You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 18)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2481

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3 – نۆۋەتلىك كېڭىشى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

16- سىنتەبىر جۈمە كۈنى ئىستانبۇل مەرتەردىكى گىرىن پارك مېھمانخانىسىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپۇنىيە تارماقلىرىدىكى ھەيئەتلەر ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە قاراشلىق قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى، خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى ھەيئەتلىرىدىن 40 كىشى بىرلىكتە ئاكادېمىيەنىڭ 3 - نۆۋەتلىك كېڭىشى يىغىنىدا 13 يىللىق خىزمەت مۇساپىسىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلار ...

Read more

ئۇيغۇرچە يىل، ئاي ۋە كۈن ناملىرى

ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكلىرى ● ئەسىر [esir] — كالىندار ھېسابىدىكى 100 يىلنى بىر بىرلىك قىلغان ۋاقىت بىرلىكى، بىر ئەسىر 100 يىلغا تەڭ. قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر ئەسىر 30 يىلنى كۆرسىتەتتى. چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركىي خەلقلەر 32 يىلنى بىر ئەسىر ھېسابلايتتى. ● قەرنە [qerne]— مىلادىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر پەسىلنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلى، ھىجىرىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر ئايغا توغرا كېلىپ، ئارىدىن بىرنەچچە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ...

Read more

بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟

يالقۇن روزى دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام -جاسارەتتە، ئىلىم – ھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل – يۇرتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە … پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك. «بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر – شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيىسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك». بۇ بىر ئابزاس ...

Read more

روھنى ساغلاملاشتۇرۇش – مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەسەتخورلۇق – مىللەتنى خارابلاشتۇرىدىغان خەتەرلىك ئىللەت. نادانلىقتىن ئۈچ بىخ ئۈسۈپ چىققان، ئۇلار: قارا نىيەت، ساختا شۆھرەت ۋە ھاكاۋۇرلۇق. - شۇپىنخاۋئېر نادانلىقنىڭ مەرىپەتكە زىتلىقى ھەممىگە ئايان. نادانلىقنىڭ ئىككى خىل تارىخىي شەكلى مەۋجۇت: بۇنىڭ بىرى، مەرىپەت ( سىۋىلىزاتسىيە) تىن ئىلگىرىكى نادانلىق ( ۋارۋارلىق )، ئىپتىدا’ئىي ئىنسان گۇروھىدىكى نادانلىق ۋە قىپيالىڭاچ نادانلىق. بۇنىڭ ...

Read more

ئۇيغۇرلار ۋە يىپەك يولى

دوكتور ئابدۇللاھ جىنقارا ئۇيغۇرچىسىنى تەييارلىغۇچى: ئەنۋەر ئەھمەد قىسقىچە مەزمۇنى: تارىختىكى ئەڭ قەدىمكى سودا يوللىرىنىڭ بىرى يىپەك يولى.خىتايدىن ياۋروپاغا بارىدىغان كارۋانلار ماڭىدىغان بۇ يولدا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەتلەر تېخىمۇ باي بولغان، بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇلار يولدىكى مۇھىم نۇقتىلاردا كارۋانساراي ۋە مېھمانخانا ياساش ۋە يولنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ بۇرچى دەپ قارىغان. يىپەك يولىنىڭ ...

Read more

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top