You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئىيى پارتىيە رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشئوغلى: «شەرقىي تۈركىستان بىز ئۈچۈن مىللىي دەۋادۇر»

ئىيى پارتىيە رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشئوغلى: «شەرقىي تۈركىستان بىز ئۈچۈن مىللىي دەۋادۇر»

ئىيى پارتىيە رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشئوغلى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پارتىيەسىنىڭ مىللىي دەۋاسى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى يېڭى سايلانغان ئىيى پارتىيە رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشوغلىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى. ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى دەرۋىشوغلىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئەھۋاللارنى يەتكۈزدى.

زىيارەت جەريانىدا دەرۋىشئوغلى، پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىز ئۈچۈن بىر مىللىي مەسىلىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز. پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرسىمۇ بىز تۈركىيەنىڭ سۈكۈتتە تۇرماسلىقى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. بىز تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلىمىز ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. لېكىن ھازىرقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا بەزى مەجبۇرىيەتلىرى تۈپەيلى بەزى خاتا ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز. مەسىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان بىر رەھبەر تۇرۇقلۇق، خىتاينىڭ يول باشچىلىقىدا ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرگە ئېكسكۇرسىيە ئېلىپ بېرىشى، بىر ساياھەتتىن ئىبارەت بولدى. بىز تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر خىتاينىڭ تۈزۈمىنىمۇ ياخشى بىلىمىز. بىز خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلغان ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز» دېدى.

پارتىيە رەئىسى دەرۋىشئوغلى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىنى غەرب بىلەن باغلاپ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولۇۋاتقانلار ھەققىدە سۆز قىلىپ، «بىر دۆلەتتە بىر مەسىلە چىقسا ئۇنىڭ مەنبەسىنى چەت ئەلدىن ئىزدەش توغرا ئەمەس. مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبىنى مەسىلە ئوتتۇرىغا چىققان يەردىن ئىزدەش كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بارمۇ؟ دېسىڭىز بار. خانىم-قىزلارغا باسقۇنچىلىق بارمۇ؟ بار. شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلياتسىيە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بارمۇ دېسىڭىز، ئۇمۇ بار. شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىدۇر. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىشىشى كېرەك» دېدى.

دەرۋىشوغلۇ، تۈركىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىنىڭ تۈركىيە دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئۇيغۇر تۈركلىرىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ھېچقانداق بىر قارارنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزمەيمىز. بۇ قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي دۆلىتى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغان كېلىشىملەرنى ماقۇللاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك» دېدى.

مۈساۋات دەرۋىشئوغلۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي چەكلىگەن بىلەن ھېيت ھېيتتۇر. مەن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىدىن كۆڭلىمىز بەكلا يېرىم. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىن ھېيت ئۆتكۈزەلەيدىغان كۈنلەرگە ئېرىشىشىنى ئاللادىن تىلەيمىز

ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن پروفېسسور ئەركىن ئەمەت، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېھىم بۇغرا ئەپەندىلەر، مۈساۋات دەرۋىشئوغلىغا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتلارنى بەردى.

ئىيى پارتىيە 2018-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر پارتىيە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلمەكتە. پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى سايلامدا نامزات بولمىغان بولۇپ، مۈساۋات دەرۋىشئوغلى پارتىيەنىڭ يېڭى رەئىسلىكىگە سايلاندى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرىدىن پايدىلىنىلدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top