You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي خىزمەتلەر توغرىسىدىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ 5-قېتىملىقى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي خىزمەتلەر توغرىسىدىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ 5-قېتىملىقى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ تەشكىللىشىدە 2024-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي خىزمەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» نىڭ 5-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، جازا لاگېرلىرى قۇربان يېقىنلىرى مۇنبىرى ۋە سەرخىللار مائارىپى قاتارلىق تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم زىيالىيلار قاتناشتى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەم ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرى ۋە ئورتاق قىلالايدىغان خىزمەت تۈرلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەشتىكى قىيىنچىلىقلار ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ غەرپ قارشىسىدا خىتتاينى تاللاشقا مەجبۇر بولىۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەپتىن بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ۋە قوللاشقا ئېرىشىش جەھەتتە تۈركىيەدە تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىش ئىھتىمالىمىزنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

سەرخىللار مائارىپىنىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور مەھمۇتجان ئۆزئۇيغۇر، ئەھۋالىمىز ئوخشاپ كېتىدىغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان پەلەستىن ۋە تىبەت دېگەن باشقا خەلقلەرنىڭ كومىنىست خىتايغا قارشى كۆرەش يولىدىكى سېستىمىلاشقان، تەشكىلاتچانلىق ۋە پرىنسىپچانلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن ئۆگىنىشمىز كېرەكلىكىنى، ھەر تەشكىلات ئۆزىنىڭ قولىدىغان كېلىدىغان مۇئەييەن ساھەلەرگە مەركەزلىشىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جازا لاگېرلىرى قۇربان يېقىنلىرى مۇنبىرى مەسئۇللىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يولىنى ئ‍ېچىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئوقۇشى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىدىن دوختور مەمەتئېلى ھاپىز، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرچىلىكنىڭ بىراز بوغۇپ قويۇلغانلىقىنى، تۈرك خەلقىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن مېدىيالاردىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. سەنئەتچى ۋە پۇتبولچىلارغا ئوخشاش داڭلىق كىشىلەرنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە گەپ قىلدۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىش كېرەكلىكىنى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنى كۆپرەك زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ تۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە، لوندون مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتىنىڭ جەريانىنى، چىقارغان قارارلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دوكىلاتلارنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە شەخسلەرگە تارقىتىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى ۋەكىلى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئارىسىدا ھەمكارلىشىشنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ھەمكالىشىش ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئورگان، سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيغۇرلاردىن ئەزا قوبۇل قىلدۇرۇشقا تېرىشىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى باش كاتىبى ئابىدە ئابباس خانىم، دىئاسپورادا ئۇيغۇر مائارىپىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ، سەرخىللار مائارىپىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوقۇ-ئوقۇتۇشىدەك، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق كەسىپلەردە ئوقۇتۇشقا كۆپلەپ ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مۇئاۋىن رەئىسى ھافىز ئوسمان ئەپەندى ناھايىتى ياخشى داۋام قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنىڭ 2009- يىلىدىن كېيىن بارغانسېرى چېكىنىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ بېقىشىمىز كېرەكلىكىنى، ۋەتەندىن كېيىن چىققان بىر قىسىم ئائىلىلەرنىڭ تۈركىيەدە تۈرك خەلقى بىلەن سىڭىشىپ ياشاشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ تۈرك خەلقى ئارىسىدا بىراز ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن بىراز سوغۇپ قېلىش كەيپىياتى ياراتقانلىقىنى ئانالىز قىلىپ ئۆتتى. ئۇ، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە سەنئەت ۋە كۈلتۈر ساھەلىرىگىمۇ سىڭىپ كىرىش ۋە ياشلىرىمىزنى بۇ جەھەتتىمۇ تەربىيىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا ئوخشىمىغان شەكىلدە تونۇتۇش، فېمىنىستلەرگىمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان، سۆز قىلغۇچىلارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىگە جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىشىپلا قالماستىن، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەردىن سىياسەتچىلەر، مىللەت ۋەكىللىرى، يەرلىك تەشكىلاتلار ۋە مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقا تەشكىلاتلار ۋە زىيالىلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان يەرلىك  تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تىرىشىش» ناملىق بىر ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇپ چىقىش، بۇ مۇنبەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى.

يىغىندا يەنە ناھايىتى مۇھىم تەكىپ-پىكىرلەر چۈشتى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت لاھىيەلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەم بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېقىن كەلگۈسىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top