You Are Here: Home » Articles posted by مەۋلانە ئۇيغۇر (Page 8)
مەۋلانە ئۇيغۇر

Number of Entries : 192

مەسئۇت ئەپەندى (10)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت سۇلتان ئالىپ ئارسلان (1029-1072) بۈيۈك سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ 2-ھۆكۈمدارى ۋە تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئاناتولىيەگە كۆچۈشىگە رەھبەرلىك قىلغان داھىي ۋە بۇ يولدا دۈشمەنلەر بىلەن بولغان جەڭلەرگە قوماندانلىق قىلغان ئەسكىرى قوماندان. ئۇنىڭ دادىسى سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرى بولۇپ، سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان تۈرك مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمانلى ...

Read more

مەسئۇت ئەپەندى (9)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئىستانبۇل خاتىرىلىرى ياق-ياق! بۈيۈك مەقسەتلەر ئۈچۈن، زېمىن ئۆزى بىرەر چوڭ ئىمكان. چوڭ ئىشلارغا تەييارمەن بۈگۈن، مەندە قۇدرەت، ئارزۇ بىر جاھان. «فاۇست» دىن. قىش ئۆتۈپ باھار كېلىش ھارپىسىدا ئىستانبۇلنىڭ جاندىن ئۆتىدىغان نەم سوغۇقلىرى ئوبدانلا پەسىيىپ، سامادىكى قۇياشنىڭ تەپتى جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىغان ئىدى. قاپالى چارشىنىڭ توققۇز قوۋۇقىنىڭ بىرى بولغان نۇرۇئوسمانىيە قوۋۇقىنىڭ ئۈستى ...

Read more

مەسئۇت ئەپەندى (8)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت بۈگۈن غۇلجا شەھەرنىڭ غەربىگە توغرا كېلىدىغان بوستان كوچىسىدىكى سابىرھاجى ئائىلىسىنىڭ يوغان ئېچىلغان دەرۋازىسىنىڭ ھاۋا رەڭ ئىككى قانىتى بەجايىكى مۇشۇ مەھەللىگە قادالغان ئىككى بايراقتەك سېنتەبىر ئايلىرىنىڭ قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىپ كەتكەن ئىدى. قورۇنىڭ ئىچىگە ئېسىلغان يوغان داشقازاندا پۇرۇقلاپ قايناۋاتقان قوي گۆشىنىڭ مەززىلىك ھىدى مەھەللىگە تاراۋاتاتتى. قۇرۇتۇلغان يالپۇز، رەيھان ۋە زە ...

Read more

مەسئۇت ئەپەندى (7)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت مەسئۇت ھەر زامان ئۆز يولىدا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن مېڭىۋاتاتتى. بولۇپمۇ مۇئەللىمى ئابدۇمۇتائالى خەلىپە ئۇنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتاتتى. مۇشۇ سىتەمكار جەمئىيەتتە مەسئۇتتەك بىلىمگە ئاشىنا بولغان بالىلارنىڭ ياخشى بىر ئۇستازغا يولۇقۇپ، ئۆزلىرى تەشنا بولغان بىلىمنى ئۆگىنىشى ئاشۇ بالىلار ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ بۈيۈك تەلەي بولسا كېرەك. بۇنداق ئۇستازلار خۇددى چۆللۈكنىڭ ئوتت ...

Read more

مەسئۇت ئەپەندى (6)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئۇ بىر پەس تىنىۋالغاندىن كېيىن يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى: - سادىر پالۋان ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاشۇ يىلدىن باشلاپ رۇسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشىدۇق. بۇ چاغلارنى ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىق مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا بەكمۇ يامان دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى. راستىنى ئېيتسام كىم كېلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلسا قىلسۇن بەرىبىر بىز دېھقان ھەق دېگەننىڭ تۇرمۇشىدا ئانچە زور ئۆزگ ...

Read more

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top