىلەر توپىنىڭ قىشلىق ئۈچەك تۇرمۇشىغا ئوزۇقلۇق توپلاش ئۈچۈن قانداق ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆزەتكىنىمىزدە، بولۇپمۇ بىر خانىش، چىشى ۋە ئۇرغاچى ھەرىلەردىن تەركىب تاپقان ھەسەل ھەرە پادىلىقىدىكى ھەر بىر ھەرەنىڭ ئۆز ئىشىنى قانچىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنداۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بىر بىرى بىلەن زىچ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشلىرىنى كۆزەتكىنىمىزدە يۇقىرىقى ئەھۋالنى گەۋدىلىك بايقايمىز. مانا بۇمۇ شۇ جانلىقلارغا قانداق ياشاش، قانداق قوغدىنىش جەھەتتە ئاللاھ ئۇلارغا ئىلھام بىلەن تەبىئىي يوسۇندا بىلدۈرگەن بۇ ئىنچىكە تۈزۈملەر ئۈستىدە ئويلىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بارلىق – بىرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنىڭ بىرىدۇر. قۇرئان كەرىمدە بۇ توغرىدا مۇنداق كېلىدۇ: «پەرۋەردىگارىڭ ھەىسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: ‹تاغلارغا، دەرەختلەرگە ۋە (كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن، ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەر(يەنى گۈل – چېچەكلەر) دىن يېگىن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن› ئۇنىڭ (يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ) قارنىدىن ئىنسانلارغا شىفا بولىدىغان رەڭلىك ئىچىملىك (يەنى ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى) ئويلايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار.»[2]

ئىنسان تەبىئىتى تولىمۇ مۇرەككەپ

ئىنساننىڭ تەبىئىتى تۈرلۈك، خىلمۇ خىل بولۇپ، چۈشىنىش تولىمۇ قىيىن، ئىنساننىڭ تەنھالىق تەبىئىتى ئۇنى شەخسىيەتچىلىككە ۋە مەنمەنچىلىككە ئۈندەيدۇ، ئىجتىمائىي تەبىئىتى ئۇنى ھەمكارلىشىشقا ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆز مەنپەئىتىدىن ئەلا بىلىشكە ئۈندەيدۇ. ئىنساندا ماددىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە ئۈندەيدىغان تەبىئەت ۋە روھنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئۈندەيدىغان تەبىئەت تەڭلا مەۋجۇد بولىدۇ. سەۋەبى ئىنسان مۇرەككەپ بىر مەخلۇق. ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى زېمىن ۋە ساماۋى پارچىدىن، جەسەت ۋە روھتىن، شەھۋەت ۋە ئەقىلدىن، ئىنسانلىق ۋە ھايۋانلىقتىن، پەرىشتىلىك ۋە شەيتانلىقتىن تەركىپ تاپقان. شۇڭلاشقا بەزى پەلسەپىلەردە ئۇنىڭ روھى ۋە ماددىي ئالەم بىلەن بىر تۇتاشلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئىنسان ئىككى دۇنيانىڭ گىراژدانى».

ئەنگلىيە پەيلاسوپى بىرتراند روسسىل مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنساننىڭ تەبىئىتى باشقا ھەرقانداق ھايۋاننىڭ تەبىئىتىدىن كۆپ چىگىش. ئىنسان دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار مۇشۇ چىگىشلىكتىن تۇغۇلىدۇ. ئۇ ھەرە ۋە چۈمۈلىدەك جۇغۇم ياشايدىغان مەخلۇق ئەمەس، يولۋاس ۋە شىرلاردەك يالغۇز، مۇستەقىل ياشايدىغان مەخلۇقمۇ ئەمەس. ئۇ ئىجتىمائىي ھايۋانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بەزى تەبىئەت ۋە ھەۋەسلىرى ئىجتىمائىي، بەزىلىرى شەخسى بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتىدىكى ئىجتىمائىي تەرەپ، شەخسى تەرەپنى قاتتىق قىيىن – قىستاققا ئالغاندىلا نامايان بولىدۇ. شەخسى تەرەپ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسى ئىشلىرىنى مۇستەقىل قىلىشنى ياخشى كۆرۈشىدە، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش ئويىدا بولماسلىقىدا كۆرۈلىدۇ. بىز تولۇق ئىجتىمائىي ئەمەس، شۇڭلاشقا بىز گە نىشاننى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەخلاق ۋە ئەخلاق يېتەكچىلىرىگە موھتاج. ھالبۇكى ھەرە ۋە چۈمۈلە قاتارلىق جاندارلار بۇ خىل نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق بولماستىن، بەلكى ئۆز توپىنىڭ ئېھتىياجى ۋە مەنپەئىتىگە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە ياشايدۇ.»

قانداق نەرسە ئىنسانغا توغرا، ساغلام ئەخلاقى قائىدىلەرنى بەلگىلەپ بېرەلەيدۇ؟ قانداق نەرسە غايىگە يەتكۈزىدىغان ئەگرىلىكىى يوق يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟ ئىنساننى توغرا يولدا مېڭىشقا نېمە ئىلھاملاندۇرالايدۇ؟

قانۇنمۇ؟

ئەخلاق پەلسەپىسىمۇ؟

ياكى دىنمۇ؟

بىز تۆۋەندە بۇ ئۈچ تېمىنىڭ ھەر بىرىگە ئېنىق چۈشەنچىلەرنى بېرىپ ئۆتىمىز.

قانۇن يەككە ھالدا ئىنساننىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلالمايدۇ

قانۇن جەمئىيەت ئىشلىرىنى ئىنتىزاملاشتۇرۇش ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا چەك قويۇش ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر بولغان نەرسە. لېكىن ئۇ ئىنسانلارنڭ ئىشلىرىنى يەككە ھالدا ياخشى كونترول قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ نوپۇز كۈچى ئاشكارا ئىشلارغا، دائىرىسى ئومۇمى بولغان مۇناسىۋەتلىرىگىلا ئۆتىدۇ. مەخپى ۋە خۇسۇسىي ئىشلارغا ئۆتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش ئەمەس، جىنايەتچىلەرنى جازالاشتۇر. بۇ قانۇنلارنى ئۆزگەرتىش ئاسان، ئۇنىڭ ماددىلىرىنى ھاۋايى – ھەۋىسىگە بويسۇندۇرۇش ئاسان، جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشمۇ تەس ئەمەس، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، گۇناھ ۋە بۇزۇقچىلىقنى تۈگىتىشتىن ئاجىز كەلگەن قانۇن، ياخشى ئىشقا تۈرتكە بولۇش، ئادالەتكە ئىلھام بېرىش قاتارلىقلاردىن تېخىمۇ ئاجىز كېلىدۇ. بىز ئىنسان قانۇنلىرىنى ئادالەت ۋە ھەقىقەتكە ماس كېلىدىكەن دەپ پەرەز قىلساقمۇ، ھەرقانداق ھالەتتە بولمىسۇن يەنىلا ئۇنىڭ روھى كۈچى يوق، ئۇنىڭ كۈچى ئۇنى قوغداش ۋە ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقان ھۆكۈمەتتە بولىدۇ.

جامالىددىن ئافغانىي ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈللەرنى ئادالەت پىرىنسىپىغا تولۇق باغلىيالمايدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ھۆكۈمەتنىڭ كۈچى قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئۇ ئاشكارا زوراۋانلىقنى توسىيالايدۇ، ئېنىق جىنايەتنى چەكلىيەلەيدۇ. ئەمما نىقابلانغان، ساختا ھەل بېرىلگەن باتىل، ئىسلاھات بويىقىدا بويالغان رەڭگارەڭ بۇزغۇنچىلىقلارنى ئۇلار قانداقمۇ توسۇپ قالالىسۇن؟ ھۆكۈمەت يەنە تالايلىغان ھىلىلەر، يوشۇرۇن سۈيىقەستلەر، يەڭ ئىچى خىيانەتلەر، كۆز بويامچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىپ ئۇلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرالايدۇ؟

مەنسەپدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى كۆپىنچە شەھۋىتى ئەقلىنى بېسىپ چۈشكەن كىشىلەر بولۇپ چىقىدۇ. قانداق بىر ياردەمچى رەھبەر ئۆز باشلىقىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۇنىڭ ئەقلىنى بېسىۋالغان شەھۋەتلىرىگە بويسۇنۇشتىن چەكلىيەلەيدۇ؟ ئاجىز پۇقرالار، بىچارە خەلقلەرنى ئاشۇنداق شەھۋىتىگە قۇل بولغان ئەمەلدارلارنىڭ يامانلىقى ۋە ئاچكۆزلۈكىدىن نېمە قۇتقۇزالايدۇ؟

دوكتۇر مۇھەممەد ئابدۇللاھ دەرراز «دىن» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «جەمئىيەت ئەزالىرى ئارىسىدا ھەمكارلىشىش بولمىسا جەمئىيەتنىڭ بىجىرىملىكى يوقىلىدۇ. بۇ ھەمكارلىشىش ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى رەتكە سالغۇچى قانۇن بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ. بۇ قانۇن ئۆز نۆۋىتىدە قانۇننىڭ ئىززەت – ئابرۇيىنى قوغدايدىغان، جىنايەتچى ئۇنسۇرلار بىلەن كۈرەش قىلىدىغان قانۇن ئورگانلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.

زېمىن يۈزىدە قانۇننىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سىياسەت – تۈزۈملەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەمدە جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش جەھەتتە ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ دىنغا يەتمەيدىغانلىقىغا بىز ئىقرار.

بۇنىڭ سىرى شۇ يەردىكى، ئىنسان ئىختىيارى ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەردە ئۇنىڭغا ــ كۆرگىلى، تۇتقىلى، بولمايدىغان، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا مەخسۇس ئورنى بولمايدىغان، ئىدىيە ۋە ئاڭدىن ئىبارەت پەقەت ئىنسانغىلا خاس بولغان روھىي ئامىلنىڭ قوماندانلىق قىلىدىغانلىقى بىلەن باشقا ھايۋانلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى بىر توپ كىشىلەر بۇ خىل ھەقىقەتنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئۇلار ئىنسان ئېڭى ۋە ئىدىيىسىنى جەمئىيەتنىڭ ماددىي ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكۈچى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردىن تەسىر ئالىدىغان نەرسىلەر دەپ قارىدى.»[3]

ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى كۆپلەپ تارقاتقاندا دىنى ۋە ئەخلاقى تەربىيە رولىغا تايانماستىنمۇ جەمئىيەتنىڭ تىنچ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ دەپ قاراش ئاپ – ئاشكارا خاتالىق. چۈنكى ئىلىم – پەن ئىككى بىسلىق قورال بولۇپ، قۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشكە ئىشلەتكىلى بولغىنىدەك، بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيران قىلىشقىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئىلىم – پەننىڭ ياخشى خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئەخلاقى نازارەتچى ئۇنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇ نازارەتچى ئەقىدە ۋە ئىماندىن ئىبارەت.

ئەخلاق پەلسەپىسى ئەسقاتمايدۇ

ئەخلاق پەلسەپىسى ھاجەتنى قامدىيالمايدۇ. يەنە كېلىپ ئەخلاق پەلسەپىسىنى جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن سەۋىيىسىز ئاممىغا ئۆزلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، ئەخلاق پەلسەپىسى پەقەت چەكلىك ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا ئۆزلىشەلەيدۇ. ئۇنىڭ تەسىرىمۇ يەنە چەكلىك بولۇپ، قەلبلەرگە دىن ئورۇنلاشقاندەك مەھكەم ئورۇنلىشالمايدۇ.

كىشىلەر قايسى ئەخلاق پەلسەپىسىگە ئەگىشىدۇ؟ ھەر بىر پەيلاسۇپنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پەلسەپىسى بار تۇرسا. ۋىليام جىمىس ۋە باشقىلارنىڭ «پراگماتىزم» پەلسەپىسىگە ئەگىشەمدۇ؟ ئارتىيۋ ۋە ئېپىكور تەشۋىق قىلغان «ھوزۇر – ھالاۋەت» پەلسەپىسىگە ئەگىشەمدۇ؟ ياكى نىتزي تەرغىب قىلغان «ھوقۇق» پەلسەپىسىگە ئەگىشەمدۇ؟ ياكى كانت تەرغىب قىلغان «بۇرچ» پەلسەپىسىگىمۇ؟

مۇئەييەن ئەخلاقىي خىسلەتلەرنى تۇتقا قىلىپ ياشىغان ئىنسان نېمە مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ؟ ئۇ ئەقىل قانائەتلىنىدىغان، كۆڭۈل رازى بولىدىغان مۇكاپاتمۇ؟ ياكى تۈزلەڭ چۆلدە تەشنا ئادەم قېشىغا كەلسە ھېچنېمە تاپالمايدىغان سەراپمۇ؟

ئۆز مىللىتى ۋە جەمەتى يولىدا قۇربان بەرگەن، ئۇلارنى قوغداپ زۇلۇم بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ مۇكاپاتى نېمە؟ ئىنسان كۆڭلى مانا بۇ لارنى بىلگەن چاغدىلا ئارام تاپىدۇ.

ئەخلاق پەلسەپىسى ئەمەس ئەخلاق كېرەك

بىزنىڭ ئەخلاق پەلسەپىسنى رەت قىلغانلىقىمىز ھەرگىزمۇ ئەخلاقنىڭ ئۆزىنى رەت قىلغانلىقىمىز ئەمەس.

ئەخلاق بولسا پەزىلەتلىك شەخسنىڭ قاياشى، ئىلغار جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى. ئەخلاقلىق خەلق مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدۇ، ئەخلاقنى يوقاتقان خەلق تۈگىشىدۇ:

زىيان يەتسە مىللەتنىڭ ئەخلاقىغا،

ئۇ ھەمراھ ئاھۇ – زارلار ساداسىغا.

ئەخلاقنىڭ ئومۇمىي دىنلار، خۇسۇسەن ئىسلام دىنىدىكى ئورنى يۈكسەكتۇر. قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇندىن ئارتۇق ماختىمىغان: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن.»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋەزىپىسىنى مۇنۇ بىر سۆزگە ئىخچاملاپ مۇنداق دېگەن: «مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم.»

ئىسلام ئالىملىرىدىن ئىبنى قەييىم ھەزرەتلىرى مۇنداق دېگەن: «دىن دېمەك ئەخلاق دېمەكتۇر، كىم ئەخلاقىي جەھەتتە سەندىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن، ئۇ دىندىمۇ سەندىن ئۈستۈندۇر»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسى يۇقىرىقى سۆزنى تەستىقلايدۇ: «ئەخلاقى ئەڭ ياخشى مۆمىن ئىمانى ئەڭ كامىل مۆمىندۇر.»

مانا بۇ، ئەخلاقنىڭ دىن ۋە جەمئىيەتتىكى ئەھۋالى. بىز بۇنىڭدىن ئەخلاقنىڭ دىننىڭ مۇھىم بىر تۈۋرۈكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ئاساسى ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

دىن بولمىسا ئەخلاق بولمايدۇ

دىن يالغۇز ئەخلاقنى يۈكسەلدۈرۈشكە چاقىرىش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئەخلاقى پىرىنسىپلارنى چىڭىتىدۇ. ئومۇمىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى بېكىتىدۇ، توغرا كىشىلىك ئىستىل ئۈچۈن نەمۇنە تىكلەپ، كىشىلەرنى شۇ بويىچە ياشاشقا ئۈندەيدۇ، ئۇلارنى بۇزۇلۇش ۋە ئاينىشتىن چەكلەپ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقتىن ئىبارەت ئىككى يولدىكى جازا ۋە مۇكاپاتنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا قويىدۇ.

گېرمانىيە پەيلاسوپى فىشت «دىندىن ئايرىلغان ئەخلاقنىڭ رولى بولمايدۇ» دېگەن ئىدى. ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئاتىسى گەندى مۇنداق دېگەن: «دىن بىلەن ئەخلاق بىر – بىردىن ئايرىلالمايدۇ، دىن ئەخلاقنىڭ روھى، ئەخلاق دىننىڭ ھاۋاسى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سۇ زىرائەتنىڭ ئۆسۈپ ياشنىشىغا ئوزۇق بولغىنىدەك دىنمۇ ئەخلاقنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن ئوزۇقتۇر.»

بىر نەچچە يىلدىن بۇيان پۈتۈن جاھان ئەنگلىيىلىك سودىيە دىننىگ ئەپەندىنىڭ سابىق ۋەزىر بىرۇف ۋە ئۇنىڭ ئاشنىسى كىللىر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جىنسىي سەتچىلىك توغرىسىدىكى دوكلاتىدىن خەۋەر تېپىپ كەتتى. دىننىگ ئەپەندى 850 سۆزلۈك دوكلاتنى يېزىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاخىرىدا تولىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن شۇنداق دەيدۇ: «دىن بولمىغان يەردە ئەخلاقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئەخلاق بولمىغان يەردە قانۇننىڭ كۈچى بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.»

دىن مىسلىسىز پاك مەنبە بولۇپ، دىن ئارقىلىق ياخشى ئەخلاق بىلەن يامان ئەخلاقنى ئايرىغىلى بولىدۇ. دىن ئىنساننى داۋاملىق ئۇنىڭ دىققىتىدە بولىدىغان، ئۇنىڭغا ھەرىكەت نىشانى بولىدىغان ئەڭ يۈكسەك نەمۇنىلەرگە باغلايدۇ، دىن شەخسنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى چەكلەيدۇ. شەخسنى ئادەتنىڭ باشقۇرۇپ كېتىشى ۋە ھەۋەس بالالىرىدىن قوغدايدۇ. شەخسنى ئۇلۇغۋار ئىنسانىي غايىلەر ۋە نەمۇنىلەرگە بويسۇندۇرىدۇ. شۇنداقلا شەخستە ئەخلاق قەسرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ئاساس بولىدىغان ئويغاق ۋىجداننى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

ئىمان ۋە يۈكسەك نەمۇنىلەر

دىنسىز ۋە ئېتقادسىز ئىنساننىڭ غايىسى، غېمى نېمە؟ ھاياتىدىكى ۋەزىپىسىچۇ؟

ئۇنىڭ غايىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشمۇ؟ ياق، ئۇ ئاللاھقا ئىشەنمەيدۇ، تىنچلىقنى خالىمايدۇ، ئۇ ئۆزىدىكى بارلىق ئىرادە ۋە كۈچنى زېمىندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش، كىشىلەرگە چوڭچىلىق قىلىش، ئۆز سۆزى بىلەن پەخىرلىنىش، كۈچى ۋە ھۆكمىنى نامايان قىلىشلارغا ئىشلىتىدۇ. ئۇ ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش يولىدا ئىنسان كاللىسىدىن مۇنار ياساپ ئۇ مۇنارنى بىگۇناھلار قېنى بىلەن بوياپ چىقىشتىنمۇ يانمايدۇ. ئۇنىڭ شوئارى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

دۇنيا بىزنىڭ ھەر قاچان، ئۆزىمىز بەگ ھەمدە خان،

كۆزىمىزگە سىغمىغان ياشالمايدۇ تىنچ – ئامان.

بىز بار يەردە باشقىغا ئاسان كۈن يوق، ئارام يوق،

چېقىلىمىز ھەر كىمگە خالىغانچە – خىرامان.

قۇچاقتىكى بوۋاقلار قېتىلغاندا قاتارغا،

بىزنى بوزەك قىلغاننى يەر بىلەن قىلار يەكسان.

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:

ئەگەر پايدا بېرەلمىسەڭ زىيان كەلسۇن قولۇڭدىن،

پايدا بەرمەك، زىيان سالماق يىگىتلىك يوسۇنۇڭدىن.

ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىدىكى كىشىلەر قاتارىدىن بولىدۇ. «ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە – رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار، ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە (ئۇلار) نىڭ ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ.»[4]

ئەمما مۆمىن بۈيۈك ۋەزىپە ئۈچۈن ياشايدۇ. يۈكسەك نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ئاللاھقا يىقىنلىشىش، ئاللاھنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش، ئاللاھ رازىلىقىنى ئىزدەپ ئاللاھتىن ساۋاپقا ئېرىشىشنى نىشان قىلىپ ياشايدۇ ۋە ئۇنى تۇتقا قىلغان ھالدا ئۆلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى ياخىشلىققا ئىنتىلىپ ئۆز نەپسىنىڭ ھاۋايى ـ ھەۋەسلىرىنى باسىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ مۇنۇ سۆزى دائىم ئۇنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولىدۇ: «ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن – كۆمۈشتىن توپلانغان ماللار، ئوغۇللار، چارۋىلار ۋە ئىكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (باقاسى يوق) شەيئىلەردۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر. (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك). (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئۇلاردىنمۇ (يەنى دۇنيانىڭ زىبۇ– زىننەتلىرى ۋە نېمەتلىرىدىنمۇ) ياخشى بولغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار بولۇپ، (ئۇلار) جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، (جەننەتلەردە) پاك جۈپتىلەر بار، (تەقۋادارلار ئۈچۈن) يەنە ئاللاھنىڭ رىزاسى بار، ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار): پەرۋەردىگارىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن دەيدۇ. ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار) سەبر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۈچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل– ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغفار ئېيتقۇچىلاردۇر.»[5]

مۆمىننىڭ يۈكسەك غايىسى ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە ئاللاھنىڭ ساۋابى ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىشتۇر. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاللاھقا يەتكۈزگۈچى ئامىللار بىلەن توشقۇزۋىتىدۇ. ئۇنى دائىم ئاللاھ ۋە ئاخىرەتنى ئۈمىد قىلىپ ياشايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش كىشىنى ھايۋانلار، يىرتقۇچلار ۋە ئىبلىسلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن قوغداپ قالىدۇ.

بەزى يازغۇچىلار كىشىلەرنى چەكتىن ئېشىشقا قۇترىتىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈڭلار دېيىلسە، ئۇلار بۇ چاقىرىقنىڭ مەنىسىنى ئىنسانلىقتىن ئىلاھلىق دەرىجىسىگە يېتىڭلار، دېگەن ئۇقۇمدا چۈشىنىۋالىدۇ. بۇ توغرىلىقتىن تولىمۇ يىراق خىيال. مۆمىننى ئاللاھنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈشكە تەكلىپ قىلىشنىڭ مەنىسى: كامالەتسىرى ئۆرلەش ۋە ئىلغارلىشىشقا دائىم ئۇرۇنۇش دېگەنلىكتۇر. مۆمىننىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلغارلىشىشى ئىلاھىي كامالەت نۇرىدىن قۇدرىتى يەتكەنچە ئىنسانلىقىغا لايىق ئۈلۈش ئېلىشتۇر.

ئاللاھ بىلگۈچى، ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، مۆمىن ئۆزىنىڭ چامى يېتىشىچە بىلىم ۋە ھېكمەت ئىگىسى بولۇشقا ئۇرۇنىشى كېرەك.

ئاللاھ كۆيۈمچان ۋە مېھرىباندۇر، مۆمىنمۇ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى يىتىشىچە كۆيۈمچان بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك.

ئاللاھ ئۆزكۈچ (ئۆزگىدىن بىھاجەت – سەمەد) ۋە سېخى – بىرەرمەندۇر، مۆمىنمۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق چامىنىڭ يېتىشىچە بىھاجەتلىك ۋە سېخىيلىك بىلەن سۈپەتلىنىشكە تىرىشىشى كېرەك.

ئاللاھ سەبىرچان ۋە ھەلىمدۇر، مۆمىنمۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق قۇدرىتىنىڭ يىتىشىچە سەبىرچان ۋە كەڭ قورساق بولۇشقا ئىنتىلىشى كېرەك.

ئاللاھ تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر، مۆئمنىمۇ ياۋۇزلار ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك، ئاللاھ پەسكەشلىكنى مەنسىتمەيدىغان، ئالىيجاناب زاتتۇر، مۆمىنمۇ رەزىل قىلمىشلار ۋە ناچار ئىشلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇشقا تىرىشىشى كېرەك.

ئاللاھ يېڭىلمەستۇر، ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر، مۆمىن كاپىرلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ۋە ئۆزىنى بوزەك ئەتكەن زالىم كۈچلەردىن ئىنتىقام ئېلىشقا تىرىشىشى كېرەك.

ئاللاھ ياخشى ئىشقا كۆپ ساۋاپ بەرگۈچى، كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مۆمىن ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە مۇكاپات بەرگۈچى، يامانلىق قىلغان كىشىنى ئەپۇ قىلغۇچى بولۇشى كېرەك.

ئاللاھ توغرا يول ئۈستىدىدۇر، ئىنسان ئەگرى – توقاي يوللاردا ئېزىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن توغرا يول تېپىشقا تىرىشىشى كېرەك.

ئاللاھ بارلىق مۇكەممەل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر، بارلىق نۇقساندىن پاك، خالى زاتتۇر، مۆمىن چامىنىڭ يىتىشىچە كەمچىلكتىن خالى بولۇش ۋە كامالى سۈپەت بىلەن سۈپەتلىنىش نىشانىنى ئۆزىنىڭ دىققەت مەركىزى قىلىشى كېرەك.

ئىنساننىڭ روھىيىتى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشتىنمۇ ئۆتە تەسىرى زور ۋە ئۇلۇغ يەنە قانداق ئىلھام بار؟!

مۆمىن ئۆز دىققەت نىشانى قىلغان ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ياخشى ئەمەل بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىششتىن باشقا يەنە قانداق بۈيۈك ئارزۇ بار؟!

دۇنيا مەنپەئەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەخلاققا كەلتۈرىدىغان زىيىنى

ئىنسانىيەت ئەخلاقىنىڭ بىجىرىملىكىگە ئەڭ كۆپ خەتەر ۋە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان نەرسە بولسا، تۈرلۈك دۇنيا مەنپەئەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئېزىتقۇ ھەۋەسلىرىدىن ئىبارەت.

دۇنياغا ھەددىن زىيادە ئامراق بولۇپ كېتىش ھەممە خاتالىقلارنىڭ باشلامچىسىدۇر، دۇنيانى قوغلىشىش ھەممە ئاپەتلەرنىڭ يىلتىزىدۇر. كىشىلەر دۇنيانى دەپ قېرىندىشىنى سېتىۋىتىدۇ، دۇنيانى دەپ بالىلار ئاتىسىنى ئۆلتۈرىدۇ، دۇنيانى دەپ كىشىلەر ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ، ۋەدىگە ئەمەل قىلمايدۇ، توختامنى بۇزىدۇ. دۇنيانى دەپ ھەقىقەتتىن تانىدۇ. سودىگەر – سېتىقچىلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ، كەم بېرىدۇ. رەھبەرلەر زالىملىق، پارىخورلۇق قىلىدۇ. روھى ئاجىز ئادەملەر مۇناپىقلىق، ساتقۇنلۇق قىلىدۇ. دۇنيانى دەپ ئالىملار ئۆزى بىلىدىغان ھەقنى يوشۇرىدۇ، ئۆزلىرى باتىل دەپ تونۇيدىغان نەرسىلەر بىلەن پەتۋا – ھۆكۈم چىقىرىدۇ. دۇنيانى دەپ مۇخبىرلار يالغان ۋە ساختىنى تەشۋىق قىلىدۇ. دۇنيانى دەپ شائىرلار ئاقكۆڭۈل، باغرى ساق ئادەملەرنى ھەجۋى قىلىدۇ، ھاراقكەش زوراۋانلارغا مەدھىيە قەسىدىلىرىنى توقۇپ چىقىدۇ.

دۇنيانى دەپ قانلار تۆكۈلىدۇ. ھۆرمەتلەر ئاياغ ئاستى قىلىنىدۇ. قانۇنلار دەپسەندە قىلىنىدۇ. دىن، ئابرۇي، ۋەتەن، ئىپپەت – نومۇس، ۋە بارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەر سېتىلىدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا ئۈچۈن بولىدۇ. دېمىسىمۇ، ھاياتنى ياخشى كۆرۈش ئىنساننىڭ تەبىئىتى. ئەگەر بۇ تەبىئەت بولمىغىنىدا زېمىن ئاباد بولمايتتى، ھايات دەرىخى چېچەكلىمەيتتى. كىشىلەرگە تۈرلۈك ئارزۇلارنى ياخشى كۆرۈشنىڭ نېمەت قىلىپ بېرىلگەنلىكى ھېكمەتكە قارشى ئەمەس، لېكىن بارلىق خەتەر كىشىلەرنىڭ دۇنيا مۇھەببىتىگە غەرق بولۇشى ۋە دۇنيا ئىستەكلىرىگە بېرىلىپ كېتىشتىن كېلىدۇ. شۇڭا ئىسلام پەيغەمبىرى بىزگە ئاللاھقا مۇنداق دەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن: «ئى ئاللاھ! دۇنيانى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىمىز ۋە بىلىمىمىزنىڭ چېكى قىلمىغىن.»

ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنگەن كىشى دۇنيا ھەۋەسلىرىدىن ئۈستۈن تۇرالايدۇ. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ دۇنياغا خىتاپ قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: «نېرى كەت، ئەي بايلىق، باشقىلارنىڭ يېنىغا بار، ماڭا توساتتىن ئۇچراپ قالدىڭمۇ؟ ياكى ماڭا ئاشىق بولدۇڭمۇ؟ مەن سېنى يانغىلى بولمايدىغان ئۈچ تالاق بىلەن قويۇۋەتتىم.» ئۇ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزىنى ئېيتىدۇ: «ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بورا ئۈستىدە ئىكەن، ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىقىنىدىكى بورا ئىزلىرىنى كۆرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئەي رەسۇلۇللاھ، بۇنىڭدىن ياخشىراق سېلىنچا سالساڭچۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى: مەن بىلەن دۇنيانىڭ نېمە ئىشى؟ مەن بىلەن دۇنيا خۇددى پىزغىرىم ئىسسىق بولغان بىر كۈندە سەپەر قىلىۋىتىپ، دەرەخ سايىسىدا بىر پەس سالقىنداپ ئارقىدىن يۈرۈپ كەتكەن يولۇچىغا ئوخشايدۇ». دېمەك، ئىمان مۆمىننى دۇنيا ھەۋەسلىرىدىنمۇ مەڭگۈلۈك بولغان نەرسىگە باغلايدىغان بىردىنبىر رىشتە.

ئىمان دۇنيانىڭ قىزىقتۇرۇشى ۋە ئېزىقتۇرىشىغا قارشى ئىگىسىگە كۈچ ئاتا قىلىدىغان مىسىلسىز گۆھەر.

مۆمىن دۇنياغا ئىگە بولىدۇ، دۇنيا مۆمىنگە ئىگە بولالمايدۇ. دۇنيا مۆمىننىڭ قولىنى تولدۇرالايدۇ، قەلبىنى تولدۇرالمايدۇ. سەۋەبى مۆمىن دۇنيادا كۆچمەن ياكى مۇساپىردەك ياشايدۇ. دۇنيادا بۇ روھ بىلەن ياشىغان ئادەم ھەر قانداق بىر بايلىققا ئىگە بولۇش قايغۇسىدىن يىراق بولىدۇ. ئۇ ئۆزى زېمىندا كېتىۋاتسىمۇ قەلبى ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.

مۆمىن دۇنيانىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پاشىنىڭ قانىتىچىلىكمۇ كەلمەيدىغانلىقىغا، ئاللاھتىن قورقۇپ ئوقۇغان ئىككى رەكئەت نامازنىڭ ئاللاھنىڭ قېشىدا دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشى ئىكەنلىكىگە، ئاللاھنىڭ يولىدا ئەتىگەن ۋە كەچلەردە قىلىنغان سەئيى– ھەرىكەتنىڭ دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ياشايدىغان بىردىنبىر ئادەم. لېكىن بۇنىڭ مەنىسى مۆمىن ھاياتتا تىرىكچىلىك قىلماي ئولتۇرۇشى، ئۆزىگە ھاياتنىڭ ياخشى، ئېسىل نەرسىلىرىنى ھارام قىلىشى ياكى بۇ دۇنياسىنى كاپىرلار ۋە بۇزۇقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا تاشلاپ قويۇشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەكسىچە مۆمىن دۇنيانى ئابادلاشتۇرۇشقا، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، دۇنيادا قۇل ئەمەس خوجايىن بولۇپ ياشاشقا بۇيرۇلغان.

بەلكى، مۆمىن ئاخىرەتنى ئۆزىنىڭ ئاداققى تىرىشىش نىشانى قىلغان، دۇنيانى غايىسى ئەمەس قورالى، مەنزىل ئەمەس ئۆتەر يولى قىلغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك.

ئاخىرەتكە كەسكىن ئىشەنمەيدىغان ئادەم ئۆز ھەۋەسلىرىدىن كۆڭۈل ئۈزەلمەيدۇ. ئۆز مەستلىكى ۋە لەززەت – خۇمارىدىن كېچەلمەيدۇ. شۇڭا ئۆمەر ھەييامدەك كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى دېيىشلىرى بىزنى ھەيران قالدۇرالمايدۇ. ئۇ شۇنداق يازىدۇ:

دېيىشەر بەزىلەر شالىنى چېچىپ:

دوزىخىي بولىسەن ھامان مەي ئىچىپ.

مەن دېدىم: مەي ئىچىپ تاپقان ھوزۇرۇم،

جەننەتكە كىرگەندىن كېتىدۇر ئېشىپ.

* * *

قېنى ئۇ مەرد ئۈلپەت، قېنى ناشتا مەي،

دەرد چۈشتى يارىدار يۈرىكىمگە، ھەي …

ئۈچ نەرسە بار، ئۇنى قاتتىق سۆيىمەن:

نەغمە، مەي، ئاي يۈزلۈك، دېسەم شۇنى دەي.

بۇ ئادەم بۇ گەپلەرنى دېگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئاخىرەتكە قىلغان گۇمانى ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىنى بېسىپ چۈشكەن. ئەگەر ئۇ ئاخىرەتكە ھەقىقىي ئىشەنگەن بولسا، جام، مۇزىكا ۋە ئاي يۈزلۈك پەرىلەر ئاللاھنىڭ ساۋابى ئالدىدا ئەرزىمەس نەرسە بولۇپ تۇيۇلغان بولاتتى.

ئىمان تەبىئىي ئىستەك ۋە شەھۋەتلەردىنمۇ، ئادەت كۈچىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان يېڭىلمەس، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىر كۈچتۇر.

تەبىئىي ئىستەك ۋە ئىمان كۈچى

تەبىئىي ئىستەكنىڭ ئىنساننى قوزغاتقۇچى ئالاھىدە كۈچ ئىكەنلىكى شەك سىغمايدىغان ھەقىقەت. لېكىن مۆمىن ئۆزىنىڭ ياشاش غايىسى قىلىۋالغان ئالىي ئۆلچەملەر ئۇنى يۇقىرىقى كۈچتىن ھالقىپ چۈشۈشكە ئېلىپ بارىدۇ.

خۇسۇسەن جىنسى ئىستەك ئەڭ كۈچلۈك ۋە قارشى تۇرغۇسىز بىر تەبىئىي ئىستەك بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا پسخولوگىيە ساھەسىدە ئىنساندىكى بارلىق پائالىيەتچانلىقنى جىنسقا باغلاپ چۈشەندۈرۈشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن، فىروئىدنىڭ جىنسىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرى غەيرىي ئىنسانىي قاراشلار بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ باشقا ئىستەكلىرى، روھىي ئامىللىرى ۋە ئىچكى تۈرتكىلىرىدىن بىخەۋەر قالغان ئىدى. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئىزاھلىرى بىلەن مۇنازىرىلەشكىدەك ئورۇن يوق.

مانا بۇ جىنسىي ئىستەك ياشلاردا ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. ياشلار تۇرمۇشقا بولغان تونۇش ۋە تەجرىبىسىنىڭ ئازلىقى، نەپسىنىڭ قۇترىتىشى، جىنسىي ھەۋىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن بەئەينى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايدۇ. جىنسى ھەۋەس كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلارنى كىشىلەر كۆزىدىن ياكى قانۇننىڭ جازاسىدىن خالى جايدا پۇرسەت بولسىلا ئۆزىگە ھالال بولمىغان ئايال بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن نېمە توسالايدۇ؟ ئۇنى ئىماندىن باشقا ھېچنەرسە توسۇپ قالالمايدۇ.

مانا بۇ، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەسى:

ياشلىق دەۋرىدىكى يىگىتلىكى ئۇرغۇپ تۇرغان يۇسۇفنى پۇقەرا ئەمەس، بەلكى ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال خوجايىنى، مەرتىۋىلىك گۈزەل ئايال ئىشىك – دەرىزىلەرنى تاقاپ شارائىتنى تەق قىلىپ ئۆز يېنىغا چاقىرىدۇ. قۇرئاندا بۇ ھەقتە: «يۇسۇف ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ئايال (يەنى زۇلەيخا) يۇسۇفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: بېرى كەل! دېدى. يۇسۇف: خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ (يەنى ئېرىڭ) ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، مېنى ئەڭ ياخشى كۈتتى، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپمايدۇ، دېدى.»[6] دەپ بايان قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭ بۇ ئازدۇرۇش ئالدىدا تۇتقان پوزىتسىيىسى قانداق بولدى؟ ھالبۇكى ئۇ، كىشىنىڭ ئەقلىنى يوقىتىدىغان ئازدۇرۇش ئىدى. زىلەيخا بارلىق ھىيلە – مىكىرلەرنى ئىشقا سېلىپ ئۇنىڭ پەيلىنى يۇمشىتىپ، قەتئىيلىكىنى بوشاشتۇرماقچى بولدى. زىلەيخا بۇنى قول ئاستىدىكى ئاياللارغا بوغۇلۇش ۋە ئاچچىق ئىچىدە ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئۇ (يەنى زۇلەيخا) مانا بۇ، سىلەرنىڭ مېنى ئەيىبلىشىڭلارغا سەۋەب بولغان ھېلىقى ئادەم، مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنە بۇيرۇقۇمنى ئىجرا قىلمىسا چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ، دېدى.»[7]

لېكىن ياش يۇسۇف ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دېدى: «يۇسۇف: ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۈر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن قايتۇرمىساڭ، (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن، دېدى.»[8]

ئازدۇرۇش مۆمىننىڭ ۋىجدانى بىلەن گۇناھنىڭ قىزىقتۇرۇشى ئارىسىدا بولغان ئىدى، قىزىقتۇرۇشلار مەغلۇپ بولۇپ، ئىمان يېڭىپ چىقتى.

شۇ پەيتتە ئۇزۇن مۇددەت ئېرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، كۆڭۈل رىغبەتلىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا قىينىلىۋاتقان ياش زىلەيخادىكى بىردىنبىر ئىستەك گۈزەل، نەۋقىران بىر يىگىتنىڭ ۋەسلىگە يېتىش تەشنالىقى ئىدى. ناۋادا يۇسۇفنىڭ سولىنىپ قېلىشى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن بولسا، ئىمان توسالغۇسى يوق ئەھۋالدا ئۇنىڭ بىرەر ئىش قىلىپ قويۇشى تۇرغانلا گەپ ئىدى…

ئېيتىلىشىچە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە ياشىغان، ئېرىدىن ئۇزۇن مۇددەت ئايرىلىپ قالغان بىر ئايال كېچىلىرى يالغۇزلۇق ئازابىدا پۇچۇلىنىپ مۇنداق دەر ئىكەن:

نېمانچە تاڭ ئاتماس بۇ مۇدھىش كېچە،

يارىممۇ يوق بۇندا ئويۇن ئەتكۈچە.

خۇدادىن قورقمىسام بۇنداق ياتقۇچە،

كۆڭلۈمنى ئاچاتتىم تازا يەتكۈچە.

ئاچچىق كۈچى ئىنساننى بىر تىلغا ئىككى تىل قايتۇرۇشقا، ئىنتىقام ئېلىش، ۋەيران قىلىشقا قۇترىتىدۇ. ئىنسان بۇ ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قوداڭشىپ كەتكەن يىرتقۇچ ياكى ۋەيران قىلغۇچ بورانغا ئايلىنىدۇ. شەيتان غەزەپ چوغىنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا تاشلايدۇ.

بۇ ھېسسىياتنىڭ تىرناقلىرىنى نېمە يۇلالايدۇ؟ يېلىنجاۋاتقان بۇ چوغقا نېمە تەمكىنلىك سۈيىنى قۇيالايدۇ؟

پەقەت ئىمان، ئىمانلا مۆمىننى ئاچچىقىنى يۇتۇشقا، زۇلۇم قىلغانلارنى كەچۈرۈشكە، يامانلىققا ياخشىلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

بىر كۈنى بىر ئادەم ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە سۆزلەۋىتىپ ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويدى. ئۆمەر ئۆزىنىڭ بىر پادىشاھ، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولغانلىقى تۈپەيلى ئاچچىقىدا ئۇنى جازالاش ئويىغا كەلدى – يۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ، ئۇ ئادەمگە مۇنداق دېدى: «شەيتان ماڭا پادىشاھلىق ئىززىتىم بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلدى، ھازىر سېنى جازالاپ ئاخىرەتتە سەن ئۈچۈن جازالىنىمەنمۇ؟ تۇر، ئاللاھ بېشىڭنى ئامان قىلغاي، بىزگە تولا گەپ قىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق.»

ئىمان شەخسىيەتچىلىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ

شەخسىيەتچىلىك ياكى لەززەت قوغلىشىش ئىستىكى ئىنساندىكى بېسىش قىيىن بولغان بىر خىل كۈچلۈك تەبىئەت، ئىنسان بۇ تەبىئەتكە بويسۇنۇپ كېتىشتىن ساقلىنالمايدۇ. لېكىن ئىمان كۈچى شەخسىيەتچىلىك تەبىئىتىنى يىمىرىپ تاشلاپ ئۇنى يول قويۇش ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىش تەبىئىتىگە ئۆزگەرتىدۇ. مۆمىننى ئەرزىمەس مال – دۇنيا، راھەت – پاراغەتتىن رىشتە ئۈزدۈرۈپ يۈكسەك غايىگە باغلايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە ئېيتىپ بەرگەن تۆۋەندىكى ۋەقەلىكتە ئىماننىڭ بۇ جەھەتتىكى رولى روشەن ئىپادىلىنىدۇ: «ئىككى ئادەم بىر تۈركۈم مىراس توغرىسىدا جېدەللىشىپ قالدى. ئۇ ئىككىسىنىڭ قۇرۇق دەۋادىن باشقا تۇتامغا چىققۇدەك پاكىتى يوق ئىدى. ئۇ ئىككىيلەننىڭ ھەر ئىككىسى ‹بۇ مېنىڭ ھەققىم› دەيتتى ۋە ھەمراھىنىڭ ھەققىنى ئىنكار قىلاتتى. بۇ ئىككىيلەن شەخسىيەتچىلىك تولغان قەلبلىرى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ھۆكۈم سوراپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا دېدى:

– مەن بىر ئىنسان، سىلەر مەندىن جېدەل ئايرىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىسىلەر، ئىككىڭلاردىن بىرىڭلار گەپدانراق بولۇشۇڭلار مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ گېپىگە كىرىپ كېتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز قېرىندىشىنىڭ ھەققىنى بۇيرۇپ قالسام، ئۇنىڭغا دوزاخنىڭ ئوتىدىن بىرپارچىنى بۆلۈپ بەرگەن بولمامدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تەسىرچان سۆزلىرى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكى ئىماننىڭ تارىنى چېكىپ، ئۇلاردا ئاللاھ ۋە قىيامەت كۈنىدىن قورقۇش تۇيغۇسى ئويغاندى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەن بايا بىر – بىرىدىن تالاشقان نەرسىنى ئەمدىلىكتە بىر بىرىگە ئىتتىرىشكىلى تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ چاغدا شۇنداق دېدى:

بولغۇلۇق بولدى، ئەمدى مىراسنى ئادىللىق بىلەن ئۆز ئارا بۆلۈڭلار، ئاندىن چەك تاشلاڭلار، بىر– بىرىڭلارغا يول قويۇڭلار» مانا بۇ يەردە ئىماندىن ئويغانغان ۋىجدان سۆزى مەسىلىنى ئايرىپ بەردى. تاشقى ھۆكۈم ھەتتا قانۇنمۇ ھەقىقەتنى ئېنىقلاشتىن ئاجىز كېلىدىغان، ھېچ پاكىتسىز كېتىۋاتقان بۇ تالاش – تارتىشتا ئاخىرى ئادىلانە ھۆكۈم چىقىرىلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە ئىككى مۆمىن ئادەمنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ بۇنى ئېيتىشتىكى مەقستى مۆمىنلەرنىڭ پاك، دىيانەتلىك، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆز مەنپەئىتىدىن ئەلا بىلىدىغان خىسلەتكە ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئىدى:

«بىر ئادەم بىر ئادەمدىن قورۇ – جاي سېتىۋاپتۇ، سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىنىڭ قورۇسىدىن بىر كوزا ئالتۇن تېپىۋىلىپ، ساتقۇچى ئادەمگە:

– ئالتۇنۇڭنى ئالغىن، مەن سەندىن زېمىن سېتىۋالدىم، ئالتۇن سېتىۋالمىدىم، – دەپتۇ. ساتقان ئادەم سېتىۋالغۇچىغا:

– مەن ساڭا زېمىننى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى قوشۇپ ساتقان، – دەپتۇ.

ئىككىيلەن ئالتۇننى بىر – بىرىگە ئىتتىرىشىپ، ئاخىرى بىر ئادەمنىڭ قېشىغا ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشنى سوراپ بېرىپتۇ. ھۆكۈم قىلغۇچى ئادەم:

– بالاڭلار بارمۇ؟ دەپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى:

– ئوغلۇم بار، – دەپتۇ. يەنە بىرى:

– قىزىم بار، – دەپتۇ. ھۆكۈم چىقارغۇچى كىشى مۇنداق دەپتۇ:

بۇ ئالتۇننى ئىشلىتىپ ئوغۇل بىلەن قىزنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇڭلار، ئۆزەڭلارمۇ ئىشلىتىڭلار ۋە سەدەقە قىلىڭلار».

نېمىدېگەن ئېسىل روھ – ھە! ئىككى ئادەم، ئۇلار ئالدىدا بىر كوزا ئالتۇن، ئۇلار ئالتۇننى تالىشىپ ئۇرۇشمايدۇ، تېخى بىر – بىرىگە ئىتتىرىشىپ: ئۇ سېنىڭ، ئۇ سېنىڭ …. دېيىشىدۇ. بىز مۆمىن ئەمەس ئادەمنىڭ دائىم بۇ مېنىڭ، بۇ مېنىڭ، دەۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

دوكتور يۇسۇف قەرەداۋىي

تەرجىمە قىلغۇچى: خالىس ھەق قۇلى

[1] تىرمىزىي رىۋايىتى.

[2] نەھل سۈرىسى 68-، 69- ئايەتلەر.

[3] ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى بۇ سۆزنىڭ تىغ ئۇچى ماركىسىزمچىلارغا قارىتىلغان – ت.

[4] رەئد سۈرىسى 25- ئايەت.

[5] ئال ئىمران سۈرىسى 14- 17 ـ ئايەت.

[6] يۇسۇف سۈرىسى 23- ئايەت.

[7] يۇسۇف سۈرىسى 32- ئايەت.

[8] يۇسۇف سۈرىسى 33- ئايەت.

مەنبە: قىرىنداشلار تورى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top