You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسئۇت ئەپەندى (40)

مەسئۇت ئەپەندى (40)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بۇ سىرلىق سۆھبەت بولۇپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە يەنى رامىزاننىڭ 28- كۈنى كەچتە شەھەرنىڭ مەركىزىدە ئېتىلغان بىر پاي ئوقنىڭ ئاۋازىنى ھېچكىم ئاڭلىمىغان ئىدى، ئاڭلىغانلار بار دېگەندىمۇ، ئاڭقىرالماي قالغان ئىدى. بۈگۈن ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، ئەتراپتا بىر نەرسىلەرنى ئىلغا قىلىش ئۈنچىلىك ئاسان ئەمەس ئىدى. بەيتۇللا مەسچىتتىن كەچكى تاراۋىدىن قايتقان  ئادىلبەگ ئىنس – جىن يوق قاراڭغۇ كوچىدا تېرەكلەرنى ياندا ئۆيگە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ  ئارقىسىغا چۈشكەن كۆلەڭگە دەرەخلەرنى ئۆزىگە دالدا قىلىپ، تاپانچىسىدىن ئوق چىقىرىشنىڭ پەيتىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ كېلىۋاتقان ئىدى. پەلەك بىردىنلا پۈتۈن غۇلجا شەھىرىگە دەھشەت سېلىپ قاتتىق گۈلدۈرلەپ كەتتى، ئارقىدىنلا ۋال – ۋۇل قىلىپ چاقماق چاقتى. بىر لەھزە ئۆتۈش بىلەن تەڭ ئاسمان گۈمبىزى كۆمتۈرۈلۈپ چۈشۈپ كېتىدىغاندەك ئىككىنچى قېتىم گۈلدۈرلىدى ۋە گۈلدۈر – قاراس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يەنە چاقماق چىقىپ ئەتراپنى يالىلدىتىۋەتتى، دەل مۇشۇ چاغدا تاپانچىدىن چىققان بىر پاي ئوق كېلىپ ئادىلبەگنىڭ يۈرىكىگە كېلىپ تەگدى. تەڭرى ئۇنىڭغا چىرايلىق بىر يۈز، چىرايلىق بىر قامەت ئاتا قىلغاندىن كېيىن، بۇ سەل ئارتۇق كەتتى دەپ ئويلىغانمۇ قانداق ئۇنىڭغا پاك بىر يۈرەك ئاتا قىلىشتىن يالتىيىپ قالغان ئىكەن. ئەنە شۇ يۈرەك ئەمدى سوقۇشتىن مەڭگۈ توختىغان ئىدى. ئارقىدىنلا شاقىراپ ياققان يامغۇرنىڭ سۈيى تار كوچىدا سەلدەك ئېقىشقا باشلىدى. تېرەكلىك ئارىسىدا يامغۇر سۈيىگە چېلىشىپ قالغان ئادىلبەگنىڭ جانسىز گەۋدىسىنى تاڭ ئاتقۇچى ھېچكىم پەرق ئەتمىگەن ئىدى.

ئىنسان بارلىق مەخلۇقات ئىچىدە ئەڭ مەنپەئەتپەرەس ۋە بارلىق جانلىقلار ئىچىدە ئەڭ شەخسىيەتچى. ئۇ، قۇياشنىڭ نۇر چېچىشى، يەرنىڭ ئايلىنىشى ۋە باشقىلارغا ئۆلۈمنىڭ كېلىشىنى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا دەپ ئويلايدۇ. تاكى جېنى تېنىدىن جۇدا بولغانغا قەدەر ئۆزىگە ھېچ ئىش بولمايدىغاندەك، قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئەسكىلىكلەرنى باشقىلارغا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۆزىدىن بىلىملىك ۋە جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان كىشىلەرنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قاراپ، ئۇلاردىن قورقىدۇ ۋە قورققىنىدىن ئۇلارغا سۇيىقەست قىلىدۇ. ئەمما ئەڭ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنىڭ ئۆزى ئىشەنگەن، ئۆزى خىزمىتىنى قىلغان كىشىلەر تەرىپىدىن بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قويمايدۇ. ئادىلبەگنىڭ بۇ ھايات چۈشەنچىلىرى، ھايات پەلسەپەسى جېنىغا زامان بولۇپلا قالماي يەنە مەسئۇت ئەپەندى، ئابدۇراخمان شاھىدى، جىرجىس ھاجى، ئېلاخۇن كۆككۆز ۋە سۇلايمانلارنىڭ «ئادىلبەگنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن» دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ھەممىدىن يامىنى ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۈمىد مەكتىپىنى تاقاشقا قادىر بولغانتى.

مەسئۇت ئەپەندىلەر قولغا ئېلىنىپ ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەن ئىدى. ئۇلار زىنداندىكى ئۈچ ئاي داۋام قىلغان ئېغىر جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىكى ئىسكەنجىلەرگە بويۇن ئەگمەي، ئادىلبەگنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئاتالمىش جىنايەتنى ئۈستىگە ئالمىغان ئىدى. «بۇ بىزگە قىلىنغان تۆھمەت»دېگەن سۆزدە باشتىن – ئاياق چىڭ تۇرغان ئىدى. ئىككىلىنىش ئىچىدە تەمتىرەپ قالغان ما دوتەي بىلەن جۇ دارىن ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، بۇرۇن قىلغان تۆھمەتلىرىنىڭ ئۈستىگە يەنە يېڭى تۆھمەتلەرنى توقۇپ، ئۇلار ئۈستىدىن قايتىدىن ئەنزە تۇرغۇزۇپ، ئاتالمىش ئەنزىلەرنى ياڭ جاڭجۇڭنىڭ ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىگە جاكارلىغان ئىدى. مانا بۈگۈن 40 ئاتلىق چېرىك ئۇلارنى يالاپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ ماڭغان ئىدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان غۇلجا شەھەردىكى ئەھلىمەھەللىنىڭ ھەممىسى ئۈچدەرۋازنىڭ چوڭ كوچىسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا قاتار تىزىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەرىپەتچى ئەپەندىلىرى ۋە باھادىر ئوغلانلىرى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دىدارلىشىۋېلىش ئۈچۈن بىر- بىرىنى قىستىشىپ تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئايالى سارا خانىممۇ بار ئىدى. ئۈچ ئايدىن بىرى كۆرۈشمىگەن يولدىشىنىڭ دىدارىنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن، بىر قولىدا بېشىدىكى ياغلىقىنى تۈزەشتۈرۈپ، بىر قولىدا قىزى تومرسنى كۆتۈرۈپ، قوشۇمىلىرىنى تۈرگەن پېتى كۆزلىرىنى يىراقتىكى بىر نۇقتىغا تىكىپ تۇراتتى. ئاشۇ نۇقتىدا ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك يولدىشى پۇت – قولى كىشەنلەنگەن قىياپەتتە، كۆشۈك ھارۋىنىڭ ئىچىدە ئىدى. يولدىشىنىڭ شۇنچىلىك ناشۇدلۇق ئىچىدە نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، سارا خانىمنىڭ قەلبىنى قاتمۇقات غەم تۇمانلىرى بېسىۋالغان ئىدى. ئىككى يېنىدا ئېتىكىنى تۇتۇپ تۇرغان ئۇيغۇر بىلەن يىلدىرىم ئەتراپتا نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي، بىر چەتتىن قورقسا، يەنە بىر چەتتىن قانداقتۇ بىر ئۈمىد بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى«دادىمىز قېنى؟» دەپ جېدىلىنى قىلغان دادىسىنى ئىزدەۋاتاتتى. سارا خانىم بولسا، كۆشۈك ھارۋا كېتىۋاتقان تەرەپكە قاراپ «مەسئۇت!، مەسئۇت!…»دەپ نالە قىلىپ، ئەلەملىك ۋارقىراشقا باشلىدى. قۇرۇغان تاماقلىرىدىن چىقىۋاتقان ھەسرەتلىك نازۇك نىدا ئادەملەر توپىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازلار ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قىلىۋاتاتتى ۋە ئۆڭسۈرۈن كۆزلەر كۆشۈك ھارۋىنى قورشاپ ماڭغان چېرىكلەرنىڭ ئارىسىدا قالغان يولدىشىنى بىر كۆرۈۋېلىشقا قادىر بولالمايۋاتاتتى. شۇ دەقىقىلەردە ئۇيغۇر بىلەن يىلدىرىم تېخى كىچىك بولغاچقا دادىسىنىڭ تۆمۈر قەپەسنىڭ ئىچىدىكى ئادەملەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئەمما ئاپىسىنىڭ ئالدىدا تۇرغان سەككىز ياشلىق ئەرتۇغرۇل دادىسىنى يىراقتىن غىل – پال كۆرۈپلا تونۇدى – دە، كۆشۈك ھارۋىسى كېتىۋاتقان تەرەپكە قاراپ «دادا!» دەپ، بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ چاپتى. ئەمما، ئارقىسىدىن يۈگۈرەپ كەلگەن چوڭ دادىسى زەيناۋىددىن ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇۋالدى. بۇ چاغدا ئەتراپتىكى يىغا – زارلار پەلەككە كۆتۈرۈلگەن ئىدى. بەش كۆشۈك ھارۋىنى قورشاپ ماڭغان چېرىكلەر ھەيۋە كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا يېقىن يولاتماۋاتاتتى. ھەتتا چېرىكبېشى قولىدىكى تاپانچىسى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھاۋاغا قارىتىپ ئارقا – ئارقىدىن ئىككى پاي ئوق چىقاردى. ئەمما، ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ۋاراڭ -چۇرۇڭلىرى يەنىلا توختىمىدى. بۇلارنىڭ گاھىبىرلىرى غەزەپلىرىنى باسالماي بىرنېمىلەرنى دەپ چېرىكلەرنى تىللىسا، گاھىبىرلىرى تۆمۈر قەپەسنىڭ ئىچىدىكىلەرگە ئۆز كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىپ توۋلاۋاتاتتى، گاھىبىرلىرى بولسا، قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بىردىن – بىر يۆلەنچۈكى بولغان ئاللاھنى پانا تېپىپ دۇئا قىلىۋاتاتتى. يەنە گاھىبىرلىرى بولسا، ئادەم توپىدىن بىرلىرىنى ئىزدەۋاتقاندەك ئۇياق – بۇياققا قارايتتى ۋە ئىچىدە بىرنېمىلەرنى دەپ پىچىرلايتتى. بەلكى بۇلار ئادەم توپى ئارىسىدىن ئېلاخۇن كۆككۆزدەك بىرە نوچىنىڭ چىقىپ، چېرىكلەرگە مۇش – پەشۋا ئېتىپ، خەلقنى قوزغىتىشنى كۈتۈۋاتقان بولسا كېرەك. ئەمما، نېمە بولسا بولسۇن، شۇنچە نۇرغۇن خەلق بىر بولۇپ، كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقان بۇ زۇلۇمغا قارشى چىقىدىغان جاسارەتكە بىرلىكتە كېلەلمىگەن ئىدى. ۋاراڭ – چۇرۇڭنىڭ ساداسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، چېرىكلەرنىڭ ھوشيارلىقى تېخىمۇ ئاشقان ئىدى. ئۇلار قوراللىرىغا ئوقلىرىنى بەتلەپ، شۇنچىلىك ھەيۋە بىلەن بەش كۆشۈك ھارۋىنى قوغداپ كېتىۋاتاتتى. ھارۋىنىڭ ئارقىسىدا كېتىۋاتقانلار خۇددى ئاتا -ئانىسىدىن ئەگەشكەن بالىلاردەك چارىسىزلىك ئىچىدە ھۆڭرەپ نالە قىلىۋاتاتتى. گەرچە بۇ خەلق ئۆزلىرىنىڭ بەش باھادىر ئەزىمەتلىرىنى ئۆز كۆڭۈللىرىدە مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ھۆرمەتلىگەن ۋە ئۇلارغا قايىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى ئاشۇ قەپەستىن قۇتۇلدۇرۇشقا جاسارىتى يوق ئىدى. قەپەس ئىچىدە  پۇت – قولى تۆمۈر زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان مەسئۇت ئەپەندى ئۆزى چارىسىزلىك ئىچىدە تۇرۇپ، ئۆزىگە ئىچى ئاغرىشنىڭ ئورنىغا ئارقىسىدا يىغلاپ كېلىۋاتقان خەلق توپىنىڭ بىچارە ھالىغا قاراپ، يۈرىكى پارە – پارە بولۇپ كېتىۋاتاتتى. يىغلىغۇسى، پەرياد كۆتۈرگۈسى، تېپچەكلىگۈسى، تۆمۈر قەپەسنىڭ تۆمۈر بالداقلىرىغا كۆكرىكىنى ئۇرۇپ جار سالغۇسى ھەتتا كۈلگۈسى كېلىۋاتاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز يۈرەك پارىلىرىنى ئادەملەر توپى ئارىسىدىن، قۇمنىڭ ئىچىدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىزدەۋاتاتتى. دائىم ئۆيىگە كىرگەندە تەبەسسۇم بىلەن ئالدىغا چىقىدىغان ئايالى ۋە تايتاقلاپ كېلىپ بوينىغا ئېسىلىدىغان قىزى تومرس ۋە ئۇياقتىن – بۇياققا ئەركىلەپ يۈگۈرەپ ھارمايدىغان ئوغۇللىرى كۆز ئالدىغا كەلگەن ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇ تاشقىرىدىكى رەزىللىكلەردىن جاق تويۇپ، پارام – پارچە بولغان بىر روھى ھالەت بىلەن، ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغىنىدا، بۇنداق خۇشاللىققا تولغان گۈزەل يۈزلەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بارلىق غەم – غۇسسىلىرى شامالدا ئۇچقان ساماندەك ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ يوق بولاتتى. مانا ئەمدى، ئاشۇ مېھرىبان ئائىلە قەيەردە؟

 

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top