You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » ياتلارغا دوپپا كەيدۈرۈش ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇش

ياتلارغا دوپپا كەيدۈرۈش ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇش

دوكتور مەخمۇتجان ئۆز ئۇيغۇر

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى چوڭ بىلگەن كىشىلەرنى ھۆرمەتلەپ دوپپا ۋە تون كېيدۈرۈش ئادىتىمىز بار. بۇ ناھايىتى ياخشى بىر ئەنئەنە. لېكىن، بۇ ئەنئەنىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلىساق، باشقا مىللەتلەرگە تەشەككۈرىمىز ۋە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن دوپپا ئەمەس، باشقا بىر نەرسە، مەسىلەن، قويۇق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئاسما گىلەم، تام رەسىم ۋە قول ھۈنەر بويۇملىرى،.. دېگەندەك‌ نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

بۇنىڭ سەۋەبى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىرلەيدىغان نەرسىمىز قەدىرسىز ۋە مەنىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇيغۇر دوپپىسى ھەدىيە قىلىنغان مۇتلەق كۆپ كىشى، ئەگەر ئۇ كىشى ئۇيغۇر بولمىسا، قەدىرلەپ باش تاجى قىلىشى، قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە ساقلاپ قويۇشى ناتايىن! ئەلۋەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنى تەتقىق قىلغان ۋە بىلىدىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

سوۋغات بېرىشتىكى مەقسەت، يېقىنلىق ئىزھار قىلىش ۋە مۇناسىۋەتنى ساقلاش. سوۋغات ئالغۇچى ئەگەر ئۇيغۇر دوپپىسىنى قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە ساقلىسا، ئۆيىدە ياكى ئىشخانىسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە بېزەك بويۇمى سۈپىتىدە بولسىمۇ ساقلىغان بولسا ئەلۋەتتە ياخشى. لېكىن، كۆپىنچە كىشى ئۇنداق قىلىشى ناتايىن. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە قىسقا بىر ئەسلىمەمنى ئورتاقلىشىمەن:

بىز ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان بىر تۈرك ئۇستاز بولىدىغان. ھۆرمەتلىشىمىزدىكى سەۋەپ، ئاغزىمىزغا ئېلىم سالغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلغانلىقى ياكى سەۋەب بولغانلىقى. ئاياللىرىمىز ئۇ ئۇستازغا دوپپا ھەدىيە قىلغان ئىكەن‌. بىر كۈنى بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ باردۇق‌. ئارلىقتا بىر نەرسىگە كۆزۈم چۈشتى، مېھمانخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا قويۇلغان بىر ئۈستەلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تەشتەك گۈل تۇراتتى، تەشتەكنىڭ ئاستىدا بولسا بىر نەرسە تۇرغاندەك قىلاتتى. يېقىن كېلىپ قارىسام ئۇيغۇر دوپپىسى ئىكەن. دوپپىنى تەشتەككە تەگلىك قىلغان ئىكەن‌. ساھىپخان كۆرمىگەن پۇرسەتتە دەرھال دوپپىنى ئېلىۋالدۇق.

سوۋغاتنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دوپپىسىنى قەدرىنى بىلىدىغان كىشىگە سوۋغا قىلىش كېرەك! ئۇيغۇر دوپپىسى ھازىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى‌. بىر دۆلەتنىڭ سىمۋولى ئۇنىڭ بايرىقى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئوبرازى ۋە غورۇرى ئۈچۈن ھۆرمەت بىلدۈرۈلگىنىدەك (بەزى غەرپ ئەللىرىدە ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن)، ئۇيغۇرنىڭ سىمۋولى ئۇيغۇر دوپپىسى بولغان بولسا، مۇتلەق ھالەتتە ھۆرمەتلىنىشى ۋە قەدىرلىنىشى لازىم. ئاتا – بوۋىلىرىمىز باش كىيىمنى ئەزەلدىن ئۇلۇغ بىلىپ كەلگەن. باشقا كىيىدىغان نەرسە ئاياق ئاستىدا بولمايدۇ، ئېگىزگە قويۇلىدۇ.

ناھايىتى ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى نەچچە يۈز يىللىق ئاسارەت ۋە جاھالەتتىكى تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ياتلارغا، ھەتتا ياۋلارغا دوپپا كەيدۈرۈپ كەپتۇق. يېقىن تارىخنى مىسال ئالساق، ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىغا بىۋاستە سەۋەب بولغان ستالىنغا، ۋەتىنىمىزنى ھېلە-مىكىر بىلەن ئېگەللىۋالغان جاللات ماۋزىدۇڭغا، ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلغان جاللات شىڭشىسەيگە،.. يەنە جىياڭ زىمىن، خۇجىنتاۋ ۋە جاللات ۋاڭ لېچۋەنگە، ھەتتا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى تۈپتىن يوقىتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان جاللات شى جىنپىڭغا ۋە ئۇنىڭ يان تاياقلىرىغا دوپپا كەيدۈرۈپ كەپتۇق!

تولىمۇ ئېچىنىشلىق يېرى، ئەكسىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان پىداكار ئەزىمەتلەرگە، مىللەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان زىيالىيلارغا ئۇيغۇر دوپپىسى ئەمەس، باشقا ھەرخىل «دوپپا» كىيگۈزۈپ، تۈرلۈك ھاقارەتلەر بىلەن ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ كەپتۇق‌..

ئۆزگۈرۈش ۋاقتىمىز كەلدى!

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top