You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » دوتسېنت ئىلھام توختىنىڭ نوبىل مۇكاپاتى نامىزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توردا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

دوتسېنت ئىلھام توختىنىڭ نوبىل مۇكاپاتى نامىزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توردا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

يېقىندىن بۇيان كۆپىيىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى خاتىرىلەشكە ئائىت تۈرلۈك پائالىيەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىمۇ ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشىشىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 27-يانۋار شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى» دەپ ئاتالغان تور مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئالىي مەسلىھەتچىسى پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش پائالىيىتىنى داۋام قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئىلھام توختىنى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي مىللىي قەھرىمانى» دەپ تەرىپلىدى.

ئۇ، مۇنداق دېدى: «پىروفېسسور ئىلھام توختى ئەپەندى، خىتايدەك مۇستەبىت، دىكتاتور بىر دۆلەتتە كوممۇنىست گۇرۇھنىڭ ھاكىمىيىتىدە مىليونلارچە كىشى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتقان ھەقىقەتلەرنى دادىللىق بىلەن مەيدانغا چىقىپ ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئادالەتنى، دېموكراتىيەنى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن غايەت زور جاسارەت ۋە پىداكارلىق كۆرسەتكەن بىر كىشى. ئۇ ئۆزىنىڭ قەيسەر ئىرادىسى، جاسارىتى بىلەن يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا ئەمەس بەلكى، دۇنيا خەلقىنىڭمۇ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئۇ، ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ يالغان ۋە ساختا ماھىيىتىنى ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن، ئۇيغۇر خەلقىگە ئاپتونومىيەنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىللىقتىن باشقا يولنىڭ يوقلۇقىنى ئۆزنىڭ ئەمەلىي ھاياتى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەرگەن بىزنىڭ ھەقىقىي مىللىي قەھرىمانىمىز. مەن ئىلھام توختىغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن» .

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى زۈبەيرە شەمسىدىن خانىم ۋە ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر جان ئەپەندىمۇ سۆز قىلدى.

زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ بارغان ھەق-ھوقۇق كۈرەشلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ئەينى زاماندا ۋەتەن ئىچىدىكى ۋەزىيەتنىمۇ كۆزىتىپ چىققان. ئۇنىڭدىن سىرت ئوتتۇرا ئاسىيا، كورېيە، پاكىستان قاتارلىق ئەللەرنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆرۈپ ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بىر يول تېپىش كېرەك دەپ شۇ ۋاقىتنىڭ ۋەزىيىتىدىن پايدىلانغان. ئۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتتە بېسىم مەۋجۇت بولسىمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا سېلىشتۇرغاندا ئىچكىرىدە بىرئاز ئەركىنچىلىك بار ئىدى» .

زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىچكىرى خىتايدا ئوقۇۋاتقان دەۋرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى خىتايلار ئۈستىدىن يۈرگۈزمىگەنلىكى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئەركىن ئىكەنلىكىنى، ئىلھام توختىنىڭ خىتاينىڭ ئاشۇ ئازراق بولسىمۇ ئەركىنلىك يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر خەلقىنى قۇتۇلدۇرۇش، ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن يول ئىزدەش نىشانىنى شۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويالىغانلىقىنى، ئىلھام توختىنى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان جاسارەتلىك بىر زىيالىي دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى، ئىلھام توختىنىڭ بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قانۇنىي جەھەتتىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ ھەم خىتاي زىيالىيلىرىغا ھەم دۇنياغا ۋە ياۋروپالىقلارغا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى، بىراق خىتاينىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ تۈرمىگە قامىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى، ئىلھام توختىنىڭ 28 دۆلەت ئەزا بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنلىكى، ئۇنىڭ خىتاي دېگەندەك جىنايەتچى ئەمەس، بۆلگۈنچى ئەمەس بەلكى خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، ئادالەت ۋە ھەق-ھوقۇق كۈرەشچىسى دەپ رەسمىي تونۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كۆپچىلىك بىردەك ھالدا ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا لايىق ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشتە زور رول ئوينايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئىلھام توختىغا ئائىت بۇ تور يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئالدى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى، 2014-يىلى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيانقى10 يىل مابەينىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى « «مارتېن ئاننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ۋېيمار ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ۋە تۈركىيەدە «تۈرك دۇنياسى ئىسمائىل گاسپىرالى مۇكاپاتى» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ئىلھام توختى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي 4 قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنىدى.

مەزكۇر سۆھبەت پروگىراممىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:

ئەسكەرتىش: مەزكۇر خەۋەر ر ف ئا ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top