You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مۇز تۇتقان دەريا (2)

مۇز تۇتقان دەريا (2)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

3

ياش خانىم بولسا، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىنى پۈتۈرۈپ ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى يىل ئەدەبىيات مۇئەللىمە بولۇپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ۋە ئۆزۈ بىلەن بىرگە ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ تارىخ كەسپىنى پۈتۈرگەندىن كېيىن ، يەنە ئۆزۈ بىلەن بىرگە بىر مەكتەپتە تارىخ مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىگەن ۋە مۇشۇ مەھەللىدە تۇغۇلۇپ ، مۇشۇ مەھەللىدە ئۆسكەن ، مۇشۇ مەھەللىنىڭ يېتۇك ئوغلانى ھېسابلىنىدىغان يىگىتى بىلەن توي قىلىپ ، مۇشۇ مەھەللىگە ياتلىق بولۇپ كەلگىنىگە سەككىز يىل بولۇپ قالغانىدى . ئۇ 30 ياشلاردىن سەل ھالقىغان ، ئوتتۇر بوي ، ئاق يۈزلۈك ، بۇرۇنلىرى ئېگىز، لەۋلىرى نېپىز، كۈل رەڭ كۆزلۈك ، قارا قاشلىق ، قارا چاچلىق تىپىك ئۇيغۇر چوكانلىرىدىن بىرى ئىدى. ياش خانىمغا ئېرىنىڭ دوخمۇش توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەنلىرى ھەقىقەتەن توغرا ۋە بەكمۇ جەلپ قىلارلىق قىزىق ئىشلار ئىدى .

دەرھەقىقەت مەزكۇر دوخمۇش ۋە ئەنە شۇ ئەتراپى قارلار بىلەن ئورالغان تاشنىڭ يېنى ئەينى چاغلاردا مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىنىڭ بىرى ئىدى . ئېرىنىڭ ئېيتقىنىدەك باھارنىڭ شاماللىق كەچلىرىدىن باشلاپ تا كەچ كۈز كەچلىرىگىچە ئۇشبۇ جايدا ئادەم ئۈزۈلمەيتتى . ئىگەكىم ياز كۈنلىرىنىڭ سالقىن چۈشكەن كەچلىرىدە ، بۇ يەرگە چوڭ – كىچىك دېمەي نۇرغۇن ئەركەك تائىبىلىرى يىغىلاتتى . كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئون بەش ياشتىن تارتىپ تا 50 ياشلارغىچە قەدەر ئەركەكلەر بار بولۇپ ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياش-قۇرامىغا بېقىپ ، ئۆزلىگىدىن ئۈچ – تۆت گۇرۇپىغا بۆلۈنەتتى . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كاسىلىرىغا چىرايلىق قاتلاپ يانچۇقىغا سېلىۋالغان قولياغلىقلىرىنى قويۇپ ئولتۇرۇشسا ، يەنە بەزىلىرى داق يەرگە كاسىسىنى قويۇپلا ئولتۇرۇپ ، پاراڭغا چۈشۈپ كېتەتتى . تاشنىڭ يېنىغا توپلانغانلار ئەنە شۇ ئۆز تەۋەسىدىكى گۇرۇپىلاردا ئولتۇرۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ سەۋىيەسىگە قارىتا ، پاراڭلارنىڭ تېمىسىنى تاللاپ ، شۇ تېما بويىچە تالاش – تارتىش قىلىشاتتى ، ھەتتا پاراڭ  ئارىسىدا بىرلىرى چاقچاق قىلاتتى ۋە ھەممىسى بىردەك «ۋەيت» دەپ ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەك ۋاقىرشىپ ، كۈلكىدىن مۈكچەيمىگەن بىرمۇ بەدەن قالمايدىغان ئاجايىپ كەيپىيات مەيداندا زاھىر بولاتتى  .

بۇنداق ۋاقىتلاردا بەزىلەر ھاياجاندىن ئىختىيارسىز ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ كېتەتتى – دە ، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا كاسىسىدىكى توپىنى قېقىپ ، باشقىلارنىڭ تىل – ئاھانىتىگە قالاتتى ، يەنە بەزىبىرلىرى ئارقا – ئارقىدىن قىلىنغان چاقچاقتىن كۈلۈپ تىلىقىپ چېكىۋاتقان موخۇركىسىنىڭ ئاچچىق ئېسى ئۆپكىسىگە كېتىپ ، توختىماي يۆتۈلۈپ ، پوكاندەك قىزىرىپ ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ئاققان ئاچچىق ياشلارنى توپلۇق يەرگە تۆكسە ، يەنە بىرلىرى قاتتىق ۋاقىراپ كۈلۈش بىلەن تەڭ گۈرەن تومۇرلىرى كۆپجۈپ ، ئىختىيارسىزلىقتىن ئارقىسىدىن يەل قىچىپ كېتىپ ، ئوسۇرۇقنىڭ سېسىقى مۇلاقاتگاھنى بىخسىتىپ ، ھەممە ئادەمنىڭ چىشىنى قىرىشتۇرىۋېتەتتى – دە ، ئاخىرى چاقچاقنىڭ ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قىلىپ ، سورۇننىڭ پەيزىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرغا چىقىرىۋېتەتتى .

ئەنە ئاشۇ زامانلاردا مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادى شارائىتى ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە ناچار بولغىنى بىلەن ، تۇرمۇشتا ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە خاتىرجەم ئىدى ۋە يەنە نۆۋەتتىكىدەك مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ئاتالمىش مەنىۋىي مەدەنىيەت جەھەتتىن يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئاساسىقاتلاپ (مەھەللە كومىتىت) كادىرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىدىغان كۇرسىلىرى بولمىسىمۇ ، مەھەللدىكىلەر مەنىۋىي جەھەتتىن ھازىرىقىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن روھقا ئىگە ئىدى. ھەتتا ئادەملەرلا ئەمەس ئەتراپتىكى تەبىئىي موھىتمۇ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە گۈزەل ئىدى . ئەنە شۇ كوچىنىڭ  غەرىپ تەرىپىدىكى قار دۆۋىلىرى ئاستىدا قالغان ئېرىق بولسا،بۇرۇنلاردا يىلنىڭ تۆت پەسىلىدە ھېچ توختىماي ۋە مۇز تۇتماي شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ شاقىراپ ئاقىدىغان چوڭ بىر ئۆستەڭ ئىدى . ئۇشبۇ ئۆستەڭ بولسا ، غۇلجا شەھەردە خىتاي بازىرى دەپ ئاتىلىدىغان بازارنىڭ شىمالى تەرىپىگە جايلاشقان لەڭزە بېشى دەيدىغان جايدىكى بۇلاقلاردىن ئېتىلىپ چىققان سۇلاردىن ھاسىل بولغان ئۆستەڭلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تارماقلىرىدىن بىرى ئىدى . مەزكۇر ئۆستەڭدە قىش – ياز توختىماي سۈپسۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇراتتى . ئەنە شۇ بۇلاق سۇلىرى ئاخىرى ئېقىپ بېرىپ ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلاتتى .

ئەينى چاغلاردا مەھەللە ئەركەكلىرى بىر كۈنلۈك ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ كېلىپ ، ئۆيلىرىدە كەچلىك غىزاسىنى ئالدىراپ-سالدىراپ يەپلا مۇشۇ يەرگە چىقىپ ئارام ئېلىشاتتى . مۇشۇ ئۆستەڭنىڭ سالقىن ھاۋاسىنىڭ پەيزىنى سۈرگەچ ، ئەنە شۇ تاشنىڭ يېنىدا ئالەمنىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشىپ ئولتۇرىشاتتى . شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ تەرەپتىن كېلىۋاتقان قوناقگۈلىنىڭ ھىدى بىلەن سۈزۈك سۇنىڭ سالقىن ھاۋاسى كۆپچىلىككە ئارام – بەخش بېغىشلاپ تۇراتتى . يان قورانىڭ باغلىرىدىن خىلمۇ -خىل گىياھلارنىڭ ئۆزگىچە خۇش پۇراقلىرى كېلىپ دىماققا ئۈرۈلاتتى ۋە ئەتراپتىكى دەرەخلەر بىلەن ھەرخىل مېۋە  كۆچەتلەرنىڭ خىسلەتلىك مېۋىلىرىدىن كېلىۋاتقان پۇراقلار بىر – بىرىگە ئارلىشىپ سالقىن چۈشكەنسېرىسى كۆپچىلىكنىڭ كەيپىگە كەيپ قوشۇپ ، دوخمۇشنى ئاجايىپ جانلاندۇرۋېتەتتى . بولۇپمۇ ياش خانىمنىڭ ئېرى ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ تارىخقا بۆلەكچىلا قىزىقىدىغان بولغاچقا تارىخىي تېمىلاردا قىلغان سۆزلىرى مۇلاقاتگاھتىكى ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە قارىتىدىغان پاراڭلاردىن بولۇپ ھېسابلىناتتى . شۇ ۋەجىدىن ئۇ ياشلار توپىدا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ، ئەڭ نازۇك تېمىلار ئۈستىدە پاراڭ سوقىدىغان پاراڭچىلاردىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى .

ئىگەكىم ھەپتە ئاخىرلىرى ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى تا يارىم كېچىگىچە داۋام قىلاتتى . ياش ئەدەبىيات مۇئەللىمە يېڭىدىن يادلىق بولۇپ مۇشۇ مەھەللىگە كەلگەن چاغلاردا ، بۇ دوخمۇشنىڭ بۇرۇنقىدەك ئۇنچىلىك پەيزى قالمىغان بولسىمۇ ،  يەنىلا ئاخشاملىرى ئادەم ئەكسىمەيدىغان مۇلاقاتگاھلىق سالاھىتىنى تېخى يوقاتمىغان ئىدى . ھەپتە ئاخىرلىرى كەچتە ئېرى تاماقتىن كېيىن يەنە شۇ دوخمۇشقا قاتىرايدىغان خۇيىنى تاشلىمىغان ئىدى . شۇ چاغلاردا يېڭى كېلىن يىگىتىنىڭ  يولىغا قاراپ كۆزلىرى تېيلىپ كەتكەن كەچلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى . ئېرى دوخمۇشتىكى پاراڭنىڭ قىزىقلىقىدىن ئۆيدە جانانىنىڭ پەرەڭ توۋار يوتقاننىڭ ئىچىدە ، قىزىل لەۋ سۇرۇھ سۈركىگەن لەۋلىرىگە تاتلىق تەبەسسۇم قوندۇرۇپ ، ئۆزىنى ساقلاپ ياتقانلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىدى . شۇنداق كەچلىرى يىگىت جانانىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن كوچا – كويلىدىكى ھەر قىسما پاراڭلارنىڭ مېغىزىنى ئېلىپ ، غەل – غەشلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ ، ئۇنىنغا يەنە گۈزەل يۇمۇرلۇق تۇس بېرىپ،يېڭى كېلىنچاققا سۆزلەپ بېرىپ ، كۆڭلىنى ئېلىۋالغان چاغلىرى كۆپ قېتىم تەھرارلانغان ئىدى .

مانا يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئەنە شۇنداق قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى باغرىدا ياشناتقان ئۇشبۇ تاشنىڭ يېنىدا توپلۇشۇپ ئولتۇرىدىغان ئادەم تۇرماق ، يېنىغا بىرەر مۆشۈك ۋە ياكى ئىتمۇ كەلمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى . تاشنىڭ سەل نېرىدىكى قىش – ياز توختىماي شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ سۈپسۈزۈك بۇلاق سۇلىرى ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭمۇ قۇرۇپ كەتكىلى خېلە يىللار بولدى.  ھەتتا قىرلىرىدىكى ئاق تېرەكلەرگە قونىدىغان قۇشلارمۇ ئۈركۈپ كەتكەن بولۇپ ، دەرەخ شاخلىرى يېتىم قالغانىدى . نۆۋەتتە بۇ يەر پەقەت كۈندۈزلىرىنى مەھەللە كومىتىت ئورۇنلاشتۇرغان بىرلىرى كېلىپ ، نۆۋەت بىلەن دوخمۇشتىن ئۆتكەن – كەچكەنلەرنى كۈزىتىدىغان قاراۋۇل پۇنكىتىغا ئايلىنىپ قالغانىدى . قانداقتۇر بىر يەرلىرىگە كۈزىتىش ئاپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىدىنمۇ مەھەللىدىكى كىشىلەر گۇمان قىلىپ ، تاشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە قىلىۋاتقان سۆزلىرى توختۇتۇپ ماڭاتتى . ھەتتا بەزىلەر دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە گويا  پاراتتىن ئۆتكەندەك قەددىنى رۇسلاپ ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ، قەدەملىرىنى تۇزەپ ، تۇپتۇز مېڭىپ ئۆتسە ، يەنە بەزىلەر گويا نامۇناسىپ ئىش قىلىپ قويۇپ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۇزۇپ قويغان ئادەمدەك بېشىنى قارا يەردىن كۆتەرمەي تىۋىشسىز ئۆتۈپ كېتەتتى .

يەنە ئادەمنى تىرىكتۇرىدىغان شۇنداق بىر ئىش بولدىكى ، تاشنىڭ ئوڭ تەرىپىگە جايلاشقان تارخالتا كوچىدىكى چوڭ قورادا خىتاي ئائىلىسى بىلەن قوشنا ئولتۇرىدىغان ، باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشمىسا ئىچى سىقىلىپ تۇرالمايدىغان ، ۋىتىۋالداقلىقىدىن جىننىمۇ ئۇسۇلغا سالىدىغان ھېلىقى يىلان تىللىق خوتۇننىڭ ئوشۇقى ئالچا قوپقانىدى . ئۇ يېقىندىن بۇيانقى سىياسەتنىڭ جىددى ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ ، سىياسى سەرگۈرلىكى ناھايىتى يۇكسىلىپ ، مەھەللىدىكى بولۇپ ئوتكەن بارلىق ئىشلارنى ، ھەتتا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى ئويلىرىنىمۇ ئۆز پەرەزلىرى بويىچە مەھەللە كومىتىتىغا مەلۇم قىلىپ ، بىر كىشلىك مائاشلىق خىزمەتچىگە ئايلىنىپ قالغانىدى .

مەزكۇر تۇل خوتۇن سېرىق سىردا يوغان قىلىپ « دىجورنى » دېگەن خەت يېزىلغان قىزىل يەڭ بەلگىسىنى يوغان بۇلاپكا بىلەن سول بىلىكىگە ئېلىۋېلىپ ، دوخمۇشتىكى مۇزدەك تاشنىڭ يېنىغا قىزىل سىرلانغان تۆت پۇتلۇق ياغاچ كېچىك ئورۇندۇقنى قويۇپ ئولتۇرۇپ ، ئۆتكەنكەن – كەچكەننىڭ ئۆچلىگىنى كەلتۇرۇپ ، مەھەللە-كويىنى بەزدۇرۋېتىپبارغانلىقى بىلەن كارى يوق ، مەھەللە كومىتىتىنىڭ « توننى سالدۇرۇپ ، مالىخىيىنى ئېلىۋېلىش » خىزمىتىگە ئاكتىپ ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىدىن بۆلەكچىلا پەخىرلىنىپ يۇرۇۋاتقانىدى . مۇشۇ سەۋەبتىن ياش خانىم ئۆزىنىڭ سەپىرىنى جىندىنمۇ ساقلاپ،بۈگۈنكى ئايسىز قاراڭغۇ تاڭنى سەپەرگە ئاتلىنىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقتى دەپ ئويلاپ ، ئۆز نەپەسىدىنمۇ ئېھتىيات قىلىپ كېتىۋاتاتتى .

(«مۇز تۇتقان دەريا» ناملىق روماندىن ئېلىندى، داۋامى بار…)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top