You Are Here: Home » ئومۇمى » قۇچاقلىشپ ياتقىنغا 3000 يىل بولغان ئەر-ئايالنىڭ قەبرىسى بايقالدى

قۇچاقلىشپ ياتقىنغا 3000 يىل بولغان ئەر-ئايالنىڭ قەبرىسى بايقالدى

قۇچاقلىشپ ياتقىنغا 3000 يىل بولغان ئەر-ئايالنىڭ قەبرىسى بايقالدى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

«قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئارخېلوگلار ئۇكرائىنانىڭ غەربىدىكى تېرنوپىل (Ternopil) شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىقى پېتريكىۋ (Petrykiv) يېزىسىدىن بىللە دەپنە قىلىنغان بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ جەسىتىنى بايقىغان، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ئۇلارنىڭ بۇ يەردە قۇچاقلىشىپ ياتقىنىغا 3000 يىل بولغانىكەن.

ئارخېلوگلارنىڭ دېيىشىچە، ئايال ئېرىگە ھەمراھ بولۇپ ئۇ دۇنياغا بېرىشقا رازى بولغان، شۇڭا تىرىك پېتى كۆمۈلگەن. بۇ قەبرە ۋيسوتسكايا (Vysotskaya) دەۋرىدىكى قەبرە بولۇشى مۇمكىن، بۇ بىر جۈپلەر بىرونزا دەۋرىدىن باشلاپ بىللە ئۇيقۇغا كەتكەن.

ئۇكرائىنا ئارخېلوگىيە ئىدارىسىدىكى ميكولا باندرىۋسكي مۇنداق دېدى: «ئىككىسى بىر-بىرىنى قۇچاقلاپ تۇرغان، يۈزىمۇ بىر-بىرىگە قاراشقان، پېشانىسى تېگىشكەن. ئايال يانچە يېتىپ ئوڭ قولىنى ئەرنىڭ بوينىدىن ئۆتكۈزۈپ مۈرىسىگە قويۇۋالغان، پۇتىنى ئېگىپ ئەرگە يېقىن چاپلاشقان. جەسەتنىڭ باش تەرىپىدە بىر قاچا، كومزەك ۋە ئۈچ ساپلىق بار. شۇنداق، بۇ ئايال تىرىك پېتى كۆمۈلگەن، بولمىسا بۇنداق مۇھەببەتلىك قىياپەتنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. ئۇ بەلكىم تىرىك كۆمۈلۈشتىن بۇرۇن قىينىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن زەھەرلىك دورا يېگەنلىكى بولۇشى مۇمكىن.»
ئىلگىرىمۇ ۋيسوتسكايا دەۋرىدىكى مۇشۇنداق قەبرىلەر بايقالغان، لېكىن ئۇلاردا ئەر ئايالىنىڭ قولىنى تۇتۇۋالغان ياكى ئەر ئايالىنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويغان ۋە ياكى ئىككى تەرەپ چىڭ قۇچاقلاشقان ھالەتتە بولغان، ئايالنىڭ ئەرنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە بىللە دەپنە قىلىنغانلىقى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان.

باندرىۋسكي دوكتۇر بۇنى ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە بۇ ئاياللار ئېرى بىلەن بىللە دەپنە قىلىنىشقا رازى بولغان. بەلكىم بۇ ئۇلار ئادەتلەنگەن تۇرمۇش ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم ئۇلارنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگۈسى كەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا يولدىشى بىلەن بىللە دەپنە قىلىنىشقا رازى بولغان.»
«نىكاھ ئۇقۇمى ۋيسوتسكايا دەۋرىدە ئىنتايىن ياخشى تەرەققىي قىلغان، ئەر بىلەن ئايالنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ ئېنىق ئايرىلغان. ئايال ئېرى بىلەن بىللە ئۆلۈشكە رازى، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسىمى. بىرونزا دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ روھىنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىغان.»
«قىزىقارلىقى يېرى، ياۋروپانىڭ باشقا جايلىرىدا ئەر-ئاياللار بىر يەرگە دەپنە قىلىنغان بىلەن ئايرىم-ئايرىم قەبرىلەردە ياتىدۇ، لېكىن ۋيسوتسكايا مەدەنىيىتىدە ئەر-ئاياللار بىر قەبرىدە ياتىدۇ، شۇڭا مۇشۇنداق ھالەتتىكى قەبرىلەر تېپىلغان.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top