You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » خىتاينىڭ «مىللىي ئاپتونومىيە» ئارقىلىق «شەرقىي تۈركىستان» ۋە «ئۇيغۇرىستان ئارزۇسى»نى يوقىتىش ئىستراتېگىيەسى

خىتاينىڭ «مىللىي ئاپتونومىيە» ئارقىلىق «شەرقىي تۈركىستان» ۋە «ئۇيغۇرىستان ئارزۇسى»نى يوقىتىش ئىستراتېگىيەسى

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

بۈگۈن، يەنى، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىنگو، يەنى خىتاي جۇمھۇرىيىتى نامىدىكى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نامىدىكى دۆلىتىنى قۇرغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا »شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نامىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مۇختارىيە ھوقۇقى بەرگەنلىكىنىڭ 65 يىللىقىدۇر. دەل شۇ بۇنىڭدىن 65 يىل ئىلگىرى، يەنى 1955-يىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى ، 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەر قايسى مىنسىتىرلىقلىرىدا مىنىستىر، مۇئاۋىن مىنىستىر، ئىدارە باشلىقى، باشقارما باشلىقى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى زېممىسىگە ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بايرىقى ئاستىدا ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى سۈپىتىدە پائالىيەت قىلغان كۆپ ساندىكى ئەربابلارنىڭ ئوخشاشلا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق مەيدانىدىكى رەئىس سەھىنىسىدە ئولتۇرۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نى تەبرىكلىگەن كۈندۇر. بۇلارنىڭ بىرقىسمى شۇ ۋاقىتلاردىمۇ شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇرىستان نامىدا مىللىي جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلغان ۋە بۇ ئۈمىدلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلار ئىدى. لېكىن، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 1957-1958-يىللىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن «يەرلىك مىللەتچى» نامى بىلەن يوقىتىلدى، جازالاندى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشقا مەجبۇر قىلىندى. ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇرىستان»، «شەرقىي تۈركىستان ئارزۇلىرى» بەربات قىلىندى.

ئەلۋەتتە، «ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى »، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش بۇ قۇرۇق«چۈش » ئەمەس ئىدى، يەنى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ «چۈشى» ئەمەس، بەلكى يۈكسەك »ئارزۇسى» ۋە »غايىسى »ئىدى خالاس! خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ۋە غايىلىرىنى بەربات قىلىشتا بىرىنچى قەدەمدە ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلاردىن پارچىلايدىغان ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى قويىدىغان تاكتىكىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە «مىللىي ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە، ئاپتونوم يېزا» قاتارلىقلارنى قوللانغانىدى.

ئۇنداقتا خىتاينىڭ مىللىي ئاپتونومىيەلەرگە پارچىلاش ۋە ئاخىرىدا « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نى قۇرۇش جەريانى قانداق بولدى؟

شۇنى ئەسكەرتىش مۇمكىنكى، 1949-يىلى 10-ئايدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە قانداق مىللىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش، يەنى فېدېراتسىيەلىك تۈزۈم بويىچە، ئىچكى موڭغۇلىيە، ئۇيغۇر دىيارى، تۇڭگانلار رايونى، تىبەت ۋە باشقا رايونلارغا مىللىي جۇمھۇرىيەتلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى مودېلى بويىچە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىش كېرەكمۇ ياكى خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىلى 9-ئايدا تەستىقلىغان «ئورتاق پروگراممىسى» بويىچە «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» ھوقۇقى بېرىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىلەردە تالاش-تارتىشلار داۋاملاشتى. لېكىن، سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئۆز ئەسلىمىسىنىڭ 3-تومىدا قەيت قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى 1954-يىلى بېيجىڭدىكى ئاپتونومىيەگە ئائىت يىغىندا ھەتتا موڭغۇل ۋەكىللىرىمۇ بىرلەشمە جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىنى تەلەپ قىلدى، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى »جۇڭگونىڭ ئەھۋالىنىڭ سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا ئوخشىمايدىغانلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭگودا ئاران 6% ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇنداق يولغا ماڭمايدىغانلىقىنى قەتئىي جاكارلاپ، پەقەت بىرلا يول، يەنى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ئىكەنلىكىنى« تەكىتلىدى.

قازاقىستاندىكى تارىخچى مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ( 1928-2020) قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئىزچىل تەكىتلىگەن فېدېراتسىيە تۈزۈمى قارىشىدىن ۋاز كېچىپ پەقەت مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە چارىسىنىلا قوللاندى، بۇ ئۇنىڭ ئۆز مىللىي مەنپەئەتىدىن چىقىش قىلىنغانىدى. خىتاي كومپارتىيەسى ئەگەردە مىللەتلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ئىتتىپاقداش ياكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بەرسە، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ تەس بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئايرىلىپ كېتىش ھوقۇقىنى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، بۇنى ئۆزى ئۈچۈن زىيانلىق ھېسابلىدى. چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۆز ئاساسىي قانۇنلىرى، ئۆز بايراقلىرى، ئۆز دۆلەت تەشكىلاتى شەكلەن بولسىمۇ بار ئىدى.

خىتايدا ھەر قايسى مىللىي رايونلاردىكى ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەر خىل ئۇسۇل ۋە ۋاقىت پەرقى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئۈچۈن قانداق ئاپتونومىيە بېرىش مەسىلىسى ئەڭ مۇرەككەپ رايون 1944-يىلى، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ، بەش يىل مۇستەقىل ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇرلار دىيارى ئىدى. سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، جۇ ئېنلەي قاتارلىق خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرى ئۇنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇختارىيەت ھۆكۈمىتى» قۇرۇش تەكلىپىگىمۇ قوشۇلماي، بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشقا قالدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن 1951-يىلى، 3-ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق كادىرلىرىدىن، غۇلجىدىكى 51 زىيالىينىڭ «ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش تەكلىپ لايىھىسى ۋاڭ جىن قاتارلىق خىتاي كوممۇنىست كاتتىۋاشلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىندى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدا مىللىي مۇختارىيەت قۇرۇشقا جىددىي تۇتۇش قىلماستىن، بەلكى مۇزاكىرە قىلىش، جايلاردىكى مىللەتلەر ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئاپتونومىيەلىك ئورۇنلارنى قۇرۇشقا مەسئۇل ئورگانلارنى قۇرۇش، رەھبەرلەرنى بېكىتىش، ئاپتونومىيە كادىرلىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئاخىرىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئاساسىي مىللەت ئۇيغۇرلاردىن ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىن باشلاش، يەنى سانى ئاز مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىدىن باشلاش چارىلىرىنى قوللاندى.

تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى، 1951-يىلى، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 51 نەپەر كادىرىنىڭ ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش لايىھىسى قاتتىق تەنقىد قىلىنغاندىن كېيىن، 1952-يىلى، 8-ئاۋغۇست كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش پروگراممىسى» نى ئېلان قىلىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى ۋە پرىنسىپلىرىنى بېكىتتى شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭ شۆبە كومىتېتىغا مىللىي ئاپتونومىيە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئاساسىي خىزمەت قىلىپ ئېلىپ بېرىشنى كۆرسەتتى، شۇنىڭدەك مىللىي ئاپتونومىيەلەرنى يولغا قويۇشنى يەر ئىسلاھاتى خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن باشلاشنى بەلگىلىدى.

سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئۆز ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىشىچە، 1952-يىلى، ۋاڭ جىن ئۇنىڭغا ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۇنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە توغرىسىدا كونكرېت پىكىر قويۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يەتكۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال تۇتۇش قىلىپ بىر پىكىر لايىھىسى تەييارلىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ لايىھەدە ئۇيغۇر مۇختارىيىتىنى «ئىتتىپاقداش ئاپتونوم رېسپۇبلىكا دەپمۇ ئاتىماي»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇختارىيەت ھۆكۈمىتى» دەپ ئاتاش پىكىرىنى يازغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

سەيپىدىن ئەزىز ئۆزىنىڭ مەزكۇر پىكىر لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا لېنىننىڭ «مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى» مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، دېڭ لىچۈننىڭ قارشى پىكىردە بولغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ، بۇ پرىنسىپنى ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما دېڭ لىچۈن قارشى چىقىپ، بۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مىللەتلەرگىلا قارىتىلغان دەپ تۇرۇۋالغان. سەيپىدىن ئەزىز بۇ ھەقتە: «ئىش قىلىپ بۇ مەسىلىدە خېلى تالاش-تارتىشلارنى قىلدۇق، دېڭ لىچۈنمۇ لېنىننىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلىپ چىقتى، مەنمۇ لېنىننىڭ، ستالىننىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، مەجلىستە خېلى مۇنازىرىلەشتۇق، لېكىن بۇ مۇزاكىرىدە ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىمىزنى قايىل قىلالمىدۇق، شۇ بويىچە ئىش شۇنداق قېلىۋەردى» دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى، 1952-يىلى، 8-ئايدا ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش تەييارلىق كومىتېتى قۇرۇپ چىقىپ، بۇرھان شەھىدىنى مۇدىرلىققا، گاۋ مەنچۈن، سەيپىدىن ئەزىز، ئەنۋەر جاكۇلىننى مۇئاۋىن مۇدىرلىققا تەيىنلىدى. بۇنىڭدا ھەر مىللەتتىن 40 كىشى كىردى، ئابدۇللا زاكىروف بۇ كومىتېتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولدى.

1953-يىلى، 2-ئاپرېل كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە خىزمىتىگە ئائىت كۆرسەتمىسىنى ئۇقتۇردى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە كۆرسەتمە بەرگەن. بۇ كۆرسەتمىدە شىنجاڭدا 13 مىللەت بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئاساسىي مىللەت، شۇڭا ئۇيغۇرلار مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش جەريانىدا ۋە يولغا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ياردەم كۆرسىتىشى كېرەك، شۇنىڭدەك قازاقلار ئاپتونوم رايونىدا ئىچىدە 13 مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن قازاقلارمۇ ئۆز ئاپتونوم رايونى ئىچىدە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. ئاخىرىدا يەنە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى «تۆۋەندىن يۇقىرىغا»، «كىچىكتىن چوڭغا» قاراپ يولغا قويۇش بەلگىلەنگەن. بۇ پىلان بويىچە ئالدى بىلەن رايون-يېزا دەرىجىلىك ئاپتونوم رايونلارنى قۇرۇش، ئىككىنچى قەدەمدە، ناھىيە دەرجىلىكلەرنى قۇرۇش، 3-قەدەمدە، ۋىلايەت دەرىجىلىكلەرنى، 4-قەدەمدە، مەمۇرىي مەھكىمە، يەنى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايوننى قۇرۇش، 5-قەدەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايون قۇرۇش قارار قىلىندى. 1954-يىلى، ئاپتونوم رايونلارنى قۇرۇش ئىشلىرى باشلىنىپ، 1954-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق ئاپتونوم يېزا، ئاپتونوم، ناھىيە، ئوبلاستلارنىڭ ھەممىسى بولۇپ، 27 ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق ئورۇنلىرىنى قۇرۇلۇپ بولدى.

1954-يىلى، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىشى بويىچە ئالدى بىلەن ئاتۇشنى مەركەز قىلىپ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم رايونى، كورلىنى مەركەز قىلىپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم تەكلىماكان ۋادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم رايونى. ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلى قازاق ئاپتونوم رايونلىرى قۇرۇلدى. سەيپىدىن ئەزىز ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئاتۇش قاتارلىق دېھقانچىلىق جايلىرىنى كىرگۈزۈش، ئىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ۋىلايەتنى ئاساس قىلىپ، قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇش ھەمدە بايىنغولىن موڭغۇل ئوبلاستى قۇرۇش مەسىلىسىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ بۇ پىكىرنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلمايدىغان قاراشلاردىمۇ بولغانلىقى، ئەمما ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلغانلىقىنى يازغان.

ئەمما، 1954-يىلىدىن باشلاپ، تاكى 1955-يىلى، 9-ئايغىچە ئۇيغۇرلارغا تېخى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلمىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قازاق، قىرغىز، تۇڭگان، موڭغۇل، تاجىك، شىۋەلەرگە ئاپتونوم ھوقۇقلار بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ چېگرالىرى ئايرىلىپ، ياشىغان زېمىنلىرى بەلگىلىنىپ بولۇنغان. 1955-يىلى بارلىق «ئاپتونوم رايونلار» ئاپتونوم ئوبلاستقا، ئاپتونوم ناھىيە ۋە ئاپتونوم يېزىلارغا ئۆزگەرتىلىپ، ئۇيغۇرلارغا بولسا تۆۋەن دەرىجىلىك «ئاپتونوم رايون» نامىدا ھوقۇق بېرىلگەن.

شۇنىڭغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي بارلىق ئاپتونوم جايلارنى ئىلى قازاق ئاپتونوم رايونى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم رايونى، سانجى تۇڭگان ئاپتونوم رايونى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغانىدى. ئەمما، 1955-يىلى، 7-ئايدىن كېيىن بۇلارنى «ئوبلاست»، ئەمما، ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاپتونوم ھوقۇقنى «ئاپتونوم رايون» غا ئالماشتۇردى.

لېكىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزلىرىگە بېرىلىدىغان ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە بولىدىغانلىقى، چوقۇم ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ياكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىلىش-بېرىلمەسلىكى مەسىلىسى يەنىلا ئايدىڭ ئەمەس بولۇپ، 1953-يىلى، 12-ئايدا ئۇيغۇرلارغا ئۆلكە دەرىجىدە ئاپتونوم ھوقۇقى بېرىلىدىغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن نارازىلىقلار يەنە كۈچەيدى. مەرھۇم تارىخىي شاھىت ھاشىر ۋاھىدىنىڭ 1990-يىللاردا قازاقىستاندىكى «يېڭى ھايات» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، 1953-يىلىدىكى مىللىي ئاپتونومىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى شىنجاڭنىڭ نامىنى «ئۇيغۇرىستان» غا ئۆزگەرتىش ۋە ئۆلكىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتونومىيە بېرىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ۋاڭ ئېنماۋ باشلىق خىتاي ۋەكىللىرى ۋە باشقا بىر قىسىم ۋاڭ ئېنماۋ تەرەپدارلىرى قازاق، موڭغۇل قاتارلىق مىللەت ۋەكىللىرى قارشى چىققان.

خىتاي مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاخىرى 1951-1955-يىلى ئارىسىدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئالدىغا ئۇيغۇر دىيارى دائىرىسىدىكى ئاپتونومىيەلىك بىرلىكنىڭ نامى ھەققىدە بىر قانچە خىل تەشەببۇسلار قويۇلغان بولۇپ، بۇلار: بۇ ئاپتونوم جاينىڭ نامىنى «ئۇيغۇرىستان ئاپتونوم ياكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتاش، يەنى بىرى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»، يەنە بىرى بولسا «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتاش ئىدى. ھەتتا يەنە «تيانشان ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتاشمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. سەيپىدىن ئەزىز ئۆز ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىشىچە، ئۇ 1954-يىلى بېيجىڭغا بارغاندا، شى جوڭشۈن ماۋ زېدوڭنىڭ ئۇنىڭدىن «شىنجاڭغا بېرىلىدىغان ئاپتونومىيە» نى «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتاشقا قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقى ھەققىدىكى پىكىر سورىغانلىقىنى يەتكۈزگەندە، سەيپىدىن ئەزىز ئۆزىنىڭ «ئاپتونومىيەنىڭ تاغ دەريالارغا بېرىلمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ مىللەتكە بېرىلىدىغانلىقى، شۇڭا بۇ جايغا ئۇيغۇر قوشۇلۇشى كېرەكلىكنى ئېيتقانلىقىنى، ئۇزۇن ئۆتمەي ماۋ زېدوڭنىڭ بۇ پىكىرگە قوشۇلۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتاشقا ماقۇل بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇرھان شەھىدى سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ماۋ زېدوڭنىڭ پىكىرىگە قارشى چىقىپ، ئۇيغۇر سۆزىنى قوشۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن نارازى بولىدۇ. ھەقىقەتەن، ئۇيغۇرلارغا بېرىلىدىغان بۇ ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقنىڭ نامىنى «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ-ئاتاش ماۋنىڭ پىكىرى ئىدى. قىسقىسى، پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارى پارچە-پارچە ئاپتونوم جايلارغا بۆلۈنۈپ، ھەممە جايلارغا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بېرىلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئۇيغۇرىستان ۋە ياكى شەرقىي تۈركىستان دەپمۇ ئاتلىماستىن، شۇنىڭدەك ئىتتىپاقداش، ياكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتمۇ بەرمەستىن، بەلكى «شىنجاڭ» نامى ئاستىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ھوقۇقى بېرىلىپ، 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 6 يىللىق خاتىرە كۈنىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، سەيپىدىن ئەزىز تۇنجى قېتىم رەئىس بولىدۇ. قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئاپتونومىيە مەسىلىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئاپتونومىيە مودېلىنى ئۈلگە ئالمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بەزى ئۇسۇللىرىدىن پايدىلاندى، مەسىلەن ئۇلار ئۇيغۇردەك چوڭ مىللەتكە، يەنى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى ئاھالىسىنىڭ 75 % تەشكىل قىلىدىغان خەلققە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇق بىرلىكى بولغان «ئاپتونوم رايون» سالاھىيىتى بەردى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا بولسا «ئاپتونوم رايون» نوپۇسى ئون نەچچە مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان ناھايىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بېرىلىدىغان بولۇپ؛ «ئاپتونوم رايونلار» ئادەتتە ئاپتونوم ئوبلاستتىن تۆۋەن بولىدۇ ۋە ئوبلاستنىڭ ئاستىدا رايونلار، يەنى ناھىيەلەر بولىدۇ، ئاپتونوم ئوبلاستلار ئىتتىپاقداش ياكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئاستىدىكى سالاھىيەتتە بولىدۇ. قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە: «ئۇيغۇرلارغا ئاپتونوم رايونى نامىنى بېرىش پىلانلىق قىلىنغان ئىش، ئۇيغۇرىستاننى ئالدى بىلەن قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە باشقا مىللەتلەرگە پارچىلاپ بېرىپ، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ بولۇپ، ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ئەمەلىيەتتە بۇ مىللەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زىددىيەت چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان. ھازىرغىچە قازاقىستان ۋە رۇسىيەلەردە خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قازاقلاردىن تۆۋەن ئاپتونوم ھوقۇقى بېرىلگەن، يەنى قازاقلارغا ئوبلاست، ئۇيغۇرلارغا رايون، يەنى ناھىيە دەرىجىلىك ھوقۇق بېرىلگەن دەيدىغان چۈشەنچە بار، بىز دائىم خىتاينىڭ ئاپتونومىيە ئۇسۇلىدا ئوبلاستنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ تەركىبىدە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۇق. ئومۇمەن، خىتاينىڭ ئاپتونوم رايون ئۇقۇمى تولىمۇ مۈجىمەلدۇر» دەيدۇ.

1955-يىلى 10-ئايدا ئۆلكە دەرىجىسىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرىستان ياكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارزۇلىرى كۆپۈككە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ئۇلار ئۆز تەلەپلىرى ۋە كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەندىن كېيىن، ئاخىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن 1957-1958-يىللىرى «يەرلىك مىللەتچى»» قالپىقى كىيدۈرۈلۇپ قاتتىق جازالاندى.

ۋاھالەنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ۋە ياكى « ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى »قۇرۇش يۈكسەك ئارزۇلىرى ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بۇ ئارزۇلار ئۈچۈن كۈرەشلەر يەنىلا ئىزچىل داۋاملاشتى. بۈگۈنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا، تۈرمىلەرگە تاشلىشى، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئايرىم مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى مۇددىئا قىلغان ‏«جۇڭخۇا ئورتاق گەۋدىسى» نىشانىنى قەتىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى جاكارلىشى ئەنە شۇ« ئارزۇ» ۋە « غايىلەر»نىڭ نەتىجىسى ئىدى. دېمەك، شى جىنپىڭ ۋە چېن چۈئەنگو باشچىلىقىدىكى بۈگۈنكى خىتاي كوممۇنىست ئىرقىچىلىرى خۇددى ئىلگىرىكى ماۋ زېدوڭ، ۋاڭ جېن، ۋاڭ ئېنماۋلاردەكلا ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ « ئۇيغۇرىستان » ياكى « شەرقىي تۈركىستان» جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ « چۈش ئەمەسلىكى»نى چۈشەنگەنىدى.

مەنبە: https://www.rfa.org/uyghur/tarix-bugun/sherqi-turkistan-uyghuristan-10182019000531.html?fbclid=IwAR0WFBZ5ZyW0y0ebb5W_erC6h2O3SDCPDDH6N6I92-oPxEpneqM_N3LLOzI

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top