You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۇلار سەككىز قىز ئىدى

ئۇلار سەككىز قىز ئىدى

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، شەرقىي تۈركىستاندا 1944-يىلى پارتىلىغان «نويابىر مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان قەھرىمان خانىم-قىزلىرىمىز ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئېسىڭىزگە ئىختىيارسىز ھالدا سەككىز نەپەر شەپقەت ھەمشىرەسىنىڭ قىشلىق ھەربىي كىيىملەر بىلەن چۈشكەن كوللىكتىپ سۈرىتى كەلسە كېرەك. ئۇلار ئىچىدە شېھىت رىزۋانگۈلنىڭ نۇرلۇق ۋە قەھرىمان سىماسى خەلقىمىزگە قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ئىدى. رىزۋانگۈل شېھىت بولغان 15-يانۋار كۈنىنى ئەسلىگىنىمىزدە شۇ سۈرەتتىكى باشقا يەتتە قەھرىمان قىزنىڭ بىرى، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا دەسلەپكىلەردىن بولۇپ ئاكتىپ قاتنىشىپ، كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن «پىدائىي» مېدالىغا ئېرىشكەن مىللىي ئارمىيە شەپقەت ھەمشىرەلىرىدىن زىننەت ئەخمەت قىزى سابىروۋا خانىمنى ئۆز ئەسلىمەلىرى ئارقىلىق يادقا ئېلىپ ئۆتمەكچىمىز.


تۆۋەندىكىسى مەرھۇم رىزۋانگۈلگە ئاتاپ يېزىلغان، مۇزىكاسىنى مەرھۇم بەستىكار قۇددۇس غوجامياروۋ ئىشلىگەن ناخشا بولۇپ، قۇددۇس غوجامياروۋنىڭ «دۇتار ساداسى»ناملىق لېنتىسىغا كىرگۈزۈلگەن:


ئۇلار سەككىز قىز ئىدى

ئالىمجان باۋۇدۇن

تازا ۋە چاققان كىيىنگەن، مەيدىسىگە سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ «پىدائىي» كۈمۈش مېدالىنى تاقىغان، قولىدا گۈلدەستە تۇتقان يەتمىش ياشلار ئەتراپىدىكى ناتونۇش ئايال «رۇخسەتمۇ؟» دەپ كابىنېتقا كىرىپ كەلدى. سالام-ئىلىكتىن كېيىن، تېنچلىق-ئامانلىق سوراشتۇق.

-ئۇزۇناغاچ يېزىسىدىن بۈگۈنكى بايرام بىلەن سىلەرنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئەتتەي(ئاتايىتەن) كەلدىم. قارىسام، سىلەردە بايرامنىڭ ھېچقانداق نىشانىمۇ بايقالمايدۇ…مەيلى،-ناتونۇش ئايال گۈلدەستەنى ماڭا سۇندى،-بايرىمىڭىز مۇبارەك بولسۇن، ئۇكام!

-رەھمەت،-دەپ گۈلدەستەنى ئالدىم. ئالدىمۇ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. بۈگۈن قانداق بايرام؟

-بايرام دېگەن ئەسلى سىلەردىن- رېداكسىيەدىن باشلىنىشى كېرەك ئىدىغۇ، ئۇكام؟-ناتونۇش ئايال مېنىڭ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغانلىقىمنى سەزگەچ شۇنداق دەپ سۆز باشلىدى،-ئۇنتۇپ قالمىغانسىلەر، بۈگۈنكى كۈن بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بايرام كۈنىغۇ؟! ئەنە ئاشۇ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنىڭ قادىلىپ،-دەپ تامدىكى بايراقنىڭ رەسىمىنى ئىشارە قىلدى،-شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان كۈنغۇ!…

توغرا. بۈگۈن 12-نويابىر. بۇنىڭدىن ئەللىك تۆت يىل مۇقەددەم ئاشۇ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز ۋەتىنىمىز ئاسمىنىدا لەپىلدىگەن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان كۈن! بىز نېمە بولىۋاتىمىز؟ نەگە كېتىۋاتىمىز؟ ئۆزگە دۆلەتنىڭ، ئۆزگە مىللەتنىڭ بايراملىرىنى ئۇنۇتمايمىزۇ، ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۇنۇتۇشقا بىزنى زورلاۋاتقان ھېچكىم يوققۇ! شارائىتقا كۆرە بۇ ئۇلۇغ بايرامنى، ئۇلۇغ كۈننى تار دائىرىدە، ئۆزئارا بولسىمۇ نىشانلاشقا بولاتتىغۇ؟… ناتونۇش ئايالنىڭ ئالدىدا بەك ئوسال بولدۇم.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى شەپقەت ھەمشىرەلىرىدىن زىننەت ئەخمەت قىزى سابىروۋا خانىم

-رەھمەت سىزگە، ھەدە،-دەپ ئۇ ئايالغا مىننەتدارلىق بىلدۈردۈم،-توغرا ئېيتىسىز، بۈگۈنكى كۈن بىز ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈن، ئۇلۇغ بايرام. بۇ بايرامنى ئانا ۋەتىنىمىزدە ناھايىتى كەڭ دائىرىدە داغدۇغىلىق ھالدا نىشانلايدىغان كۈنلەرمۇ كېلىپ قالار…

مېنىڭ بۇ سۆزۈم پىلدىرلاپ يېنىپ تۇرغان ئوتقا ماي چاچقاندەك بولدىمۇ، بىلمەيمەن. ناتونۇش .ئايال بىردىنلا ئىچكى دەرت-ئەلەم، ھەسرەت-پىغانلىرىنى تۆكۈپ تاشلىدى ۋە ھاياجان بىلەن سۆزلەپ كەتتى.

-ئاشۇ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز ۋەتىنىمىز ئاسمىنىدا لەپىلدەپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغىچە خەلقىمىزنىڭ قانلىرى دەريا-دەريا بولۇپ ئاقتى ئەمەسمۇ؟! ۋەتەن دەپ قانچە-قانچە قۇربانلارنى بەردۇق. ئېسىت، ئېسىت. تۆكۈلگەن قانلار بىكارغا كەتتىغۇ؟!…-ناتونۇش ئايال ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى. مېنىڭمۇ يۈرەك-باغرىم ئېزىلىپ، كۆزلىرىم ياشقا تولدى…

خوش، ئاشۇنداق ھېسىياتتىكى ياشانغان بۇ ئايال كىم؟ ئۇ يەركەنتلىك سابىرئاخۇننىڭ ئوغلى ئەخمەت ھارۋىكەشنىڭ قىزى زىننەت ئانا ئىكەن. ئۇنىڭ بوۋىسى سابىرئاخۇن ئۆز دەۋرىنىڭ ئاڭلىق، ساۋاتلىق، ھال ئوقىتى ئوتتۇراھال تەرەققىيپەرۋەر كىشىلىرىدىن بولغان. بولشىۋېكلار پارتىيەسى سابىرئاخۇننى «كۇلاك» (باي دېھقان) دەپ ناھەقتىن ئېتىۋەتكەن. بار بىساتىنى مۇسادىرە قىلىۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن «كۇلاكنىڭ بالىسى» ئەخمەت ئاكىغا ئۆز يۇرتىدا ھايات كەچۈرۈش قىيىنلاشتى. ئەخمەت ئاكا بىلەن جانىساخان ھەدىنىڭ ئائىلىسىدە ئۈچ قىزدىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن زىننەت بىر ياشقا تولا-تولماي، ئۇلار شەرقىي تۈركىستانغا ئۆتۈپ، ئىلى ۋىلايەتىنىڭ كېپەكيۈزى يېزىسىغا بېرىپ ئورۇنلاشتى. ئەخمەت ئاكا ھارۋىكەشلىك قىلىپ، ئېغىر تۇرمۇشتا ھايات كەچۈردى.

-مېنىڭ يۈرىكىمگە مىختەك ئورۇنلىشىپ كەتكەن بىر ۋەقە ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ،-دېدى زىننەت ھەدە بالىلىق دەۋرلىرىدىنى ئىچكى بىر ئەلەم بىلەن ئەسلەپ. يەتتە-سەككىز ياش ۋاقتلىرىم ئىدى. چىلپەڭزىدە تۇرىۋاتقان كىچىك ئانام بۈۋىمەريەمنى ئاغرىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ، يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن دادام، ئاپام ئۈچەيلەن ھارۋىدا يولغا چىقتۇق. كۈرەدە چېرىكلەر يولنى توراپ پوست قىلىۋالغان ئىكەندە، بىزنى ئۆتكۈزمەي قويدى. چېرىكلەر دادامنى سەيسىگە (ھاشارغا) ئىشلەيسەن ياكى پۇل تۆلەيسەن دەپ تۇرىۋالدى. دادام تېخى بىر جۈمە ئىلگىرىلا ئوننەچچە كۈن ئاشۇ «سەيسە» دېگەن ئادەملەرنى زورلۇق بىلەن بىكارغا ئىشلىتىدىغان جايدا ئىشلەپ كەلگەنلىكىنى، ھازىر يانچۇقىدا ئۇلارغا بېرىدىغان سۇنۇق ئاقچىسىنىڭ يوقلىقىنى، چىلپەڭزىدە سىڭلىسى قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى، شۇنى يوقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى  ئېيتىۋىدى، چېرىكلەر:« سەن چەنتۇ بىزنىڭ ئېيتقىنىمىزنى ئورۇندىماي، بىز بىلەن تاكاللىشامسەن» دەپ دادامنى بىكاردىن بىكارغا تاياقنىڭ ئاستىغا ئالدى. ئاپام بىچارە:«ۋاي، ئۇنداق قىلماڭلار، بىزگە رەھىم قىلىڭلار، بىز بىر كەمبەغەل ئادەملار، سىلەرگە بېرىدىغان پۇل نەدىن بولسۇن بىزدە» دەپ يالۋۇرۇپ-يىغلاشلىرىغا قۇلاق سالار ئەمەس. بىچارە دادامنى مىلتىقنىڭ پاينەكلىرى بىلەن توغرا كەلگەن يېرىگە ئۇرۇپ، تېپىپ-دەسسەپ قانغا، توپىغا مىلىۋەتتى. مەن چىداپ تۇرالمىدىم. ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشتۈمدە، چېرىكلەرنىڭ پۇتىغا ئېسىلىۋالدىم. «ۋاي، جېنىم ئاكا. دادامنى ئۇرماڭلار، دادامنى ئۇرماڭلار» دەپ يىغلاپ يالۋۇرۇشقا باشلىدىم. چېرىكلەردىن بىرسى «بار نېرى، چەنتۇنىڭ كۈچۈكى» دەپ مېنى بىرنى تېپىپ ئوڭدامغا ئۇچۇرىۋەتتى. ھوشۇمدىن كېتىپ قاپتىمەن…بىر چاغدا كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام، ھارۋىدا ئوڭدامغا يېتىپتىمەن. ئاپام خۇداغا نالە قىلىپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. دادام بىر نەرسىلەرنى دەپ ھارۋىسىنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپتۇ. دادامنىڭ يۈز-كۆزلىرىنىڭ ئىششىپ، كۆكىرىپ، كىيىملىرىنىڭ يىرتىلىپ قان بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم. «جېنىم دادام!» دەپ ئۆزۈمنى دادامنىڭ قۇچىقىغا ئاتتىم ۋە ۋارقىراپ يىغلىۋەتتىم.

-يىغلىماڭ قىزىم، يىغلىماڭ،-دەپ بىچارە دادام يۈزلىرىمنى، چاچلىرىمنى سىيپاپ، پېشانەمدىن سۆيۈپ قويدى،- خۇداغا شۈكرى، ساق ئىكەنسىز، دەپ ئۇ يەر-بۇيەرلىرىمنى تۇتقاندەك قىلدى ۋە ئاندىن،-بۇ ئەبلەخلەرنىڭ زوراۋانلىقىنى قارا. خەير، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر. مۇشۇ زومىگەرلىكى ئۈچۈن ھېسابلىشىدىغان كۈنلەر كېلەر تېخى!-دەپ ئۇلۇغ كىچىك نەپەس ئالدى. كېيىن مەن ئاپام-دادامدىن چېرىكلەرنىڭ قانداق قويۇپ بەرگەنلىكىنى سورىسام، ئاپام ياخشى-يامان كۈنلەرگە لازىم بولۇپ قالار دەپ يۈرىكىدە دېگىدەك ساقلاپ يۈرگەن بارى-يوقى بىر تال يامبۇسى بار ئىكەن. شۇنى چېرىكلەرگە بەرگەندىن كېيىن، دادامنى ئۇرۇشنى توختىتىپ، قويۇپ بېرىپتۇ. كىچىك ئانامغا دەپ ئېلىۋالغان نان-توقاچ، يېرىم قوينىڭ گۆشى ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋاپتۇ…

ھە، ئاشۇ ۋەقەدىن كېيىن زىننەتنىڭ سەبى يۈرىكىگە، پۈتۈن ۋۇجۇدىغا خىتاي زوراۋانلىرىغا-چېرىكلىرىگە نىسبەتەن غەزەپ-نەپرەت ئۇچقۇنى تۇتاشتىدە، ئۇ يىللار ئۆتۈشى بىلەن قىساس، ئىنتىقام يالقۇنىغا ئايلىنىشقا باشلىدى.

زىننەتنىڭ 14-15 ياش ۋاقتلىرى ئىدى. شەرقىي تۈركىستان زىمىنىدا باسقۇنچىلارغا قارشى مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابى پارتىلىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى ئاددىي ھارۋىكەش بولسىمۇ، ساۋاتلىق، ئاڭلىق كىشى ئىدى. بىر كۈنى ئەخمەت ئاكا غۇلجادىن گېزىت ئېلىپ چىقىپتۇ. كەچكى تاماقتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئائىلەسىدە سۆھبەت باشلاندى.

-مانا، گېزىتتە يازغان نەرسىلەرنى مەن سىلەرگە ئوقۇپ بەردىم،-دېدى ئەخمەت ئاكا بالىلىرىغا،-ئىنقىلاب باشلىنىپتۇ. بۇ باسقۇنچىلاردىن، زومىگەرلەردىن قىساس، ئىنتىقام ئالىدىغان، ۋەتىنىمىزدە ئازاتلىق، مۇستەقىللىق ئورنىتىدىغان ئىنقىلاب. رىزۋانگۈن ھاشىم قىزى باشلىق بىر توپ پىدائىي قىزلارمۇ پىدائىي بولۇپ ئۇرۇشقا كىرىشىۋېتىپتۇ. قىزىم زىننەت. سىز مېنىڭ ھەم قىزىم، ھەم ئوغلۇم. مەن سىزنى ۋەتەن ئازاتلىقى يولىدىكى بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلابقا ئاتاپ قويدۇم. سىز بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟-دەپ سورىدى.

ئاتىنىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن ياش قىزنىڭ قەلبى يوپۇرماقتەك تىترىدى، كۆزلىرى ئوت بولۇپ، ئىنتىقام ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى دۈشمەنگە نىسبەتەن غەزەپ-نەپرەت ئىگىلىدى.

-رىزۋانگۈل ھەدەملەرگە ئوخشاش ئۇرۇشقا كىرىشكە مەن تەييار، دادا. بۇ زومىگەر خىتايلارنىڭ قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئۇنۇتقىنىم يوق، مەڭگۈگە ئۇنۇتمايمەن. ئاخىرقى تامچە قېنىم قالغىچە كۈرىشىمەن!-دېدى قىز قەددىنى تىك تۇتۇپ.

ئەتىسى ئەتىگەندە ئاتا قىزىنى باشلاپ سىلىڭبۇ-ھەربىي شىتابقا كەلدى. ئۇلارنى ئىنقىلاب رەھبەرلىرى قارشى ئالدى. ياشىنىپ قالغان ئاتا بىردىنلا مەخسىتىنى ئېيتتى.

-مىلتىق تۇتۇپ ئىنقىلابقا قاتناشقۇدەك مەندە ئوغۇل يوق. تۆت قىزىم بار. ئۇلارنىڭ چوڭلىرى ياتلىق بولۇپ كەتكەن. شۇ تۆت قىزىمنىڭ بىرسى- مۇشۇ كەنجى قىزىمنى بۇ ئۇلۇغ ئازاتلىق ئىنقىلابىغا ئاتاپ قويدۇم. ياق دېمەي، مۇشۇ قىزىمنى پىدائىيلىققا قۇبۇل قىلساڭلار؟ ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن يۈرىكى چوڭ قىز بۇ…

ئۇلار قەددىنى رۇسلاپ تۇرغان قىزغا لاپ قىلىپ قاراشتى. جۇغى كىچىكرەك بولسىمۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن جاسارەت، كۆزلىرىدىن دۈشمەنگە بولغان غەزەپ-نەپرەت، ئىنتىقام ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان قىزنىڭ بۇ ئىرادەسى، ئاتىنىڭ ئەقىدەسى ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. ئەخمەت ئەپەندى ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئاتىنىڭ قولىنى قاتتىق سىقىپ، تەشەككۈر بىلدۈردى. ئاندىن قىزنىڭ ئىككى غولىدىن تۇتۇپ:«سىز مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىغا پىدائىي بولغان سەككىزىنچى قىز بولدىڭىز. ياشاڭ، قىزىم. سىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىڭلار، قەھرىمانلىقىڭلار كېلەچەكتە شانلىق تارىخىمىزنىڭ سەھىپەلىرىگە يېزىلىدىغان بولىدۇ. سىزگە ئامەت تىلەيمەن» دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ئەڭ دەسلەپ قاتناشقان سەككىز نەپەر شەپقەت ھەمشىرەسى. ئۈستۈنكى رەت ئوڭدىن بىرىنچى مەزكۇر ماقالەدە تىلغان ئېلىنغان زىننەت سابىروۋا خانىم. ئۈستۈنكى رەت سولدىن بىرىنچى بولسا شېھىت رىزۋانگۈل ھاشىم

-شۇ يەردىلا مېنى پىدائىيلىققا قۇبۇل قىلىشتى،-دەپ ئەسلەيدۇ زىننەت ھەدە،-بىز سەككىز قىز ئىدۇق. رىزۋانگۈل ھاشىم قىزى سەككىز قىزغا كوماندىر ئىدى. ئۆزى بەك تېتىك، زېرەك بولىدىغان. سەككىز قىزنىڭ ئەڭ كىچىكى مەن ئىدىم. ئۇلار 18-22 ياش ئارىلىقىدىكى قىزلار ئىدى. بىز سەككىز قىز -رىزۋانگۈل ھاشىم، ھەدە-سىڭىل رابىيەم ۋە ئايشەم غەنى، تۇخان ئۆمەر، پەرىدە سەيدۇللا، سائادەت مەھەممەتنىياز، زەينەپ رەخمىتۇللا ۋە مەن ئىدىم. ئاشۇ بىرىنچى كۈنىلا ماڭا ھەربىي كىيىملەرنى كىيگۈزدى. دەسلەپتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، يارىدارلارنى كۆرسەتتى. ئاندىن مىلتىق ئېتىشنى ئۆگەتتى. بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە قورالنى پارچىلاپ، قايتىدىن قوراشتۇرۇشنى ۋە ئېتىشنى ئۆگىنىۋالدىم،- دېدى زىننەت ھەدە ۋە چاقچاق ئارىلاش قوشۇمچە قىلدى،- ھازىرمۇ تاپانچا، مىلتىق، ئاپتوماتلارنى ئاتالايمەن.

كېيىن بىز سەككىز قىزنى پولكلارغا بۆلدى. مەن قىيۇمبەگ خوجانىڭ پولكىغا تەقسىم قىلىندىم. شەۋقىيە غابباسوۋا ئىككىمىز بىللە بولدۇق. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئۇرۇش مەيدانىدا يارىدار بولغان جەڭچىلەرگە دەررۇ تىببىي ياردەم كۆرسىتىش ۋە سانچاستا ئۇلارنى داۋالاش ئىدى. مەن غۇلجىدىن باشلاپ شىخۇغىچە بولغان ئۇرۇشلارغا قاتناشقانمەن.

-زىننەت ھەدە، قورال تۇتۇپ ئۇرۇشقا بىۋاستە كىرگەن ۋاقتلىرىڭىز بولغانمۇ؟-دەپ سورىدىم سۆھبەت ئارىسىدا.

-قىزىق ئىكەنسىز، ئۇكام،-دېدى ئۇ قىزىقىپ سۆزلەپ،-ئەلۋەتتە بولدى. مىللىي ئىنقىلاب ۋاقتىدا ھەممىلا ھەمشىرە قىزلارنىڭ بىر قولىدا دوختۇرنىڭ سومكىسى بولسا، بىر قولىدا قورال. ھەر بىر ئۇرۇشقا كىرگەن ۋاقتلىرىمىزدا، مېنىڭ كۆز ئالدىمدا بالىلىق ۋاقتىمدا دادامنى ناھەق ئۇرتوقماق قىلغان، مېنى تېپىپ ھوشۇمدىن كەتكۈزىۋەتكەن خىتاي چېرىكلىرى كېلەتتىدە، ئوق تېگىپ ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ دەپمۇ ئويلىمايتتىم. ماختانغىنىم ياكى يالغان ئېيتقىنىم ئەمەس، ئۆز قولۇم بىلەن خېلى دۈشمەننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنمەن.

ھە، زىننەت ھەدە يامغۇردەك يېغىپ تۇرغان ئوقلار ئىچىدە، گۈمبۈرلەپ يېرىلىۋاتقان بومبىلار ئارىسىدا يۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان شىددەتلىك جەڭ مەيدانلىرىدا بولغان. ئۇ غۇلجا ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى ئۈچۈن دەسلەپكى قېتىم «پىدائىي» مېدالى بىلەن تەقدىرلەنگەن.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تارقاتقان «پىدائىي» مېدالى

-ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا بىز تەرەپتىنمۇ نۇرغۇن قۇربانلار بېرىلدى،-ئۇلۇغ كىچىك نەپەس ئېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى زىننەت ھەدە،-رىزۋانگۈل ئاشۇ ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىتىنى شىتابقا ئېلىپ كەلدى. بىز يەتتە قىز مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمانى رىزۋانگۈلنىڭ جەسىتى ئالدىدا تىك تۇرۇپ، ئاخىرقى تامچە قېنىمىز قالغىچە دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىشقا، رىزۋانگۈلنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان مىڭلىغان ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ قىساسىنى، ئىنتىقامىنى ئېلىشقا قەسەميات قىلغان ئىدۇق…-زىننەت ھەدەنىڭ كۆڭلى قايتىدىن بۇزۇلدى.

ئۇرۇش توختاپ، ئون بىر بىتىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، زىننەت ئەخمەت قىزى مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىدى. ھەرەمباغ مەكتىپىدە باشلانغۇچ سىنىپلارغا دەرس بەردى. كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ، «باشلانغۇچ گۇرۇپپا نەزەرىيە ئۆگىنىش»كۇرسىدا ئوقۇپ كەلدى. ئاندىن يەر ئىسلاھاتىغا قاتنىشىپ، خىزمەت ئاتقۇردى. 1956-يىلى ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن بۇ ئەلگە كۆچۈپ چىقتى. ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ، ئەخمەت ئاكا ئالەمدىن ئۆتتى. ئاتىسىنىڭ مەزگىلسىز ئۆلۈمى ياش ۋاقتىدا چېرىكلەردىن يېگەن تاياقنىڭ زەربىسىدىن بولدى.

-مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىغا دەسلەپكىلەردىن بولۇپ قاتناشقان سەككىز قىزدىن ھازىر (بىزدىن باشقىمۇ نۇرغۇن قىزلار قاتناشقان) ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان ئايشەم غەنى ئىككىمىزلا قاپتىمىز،- دەپ ئېغىر خۇرسىندى زىننەت ھەدە،- مېنىڭمۇ يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى، قېرىۋاتىمەن. مۇشۇنىڭدىن ئەللىك تۆت يىل ئىلگىرى لەپىلدىگەن شۇ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنىڭ ۋەتىنىم ئاسمىنىدا قايتىدىن لەپىلدىگىنىنى كۆرۈپلا ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى.

بىزنىڭ خەلقىمىز نېمانچە شورپېشانە خەلقتۇر، ھە؟ ئۇيغۇرلار مۇشۇ 20-ئەسىردە بىر نەچچە قېتىم قوراللىق كۈرەشلەرنى، ئىنقىلابلارنى قىلىپمۇ  باسقۇنچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىدىن بىرە-تولا قۇتۇلۇپ، ئۆز يېرىگە، ئۆز زىمىنىغا ئىگە بولالماي كېلىۋاتىدۇ؟ تۆكۈلگەن ۋە ھېلىمۇ تۆكۈلىۋاتقان قانلار بىكار كېتىۋاتىدىغۇ؟! بەزى كۈنلىرى يېتىم كېچىلەردە ئويغىنىپ كېتىمەندە، تاڭ ئاپپاق ئاتقىچە كىرپىك قاقماي ئويلاپ چىقىمەن. نېمىنى ئويلايدۇ دەيسىز، ئويلايدىغىنىم شۇ ۋەتەن! بۈگۈنكى كۈندە ۋەتىنىمدە بولىۋاتقان ئىشلارنى ئويلىسام، يۈرەك-باغرىم ئېزىلىپ كېتىدۇ، ئۇكام. «ئېھ، خۇدا،-دەپ ياتاتقان ئىگەمگە نالە قىلىمەن،- مېنىڭ خەلقىمنى نېمىگە بۇنچە بەختسىز ياراتقانسەن؟ بۈگۈنكى كۈندە ۋەتىنىمىزدە ماڭا ئوخشاش مىڭلىغان ئانىلارنىڭ بىر كۆزى ياش، بىر كۆزى يىرىڭغا تولغان. ئۇلارنىڭ مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان بىگۇناھ پەرزەنتلىرى تۈرمىلەردە ئازاپ چەكمەكتە، ئۆلتۈرۈلمەكتە. ياش ئاتا-ئانىلار بىر-ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلىنماقتا. ياش جۇۋانلار ئاقتا قىلىنماقتا. قورساقتىكى تۆرەلمىلەر ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرۈلمەكتە. شەرقىي تۈركىستان زىمىنىدا يۈرگۈزىلىۋاتقان ئاتوم سىناقلىرىدىن خەلقىم بىداۋا كېسەللەرگە گىرىپتار بولماقتا. ئانىلار چىرايلىق بوۋاقلارنى ئەمەس، مەخلۇقلارنى تۇغماقتا. ئۆز يېرىگە ئۆزى ئىگە بولالمىغان، خورلانغان، دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، ھوقۇقسىز قالغان، بىر پارچە ناننىڭ زارى بولۇپ نامرات ياشاۋاتقان خەلقىمنىڭ ئاھۇ زارى نېمىشقا ساڭا يەتمەيدۇ؟!…

زىننەت ھەدەمنىڭ ئىچىگە ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مۇنچاقتەك تۆكۈلگەن ئاچچىق ئەلەملىك ياشلىرى قورۇق باسقان يۈزلىرى ئارقىلىق ئېقىپ چۈشتى…

-مەن ئېيتمىساممۇ سىلەر ياخشى بىلىسىلەر، ئۇكام،-دەپ زىننەت ھەدەم بىر نەچچە دەقىقە جىم-جىتلىقتىن كېيىن «ئۇھ» دەپ نەپەس ئالدىدە، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،-بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ يۈزلىگەن، مىڭلىغان يىللار ئىلگىرى قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان، شەھەر سورىغان جەڭگىۋار خەلق ئىدى. مېنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغان بىر يېرىم- ئاشۇ ئەجدادىمىزنىڭ بويىدىكى، قېنىدىكى جەڭگىۋارلىق كېيىنكى ئەۋلادلاردا، بولىمۇ ئۆزىنى «مەن ئۇيغۇر» دەپ قۇرۇق سۆز بىلەن مەيدىسىگە ئۇرۇپ يۈرگەن ئايرىم ئادەملەردە يوق دېسەممۇ بولىدۇ. ئۇنداق ئادەملەر قورسىقىنىڭ تويغىنىغا، بايلىقىغا، چوڭ-كىچىك ئەمەل-ئاتىقىغىلا رارى بولۇپ، ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ تەقدىرىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئاشۇنداق ئادەملەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ «ھۇببۇل ۋەتەن، مىنەل ئىمان» (ۋەتەننى سۆيۈش-ئىماننىڭ جۈملىسىدىن) دېگەن سۆزىنى ئۇنۇتمىسىكەن دېمەكچىمەن…

يېشى يەتمىشلەرگە تاقاپ قالغان بۇ ئانىنىڭ ئېيتىۋاتقان شۇ خىل سۆزلىرىگە قاراپ ھەيران قالدىم. يۈرىكى ۋەتەن ئىشقىدا يېنىۋاتقان ئاشۇنداق ئانىلىرىمىزنىڭ ئىرادىسى، غەيرەت شىجائىتى، دۈشمەنگە بولغان غەزەب-نەپرىتى، ۋەتىنىگە، خەلقىگە بولغان ساداقىتى ھەربىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۈلگە-ئىبرەت بولغۇسىدۇر، ئەلۋەتتە.

مەنبە: قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «يېڭى ھايات» گېزىتى، 1998-يىل 5-دېكابىرلىق سانى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top