You Are Here: Home » Articles posted by مەۋلانە ئۇيغۇر (Page 24)
مەۋلانە ئۇيغۇر

Number of Entries : 192

خوتەندە نورۇز

«يول» ناملىق روماندىن ئارىيە: خوتەندە نورۇز ئەردەم, مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئەرەن بىلەن بىرگە ئەسكىرى قارارگاھنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈردى، ئاندىن ئۆزى يالغۇز ئۇ يەردىن ئايرىلدى. ئەرەننىڭمۇ ئەردەم بىلەن بىرگە نورۇز سەيلىسى قىلغاچ، بازارلارنى ئايلانغۇسى بار ئىدى. بولۇپمۇ مۇنداق گۈزەل ھاۋادا، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىغىنغان شۇ تاغ يوللىرىدا ئات چاپتۇرۇپ سەيلە قىلغۇسى، تاغلارغا ياماشقۇسى، ئۆز ...

Read more

«يول» ناملىق رومانىدا ئىشلىتىلگەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى قوشاق ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر.

«يول» ناملىق رومانىدا ئىشلىتىلگەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى قوشاق ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر ھەبىبۇللا ئابلىمىت قىلىچىمىز بىلەن شۇنداق بىر يول ئاچايلىكى، ئۆندەرىگەكلەر ھوشىنى تاپسۇن، ئەلنىڭ ئىشى تۈزەلسۇن. توقلىلار بىلەن بۆرىلەر خاتىرجەم بىللە ياشايدىغان بولسۇن، بىزدىن غەم-قايغۇ كەتسۇن. مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرجىدا توغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم. سۈرەن ...

Read more

«يول» ناملىق روماندىكى ماقال – تەمسىللەر

«يول» ناملىق روماندىكى ماقال - تەمسىللەر ھەبىبۇللا ئابلىمىت «يول» ناملىق روماننىڭ بەدىيلىگىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ۋە ئىستىلىستىكا ۋاستىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئىبارىلەش كۈچىنى يۈكسەلدۇرۇش ھەمدە تىل بايلىقىمىزنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن شېئىر، قوشاق ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئىشلەتكەندىن باشقا يەنە تەخمىنەن 100 يېقىن ماقال - تەمسىل ئىشلىتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال - تەمسىللەرنىڭ سانى ...

Read more

قارىقاش ئىنقىلابىي

بۈگۈن 24-فېۋرال قارىقاش ئىنقىلابىينىڭ 88 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن "يول" ناملىق روماندىكى بۇ قىسسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. - ھەبىبۇللا ئابلىمىت قارىقاش ئىنقىلابىي مانا بۇ ئايسىز كېچىدە ئالىك كۆزلىرىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىپ، نەچچە ۋاقتىن بېرى سەۋر قىلغان پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئاۋازىنىڭ يېتىشىچە قاۋىماقتا، ئۆز ئاچچىقلىرىنى، غەزەپلىرىنى ئىپادىلىمەكتە. ئۆزى ۋە دوستلىرى ئۈچۈن زالىملارغا ...

Read more

دەريا بويىدىكى شېرىن مۇھەببەت

«يول» ناملىق روماندىن ئارىيە: دەريا بويىدىكى شېرىن مۇھەببەت ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئەسلىدە بۇلاقتىن سۇ ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن پەرۋىن، ئەردەمنى يىراقتىن كۆرگەن بولۇپ، ئەمما كۆرمىگەندەك بولىۋېلىپ، بېشىنى يەردىن ئۇزمەي ئەردەم تەرەپكە كېلىۋاتقان ئىدى. مانا بىر - بىرىنى تۇيۇقسىز كۆرگەن بۇ ئىككى ياشنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇشلىرى بىردىنلا تېزلىشىپ، كۆكرەك قەپەزلىرىگە گۆپىلدەپ ئۇرۇلۇپ، پۈتۈن تومۇرلىرىدا كۈۋەجەپ ئاققان ئىسسىق قانل ...

Read more

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top