You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولالامدۇ؟

ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولالامدۇ؟

ئاسىيە ئۇيغۇر

ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان بىر خەلق سۈپىتىدە مۇستەقىللىقتىن سۆز ئېچىش تېخى بالدۇردەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈككە بولغان ئىنتىلىشلىرى بۈگۈن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى ۋەتەنسىزلىك ۋە ھوقۇقسىزلىق بىر مىللەتنى ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ قولىدىكى شاخمات ئۇرۇقىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىسپاتلىدى. 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۈتكۈل دۇنيادىكى، بولۇپمۇ ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىدىكى مۇستەملىكە ئەللىرىدە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ، كۆپلىگەن مۇنقەرز مىللەتلەر ھۆرلۈككە ئېرىشكەن ۋە مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرغان بىر مەزگىلدە، رۇس ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كۈچنىڭ ئارىسىدا قالغان ئۇيغۇرلار خىتايغا مۇستەملىكە بولۇشتەك قىسمەتكە دۇچ كەلدى. تېخىمۇ ئېچىنارلىق بولغىنى شۇكى، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ئەركىن دۇنيادىن تولىمۇ يىراق، دېموكراتىك ھاۋاغا يېپىق بولغان بىر دۆلەتتە ئۇزۇن مەزگىل تۇنجۇقتۇرىۋېتىلگەن ئىدى. ھالبۇكى، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەزىيىتى دۇنياغا ئاشكارا بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارادىكى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ ۋەزىيەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇددى قاراڭغۇلۇ زۇلمەتتىكى مەشئەلدەك ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە تۇتاشقان مىللىي ئىرادىسىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلماقتا. مانا بۈگۈن، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ھايات قېلىش ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشنىڭ بىردىنبىر يولى _ ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ئاشۇ تۇپراقتا مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش، ھۆر ۋە ئەركىن ياشاشنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ قالدى. بۇ ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەستۇر غايىگە ئايلاندى.

ھالبۇكى، مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلارغا ئوخشاشالا ياراتقۇچى تەرىپىدىن بېرىلگەن تۇغما ھەق-قوقۇقلارغا ئىگە بىر خەلق ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان؛ ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسىگە ئىشەنمەيدىغان؛ ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان ئانا تۇپراقلىرىدا مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ھەقلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان بىر قىسىم گۇرۇھ ياكى شەخسلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئەگەردە بۇنداق تەشەببۇسلار خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنسا، بۇنىڭغا ھېچكىم ھەيران قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ھالبۇكى، بۇنداق تەسلىمچىلىك پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان بىر خەلقنىڭ ئەزالىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا تاشلانسا، ياكى خەلقئارا جەمئىيەتكە داۋراڭ قىلىنسا، ئۇنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولالامدۇ؟ بىز بۈگۈن بۇ تېما ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باقايلى.

مۇستەقىللىق سۆزى ھەرقانداق ئادەمگە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكە رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىغا يول ئېچىلغان ئاشۇ دەۋرنى ئەسلەتمەي قالمايدۇ.

مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى توغرىسىدىكى قاراشلار بارلىققا كەلگەندىن بېرى، مۇستەملىكىچىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش خەلقئارادىكى ئورتاق يۆنىلىشكە ئايلاندى. گەرچە ئۇيغۇرلار بۇ پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرى ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن يەرلىك خەلقلەر بۇ قاراشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن مۇستەقىللىق پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

ئۇنداقتا، بۇ قاراش قاچان ۋە كىم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟ ئۇنىڭ تەسىرى قانداق بولدى؟

1918-يىلى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىدىيەسىنى ئامېرىكانىڭ 28-نۆۋەتلىك پرېزدېنتى توماس ۋۇدروۋ ۋىلسۇن (Thomas Woodrow Wilson) ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. توماس ۋىلسون 1913-يىلىدىن 1921-يىلىغىچە ئامېرىكانىڭ پرېزدېنىتى بولغان بولۇپ، ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن چىققان دۇنياۋىي مەشھۇر شەخستۇر. توماس ۋىلسوننىڭ ئىدىيەسى كېيىن خەلقئارادا «ۋىلسونىزم ياكى ۋىلسۇن ئىدىيەسى» دەپ ئومۇملاشقان. «ۋىلسون ئىدىيەسى» ئامېرىكانىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى «مارشال پىلانى» ۋە غەرب سىياسىتىگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىدىيە دەپ قارىلىدۇ.

«ۋىلسون ئىدىيىسى» نىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنى، ھەرقانداق مىللەت ئۆزىگە تەۋە زېمىندا مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇشى؛ بۇ دۆلەتلەر مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولۇشى، كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزئارا باراۋەر ئالاقە شەكىللەندۈرىدىغان خەلقئارالىق ئورگان تەسىس قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. توماس ۋىلسون ھەتتا بۇ ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن 14 تۈرلۈك «دۇنيا تىنچلىق نىزامى» نىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نىزامنامە ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكانىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيانىڭ يېڭى تۈزۈلمىسى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى ۋە ئىنتىلىشىنى گەۋدىلەندۈرگەن. شۇنداقلا «ۋىلسون ئىدىيەسى» يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ تۇرغۇزۇلىشى ۋە ئامېرىكانىڭ تاشقىي دىپلوماتىيەسىگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، ھازىرغىچە تەسىرى يوقالمىغان ئىدىيەدۇر.

دەرۋەقە، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياۋروپا مۇستەملىكىسىدىكى رايونلار، دەل ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك قىممەت قارىشى ئاساسىدا قوبۇل قىلىنغان «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قارارى» بويىچە مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىق قەدىمىنى ئالغان.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 1945-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە بولغان ئېرىلىقتا ئافرىقا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ، نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللىگەن ئەسلىدىكى 51 دۆلەتنىڭ سانى جىددىي رەۋىشتە كۆپىيىپ، 144 كە يەتتى.

ھالبۇكى، مۇستەملىكەسىزلەشتۈرۈشنىڭ خەلقئارادىكى قەدىمى شۇنداق ئۈنۈملۈك بېسىلىۋاتقانلىقىغا قارىماي تاكى بۈگۈنگىچە، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنقەرزلىك سالاھىيىتى خەلقئارادا قانۇنلۇق يوسۇندا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىدى. بۇنداق بولۇشىدا ئەلۋەتتە بەلگىلىك سەۋەبلەر مەۋجۇت. ئەمما ئەنە شۇ مۇستەملىكىچىلىكنىڭ نەتىجىسى بولغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىمۇ تاكى بۈگۈنگىچە خەلقئارادا پەقەت بىر قانچە غەرب دۆلەتلىرىنىڭلا ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ بەلكىم بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئەپسۇسلاندۇرىغان ۋە مۇستەقىللىقتىن ئۈمىد ئۈزىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرالمايدىغانلىقىغا ھەرگىزمۇ سەۋەب بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

دەرۋەقە، بۈگۈنكى مەۋجۇت دۇنيا تۈزۈلمىسى يەنىلا بىز باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «ۋىلسونىزىم» نى ئاساس قىلغان «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» نىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دېموكراتىك دۇنيا تۈزۈلمىسىدۇر. بۇ تۈزۈلمىنىڭ ئاساس قىلىدىغىنى مۇستەملىكە كۈچلەرنىڭ ئاتالمىش ئىگىلىك ھوقۇقى ئەمەس، بەلكى «كىشىلىك ھوقۇق، ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈن» دەيدىغان پرىنسىپلىق قاراشتۇر. دەل شۇنداق بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئافرىقا، لاتىن ئامىرىكاسى ۋە ئاسىيادىكى نۇرغۇن يەرلىك خەلقلەر مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالالىدى. مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گوللاندىيە مۇستەملىكىسىدىكى ھىندونېزىيە؛ فرانسىيە مۇستەملىكىسىدىكى ۋېيتنام، سۈرىيە؛ ئەنگىلىيە كونتروللۇقىدىكى جەنۇبىي ئافرىقا، تانزانىيە، ھىندىستان، يېڭى زىنلاندىيە، باڭلادېش، ئىئوردانىيە، پەلەستىن؛ ياپونىيە مۇستەملىكىسىدىكى كورىيە قاتارلىق نۇرغۇن مۇستەملىكە رايونلار ۋە مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەر مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالدى. ھەتتا يەرلىك خەلق بولمىغان خەلقلەرمۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك كېيىن كۆچۈپ بېرىپ يەرلەشكەن تۇپراقلاردا ئۆزىنىڭ يېڭى دۆلىتىنى قۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مەسىلەن، كوسوۋونى مىسال قىلساق، سېرىبلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسى بولغان كوسوۋو ئاپتونوم رايونىدىكى ئالبان خەلقى، سېرىبىيە تەرىپىدىن ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبلىك مۇستەقىل بولدى. گەرچە سېرىبىيە، خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر، كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، شۇنداقلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى فېتو ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، كوسوۋونىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىنى توسۇپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما كوسوۋو خەلقئارادا يەنىلا مۇستەقىل بىر دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئەمما يەنە بىر قىسىم يەرلىك خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپلىرى خەلقئارادا بىردەك قارشى ئېلىنمىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەردى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى كاتالونىيەدۇر. ئۇ ھالدا نېمە ئۈچۈن كوسوۋولۇقلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرالىدى-يۇ، ئەمما يەرلىك خەلق بولغان كاتالونىيەلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇلىرى رەت قىلىندى؟

ئەمەلىيەتتە، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىدىغان «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قارارى» بولسا، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ياكى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولمىغان ۋە ياكى شەكلەن ئاپتونومىيە بېرىلگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولالمىغان مىللەتلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ دېگەنلىك مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن يەرلىك خەلق بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقى، تېگىشلىك ھەقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولغان ياكى بولمىغانلىقى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. بۇ ۋەجىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1960-يىلى ئېلان قىلغان «مۇستەملىكىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش خىتابنامىسى» (U N General Assembly Resolution 1514 [XV]) دا، ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقى يېزىلىش بىلەن بىرگە، «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ۋە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» غا قاتتىق بويسۇنۇش شەرتى ئاستىدا، دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى يېزىلغان.

يوقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى مۇستەملىكە ئاستىدا بولۇشى ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلمەسلىك شەرت قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك، كاتالونىيە بىلەن كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق تەلەپلىرىدىن پەرقلىق نەتىجىلەر كېلىپ چىققان. يەنى كاتالونىيە خەلقى ئۆزلىرى ئېيتقاندەك، ئىسپانىيەدىكى يەرلىك خەلق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار دېموكراتىك تۈزۈمدىكى ئىسپانىيەدە مۇتلەق كاپالەت ئاستىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان خەلقتۇر. ئاپتونومىيە ھەقلىرى كاپالەتكە ئىگە كاتالونىيە خەلقنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىققا ئېھتىياجى يوق. شۇڭا كاتالونىيالىقلار «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن. ئەگەر بۇ نوقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، كاتالونىيەلىكلەرنىڭمۇ مۇستەقىللىقىگە يول قويۇلسا، ئۇ ھالدا غەرب دېموكراتىك جەمئىيىتى ئىچكىي جەھەتتىن ئېغىر كرېزىسقا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى غەرب دېموكراتىك تۈزۈلمىسى ئاستىدىكى دۆلەتلەردىمۇ مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە بۇ سەۋەبلىك دۇنيا تىنچلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

خۇلاسىلىگەندە، مۇستەقىللىقنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا كۈنتەرتىپىكى شەرتى شۇكى، ئۆز ئالدىغا مەلۇم بىر تۇپراق ۋە زېمىننىڭ تارىختىن بۇيانقى ھەقدار ساھىبى ھېسابلانغان بىر خەلق بولۇش؛ باشقا كۈچلەر تەرىپىدىن مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ قالغان ۋەزىيەتتە بولۇش، شۇنداقلا مۇستەملىكە قىلغۇچى تەرىپىدىن بارلىق قانۇنلۇق ھەقلىرى تارتىۋېلىنغان بولۇش؛ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ نوقتىدىن قارىغىنىمىزدا، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى «ئۈچ خىل كۈچ» دېگەن تۆھمەت بىلەن يوقاتماقچى بولغانلىقىنى، گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇملىرىغا پەقەت ئۇيغۇر خەلقىلا قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەن بولىسمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھادىسىنى «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى» دەپ شەرھىيىلىمەستىن، بەلكى «ئۈچ خىل كۈچ» دەپ خۈنۈكلەشتۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلەيمىز. تېخىمۇ مۇھىمى، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقىنى دەۋا قىلغانلىقى سەۋەبلىك مەڭگۈلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى بىلەن خىتاي تەرىپىدىن «تېرورلۇق» بىلەن ئەيىبلەنگەن تۇرۇقلۇق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنمىغانلار ئارىسىدا زادى قانداق پەرق بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ھەتتا ئىلھام توختى بىلەن ئوخشاش «جىنايەت» بىلەن قارىلانغان خىتاي زىيالىيسى ليۇ شياۋبونىڭ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىمۇ دەل ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تەۋرەتكۈدەك كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى ۋە ھازىرمۇ باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىرىدىن شۇ نەرسە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقلىق ئىگىسى ۋە يەرلىك خەلقىدۇر. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلار مەيلى تارىختا قانداق سەۋەب بىلەن خىتاي بىلەن بىرگە ياشاشقا مەجبۇر بولغان بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بۈگۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە خىتاي ۋەدە قىلغان ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىدىن ئەزەلدىن بەھرىمەن بولۇپ باقمىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. مانا بۇ ئىككى نوقتىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنىدىغان ۋە ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە بولغان «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» غا يۈز پىرسەنت ئۇيغۇن كېلىدىغان سەۋەبلەردۇر.

دېمەك، ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولۇشقا پۈتۈنلەي ھەقلىق خەلقتۇر. ئەمما «دەۋاگەر سۇسلۇق قىلسا، قازى مۇتىھەم بولۇر» دەيدىغان ئاتا سۆزىگە ئوخشاش، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئالدى بىلەن شۇ دەۋانىڭ ئىگىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. شۇندىلا خىتاينىڭ خەلقئارادا داۋراڭ سېلىۋاتقان تۈرلۈك تۆھمەتلىرىگە قارشى تۇرغىلى، مۇستەقىللىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى باسقىلى بولىدۇ. ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆز ئانا ماكانلىرىدىن قوغلىنىپ سەرسان-سەرگەردانلىق قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن، ناتسىستلار گېرمانىيەسى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ، پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن يوقىتىلىش نىشانىغا ئايلانغان يەھۇدىيلارنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ تۇپراقلىرىدا مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقالىشى، بۇنىڭ ئەڭ يارقىن مىساللىرىدىن بىرىدۇر.

كونكىرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مۇستەقىللىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىش-ئاشماسلىقى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنىڭ بىرلىككە كېلىش-كەلمەسلىكى؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ب د ت دا تولۇق ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئىشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىشقا ئېشىشى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» ۋەدىسىدىن ھېچقاچان بەھرىمەن بولمىغانلىقى؛ خىتايلار بىلەن بىللە ياشىشىنىڭ مۇمكىنسىز ئىكەنلىكى، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاشقا باغلىق مەسىلىدۇر.

مەنبە: ر ف ئا ئۇيغۇر بۆلۈمى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top