You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 35)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2481

ئۇيغۇر تارىخچىلىقىدا چاقنىغان يۇلتۇز: دوكتور نەبىجان تۇرسۇن

دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتى بۇ قېتىم ئۇيغۇر تارىخى ۋە دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەتنىڭ سىن ھۆججىتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: https://www.youtube.com/watch?v=oxAWrg8bbjM ۋاقتى: 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى يەكشەنبە سائەت 18:00 (ئىستانبۇل ۋاقتى) مەسئۇل ئورگان: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ...

Read more

ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئېمپىراتورلىقىدىكى رولى

پىروفېسسور ۋارىس چاقان (ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى) تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەزىمەت مۇھەممەت چىڭگىزخان تەرىپىدىن موڭغۇل ئېمپىراتورلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، موڭغۇل دۆلىتى ھىندىستاننىڭ چېگرىلىرى، شەرقتىكى ئوكيانۇس قىرغاقلىرىدىن، غەرپتىكى تۇناي دەرياسىنىڭ بويىغىچە، شىمالدا سبىرىيە يايلاقلىرىدىن، جەنۇپتا ھىندىستانغىچە بولغان كەڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. چىڭگىزخانن ...

Read more

خىتايدا يولغا قويۇلغان تىل سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى

گۈلشاھ بۇلۇت [1] (ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئونىۋېرسىتىتى تەتقىقاتچىسى) تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مىھراي ئوسمان قىسقىچە مەزمۇن: تىل سىياسىتى، بىر سىياسىي ئورگان ئىچىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىغا قارىتا ئىجرا قىلىنغان پىروگراممىلاردۇر. دۆلەتلەر مىللىي كىملىك ​​يارىتىش، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە تىلنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتتا ئىشلىتىلىشىنى بەلگىلەش ئۈچۈن تىللارغا قارىتا بەلگىلىمىلەر تۈزۈپ چىقىدۇ. ...

Read more

ئۇيغۇرلارنىڭ رىۋايەتلىرى ، ئېتىقادى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىدىكى ھايۋان سىمۋولى

دوكتور تۇغبا گۆنەل سۆنمەز (نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى) تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەنۋەر ئەھمەد قىسقىچە مەزمۇنى: جەمئىيەتنىڭ تارىختىكى ھەر خىل «شەيئىلەر» گە بەرگەن سىمۋول ۋە مەنالىرى ئۇلارنىڭ ئەسلىمىلىرىگە بەزى مەدەنىيەت كودى شەكلىدە سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ ، شۇ ئارقىلىق بىللە ياشاش ئارزۇسى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ سىمۋول ۋە مەنىلەرنىڭ قېلىپلاشقان شەكىللىرى ئارقىلىق شەكىللەنگ ...

Read more

ئۇيغۇر داستانلىرىدىكى تارىخى رېئاللىقلار

پىروفېسسور دوكتور سائادەتتىن ياغمۇر گۆمەچ تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇرېھىم پاراچ قىسقىچە مەزمۇنى: تۈركىستان مەدەنىيەت تارىخىدا تۈنجى بولۇپ ئەقىلگە كېلىدىغىنى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قىممەت قاراشلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق ، يېزىقچىلىق، رەسساملىق، مۇزىكا ۋە سەنئەتلىرى شۇنداقلا، شەھەرلىشىش، دېھقانچىلىق، مەتبەئەچىلىك، قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتلىرى تۈر ...

Read more

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top