You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسى

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، 2019 – يىلىدىن باشلاپ 11 قېتىم مەخسۇس ئوخشىمىغان 15 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن 115 نەپەر ئۇيغۇر ياش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق»، «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» ۋە «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

بۇ 11 قېتىملىق كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە، تەشكىلاتچىلىق، تاراتقۇ، تەشۋىقات، خەلقئارا ۋەزىيەت، مىللىي كۆرەش يوللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلاردا دەرس ئالدى. 

بۇ نۆۋەت 12 – قېتىملىق ئېچىلىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇم مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىدا ئالدىنقى قېتىملىق كۇرسلاردىن ئالغان تەجرىبە-ساۋاقلار نەتىجىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىدەك بەلگىلەندى:

1) ئۇيغۇر تارىخى (قەدىمكى، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخلىرى)، تارىختا ئۇيغۇر – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشغالى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق تارىخى

2) خەلقئارا قانۇن، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى

3) غەربنىڭ دېمۇگراتىيە پىرىنسىپلىرى، ئوخشىمىغان سېستىمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلمىلىرى، ب د ت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت مىخانىزىمى، دېمۇگراتىيە ۋە سايلام

4) رەسمىي سورۇنلاردىكى ئەدەپ-قائىدىلەر، تەشكىلاتچىلىق ۋە لوبىچىلىق

5) دۆلەتلەرنىڭ مىللىي ئىدىئولوگىيەلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىدىئولوگىيەسى

6) كۈنىمىزدە ئىستىخارات ۋە ئىستىخباراتچى، خىتاي ئىستىخباراتى ۋە غەرب ئىستىخبارات ئورگانلىرى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى

7) شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە مۇھىم دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە

8) خەلقئارا جەمىئىيەتكە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇتۇش، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ۋە خىتايغا بۇ قىلمىشىنىڭ بەدىلىنى تۆلىتىشنىڭ يوللىرى

9) شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە خىتايغا قارشى كۆرەشنىڭ ئوخشىمىغان يوللىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە

يۇقارقىدەك ياشلىرىمىزغا نەپ بېرىدىغان يېڭى-يېڭى تېمىلار مۇلاھىزە قىلىنىش بىلەن بىرگە، كۇرسقا قاتناشقۇچى ياشلارنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەسىگە قارىتا ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە ئىنگلىزچە دەرسمۇ ئۆتىلىدۇ.

كۇرس مۇددىتى: 7 ئاي (2024-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە)

كۇرس ۋاقتى: يۇز تۇرانە دەرسلەر ھەر ئايدا بىر قېتىم شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇل ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 09:30 دىن 17:30 غىچە، ئىنگلىزچە دەرسلەر توردىن شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 18:30 دىن 21:20 غىچە بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: كۇرسقا قاتناشقۇچى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 7 ئاي تولۇق قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ، تىزىملاتماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ بۇ نوقتىنى ئالاھىدە ئويلۇشۇپ تىزىملىتىشىنى سورايمىز.

بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۇرسقا ئىستانبۇل ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىن 19 نەپەر ئۇيغۇر ياش قوبۇل قىلىنىدۇ.

قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېلخەت ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق ۋاقتىدا تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ، ۋە «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىغا ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى
2024-يىلى  10 – ئاينىڭ 7 – كۈنى

ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار:

كۇرسقا قاتنىشىشنى خالايدىغان ياشلارنىڭ ئاكادېمىك سەۋىيەسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق 2 – يىلىنى تاماملىغان ياكى ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن باكلاۋۇرلۇق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەن 21 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ياشلار بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئىستانبۇل ۋە ئەتراپىدىن 19 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئېلخەت ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق ۋاقتىدا ئەۋەتىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.
1) ئۇيغۇرچە ئىسىم–فامىلىسى
2) ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى ۋە ئوقۇغان كەسپى
3) ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى ئاكادېمىك ئۇنۋانى
4) تۇرىۋاتقان شەھىرى
5) ئالاقە تېلىفۇنى ۋە ئېلخەت ئادرىسى

ئىلاۋە ئۇچۇرلار:
كۇرس يۈز تۇرانە ۋە توردىن سىرىتقا يېپىق ئېلىپ شەكىلدە بېرىلىدۇ.
تىزىملىتىش ۋاقتى: 2024-يىلى 10–ئاينىڭ  10 – كۈنى ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 21:00 گىچە
تىزىملىتىش ئېلخەت ئادرىسى:
uygurakademisi@gmail.com
ئالاقىلاشقۇچى: تولۇنئاي تەڭرىتاغلى، ئالاقە تېلىفۇنى: 00905332677692 (ۋوتىسئاپ)

سەردار زائوغلى ئالاقە تېلىفۇنى: 00905300949638 (ۋوتىسئاپ)

قوشۇمچە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق»، «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» ۋە «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىدىن بەزى خاتىرە رەسىملەر:

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top