You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » سەپەردىن زەپەر

سەپەردىن زەپەر

(داستان) 

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

مۇقەددىمە 

 

«مۇساپىر بولماغۇنچە بولماس مۇسۇلمان»،

ئاتا سۆزى ئۇيغۇردا ئەجدادتىن قالغان؛

سەپەر قىلدىم ئۆمرۈمدە تۆرت چوڭ قىتئەگە،

كىرسەم كەرەك قاتارغا مۇسۇلمان ئوبدان.

 

نەسىپ بولدى ئىراققا ھىجرەت قىلىشقا،

مىڭ توققۇز يۈز سەكسەن تۆرت ئاپرىل ئايىدا؛

باغدات، ھىللە، كۇفا، نەجەف ھەم كەربەلا،

كەزدىم بولۇپ تەرجىمان ئەرەب تىلىدا.

 

تالىب بوپ مىسىر جامىئەتۇل ئەزھەردە،

بىر مىڭ توققۇز يۈز توقسان ئالتە سەنەدە؛

ئالدىم بىلىم خوپ ئۇسۇلۇددىن* بويىچە،

تۇرغۇزۇش چۈن دىلدا مۇقەددەس ئەقىدە.

 

غەنىيمەت پۇرسەت

 

ئۆتتى بىر سەنە* ياشىم قىرىق يەتتەدە،

ئۇنۋانىم دوچەنت پايىتەخت CUN* دە؛

بىر ئوبدان ئۆيۈم بار مائاشىم يەتەرلىك.

تۇرمۇش مەئىشەتىم نورمال كاپالەتتە.

 

بولدى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نەشىردە،

ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە شەھرى ئۈرۈمچىدە؛

مىڭ يىللىق نادىر ئەسەر باشلادى بىزنى ،

ئىلىم-پەنگە باشقادىن بولۇپ سەركەردە.

 

ئىسلاھات دەۋرى ئىدى شۇ چاغلار چىندە،

دىموكراتىك ھاۋا ئەسكەن ھەممە يەردە؛

تۈركىيە ئەرمەس بولدى دۈشمەن ئەل ئەمدى،

يوللار ئوچۇق داغدام ئوقۇش، زىيارەتكە.

 

«خەلىفەئى رۇم»دىن تا «تۈركىيە»گىچە.

بۇرۇن ئاڭلاغان مۇتلەق مەخپىيەتتە.

ئەنقەرە، ئىستانبۇللاردا كەزىپ يۈرۈش،

بولاتتى زاھىر پەقەت ئۇخلاساق چۈشتە.

 

ھاياجانلىق چاغ بولدى شۇنداق ئۆمۈردە،

ئورتا ياشلىق بىزلەرمۇ قالدۇق ھەيرەتتە.

«دەم غەنىيمەت بۇ پۇرسەتنى قاچۇرماغىل»-

دەيتتى كاشغەرىي بوۋام قۇلاق تۈۋىمدە.

 

يازدىم مەنمۇ ئىلتىماس كۆپ قاتارىدا،

ئىستىيپا بەرىپ خىزمەتىمدىن ۋاقتىنچە؛

قالماسقا تىرىشتىم ياشلاردىن ئارقادا،

«ئەلگە كىرسەڭ ئەل، سۇغا كىرسەڭ بەلىڭچە».

 

كەلدىم دوكتورا ئوقۇشقا تۈركىيەگە،

مىڭ توققۇز يۈز توقسان يەتتە ئۆكتەبىردە؛

مەكتەپىم ئەنقەرە ئۇنىۋەرسىتىتى-

تۈرك شىۋەلەرى فاكۇلتەتى سىھھىيە*دە.

 

باشلامدا باتۇر

 

ئاناتولىيە تۈركچەسى بولغاچ ئۆتكەل.

ئاسان بولمادى ئوقۇشۇم ھە دەگەندە،

كىردىم تۆمەر*گە ياڭى ئۆگرەنجى بولۇپ،

 ھاۋا ئوچۇق قۇياشلىق بىر ئەرتەگەندە.

 

«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىلەن بىر تىل-،

ئىدى ئون ئەسىرلەر بۇرۇنقى چاغدا.

بۈگۈن بولۇپ ئوتتۇز ئۈچ شىۋە ئەڭ ئاز،

تۈرك دۇنياسى تىلى بايىغان ھالدا.

 

بىرى ئەرەبچە يەنە بىرى لاتىن،

ھەرپ شەكلىدىنلا بار  ئۆزگەچە خاسلىق ؛

بىرنى ئوڭدىن يازىسەن بىرنى سولدىن.

ئۆگرەنمەسەڭ زەڭ قويۇپ يوق خالاسلىق.

 

ئوقۇدۇم تۆمەردە ساقمۇساق بىر يىل،

ئاتا تۈرك باشلاتقان لاتىن يازىقتا.

شۇ قەدەر بەرىلىپ ئۆگرەندىمكەنكى،

سەھل قارامادىم بىر چەكىت، پەشكە ھەتتا.

 

سۆزلەملەر قائىدەسى ئورناشتى دىلغا،

يازىشمۇ، ئوقۇشمۇ راۋان كۈندىن كۈنگە؛

ئۆگرەنىش ۋەسىلە چۈمۈلدى تەن-ۋۇجۇد،

«نە مۇتلۇ تۈركۈم دەيەنە» *سۆيگۈسىگە.

 

پۈتتۈردۈم تۆمەرنى «ياخشى» نەتىجەدە،

ھالا بار شۇ چاغدىكى شاھادەتنامەم؛

بولدى دوكتورا ئوقۇش باشلامغا ئاساس،

يورۇپ ئىلمىي ھاياتتا پارلاق نىشانەم.

 

ئۇستاز ۋە شاگىرت

 

داڭقلىق ئىرپانگاھتۇر ئىلىم دۇنياسىدا،

تىل-تارىخ ئىنستىتۇتى ئەنقەرەدە.

دوكتورامنى پۈتتۈرگەن مەكتەپ بولغاچقا،

ئۇنۇتۇلماس ئەتىۋارلىق خاتىرەمدە.

 

باشلادىم دوكتورام توقسان سەككىز سەنە،

سەما بارۇتچۇ *خانىم باش ئۇستاز بولۇپ؛

قاتتىق تەلەپ، ئىنچىكە ئۆزگەچىلىكىن،

قايىللىق بىلەن يەتتىم ھەر دەرستە تونۇپ.

 

دەرسلەرىم سەر خىل ھەم مول پىلاندا شۇنداق،

كۈنتەرتىپىم ئالدىراش ھەپتە بويىچە.

دەرستىن چۈشسەم چاپىمەن كۇتۇبخاناغا،

تاپشۇرۇقلار ئىشلەيمەن تەلەپ بويىچە.

 

دەرسلەرنى تاماملادىم ئون سەككىز ئايدا،

قازانچ بولدى  تەلەپتىكى سوڭ لاياقەت.

يازىشقا ئۇنۋان ئەسەرى ئىزىن بولدى،

نۇسرەت تامان ئۇرغۇدى تەندە جاسارەت.

 

ئۆنال كايا* ئەپەندىم تەز* يەتەكچىمدۇر،

ئەستايىدىل ھەر ئىشتا مەسئۇلىيەتچان.

تەتقىقات ئوبيەكتىمىز بولدى شاھ ئەسەر،

«تارىخى ھەمىدىي» دەپ ئەلگە تونۇلغان.

 

«تارىخى ھەمىدىي»نى يازغان زات مۇسا،

سايرامىي لەقەبلىك ئۇيغۇر تارىخشۇناس.

«ئابدۇلھەمىد خان تارىخى» دەپ شەرھلەنەر،

ئاتالغاچقا تۈرك ئىمپراتور نامىغا خاس.

 

پۈتۈلگەن ئەسەر مىڭ توققۇز يۈز سەككىزدە.

چاغاتاي تۈركچەسىدە شەھرى كاشغەردە.

كاشغەر دەۋلەتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى،

 سۈرەتلەنگەن تولا مۇپەسسەل پىچىمدە.

 

كاشغەر دەۋلەتى، پرىزدىنتى يائقۇب بەگ،

قۇرۇلغان مىڭ سەككىز يۈز ئالتمىش تۆرتتە.

ھۆكۈم سۈرۈپ تام ئون تۆرت يىل، غۇلاپ چۈشكەن،

بولماغاچ ئەدلى ئادالەت كاج پەلەكتە.

 

يۈز يىلدۇر ئىرپان دۇنياسىدا شۆھرەتلىك،

«تارىخى ھەمىدىي» مۇسانىڭ كىتابى.

دەۋلەتشۇناسلىق بابىدا قىممەتى يەك،

ئەۋلادلار ئالغاي ساۋاق ئادىل خىتابى.

 

كەڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس

 

تەتقىق قىلىشتا قوليازما ئەسەرلەرنى،

تونۇش، ئوقۇش، ئوقۇلغۇ مۇھىم ئوخشاشلا؛

ھەمكارلاشتۇق ئۇستاز بىلەن بۇ نۇقتادا،

ئۇنۋان ئەسەر سۈپەتىن بىلگەچ بەك ئەلا.

 

ئوقۇدۇق قوليازمانى قايتا-قايتادىن،

چۆكتۇق ھەر خەت، كەلىمە ئۇقۇم تەكتىگە.

ئىزاھلادۇق جۈملەلەرنى ئايرىم-ئايرىم،

بەردۇق ئەھمىيەت ھەر ئالاھىدەلىككە.

 

ئىختلاپ كۆپتۇر ئوقۇلغۇدا ئەللەر ئارا،

«يا» ھەرپى ھەپ «ئى» ئوقۇنۇر تۈركىيەدە.

بىزنىڭ ئەلدە «ئە» دەپمۇ ئوقۇلۇر، مىسال-،

«تىمۇر» ئەرمەس «تەمۈر» دۇر ئۆز نۆۋەتىدە.

 

مۇنازىرە بولۇر بەئزەن ئورتادا، چۈن-

ئىلىم دەگەن مۇھتاجدۇر مۇھاكىمەگە.

ھەل بولىدۇ ھەر چىگىش مادارا بىلەن،

قىس بىر كۆزنى كەلسەڭ يەك چەشمە شەھرىگە.

 

ساق بىر يىلدا پۈتتۈردۈم دوكتورا تەزنى،

««تارىخى ھەمىدىي» تەتقىقاتى» ماۋزۇ.

تۇنجى بولۇپ خەلقئارالىق چوڭ سەھنەدە،

تونۇتۇلدى زەر ئەسەر يەتىلدى ئارزۇ.

 

تارىخ ئىدى ئىككى مىڭ ئىككىنجى يىلى،

ئەنقەرەدە ئاپرىلنىڭ ئونىنجى كۈنى.

تۈركىيە، تۈركمەنىستان، ئۆزبەكىستانلىق،

ئۇستازلار ئىدى ھەممە  ئالىم سەر خىلى.

 

قىلىشتى مۇھاكىمە ئۇنۋان ئەسەرنى،

كۆپ تەرەپلىك مۇكەممەل ئۆلچەك بىلەن.

سورادى سوئاللار ئەسەرىم ھەققىدە،

جاۋابلادىم ئۆگرەنگەن بىلىكلەر بىلەن.

 

ئىمزا ئاتتى ئاخىرىدا ھەممە ئۇستاز،

باھالاپ ئەمگەكىمنى تەلەپكە لايىق.

تەبرىكلەندى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىم،

ئىلمىي ھاياتتىكى بۈيۈك ئىشقا تالىق.

 

قىرق يەتتەدە بولۇپ دوكتورانت تالەبە،*

ئەللىك ئىككى ياشىمدا پۈتتۈردۈم ئۇنى.

ئالتە يۈز بەتتىن ئاشقىن ئىلمىي ئەمگەكىم،

كىيدۈردى «ئەدەبىيات دوكتورى» تونى.

 

شۇنداق، نە شەرەپ دەسەڭ ئەرزىيدۇ ئەمدى،

ئىلمىي سەپتە ئەرىشكەن بۇ زۆرۈر ئۇنۋان.

سۆز ساھىبى قىلىدۇ ھەقلىق، بولغاچ-

ئىنابەتلىك سالاھىيەت سەن قازانغان.

 

ھەم زىيارەت ھەم ئىبادەت

 

شىئىر زادى نەمە ئۇ-قاپىيەلىك گەپ،

ناخشا-غەزەل دەگەنىڭ ئاھاڭلىق قوشاق.

قانچە جىق گۈزەل سۆز يورغالات بەرىبىر،

ئاداققىي تەئبىرى ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق.

 

تۈركىيەدە ئوقۇدۇم بەش يىل، قىسقاسى،

ئۆز ئەھلىدەك ياشادىم قوينىدا يايراپ.

رەتتىكى ئوقۇشتىن باشقا بوش چاغلارنى،

سەرپلەدىم قۇتلۇق ئىزلار قىلىشقا تاۋاپ.

 

 ئەنقەرەدە ئەڭ كۆپ زىيارەتىم بولدى،

ئاتا تۈرك ئانىت قەبرىدە، تاندوغاندا،

دۆلەت ئاتاسى مۇستافا كامال ئۈچۈن،

ئەگىلىپ سالام قىلدىم مول ھاياجاندا.

 

قىلدىم زىيارەت خاس موزىينى نەچچە رەت،

بىباھا بۇيۇملارنى ئۆز كۆزدە كۆردۈم.

تۈرك دۆلەتىنى قۇرۇش ئىش-ئىزلەرىدىن،

تەئسىرلەندىم بەك يۈرەكتىن ئۇرغۇپ سۆيگۈم.

 

نە قەدەر بۈيۈك ئىنسان، نە ئۇلۇغ تۆھپە،

تۈركىيە دەۋلەتىگە ئاتا تۈرك قوشقان.

مىللەتنىڭ راۋاجى ئىقبالى چۈن ھەتتا،

يازىق ئىسلاھاتىنىمۇ ئۇنۇتماغان.

 

فاتىھ مەھمەت تۈربە*سىن قىلدىم زىيارەت،

رۇم خەلىفەسى باش كەنتى ئىستانبۇلدا.

دۇئا بىلەن ياد ئەتتىم ئۇ بۈيۈك زاتنىڭ،

باتۇرلۇقىن شەھەرنى فەتھ ئەتكەن چاغدا.

 

مەۋلانا جامىيسىدە قىلدىم ئىبادەت،

كونيادا-جەلالۇددىن رۇمىي يۇرتىدا.

سەمازەنلەر ساماسىنىڭ پەيزىن سۈردۈم،

گوياكى مەسنەۋى شەرىف* ئوقۇغاندا.

 

تەئسىراتىم شۇ بۈيۈك تۈركىيە يۇرتى،

دۇنيانىڭ مەدەنىيەت موزىيى ئىكەن.

نەۋشەھىردە يەر ئاستى شەھەردىن تارتىپ،

فامۇق قەلئە ئىزلارى مۆئجىزى ئىكەن.

 

سەپەر زەپەرى

 

يىگىرمەنجى ماي ئىككى مىڭ ئىككى يىلى،

قايتىپ باردىم CUN خىزمەت ئورنۇمغا.

«خوش كەلدىڭ» دەدى كوھنا خىزمەتداشلارىم،

سالىپ پايانداز مىھردىن كەلگەن يولۇمغا.

 

بەردى ئۆز ۋاقتىدا ئىشلەگەن كەسپىم،

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى»نى قايتا.

ماگىستىر، دوكتورانت ئوقۇغۇچىلار ھەم،

تاللادى مەنى يەتەكچى ئۇستازلىققا.

 

بەش يىل سەرپ قىلىپ ئۆگرەنگەن بىلىملەرىم،

ئەسقاتتى يىلمۇ يىل شاگىرت تەربىيەلەشتە.

ئۇرغۇپ روھىم كۆرسەتتى ئەمەلىي ئۈنۈم،

ژىرىك ئەسەر يازىش، قوليازمالار رەتلەشتە.

 

ئىككى مىڭ تۆرتتە نەشرەتتىم كىتاب، نامى-

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مۇپەسسەل بايان»*.

مەزكۇر تىلنىڭ قائىدەلەرى شەرھلەندى،

ئەڭ تەپسىلىي ھالدا ئەلمىساقتىن بۇيان.

 

«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ئەسلىي تەكىستلەر»*،

نەشىر تاپتى بۇ كىتاب ئىككى مىڭ بەشتە؛

«بۇ ئەسەرنىڭ تەئرىپىگە سۆز يەتمەيدۇر»-

دەپ يازدىلەر گىڭ شىمىن* باھا سۆزىدە.

 

ئىككى مىڭ يەتتەدە نەشىردىن چىقتى شۇ،

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكاسى».

ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلەرى تىل قائىدەسى،

خاس سۆزلەنگەن ئەسەر بۇ يوقتۇر باھاسى.

 

ئىككى مىڭ توققۇزىنجى يىل فرانكفوردتا،

جەلپكاردۇر يەرمەنكەدە بىر دانە كىتاب.

«ئۇيغۇر مۇقام تەكىستلەرى تەتقىقاتى»*-

مۇقاۋىدا تۇردى ئاخۇن ساتار غىرداپ.

 

مۇقام پىرى نەفىسىي*گە ۋارىس  بولۇپ،

مىليون خەتلىك دەۋ* ئەسەر قىلىپ پۈتۈلگەن.

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەكىستلەرى تۈم*،

بەيىت-بەيىت ئىنچىكە تەتقىقتىن ئۆتكەن.

 

ئىككى مىڭ ئون بىرىنجى يىل ياڭى ئەسەر،

«ئۇيغۇر لىكسىكولوگىيە تەتقىقاتى»*.

ئۇيغۇر تىل سۆزلەمشۇناسلىقى بويىچە،

نەشىر تاپقان خاس ئەسەرلەرنىڭ سەر خىلى.

 

ئىككى مىڭ ئون تۆرتىنجى يىلى كاشغەردە،

نەشىر قىلىندى بىر كىتاب تەنتەنەلىك.

قىسقاچە ئىسمى ئۇنىڭ «ماغىزلىق بايان»*

نەۋائىي تىل خەزىنەسى مۇجەسسەملىك.

 

ئىككى مىڭ ئون ئالتىنجى يىلى بەيجىڭدە،

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىل ئىزاھلىق لۇغەتى»*.

(خەمىت تۆمۈر ئۇستاد بىلەن يازغان ئەسەر)

داغدۇغا پائالىيەتلىك نەشىر تاپتى.

 

ئون يەتتىنجى يىل* مۇبارەك، تارقاتىلدى-

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتى ئۆندەر»؛

(察哈台维吾尔语研究导论)

بولۇپ جۇڭگو (خىتاي) ئەلىدە شۇ كۈنلەرگىچە

خەنزۇچە (خىتايچە) نەشرەتىلگەن تۇنجى خاس ئەسەر.

 

شۇنداق، بۇلار ھەممەسى جۇغلام زەپەردىن ،

بولغاي ئىرپانلىق سەپەر خاسىيەتىدىن.

ياشامنى مول ھوسۇللار بىلەن زىننەتلەش،

ۋارىسلىق ئۇدۇم ئەجداد يالداماسىدىن.

 

خاتىمە

 

ئىلىم سەپەرلەردىن قىلدىم گەر ھىكايە،

كۆپتۈرمەدىم ھىچنەرسە ياكى كىنايە.

كەچمىشلەرىم بولغاي ئۆرنەك ۋەيا ساۋاق،

ئەۋلادلارىم پايدالانسا، بۇدۇر غايە.

 

دەرلەر ئىنساننىڭ ئۆمۈرى چوڭ بىر سەپەر،

بىلىپ بولماس بىراق پۇرسەتلەر نە قەدەر.

ھۇشيار ياشا ئەقىل ئىشلەتكىن ھەر تاڭدا،

غەنىيمەت دەم كەلمەيدۇر قاچۇرساڭ ئەگەر.

 

«زامان ساڭا باقماسا، سەن زامانغا باق»،

بوۋايلاردىن قالغان بۇ ئىبرەتلىك ساۋاق؛

جاسارەتكە مۇھتاجدۇر تەۋەككۇل قىلىش،

سەپەر ئىلمىي نىھايەت زەپەرلىك پارلاق!

 

2024-يىل، 3- ئىيۇن، موريادا، كالىفورنيە.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top