You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » بىئارام ھىجران – مەسئۇت ئەپەندى (38)

بىئارام ھىجران – مەسئۇت ئەپەندى (38)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بىئارام ھىجران

ۋۇجۇدۇم ئەلەمدىن ئۆرتەنمەكتە، ۋاھ،

چەكسىز ئوقۇبەتتە يۈرىكىم پارە.

مانا شۇ خانىدا مەسۇم بىگۇناھ،

ياتماقتا بەند بولۇپ يالغۇز بىچارە.

«فاۇست» دىن.

ئۈمىد دېگەن، كۆپ ۋاقىتلاردا تېخىمۇ  چوڭقۇر بىلىم، تېخىمۇ بۈيۈك تىرىشچانلىق، تېخىمۇ كۈچلۈك ھوشيارلىق ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر  پىكىرلەر بىلەن ئىلگىرىلەش، تەرەققىي قىلىش ۋە ئەركىنلىك ئارزۇسىدۇر. ئۈمىد ھەرگىز ھەددىدىن ئاشقان تىلەك ئەمەس. ھەددىدىن ئاشقان تىلەك ئاچكۆزلۈكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۈمىد تۈنۈگۈنكى ئىزتىراپقا خاتىمە بېرىپ، بۈگۈنگە مەنىۋى قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ، ئەتىنى ئىشەنچ بىلەن قۇچاقلايدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۈمىد ئىشەنچنىڭ ھامىلىسىدۇر. ئىشەنچ يوقالغان قەلبتە، ئۈمىد ئۇرۇقى بىخلىمايدۇ. ئۈمىدىمىز ئوي –  پىكىرلىرىمىزگە باغلىق بولىدۇ؛ چۈنكى بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئىش توغرىسىدا ئويلىشىمىز، تەپەككۇر قىلىمىز. دائىم ئوي – پىكىرلەر، قىلماقچى بولغان پائالىيەتنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. ئوي – پىكىرلەر بولغاچقىلا بۇ ھايات ئەنە ئاشۇنداق رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن ئەلۋەتتە. ئوي – پىكىر قانداق بولسا، پائالىيەتنىڭ خاراكتېرى شۇنداق بولىدۇ.

سۆيگۈ – مۇھەببەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئوي – پىكىرلەر بۇ ھاياتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن بولسا، ئۆچمەنلىك، ئىنتىقام، ھەسەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئوي – پىكىرلەر چوقۇم بۇ ھاياتنى جەھەننەمگە ئايلاندۇرىدۇ. تەڭرى بىزگە ئۇشبۇ ھاياتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن بەرگەن، شۇڭا ھاياتنى پىتىقلىماسلىق كېرەك، پىتىقلانغان يەردە گۈل ئۆسمەيدۇ. ھاياتلىق بولسا، ئۇلۇغ تەڭرى تەرىپىدىن ھەر ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك سوغا، ئۇنىڭدىن مىننەتدارلىق تۇيغۇغا باي يۈرەك ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىشقا ھەممە كىشى ھەقلىق. ھۇزۇرلىنىش بولمىغان ھايات مەنىسىز ھايات بولۇپ، ئۇنى مۇكەممەل بىر كىشىلىك ھايات دېگىلى بولمايدۇ. مەسئۇت ئەپەندى ئۆز پىكىرلىرى بىلەن، سۆيگۈ – مۇھەببىتى بىلەن، ئارزۇ – ئۈمىدلىرى بىلەن  ئۈمىد مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتۈپ، بۇ ھاياتنى بەختىيارلىق ئىلكىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسا، ئادىلبەگ ئۆزىنىڭ ھىيلە – نەيرەڭلىرى بىلەن، خىرىس ۋە ئۆچمەنلىكلىرى بىلەن ئۈمىد مەكتىپىنى تاقىۋېتىش ئۈچۈن يامۇلنىڭ يولىغا قاتراپ ھاياتنى زەھەر قىلىۋېتىپ باراتتى.

ئۈمىد مەكتىپىدە دەرس باشلىنىپ باھار، ياز، كۈز ۋە قىش ئۆتۈپ يەنە باھار كەلگەن ئىدى. ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى يەنىلا بۇرۇنقىدەك يورۇق ئىدى. قارنىڭ ئاستىدىن تىرىلىپ چىققان گۈل يەنە شۇ تاغ گۈلى ئىدى. كاكىل لاي سۇۋاقلىرى تۆكۈلۈپ كەتكەن پاكار تاملاردىن ساڭگىلاپ تۇرغان ھەشقىپىچەك يەنىلا بۇرۇنقىدەك زەڭگەر رەڭدە ئېچىلغان ئىدى. ئاپاق ئاقارتىلغان مەھەللە تاملىرىدا ئالگىرات ۋە ئۆرۈك كۆچەتلىرىنىڭ چېچەكلىگەن شاخلىرىنىڭ شولىلىرى ئىزغىرىن شامالدا بۇرۇنقىدەكلا چايقىلىپ تۇراتتى. تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭ سايرايدىغان بۇلبۇل بىلەن كاككۇكلارنىڭ ئۇنى يەنە ئاۋۋالقىدەكلا مۇڭ – زار ئىدى. قاراڭغۇ تۈندە ھۇۋقۇشنىڭ ھۇۋلاشلىرى يەنىلا بېسىلمايتتى. پەقەت قاراڭغۇ كېچىلا ئەتىدىكى كۈندۈزگە ئايلىنىش ئۈچۈن بۇرۇنقىدىن بەكرەك ئالدىرايتتى. ۋەھالەنكى، ئىتلارنىڭ ھۇۋلاشلىرى قاراڭغۇنىمۇ بەزدۈرۈۋەتكەندەك قىلاتتى.

ئۈمىد مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم بىلەن كوچىلاردىكى ۋە بازار رەستىلەردىكى كىشىلەرنىڭ خۇنۈك چىرايى بىر – بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما مەسئۇت ئەپەندى يەنىلا مەغرۇر، يەنىلا مەردانە كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ بۇرۇلكىسىنىڭ قىرلىرى يەنىلا قىلىچنىڭ بىسىدەك كەسكىن، شىبلىتلىرىنىڭ خۇرۇمى قۇياشنىڭ يۈزىدەك يالتىراق ئىدى. ئۇ شۇنچە غەم – قايغۇ ئىچىدە يەنىلا سۆيگۈ شادلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ قەلبى شۇنداق ئۈمىدلەر بىلەن تولغانكى، قاراڭغۇ كېچىلەردە سۇيىقەستچىلەر يولىغا تۇزاق قۇرۇپ ياتسىمۇ، ناشۇدلۇق ئىچىدە تەمتىرەپ قالماي، ئۈمىد قالقىنى بىلەن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىپ، يولىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. ئۇنداقتا ھازىر مەيۈسلىنىشكە نە ھاجەت؟ ئەتراپىدا كۆزلىرى ئۈمىدكە تولغان بالىلار كېپىنەكتەك ئويناپ يۈرسە يەنە نېمىگە مەيۈسلىنىدۇ ؟ ئادىلبەگنىڭ سۇخەنچىلىكىگىمۇ؟ ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدىغان جاھان بۇ. ئادەم دېگەن ئەۋلىيا ئەمەس، تېخى بولمىغان ھادىسىنى ئالدىنئالا بىلىدىغان. تېخى يامۇلدىكى ئامبالدىن «مەكتەپنى تاقاڭلار»دەپ، يارلىق چىققىنى يوق.

غۇرقىراپ چىقىۋاتقان باھار شامىلىدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قارا چاچلىرىنى قوللىرى بىلەن تاراپ قويۇپ كېتىۋاتقان مەسئۇت ئەپەندى، ئۇياقتىن – بۇياققا يۈگرىشىپ ئويناۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرى بىلەن تولغان مەكتەپ قورۇسىغا قەدەم باسقان چېغىدا، يامۇلنىڭ ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئادىلبەگ خۇددى كۈندۈزى ئۇۋىسىدىن تېنەپ چىقىپ قالغان چاشقاندەك ھودۇقۇپ تۇرۇپ، دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنىدىكى زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ئىككى يوغان تاش شىرنىڭ چاڭ -توزان باسقان ئۈستبېشىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۆزىنىڭ ئۈستىنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك، قەددىنى رۇسلىدى – دە، ئاندىن خىيالدىن ئۆزىنى يۇلۇپ ئېلىپ، چوڭ يولنى كېسىپ ئۆتۈپ، ياندىكى تار كوچىغا قاراپ ئىتتىك مېڭىپ كېتىۋاتاتتى.

ئارىدىن ھېچبىر ۋاقىت ئۆتمەيلا، ئادىلبەگنىڭ ئەكەلگەن مەلۇماتلارنى بىر- بىرلەپ ئانالىز قىلىپ، ئاندىن بىر يۈرۈش سۇيىقەست پىلانلارنى تۈزۈش ئۈچۈن ما دوتەي بىلەن ھەربىي گازارمىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جۇ دارىن، يامۇل بىلەن ھەربىي گازارمىنىڭ پاسىل تېمىغا يۆلەپ كۆك خىشتىن سېلىنغان كىچىك بىر ئېغىز ئۆيدە خۇپىيانە باش قوشۇشقان ئىدى. ما دوتەي، ئۇچلىرى بېگىزنىڭ ئۇچىدەك ئۇچلۇق بۇرۇتىنى تولغاپ تۇرۇپ، بىر قولىدا ئوت، بىر قولىدا تۇتۇرۇق كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ئوتقۇيرۇق ئادىلبەگنىڭ مەسئۇت ئەپەندى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنى ئويلىدى. بولۇپمۇ مەسئۇت ئەپەندىنىڭ ئۈمىد مەكتىپىدىكى ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ، كۆپتۈرۈپ، شاخلىتىپ، تېخى يەنە ئۇنى ئاجايىپ چوڭ ئىنقىلابقا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئىنقىلابچىدەك كۆرسىتىپ چاقۇ قىلغان ئىدى. بۇ گەپلەر ما دوتەينىڭ يۈرىكىنى داغلاۋاتقان غەزەپ ئوتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ، بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، كۆزىگە مىخ بولۇپ قادىلىۋاتقان بىرقانچە كىشىنى بىراقلا كۆزدىن يوقىتىشنىڭ كويىغا دەرھال چۈشۈشىگە تۈرتكە بولدى.

ما دوتەي، ئادىلبەگنىڭ دۈپدۈگىلەك بىر جۈپ چىرايلىق قارا كۆزىنىڭ ئىچىدىكى ئۆچمەنلىكنى، ھەسەتنى، جىددىيلەشكەن چاغدا تېخىمۇ قىزىرىپ كېتىدىغان گۆشلۈك ئىككى مەڭزىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى ۋە ئۇنىڭ تەكشى ئاپاق چىشلىرىنى يېپىپ تۇرىدىغان پارقىراق لەۋلىرىدىن تۆكۈلگەن گەپلەرنى ئەقلىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزدى. «دوتەي جانابلىرى ئاشۇ قېتىمقى دەريا بويىدىكى مەشرەپتىن كېيىن، مەسئۇتنىڭ خورىكى تېخىمۇ ئۆسۈپ كەتتى. خۇددى ئۆزىنىڭ غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلغاندەك ئارقىدىنلا ئۈمىد مەكتىپىنى ئاچتى. بۇ مەكتەپ ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى يامان غەرەزلىك پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بالىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا قاراپ يۈزلەندى. مەكتەپتە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ ھەممىسى قازان ۋە ئىستانبۇلدىكى مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىغان دەرسلىك بىلەن ئوخشاش ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچىلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشنى مەزمۇن قىلغان ئەدەبىيات ۋە تارىخ دەرسلىرىنى ئۆتەۋېتىپتۇ. جانابلىرى ئۆزلىرى بىلەن بىز مۇسۇلمان. بۇ مەكتەپ پۈتۈنلەي كۇپپار ئۇسلۇبىدىكى مەكتەپ،  ئوقۇۋاتقىنى شۇلارنىڭ  كىتابلىرى. خەلقنىڭ ھېچقانداق باشقىچە ئىنكاسىنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىدى.

ئاتالمىش بۇ جەدىدچىلەر ئاڭلىشىمچە بىز ئىشىنىدىغان ھەممە نەرسىگە قارىتا كۇپۇرلۇق پوزىتسىيەدە بولىدىكەن. بۇلارنىڭ قىلمىشلىرى دىنسىزلىق بولۇپلا قالماي، ھەم مەۋجۇت ئىجتىمائىي تىنچلىقىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئەمىر- پەرمانلىرىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق. تېخى ئۇلار مەكتەپلەردە بالىلارغا ھەربىي – تەلىم تەربىيە بەرگىنى نېمىسى؟ بۇنداقمۇ ھەددىدىن ئاشقانلىق بارمۇ؟ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر- بىرىگە باغلايدىغان بولساق ئوپئوچۇق دوتەي جانابلىرىغا ۋە ياڭ جاڭجۈن جانابلىرىنىڭ ئۆلكىنى تىنچ ئىدارە قىلىشىغا قارشى ئىسيانغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەي نېمە!؟ يەنە تېخى مېنى ۋە جانابلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئاشۇ دەريا بويىدىكى غەلىبىسىنى تا ھازىرغىچە سورۇن – سورۇندا سۆزلەپ، سىيىت نوچى دېگەن گاداينىڭ ئىتىلىپ كەتكەنلىكىگە قاتتىق ئېچىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مەرد، قورقماس سىياقىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يۈرۈپتۇ. بۇ ئارقىلىق ئاۋام – پۇقرانىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، ھۆكۈمەتكە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە مەسئۇت بىلەن بىرگە ئابدۇراخمان شاھىدىمۇ بار. بۇلارنى ئاز دەپ قازانچىلىق ئىلاخۇن كۆككۈزمۇ ھە دېسە شۇلارنىڭ چاپىنى كۆتۈرۈپ، سورۇن – سورۇنلاردا شۇلارنى ماختاپ، يېتىم ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاپ يورۇيدۇ. دوتەي جانابلىرى بۇ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ۋاقتىدا ئالمىسىلا ئالىمادىس بىر ئىش چىقىپ قالسا، تەختى – راۋاقلىرى تەۋرىنىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.»

(«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق تارىخىي روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top