You Are Here: Home » ئاكادېمىيە تور كۈتۈپخانىسى

ئاكادېمىيە تور كۈتۈپخانىسى

tor-kutupxanisi

ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسى تەسىس قىلىندى. يېڭى ئېچىلغان ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسىدا نۆۋەتتە 2000 گە يېقىن ئۇيغۇرچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە ئېلكىتاب ۋە ماقالە بار بولۇپ، بۇ كۇتۇپخانا داۋاملىق تولۇقلانماقتا. تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن تور كۈتۈپخانىمىزنىڭ زىيارەت قىلىڭ:

ئاكادېمىيە تور كۈتۈپخانىسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە تارىخى كىملىكىنى كۈچلەندۈرۈپ، مىللەتنىڭ ئاڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئېلكىتاب، ماقالە ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا چاقىرىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى پىداكار ياشلار مۇھىم كىتاب ۋە ماقالىلەرنى تور بەتلەردە ھەمبەھىرلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ماقالە ۋە كىتابلارنىڭ دائىم ئۆچۈرۈلۈپ ياكى تور بەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشى سەۋەبلىك ئىزدىمەكچى بولغان ئەسەرلەرگە ئېرىشەلمەسلىكتەك قىيىنچىلىق بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كەسىپتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىيال مەنبەسى بولالايدىغان، باشقا ھەرخىل تىللاردا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى، كىتاب ۋە ئىلمىي ماقالىلەرگە ئېرىشىشتە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا سىرتتىن كىرەلمەسلىك سەۋەبىدىن بەزى توسالغۇلار بار ئىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بۇ جەھەتلەردىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ھەر ساھەدىكى ئىلىم ئىزدىگۈچى ياشلىرىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قامداش، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماقالىلىرى، كىتاب ژۇرناللارنى توپلاپ ئاكادېمىيە تور كۇتۇپخانىسىدا ئېلان قىلىشنى باشلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنى بېيىتىپ، تارىخى مىللىي ئاڭنى تىكلەش ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ قايتىدىن تىرىلىپ، كۈچلۈك بىر مىللەت بولالىشى ئۈچۈن سىز ياقتۇرغان ئېلكىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئاكادېمىيە تور كۈتۈپخانىسى ۋە ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتاقلىشىڭ.

ئالاقە ئېلخېتى: uyghurakademy@gmail.com

قېنى تور كۈتۈپخانىمىزغا مەرھەمەت: ئاكادېمىيە تور كۈتۈپخانىسى

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top