You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئانا تىلنى قوغداش تېرىشچانلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئالقىشلاندى

ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئانا تىلنى قوغداش تېرىشچانلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئالقىشلاندى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا 2024-يىلى 22-ماي كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تەسۋىرى كۆرۈنۈشى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھازىرلىنىپ نەشىر قىلىنغان بەش قىسىملىق «ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى» يۈرۈشلۈك كىتاپلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى تەرىپىدىن ھازىرلانغان «مەۋھۇم رىئاللىقتىكى ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرى» تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇتۇلدى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاچچىق رېئاللىقنىڭ قانچىلىك تەخىرسىز ئىكەنلىكى يورۇتۇش مەقسەت قىلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى قۇدرىتىنى دەستەك قىلغان ھالدا خەلقئارادا ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى «تېررورلۇققا ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش» دەپ تەسۋىرلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى بۇ قېتىم نامايان قىلغان رېئاللىق خىتاينىڭ قانداق يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا مۇھىم نىشانلارنىڭ بىرىنىڭ دەل ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، دوكتور رىشات ئابباسنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنى نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ ئاكتىپ خىزمەت نىشانى قىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردىمى بىلەن مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇيغۇر تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىقىش قۇرۇلۇشىغا باشلانغان ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قېتىملىق كوللېكتىپ ئەمگىكى سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا چىققان بەش قىسىملىق «ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى» يۈرۈشلۈك كىتاپلىرى ئېلىپبە باسقۇچىدىن تاكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇشلۇققىچە بولغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش توپلام بولۇپ، نورمالدا بىرنەچچە يىللىق ئانا تىل ئوقۇتۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ بىر يۈرۈش دەرسلىك كىتاپقا سىڭدۈرگەن كوللېكتىپ ئەمگىكى خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ كىتاپلارنى ھازىرلىغۇچىلاردىن بىرى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار ئەزىز بۇ ھەقتە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان قىزىل تاشلق ھۆججەت چىقىرىپ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقاردى. ئەمما بۇ دەرسلىك كىتابلار بىزنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشىمىزدىكى بىر قەدەم بولۇپ قالغۇسى» دېدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇلھەمىد قاراخان يىغىن ئەھلىگە بۇ توپلامنىڭ قانداق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ توپلامنى ئىشلەش بىرنەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە بۇنىڭ ئومۇمى لايىھەسىنى قانداق تۈزۈش ۋە قانداق تاماملاش ئۈچۈن مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىنغان. ئامېرىكا ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا «قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان، شۇنىڭدەك بۇ جەھەتتىكى كونكرېت خىزمەتلەرنى تېخىمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن بىرنەچچە قېتىملىق باش قوشۇش يىغىنى چاقىرىلغان. بۇ جەرياندا مەزمۇن، قۇرۇلما ۋە شەكىل قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنىپ، «دەرسلىك كىتاب ھەقىقىي مەنىدە ئۇيغۇرچە بولۇش، شەرقىي تۈركىستان روھى دەرسلىك كىتابتىن ئورۇن ئېلىش، ئوقۇش-يېزىش-ئاڭلاش بىر گەۋدىلىشىش» دېگەندەك ئاساسىي پىرىنسىپ قوبۇل قىلىنغان. ئەنە شۇ يوسۇندا بەش قىسىملىق «ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى» يۈرۈشلۈكىنىڭ دەسلەپكى سىناق نۇسخىسى دۇنياغا كەلگەن.

ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سكوت ۋوردېن (Scott Worden) بۇ ئەمگەككە باھا بېرىپ، دەل مۇشۇ خىل قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا، مۇشۇنداق بىر دەرسلىك گۇرۇپپىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنىڭ ئەمەلىيەتتە يوقىلىۋاتقان بىر گۈزەل تىلنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ بۇ تۈرنىڭ بارلىق خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى كۆپلەپ قۇرۇلۇپ ئانا تىلى دەرسلىرى بېرىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، بىر تۇتاش دەرسلىكنىڭ كەمچىل بولۇشى بىر زور قىيىنچىلىق سۈپىتىدە داۋام قىلىۋاتقانىدى. «ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى» كىتابلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشتىكى بىر مۇھىم قەدەم ھېساپلىنىدۇ.

ئەركىن ئاسىيانىڭ خەۋىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top