You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئۆتمۈشتىن ۋە كۈنىمىزگىچە ئۇيغۇرلارغا بىر نەزەر

ئۆتمۈشتىن ۋە كۈنىمىزگىچە ئۇيغۇرلارغا بىر نەزەر

پروفېسسور دوكتور سائادەتتىن يامغۇر گۆمەچ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇدۇن قىزى

تۈرك تارىخىدا مۇھىم بىر ئورۇنغا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىگە قايتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئىسمى توغرىسىدا بىرقانچە نەرسە سۆزلەشنى توغرا دەپ قارايمىز. ئۇيغۇر ئېتنىك ئىسمى تۈركچە ماتېرىياللاردا، تۇنجى بولۇپ بىلگە قاغان يېزىقلىرىدا 736- يىلدىكى ۋەقەلەر جەريانىدا ۋە ئۇيغۇر ئىلتەبىرنىڭ ئىسمى ۋاستىسى بىلەن زىكىر قىلىنغان: بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆكتۈرك ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىماي قاغانلىقنىڭ غەربىگە، ئېھتىمال خىتاي چىگرالىرىغا قاراپ قاچقانلىقى سۆزلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئىسمىنىڭ مەنىسى ۋە ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدىمۇ ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت. مەنىسىنىڭ «رىئايە قىلىش، يېپىشىش، لاچىندەك تېز ھۇجۇم قىلىدىغان ۋە قوغلىشىدىغان، بىر- بىرگە ياردەم قىلىدىغان» دېگەن سۆزلەردىن تۆرەلگەنلىكى؛ «ئۆز-ئۆزىگە يېتىدىغان» مەنسىىدە قوللىنىلدىغانلىقى ھەرخىل رىۋايەت ۋە مەنبەلەرگە ئاساسەن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئومۇمەن ئۇيغۇرنىڭ ئۇي + غۇر شەكلىدە تەرەققىي قىلغانلىقى، «رىئايە قىلىدىغانلار، يىغىلىدىغانلار، تۇغقانلار، ئىتتىپاقداشلار» مەنىسىدە كېلىدىغانلىقى ۋە تارىختا كۆرۈلگەن ئون ئۇيغۇر ئىسمىنىڭمۇ «ئون ئىتتىپاقداش» تىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى توغرىسىدا بايانلار بار. ئوغۇزخان داستانلىرىدىمۇ ئۇيغۇرنىڭ مەنىسى مۇشۇنىڭغا يېقىندۇر.

خىتاي مەنبەلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆكتۈركلەرگە ئوخشاش ھونلارنىڭ نەسلىدىن كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردە ھەمپىكىردۇر. پەقەت بۇنىڭ بىلەن بىرگە داستانلارنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى دەرەختىن شەكىللەنگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھىكايىلەرمۇ ئاڭلىتىلىدۇ ۋە بۇ تېخىمۇ كېيىنكى بىر ۋاقىتتا خاتىرلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى بىلىم ئىنسانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئەڭ كونا ئىزلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 176- ۋە 43-يىللاردا ئىسسىق كۆل ئەتىراپىدىكى خارابىلىكلەردە تېپىلغان. بىزنىڭچە تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدىمۇ خاتالاشتى. چۈنكى پۈتۈن تۆلۆسلەر بىلەن ئۇيغۇرلار بىر-بىرى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن. باشقا بىر خۇسۇس بولسا ئىسلام جۇغراپىيەچىلىرى، توققۇز ئوغۇزلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قارىغان ۋە بۇنىڭ سەۋەپلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز ئىسىملىرىنىڭ يېزىلىشلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىشىمۇ كۆرسىتىلمەكتە.  بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ، توققۇز ئوغۇزلارنى ئۆزلىرىگە باغلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ئوغۇز ئىسمىنىمۇ قوللىنىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ئەسلى بۇمۇ تۈرك تارىخىنىڭ ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەردىن بىرىدۇر.

قولىمىزدىكى قارا بالاساغۇن يېزىقىنىڭ خىتايچە يۈزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ئائىلىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكى زىكىر قىلىنغان، پەقەت بۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئايرىم-ئايرىم بىرىلمىگەن. خىتاي مەنبەلىرىنىڭ ۋە جامىئۇت تەراۋىھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان توققۇز ئائىلىنى مۇنداق سانىساق بولىدۇ: 1- يۇخلوكې (ياغلاقار) 2- خۇتوكې (ئۇتۇركار \ كۈتۈركەر \ كۇتۇكار)، 3- تولوۋۇ (كۈرەبىر \ تۇرۇماز)، 4- موكېسىچى (باغاجىق \ مانگاراشار \ باغىرشان)، 5- ئاۋۇتى (ئەبىرتى \ ئەبىرچەگ)، 6-كوسا (كاسار)، 7- خۇۋاسۇ (بۇگۇز \ ئۇگارۇ \ پىشانىسى ئاق ئاتلىق)، 8-يۆۋۇكې (يۇۋارقار \ ياغۇقار \ ياقىن)، 9-خىيېۋۇ (ئايمۇر \ ئەيمۈر) ۋە بۇلارنىڭ لىدىرلىكى ياغلاقار ئائىلىسىنىڭ قولىدا ئىدى.

ھاكىم قەبىلىنىڭ ئىسمى بولغان «ياغلاقار» – يېغىش پېئىلى بىلەن ۋە ياكى «يەڭغ»، يەنى دۈشمەن مەنىسى بىلەن ئالاقىدار بىر كەلىمىمۇ، بولمىسا كونا تۈرك ئېتقادىدىكى ياغلاش (بىر نەرسىنىڭ ياغلىنىشى) پېئىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئاتالغۇمۇ، بۇ ھەقتە ئېنىق بىرنەرسە دېيىشىمىز ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئوچۇق بولسۇن ئۈچۈن كونا تۈرك دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر چۈشەنچە بېرەلەيمىز. تۈركلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئېتقادىدا قانلىق قۇربانلاردىن باشقا يەنە قانسىز قۇربانلارمۇ بار ئىدى. چېچىش، يالما (دەرەخلەرگە ۋە ياكى قام دۇمبىقىغا چىگىلگەن پارچە رەختلەر)، ئوتقا ياغ تۆكۈش، تۆزلەرنىڭ ئېغىزلىرىنى ياغلاش ۋە قېمىز چېچىشقا ئوخشاش مۇراسىملار بۇ قانسىز قۇربانلاردۇر. بۇ سەۋەپلەردىن ياغلاقارلار دىنىي مۇراسىملاردا بۇ ياغلاش ئىشىنى قىلغان بولىشى مۇمكىن. شۇنىسى ئېنىقكى، تۈرك ئىسىم قويۇش ئادىتىدە كىشىلەرنىڭ ياكى جەمەتىنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى كېيىنچە ئۇلارنىڭ ناملىرى ياكى فامىلىسى ئورنىغا ئۆتىشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر ئىسمىنىڭ سىياسىي بىر ئىسىمگە قارىغاندا تېخىمۇ بەك قەبىلە ياكى رايون ئىسمى سۈپىتىدە ئىشىلتىلگەنلىكى توغرىسىدا قاراشلار مەۋجۇتتۇر، بۇ توغرا بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇيغۇر ئىسمى ھېچقاچان پۈتۈن تۈركلەرنى ئىپادە قىلغان بىر ئاتالغۇ بولۇپ باقمىغان. يەنە كۆك تۈركچە كىتاپلاردىن ۋە خىتاي مەنبەلىرىدىن بىلگىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىققاندىكى دەسلەپكى يۇرتلىرىنىڭ سېلىنگا دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسىملىرى ۋە بايىرقۇلارنىڭ شىمالىدا ئىكەنلىكىمۇ كۆرۈلمەكتە.

خىتاي مەنبەلىرى بۇ تۇنجى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بۆلۈمىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى تەرىپىگە يەرلەشكەنلىكىنى يازىدۇ. بۇ يەردە بىخەتەرلىك خىزمىتى قىلاتتى ھەم تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. بۇ مەزگىلدە ئون ئوقلارنىڭ ۋە باشقا تۆلۆس بويلىرىنىڭ كۆپىنى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇتقان چور ئالپ يابغۇ، ئۇلارغا ئىشەنمەيتتى ۋە سىر تاردۇشلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈنمۇ ئۆزىگە بىر ياردەم ئىزدەۋاتاتتى. نىھايەت 605 – يىلدا چور ئالپ يابغۇ تۆلۆس قەبىلىلىرىگە ھۇجۇم قىلدى، ماللىرىنى تالان-تاراج قىلدى. سىر تاردۇشلاردىن بىرنەچچە يۈز مۇھىم ئادەمنى ئۆلتۈرگۈزدى. بۇ سەۋەپتىن تۆلۆسلارمۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقتى. تۆلۆسلارنىڭ ئون بويى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ ئالتە بەگ بودۇنىنى قۇردى.

كۆك تۈركلەرنىڭ داۋالغۇچ ئىچىدىكى يىللاردا (627)، ئۇيغۇرلار ۋە سىر تاردۇشلار تەرىپىدىن تىزگىنلىنىپ كېلىۋاتقان ئىسيانلار پارتلىدى. ئالتە بەگ بودۇنى ئىچىدە مۇھىم ئورۇنغا ساھىپ بولغان ۋە ئەمرىدە 100 مىڭ كىشى بولغان ئىركىننىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىكىگە ئوغلى پۇ-سا (بۇسار \ بەلكىم پۇسات)  ئۆتتى ۋە ئۇ 628-يىلدا سىر تاردۇشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىلىگ قاغاننىڭ جىيەنىنى (يۈكۈنچ شاد) مەغلۇپ قىلدى. بۇ ئۇتۇقلىرى سەۋەپلىك پۇسار (پۇ- سا)، ئىلتەبىر ئۇنۋانىنى ئالدى ۋە توگلا دەرياسى ئەتىراپىدا بىر ئوردۇگاھ قۇردى.

بۇلار بىلەن بىرلىكتە كۆك تۈركچە مەنبەلەردە ۋە خىتايچە يىلنامىلەردا 716-يىلىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقانچە ئىسيانىدىن سىرت كۆرۈنەرلىك بىرەر ھەركىتى كۆرۈلمىگەن. دېمەككى، بۆرۈلۈكلەر (ئاشىنا) خاندانلىقى كۈچلۈكلا بولىدىكەن ئۇلارغا سادىق بولۇشنى تاللىغان. يۇقىرىدىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ھەر ھالدا 716- يىلدىكى ئۇيغۇر ئىلتەبىرنىڭ ئۇنۋانى ۋۇ تى ۋۇ (ئۆتۈك \ ياقاران قاغان) ئىدى. لىكىن قاپگان قاغاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئوشلى بۆگۈ (ئىنىل قاغان) بىلەن كۆل تېگىن ۋە بىلگە ئارسىدىكى ھۇقۇق كۈرىشىنى پۇرسەت بىلىپ ئىسيان قىلغان، لىكىن چوڭ تالاپەتكە ئۇچىراپ خىتايغا ياكى دۆلەتنىڭ شەرقىگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان. ئورنىغا ئوردوسنىڭ غەربىدىكى لىياڭچوۋدا ئۆلگەنلىكى سۆزلەنگەن ۋەلىئەھدى چېڭ سوڭ (چېڭ تەن) ئۆتتى.

توققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر بويى بولغان ۋە توققۇز ئائىلىدىن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ، كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ ئاخىرقى زامانلىرىدا كۆرسەتكەن مۇۋەپپىقىيەتلىرى سەۋەپلىك سانىلىرىنىڭ ۋە نام-شۆھرىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. 730-340 يىللاردا، كۆل بويلانىڭ ئوغلى بۆرۈكەن (مويۇنچۇر) تەرىپىدىن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ قوشۇلۇشى ۋە ياكى قوشۇۋېلىنىشى بىلەن، تارىختا ئون ئۇيغۇر دەپ زىكىر قىلىنغان بىر ئىتتىپاق مەيدانغا كەلدى. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ يىللاردا، ئېھتىمال قىسمەن خىتاينىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن كۆك تۈرك قاغانلىقىغا قارشى باسمىل، ئۇيغۇر ۋە قارلۇقلاردىن تۈزۈلگەن بىر ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېنىق. كۆك تۈركچە يېزىقلاردا، بۇ ۋەقەلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە بولغان باسمىللارنىڭ رولى سۆزلەنمىگەن بولسىمۇ، خىتاي مەنبەلىرىدىن باسمىللار، ئۇيغۇرلار ۋە قارلۇقلار ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقنىڭ باسمىللارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. بۇ ئۈچ تەرەپلىك ئىتتىپاق 742 دە ئېھتىمال بىلگە قاغاننىڭ بالىلىرىنىڭ ۋەياكى جىيەنلىرىنىڭ بىر بولغان كۆك تۈرك بېگى قۇتلۇق يابغۇنىمۇ يەڭگەن ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار، باسمىللارنىڭ لىدىرى بۆرىنى قاغان قىلىپ تاللاپ، ئۆز ئىچىدە بىر ئىدارىي تەقسىمات ئېلىپ باردى. ئۇيغۇرلارنىڭ يولباشچىسى غەربىي رايوننى، قارلۇق ئىلتەبىرى بولسا ئون ئوق يۇرتىنى باشقۇرۇشقا باشلىدى.

بۇ مەزگىللەردە، كۆك تۈرك قاغانلىقىدا بىلگىنىڭ جىيەنىلىرىدىن ئوزمىش تىگىن، خان بولغان ئىدى. بۆرە كەن(مويۇنچۇر)، قوي يىلىدا (743) ئۇنىڭغا قارشى ئاتلاندى. ئەسلىدە ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئوزمىشقا ھۇجۇم قىلىشىدا يەنە خىتاينىڭ قولى بار ئىدى. كۆك تۈركلەرگە قارشى ئۇلارنى ھەمىشە خىتاي ئىمپىراتورلىقى كۈشكۈرتەتتى. تەلەيسىز ئوزمىش قاغان قولغا ئېلىندى. كۆك تۈرك بىرلىكىنى قۇرغان خەلقكە چوڭ بىر زەربە بېرىلدى. كەيندىن 743 تە كۆك تۈرك قاغانى ئوزمىش ئۆلتۈرۈلدى ۋە كاللىسى خىتاي پايتەختىگە ئەۋەتىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن توخو يىلىدا (745) تۈرك مىللىتىنىڭ ئۈستىگە ئوزمىشنىڭ قېرىندىشى ئاق قاش (پو مېي) تېگىننىڭ خان بولغانلىق خەۋىرى يىتىپ كەلدى ۋە بۇنىڭغا قارشى ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئەسكەرلىرى ھەرىكەتكە ئۆتتى. نەتىجىدە خىتاينىڭمۇ ياردىمى بىلەن ئاق قاش (پو مېي) تېگىن يېڭىلدى، ئېچىنىشلىقى ئۇمۇ ئۆلتۈرۈلدى ۋە كەينىدىن كاللىسى كېسىلىپ خىتايغا يوللاندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ، بۆرەلىكلەر (ئاشىنا) قەبىلىسىگە قىلغان بۇ ۋەھشىچە مۇئامىلىسىنى، بۈگۈنكى مەنتىق بىلەن تەپەككۇر قىلغاندا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. چۈنكى قىلمىشلىرى نەتىجىدە ئۆزلىرىگە بىر پايدا ئېلىپ كەلمىدى. تۈرك مىللىتىنىڭ ئۇياق-بۇياقلاردا مۇشۇنداق چېچىلاڭغۇ قېلىشى تەبىي ھالدا خىتاي ئىمپىراتورلىقىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولدى ۋە كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، دۇنيا دۆلىتى بولۇش يولىغا قاراپ ماڭدى.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆك تۈرك ئۈستۈنلىكىنى يوقىتىپ قويغاندىن باشلاپ قاغانلىق كۈرىشىدە باسمىل، ئۇيغۇر ۋە قارلۇقلار ئارسىدا توقۇنۇشلار باشلىدى؛ دەسلەپ قارلۇقلار بىلەن بىرلەشكەن ئۇيغۇرلار، باسمىل قاغانىنى ئۆلتۈردى، كېيىن بولسا قارلۇقلارنىڭ ئىتتىپاقىغا خاتىمە بەدى. ئەسلدە بۇ قارشىلىشىش بۆرىلىكلەر (ئاشىنا) قەبىلىسىگە پايدىلىق ئىدى، لىكىن نە قاپگان، نە كۆل تېگىنگە ئوخشاش قۇدرەتلىك بىرى بولماسلىقتىن پۇرسەت قولدىن كەتتى.

نەتىجىدە خەلقمۇ ئىشتىراك قىلغان ۋە كىتاپلاردا «ئاتا سىنى» دەپ خاتىرلەنگەن مۇبارەك ئاتىلار مازارلىقىدا (ئاتا سىنى)  ئېلىپ بېرىلغان قۇرۇلتايدىن كېيىن تۈرك دۆلىتىنىڭ بېشىغا 748-يىلىدا، ئۇيغۇر ياغلىقار خاندانلىقى ئولتۇرغۇزۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى خاقانى قۇتلۇق بىلگە كۆل قاغان، خۇ-سۇ (كۆزۆ) ئىسمىدىكى بىر ئىلتەبىرنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۆلۈمىدىن كېيىن (748) ئۇيغۇر تەختى ئۈچۈن ئىككى قېرىنداش، تاي بىلگە تۇتۇق ۋە بۆرە كەن (مو-يۇن چۇر) ئارسىدا شىددەتلىك جەڭلەر باشلىدى. نەتىجىدە بۇ ئۇرۇشتا بۆرە كەن (مو-يۇن چۇر) غەلبە قىلدى ۋە تۈرك دۆلەت ئادىتىدىكى مەغلۇپ بولغاننىڭ غالىپ بولغۇچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشى قائىدىسىگە بىنائەن، تاي بىلگە تۇتۇق، بۆرە كەن (مو-يۇن چۇر) تەرىپىن يوقىتىلدى.

بۆرە كەن (مو-يۇن چۇر) قاغان بولغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بەزى ئىچكى مەسىلىلەر ھەل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار، نىشانىنى شەرىققە توغۇرلىدى. يەنى خىتاي بىلەن ھەپىلىشىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى بولسا، ئەن لۇشەن ئىسىملىك بىر تۈرك بېگىنىڭ ئىسيانىدۇر. خىتايلار، ئەن لۇشەن تەرىپىدىن ئۇچرىغان بۇ بۈيۈك مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، تۈركلەردىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلەپكە ئىجابى جاۋاپ بېرىشىدىن سۆيۈنگەن ئىمپېراتور سۇ چۇڭ خۇددى بايرام بولغاندەك خوشال بولدى. لىكىن ئىسيان بىر مەزگىلدىن كېيىن تىزگىنلىنەلمىدى، خىتايدا ياشايدىغان تۈركلەرمۇ، ئەن لۇشەننىڭ قوشۇنىغا ئالدىنقى سەپ بولۇپ باردى. ئاۋۋال ئىتتىپاقلاشقان تۈرك-خىتاي قوشۇنىغا يېڭىلگەن ئەن لۇشەن، كېيىن بالىلىرى ۋە ئىسياننى داۋام قىلماقچى بولغان ئادەملىرى يوق قىلىندى.

ئۇيغۇر قاغانلىقىنى ئەڭ يۈكسەك نۇقتىغا ئېلىپ چىققان بۆرە كەن (مو-يۇن چۇر) نىڭ 759- يىلدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆز نامىغا تىكلىگەن تاش يېزىقلاردا بىرمۇنچە تۈرك بويىنى (توققۇز ئوغۇز، كاسار، بارس ئىل، ئۈچ قارلۇق، تۈرگىش، قىرغىز، چىك-سەك ئەل، باسمىل، چىگىل …) ۋە يات قەۋىملەرنى (قىتان، تىبەت، خىتاي…) ئىتائەت قىلدۇرغانلىقى، تۈرك دۆلىتىنىڭ چىگرىلىرىنى شەرق ۋە شەرقىي جەنۇپتا سېرىق دەريا (يەنى بۇ يىللاردا خىتاينىڭ تۈرك ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى دىيەلەيمىز) بىلەن كېرۇلىنگە، غەرپتە تەڭرى تاغلىرىغا، شىمالدا يىنسەينىڭ ئوتتۇرا ئېقىنلىرىغا، جەنۇپتا بولسا كوئىلون تاغلىرىغىچە كېڭەيتكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھەقىقىي ۋارىسى بولغان، بۆرە كەن (مو-يۇن چۇر) نىڭ چوڭ ئوغلى قۇتلۇق بىلگە يابغۇ، 758- يىلدا ئۆلگەنلىكى ۋە ياكى يوقىتىلغانلىقتىن، تەختكە ئۇنىڭ قېرىندىشى بۆگۈ ئۆتكەن. بۆگۈ زامانىدىمۇ خىتايدىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ داۋام قىلغانلىقى، خىتاينى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە بۆگۈ قاغان ۋە ئايالى بىلەن بىرگە نۇرغۇنلىغان چوڭ تۈرك قوماندانلىرىنىڭمۇ قوشۇلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. مۇشۇنداق قىلىپ خىتاي يەنە بىر قېتىم يوق بولۇشتىن تۈركلەرنىڭ قولى بىلەن قۇتۇلۇپ قالدى.

بۆگۈنىڭ لوياڭ سەپىرى تۈرك كۈلتۈر تارىخى ئۈچۈن مۇھىمدۇر. قاغانلىق ئىچىدە كۈچلۈك بىر قارشىلىق بولىشىغا قارىماي، بۇ سەپەر جەريانىدا، مانى ئېتىقادى رەسمىي قوبۇل قىلىندى. بۆگۈ، ئۇيغۇرلار «موچاق» دەپ ئاتايدىغان ۋە خىتايدا تونۇشقان تۆت مانى راھىپىنىمۇ بىللە پايتەختكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە مانى دىنىنىڭ تۈرك ئىجتىمائى ھاياتىدا پايدىسى بولغىندەك زىيىنىمۇ بار ئىدى. بۇ ئېتىقادنىڭ نۇرغۇن پىرىنسىپلىرى تۈركلەرنىڭ تارىخىي ياشاش شەكلىگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. بولۇپمۇ بويسۇندۇرغۇچى روھىنى ئۆلتۈرەتتى ۋە ئىنسانلارنى ھەددىدىن ئارتۇق بىر مىسكىنلىك بىلەن تەقدىرىيەتچىلىككە ئىتتىرەتتى. ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق قىلىپ شەھەر ھاياتىنىڭ راھەتلىرىگىمۇ كۆنگەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم، ئەدەبىيات، تىجارەت ۋە باشقا سەنئەتلەردىكى ئۇتۇقلىرىنىڭ بۇ دىنغا كىرىشى بىلەن مۇمكىن بولغانلىقىغا دائىر پىكىرلەرمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۆگۈ قاغان زامانىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۆزگەرگەن ئىدى. خىتايلار بىلەن سودا قىلغاندىن بېرى بىرمۇنچە قىممەتلەك نەرسىلەرگە ئىگە بولغىنىدەك، دەبدەبىگىمۇ كۆندى. قاغان ئۆزىنى خەلقتىن ئايرىپ، سارايلاردا ئولتۇرۇشقا باشلىدى. ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا جەۋھەرلەر كۆزىنى قاماشتۇراتتى. كۈچىنىڭ مەنبەسى بىۋاستە خەلقنىڭ ئۆزى بولغان ھۆكۈمدار، ئۇلارنى پەس كۆرەتتى. ئاتىسىنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئۇنۇتقان ئىدى. بۆرە كەن (مو-يەن چور)، خەلىققە كۆڭۈل بۆلۈنىشىنى، كۆچمەن ھاياتىدىن ئايرىلماسلىقىنى نەسىھەت قىلغان ئىدى. بۇ چاغدا ئات ئۈستىدە ئۇرۇش قىلىدىغان، ۋاقتى كەلگەندە مال-چارۋىلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرەيدىغان ئاياللار گىرىم قىلىشقا، چىرايلىق كىيىنىشكە بېرىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، بەزى سوغدى نەسىللىك كىشىلەر خىتاينى ئالقىنىغا كىرگۈزىۋېلىشنىڭ يوللىرىنى قاغانغا كۆرسىتىپ ئۇنى ئالدىدى. لىكىن ھوقۇقدارلاردىن تونگا (تۇن) باگا تاركان ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، خىتاينى قولدا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ بەك قىيىن بولىدىغانلىقىنى دېدى. قاغان ئۇنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمىدى. تونگا (تۇن) باگا تاركان، تەكلىپى قوبۇل قىلىنمىغاندىن كېيىن، بىر ھۇجۇم بىلەن بۆگۈ قاغاننى ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، يېقىن تۇققانلىرىنى، ئادەملىرىنى، ئۇنى خىتايغا قارشى كۈشكۈرتكەن سوغدىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2000 كىشىنى يوقاتتى.

شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار ئۆز- ئۆزىنى تۈگەشتۈرگەن بولدى. كۆك تۈرك قاغانلىقى بەرپا قىلغان تۈزۈمنى ۋە ئىدارى ھاكىمىيەتنى داۋام قىلالمىدى. توققۇز ئۇيغۇر بەگلىرىنىڭ ئارىسىدىكى خىرىس ۋە ئەتراپىدىكى دۈشمەنلەرنى كۆرەلمەسلىكى ھالاكىتىنى تېزلەشتۈردى. 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار مۇقۇملىقىنى تامامەن يوقاتقان ئىدى. 820 – يىللاردىن كېيىنكى قاغانلار ھاكىمىيىتىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلالمىدى. نىھايەت 839 – يىلدا ھوقۇق تۇتقان 2.كاسار قاغاننىڭ ئۆزىگە قارشى پىلانلانغان بىر سۈيقەستتىن خەۋەر تېپىشى ۋە بۇنى پىلانلىغانلارنى ئۆلتۈرگۈزىشى، بۈيۈك ئۇيغۇر قوماندانلىرىدىن كۈرەبىر ئۇرۇنگۇ سانغۇنغا ياقمىدى. ئۇمۇ كاسار قاغاننى يوقاتتى. نەق بۇ باسقۇچتا ئوتتۇرىغا باشقا ھەربىي ئەمەلدارلار چىقتى. داڭلىق بەگلەردىن كۈلۈگ باگا سانغۇن، قىرغىزلاردىن ئالغان يۈز مىڭ كىشىلىك چەۋەندازلارنىڭ ياردىمى بىلەن پايتەختكە يۈرۈش قىلدى ۋە قوزغىلاڭچىلارنى بىرمۇبىر يوقاتتى. ئەمما قىرغىزلار ئاسانلىقچە كېتىدىغاندەك قىلمايتتى ۋە ئۆتۈكەننىڭ مەركىزىدە قىسقا بىر مەزگىل بولسىمۇ يەرلەشتى.

ئۇيغۇرلار بۇ قالايماقانچىلىق سەۋەبىدىن ئۆتۈكەننى تەرك ئېتىپ، پەرىقلىق تەرەپلەرگە تارالدى. بۇ قەبىلىلەرنىڭ بەزىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇرپان ۋە قەشقەر رايونلىرىغا ۋە ياكى يېقىن يەرلەرگە يەرلەشتى. تۈرك مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورنى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ تۈركىمى بۇ ئەتراپقا يەنە بىر قىسمى خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارسىدىكى كەڭسۇغا كۆچتى. ئۇلار، كۆكتۈرك قاغانلىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خەلقلەر بىلەن ھەمكارلاشقان ئىدى. ئەمدى بولسا ئوخشاش ئاقىۋەتكە ئۆزلىرى دۇچار بولدى. مۇشۇنداق قىلىپ مىڭلارچە يىللاردىن بېرى تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى بولغان ئورخۇن قىرغىزلار ساھىپ بولغاندىن 80 يىل كېيىن قىتانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى ۋە تۈركلەر قايتا بۇ يەرگە قايتىپ كەلمەي غەرىپكە يېيىلدى.

ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يىقىلىشىنى پەقەت بىر سەۋەپكىلا باغلاش توغرا ئەمەس. يەنى، پەقەت قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى بىلەنلا ئۇيغۇر خاندانلىقىغا خاتىمە بېرىلمىدى. بەلكى، قىرغىزلارنىڭ بېسىپ كىرىشى ياكى ھۇجۇم قىلىشى ئەڭ ئاخىرقى سەۋەپتۇر. بۆگۈ بىلەن تەڭ پارچىلىنىش، ئاجىزلىشىش ۋە چۆكۈش بىشارەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئۇيغۇر قاغانلىقى مەيلى قانچىلىك كۆكتۈركلەرنىڭ مول بايلىق مىراسلىرىنىڭ ئۈستىگە كەلگەن بولسىمۇ، بۇ بايلىقلارنى ياخشى قوغداپ قالالمىدى. ئۆزلىرىنى ئۈستۈن ۋە كۈچلۈك قىلغان نەرسىلەرنىڭ قەدرىگە ھېچبىر ۋاقىت يېتەلمىدى. كۆچمەن ھاياتى ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئىدى. خىتاي ئۇسۇلىدا ياشاشقا ۋە يەرلىشىشكە باشلىغىنىدا بۇ ئۈستۈنلۈكلىرىنى يوقاتتى. شۇڭلاشقا ھايات شەكلىدىكى ئۆزگىرىش، يەنى كۆچمەن ھاياتتىن يەرلىشىپ ياشاشقا قەدەم ئېلىش، بۇ سەۋەپلەرنىڭ يەنە بىرىدۇر. بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ياكى ھازىرقى زاماننىڭ شارائىتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ باھالىغىنىمىزدا، بەلكى ئىجابي بىر تەرەققىيات دەپ چۈشىنىلسىمۇ، ئۇ دەۋىرنىڭ شارائىتىنى دىققەتكە ئالغىنىمىزدا، بۇنىڭ ئۇنچىلىكمۇ پايدىلىق ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. پەقەت تۇپراققا باغلىنىپ ياشاش ۋە ئەڭ مۇھىم ياشاش مەنبەسى بولغان تېرىقچىلىق بىلەن تىجارەتنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىقىشى تۈركلەرگە بىر ئەۋزەللىك ئېلىپ كېلەلمەيتتى ۋە ئېلىپ كەلمىدى.

تۈركلەر، ئۇيغۇر خاندانلىقى بىلەن بىرلىكتە تېز سۈرئەتتە دىن ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇددىزىم، مانىئىزىم ھەتتا خىرىستىيانلىققا ئوخشاش يەرلەشكەن خەلق ئېتقادلىرى ئۇلارنى پەرىقلىق ياشاشقا، ئەمەلىيەتتە بولسا مىسكىنلىككە ئىتتىردى. بوز قىرنىڭ قىيىن ياشاش شارائىتىغا، ئېتقاد قىلغان دىنلارنىڭ ئېھتىياجى سەۋەپلىك بويۇن ئېگەتتى. ھالبۇكى، كۆك تەڭرىنى يىگانە ياراتقۇچى دەپ تونىغان تۈرك، تەبىئەتنىڭ ھەممە كېلىشمەسلىكلىرىگە پەقەت تەڭرىنىڭ قىسمىتى دەپ ئولتۇرماي، دەل ئەكسىچە ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلاتتى. يۇقىرىدا دىيىلگەن بۇ ئېتقادلار ئۇلارنىڭ قول- قانىتىنى بوغدى؛ ئالدىنئالا مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەپ بولدى.

ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە تۈرك ئىجتىمائىي ھاياتىمۇ ئاللىقاچان ئۆزگەرگەن ئىدى. ئەركەكلەر جاپا تارتىپ ئېرىشىش ئورنىغا، تېخىمۇ ئاسان بولغان بىر يولنى- تىجارەتنى، تېرىقچىلىقنى ۋە بانكىرلىقنى تاللايتتى. بۇلارنى قىلغاندىمۇ ئىختىيارسىز يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ئىككى يۈزلىمىچىلىك ۋە پارا ئېلىشقا ئوخشاش قانداق يامان ئىش بولسا ھەممىسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتتى. خىتاي يىلنامىلىرى ۋە ئىسلام مەنبەلىرى پاك-پاكىز،  ساپ بىر خەلق دېگەن تۈركلەر، دەرھال خىتايلارغا ئوخشاش ساختىپەز ۋە ھىلىگەرلەر توپلىمىغا ئايلاندى. ئاياللارمۇ ئاللىقاچان بۇرۇنقىدەك ئەمەس ئىدى. مەنبەلەرنىڭ بىر زامانلاردا ئاتلارنىڭ ئۈستىدە ئەسكەر بولغانلىقىنى زىكىر قىلغان تۈرك ئاياللىرى، چىدىرلارنى ياراتمايتتى، چىرايلىق ۋە ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە، راھەت – پاراغەت ئىچىدە ياشاشنى خالايتتى. ئەلۋەتتە بوزقىرغا يات بۇ ھايات شەكلى ئۇلار ئۈچۈن بىر ئاجىزلىق ئىدى ۋە بۇنىڭ جازاسىنى تارتتى.

تۈرۈرك تارىخىنى شۇنداق بىر تەتقىق قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربىي ياۋروپاغىچە سوزۇلغان بىر كېڭىيىش مەيدانىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندە، تۈركلەر ئىككى مەيداندا بۈيۈك قەۋىملەرنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلارنىڭ بىرسى، بۈگۈنكى كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىدىكى قەۋىملەر، يەنى تارىختىكى ئىسمى بىلەن تۈركىستان، يەنە بىرسى بولسا تۈركىيەدۇر. ئەپسۇس تۈركىستان دىگەن بۇ ئۇلۇغ يۇرت، تەلىيىنىڭ ناچار بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىككىگە بۆلۈنگەن ھالەتتە. تۈركىستاننىڭ غەربىي قىسمى ئۇزۇن يىل روسىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشىغاندىن كېيىن، 1990- يىللارنىڭ بېشىدا مۇستەقىللىقىگە ئېرىشتى ۋە بۇيەردە بىرقانچە تۈرك دۆلىتى قۇرۇلدى. بۇ قۇتلۇق يۇرتنىڭ شەرق تەرىپى تېخىچە خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنماقچى بولغان تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدا سىبىريە ۋە موڭغۇلىيە؛ جەنۇبىدا ھىندىستان، پاكىستان ۋە تىبەت؛ شەرقىدە ئىشغالىچى خىتاي، موڭغۇلىيە ۋە تىبەت؛ غەربىدە بولسا غەربىي تۈركىستان (قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى) ئورۇن ئالماقتا.

جەنۇپقا جايلاشقان قەشقەر، خوتەن، ياركەنت، ئاقسۇ، كۇچا ۋە تۇرپانغا ئوخشاش شەھەرلەر تارىختا بولغىنىدەك كۈنىمىزدىمۇ ئاساسلىق يەرلىشىش رايونلىرىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان ئاسىيانىڭ نەق ئوتتۇرسىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىستىراتىگىيەلىك بىر مۇھىملىققا ئىگە. بۇرۇنقى زامانلاردا غەرپتىن ۋە شىمالدىن كەلگەن ئېقىنلار ئۈچۈن ئارا رايون ۋەزىپىسىنى ئۆتبگەن بولسا،كېيىنمۇ روسىيە ۋە ياۋروپادىن كەلگەن باشقا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى توغان بولغان ئىدى. بولۇپمۇ خىتاي، ئېغىر ھەربىي سانائىتىنى بۇ رايونغا قۇرۇپ، غەرىپتىن كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى پىلانلىماقتا. تارىخ ۋە كۈنىمىزدىكى تىجارەت يوللىرىنىڭ تۈگۈنى بولىشىمۇ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بىر ئالاھىدە ئىمتىياز بولماقتا. يەنە بۇ يەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارىدىغان جايىدۇر. 1964- يىلىدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندا يادرو قوراللىرى پارتىلىماقتا ۋە بۇ سەۋەپتىن كېسەل بوۋاقلار تۇغۇلغىنىدەك، 200 دىن جىق تۈرۈركنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىپادە قىلىنىۋاتىدۇ.

بۇ يەر كان بايلىقلىرى جەھەتتىنمۇ مۇھىم بىر تۇپراق پارچىسىدۇر. تەتقىقاتچىلارغا ئاساسلانغاندا شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر زاپىسى 1 تىرىليون 50 مىليارد توننا بولۇپ، خىتايلار ھازىرغىچە بۇنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىنى چىقىرالىغان. شەرقىي تۈركىستاندا 66  ئالتۇن قاتلىمى مەۋجۇتتۇر. رايوننىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان تارىم ئويمانلىقى ۋە تەكلىماكان چۆلىدىكى نېفىت بەلبېغىدىكى زاپاس نېفىت يېقىنقى تەكشۈرەشلەردە 50-80 مىليارد توننا ئەتىراپىدا ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ جۇغراپىيە مىۋە-كۆكتات يېتىشتۈرۈش جەھەتتىنمۇ قىممەتلىك بولۇپ، 195 مىليون گېكتار تېرىلغۇ  يەرگە ساھىپ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمى 1،820،418 كۋادرات كېلومېتىردۇر. ئەڭ مۇھىمى ئېقىنسۇ، تارىم دەرياسى بار. ئەتراپى يايلاق بىلەن ئورالغان شەرقىي تۈركىستانغا ئىلگىرى دېگىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتۈكەندىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر قىسمى كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇرلار بۇ رايونغا كەلگەندە، بۇ يەرلەرگە قاراخانىيلار ھۆكۈمران ئىدى. 1218- يىلدا چىڭگىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىگەللىۋېلىشىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارمۇ تامامەن تۈرك-موڭغۇل قاغانلىقىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتتى.

بىلىنگىنىدەك تىمۇر ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ، رايوندا بىر ھاكىمىيەت بوشلىقى ھاسىل بولغان ئىدى. نە تىمۇر بەگنىڭ ئورنىغا چىققان ئوغۇللىرى، نە ئۇلاردىن كېيىنكى يەرلىك خانلىق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇخارا، ھىۋە، قوقەنتكە ئوخشاش ھاكىمىيەتلەرنىڭ، تۈركلەرگە چوڭ بىر تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكى ئېنىق. ھەممە خەلق ۋە رايون ئۆزلىرىنى باشقىلىرىدىن ئۈستۈن كۆرۈپ، ئاجىز ۋاقىتلىرىدا بىر-بىرىنىڭ زىمىنلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۆز ئورەكلىرىنى كولاش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىن، بۇ خەلق بەكرەك روسىيە، خىتاي ۋە باشقىلارنىڭ پايدىسىغا بولغان ئىدى.

بۇ ۋاقىتتا رايوندا ئوخشىمىغان گوروھلار ۋە خوجا دەپ ئاتالغان خانلار قارشى گوروھلار ئۈستىدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەشكە تىرىشاتتى. ئەمىر ئىسمائىل ۋە باشقا بەگلەرنىڭ بىر-بىرلىرىنى كۆرەلمەسلىكلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. بۇ بەگلەردىن بىرى بولغان ئاپاق خوجىنىڭ، ئەمىر ئىسمائىلدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن جۇڭغار قالماقلىرىنىڭ بېشى غالداننى چاقىرىشى، مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنىڭ تۇغۇلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان قالماقلارنى ھەركەتكە ئۆتكەزدى ۋە 1678 دە قەشقەر قالماقلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى. بۇ ئىشغالدىن كېيىن قالماقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن توپلىغان بېجى، خەلقنى پەۋقۇلاددە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. لىكىن بۇ رايوندىكى قالماق ھاكىمىيىتى ئۇزۇن داۋام قىلمىدى. قالماقلارنىڭ ئەتراپتىكى خانلىقلار بىلەن قىلغان ئۇرۇشلىرى ئۇلارنى ھالسىزلاندۇرۇپ قويدى. بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغان خىتاي قوشۇنى قەشقەر ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارغا  1759 دا ساھىپ بولدى. تۈركلەر، سېستىمىلىق خىتاي كۈچلىرىنى خېلى تالاپەتكە ئۇچرىتىشغا قارىماي، خىتايلارنىڭ رەسمىي دوكلاتلىرىغا قارىغاندا 3 يىل ئىچىدە 1،200،000 تۈرك ئۆلتۈرۈلگەن، 12000 كىشى خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى.

كېيىنچە خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بورھانىددىن خوجىنىڭ نەۋرىسى جاھانگىر، 1826- يىلىدا قىرغىزلارنىڭمۇ ياردەم قىلىشى بىلەن قەشقەرنى قولغا چۈشۈردى؛ ياركەنت ۋە خوتەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھاكىمىيەت قۇرۇپ، سەييىد جاھانگىر خان ئۇنۋانىنى ئالدى. قوزغىلاڭنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلىدا تۈركلەر ئىنتايىن جاپا چەكتى. قىشنىڭ ئۇزۇن  داۋام قىلىشى ۋە ئىنتايىن سوغۇق بولىشى، نۇرغۇن تۈركلەرنىڭ ۋە چارۋىلارنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپ بولدى. مەركىزى قەشقەر بولغان بۇ دۆلەت ئەپسۇسكى ھېچبىر دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان ئىدى.

بۇ مەزگىلدە ئەنگىلىيە، كەشمر رايونىنى ئىمپىراتورلۇق  چېگراسىغا قوشىۋالغان ۋە تۈركىستان بىلەن قوشنا بولغان بولىشىغا قارىماي نۇرغۇن ئىشلاردا پەقەت يىراقتىن قاراپ تۇرغاچقا، شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ ھىساپلىغان ۋە مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىنى ھەر دائىم قانلىق بىر شەكىلدە باستۇرغان خىتاي، جاھانگىر خوجا قۇرغان بۇ يەرلىك دۆلەتنى، 1827- يىلىدا ئەۋەتكەن چوڭ قوشۇن بىلەن ۋەيران قىلدى. جاھانگىر خوجىنىڭ 1828- يىلىدا بىر قانچە ئۇرۇنىشى بولغان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىدى ۋە قولغا چۈشۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ پايتەختى بولغان بېيجىڭدا پارچە- پارچە كېسىلىپ ئ‍ۆلتۈرۈلدى. ئەمما خىتايغا قارشى ئىسيانلار ھېچبىر زامان توختاپ قالمىدى. چۈنكى جاھانگىر خوجا خىتاينىڭ ئۇنچىلىك قورققۇدەك بىر دۆلەت ئ‍ەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.

بۇ ۋاقىتتا 1847- يىلى كاتتا ۋە ۋەلىخان تۆرە باشلامچىلىقىدا، كىچىك خان، جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۈزرۈك ۋە تۈكەل تۆرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپ قوماندانلىقىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن قەشقەر رايونىنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ،20،000 كىشىلىك بۇ خىتاي قوشۇنى ئۇلارغا قاراپ يۈرۈش قىلغاندا قوقەنتكە قاچتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ھەركەت قىلغان 20،000 دەك تۈرك بۇ چىكىنىشتە ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭدىن ئالاھەزەل ئون يىل كېيىن ۋەلىخان تۆرە شەرقىي تۈركىستانغا ھۇجۇم قىلىپ ياركەنت بىلەن قەشقەردىن باشقا پۈتۈن يەرلەرنى ئېگەللىدى. لىكىن ۋەلىخان تۆرىنىڭ زالىم بىر كىشى بولۇشى ۋە بۇ سەۋەپتىن خەلقنى يىتەرلىك دەرىجىدە يېنىغا تارتالمىغانلىقى دېيىلىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ بىر نەتىجىگە ئېرىشىلمىگەننىڭ ئۈستىگە،  1862 دە تۇڭگانلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشىنىمۇ نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك.

نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاننى جۇڭغارىيە ۋە قەشقەرىيە دەپ ئىككىگە ئايرىدى. خىتاي بىلەن بىرگە باشقا دۆلەتلەر، تارىخچى ۋە تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ ئىسىملارنى قوللانغان ئىدى. قەشقەرىيە ھەم تارىختا قۇرۇلغان شەھەر دۆلىتىنى ھەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قىسمىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان.

بۇ ۋاقىتتا 1963 -، 1963 – يىللىرى قازاق- قىرغىز بەگلىرىدىن ھادىق ئاقتۇر، يىڭسار ۋە تاشمىلىقتىن توپلىغان قوشۇنى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە يۈرۈش قىلدى. كۇچادىن دۈشمەن كۈچلىرى كەلگەندە، ئۇمۇ قوقەنت خانى سەئىد سۇلتاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى. قوقەنت خانى جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى ۋە سادىقنىڭ تۇغقىنى بولغان بۈزرۈك بىلەن ياقۇپبەگنى ئەللىكتەك لەشكەر بىلەن قەشقەرگە ئەۋەتتى ۋە 1864 – يىلى فېۋرالدا قەشقەرگە كىردى.

بۈزرۈكخان بىلەن ئۇنىڭ ئەسكىرىي مەسلىھەتچىسى ۋە ئاتالىقى ياقۇپبەگ، سادىقبەگدىن بىر مەزگىل ۋەزىرلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. لىكىن بۇلار قەشقەرگە كېلىشى بىلەنلا، سادىق بەگ ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ قوللىرىدىكى قوراللىرىنى ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇندى. سادىق بەگ ئۇلارنىڭ نىيىتىنى چۈشەندى ۋە قوقەنتكە قاچتى. سادىق بەگنىڭ بىرتەرەپ بولىشى بىلەن بۈزرۈكنىڭ قەشقەرگە كىرىشى ۋە خان ئاتىلىشى، قەشقەر خانلىقىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىق تارىخى ھىساپلىنىدۇ.

قەشقەر خانى بۈزرۈك، ئاجىز ئىرادىلىك، دۆلەت ئىشلىرىنى چۈشەنمەيدىغان، قابىلىيەتسىز ۋە ئويۇن – تاماشىغا بېرىلگەن بىرى ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ئاتالمىش ھۇقۇق خاننىڭ قولىدا بولسىمۇ،ياقۇپبەگ پۈتۈن كۈچنى قولىغا توپلىغان ئىدى. ئىسمى قەشقەر خانلىقى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىندىغان مۇھەممەد ياقۇپ 1852- يىلى 17-ئىيۇلدا پولكوۋنىك بالارامبېرگنىڭ قوماندانلىقىدىكى روس قوشۇنىنى ئاق مەسجىتتە بىتچىت قىلغان ۋە بۇ ۋەقە ئۇنىڭغا چوڭ نام قازاندۇرغان. بۇ ئىتبار كېيىنلەردە قەشقەر ئەتراپىدىكى بەزى يەرلىك بىرلىكلەرنى قولىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئەلۋەتتە بۇ سەۋەپتىن بۈزرۈكخان ئۇنىڭ غەلبىلىرىگە قىسقانغان؛ ئۇمۇ بۈزرۈكخاننى 1866دە ئاۋۋال تۇتقۇن قىلغان، دىن بىلەن مەشغۇل بولىشىنى ئېيقان ۋە كېيىن ھەجگە ئەۋەتىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلغان. 1866 – يىلىدا ئېلىپ بارغان بۇ سىياسىي ئۆزگۈرۈشتىن كېيىن، بۇخارا ئەمىرى مۇزاففەرىددىنگە ئەلچى ۋە ھەدىيەلەر ئەۋەتتى. ئەمىر، ياقۇپبەگكە »ئاتالىق غازى« ئۇنۋانىنى بەردى. بەزى مەنبەلەردە ئۇنىڭ بۇ ئۇنۋانى سەۋەپلىك قەشقەر خانلىقىغا، ئاتالىق غازى دۆلىتىمۇ دېيىلگەن. مۇشۇنداق قىلىپ ياقۇپبەگ ئۆزىنى خان دەپ ئېلان قىلىپ قەشقەرنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانى بولدى. ياقۇپبەگ، ھۆكۈمرانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن «بەدۆلەت» ئۇنۋانىنىمۇ ئېلىپ فەتىھلىرىنى داۋام قىلدى.

قەشقەر خانى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ ئىشغالىدىن ۋە تەسىر كۈچىدىن قۇتۇلىشى كېرەكلىكىنى ئويلايتتى. بۇ ۋاقىتتا تۇڭگانلار ياشىغان يەرلىرىدە يا ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنى قۇراتتى ياكى تۈرۈركلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ باشقۇراتتى. قەشقەر خانلىقىنىڭ بۇنچىلىك كېڭىيىشى ئۇلارنى بىئارام قىلدى. بۇ سەۋەپتىن ياقۇپخانغا قارشى چىقتى. غۇلجا بىلەن ئاقسۇ ئارسىدىكى بىر ئۆتۈش يولىنى ئىتىۋەتتى. 1868 – يىلىدا كورلىغا ھۇجۇم قىلىپ، قەشقەر قوشۇنىنى يەڭدى. غەلبە قىلالمىغان قەشقەر قوشۇنى چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. كۇچامۇ قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى ئالالماي تۇڭگانلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. قەشقەردىن ياردەمچى قوشۇن كەلگەندە، تۇڭگانلار شەھەرنى بىر ھەپتە تالان- تاراج قىلغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.

بۇنىڭدىن سىرت پۈتۈن تۈركىستانغا كۆز تىككەن روسلار، 1868 – يىلىدا يېڭى قۇرغان تۈركىستان ئومۇمىي ۋالىي ۋاستىسى بىلەن قەشقەرگە بىر سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، بۇ ۋاقىتتا چىققان ھىۋە مەسىلىسى تېخىمۇ مۇھىم بولغانلىق ئۈچۈن بۇ پىكىرلىرىنى كېيىنگە قويۇپ قويدى. ئۇنىڭدىن باشقا روسلار، ياقۇپبەگكە بىر تىجارەت ئەھدىنامىسى ئىمزالاتماقچى ئىدى، لىكىن ئۇ روسلارنىڭ تىجارەت نامى بىلەن جاسۇسلۇق ھەركەتلىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئەھدىنامىگە يېقىنلاشمىغان ئىدى. روسلارنىڭ تۈركىستان خانلىقلىرىنى بىر- بىرلەپ قولغا كىرگۈزىشى ۋە ھىندىستانغا قاراپ كېڭىيىشى بۇ نۆۋەت ئېنگىلىزلارنى جىدىىلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى. بۇ سەۋەپتىن قەشقەر خانىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىر زۆرۆرىيەت دەپ بىلەتتى. تۈركىيە بىلەنمۇ دوستانە مۇناسىۋەتتە بولغان ئەنگىلىيەدىن ياقۇپبەگ ياردەم تەلەپ قىلدى. ئېنگلىزلەرمۇ قەشقەرنى ھەم روسلارغا، ھەم خىتايلارغا قارشى بىر ئارا رايون قىلىپ پايدىلىنىشنى ئويلىشىۋاتاتتى. تۈركىيەمۇ باشقا تۈركىستان خانلىقلىرىغا يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلمىگەن ئىزتىراپىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ياقۇپ بەگ بىلەن يېقىن ئۆتۈشكە باشلىدى.

ياقۇپ بەگ، سەئىد ياقۇپخان تۆرىنى ئابدۇلئەزىز خانغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى، شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئوسمانلى دۆلىتى، قەشقەر قوشۇنىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىكتە 2000 تال مىلتىق، 6 زەمبىرەك، قەشقەردە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن پىستان ۋە ئوق دورىسى ماتېرياللىرى ئەۋەتتى. ياردەمنى ئېلىپ كېلىۋاتقان ھەيئەتنىڭ كېمىسى دېڭىزدا كاشىلا كۆرۈلگەن بولسا كېرەك. يۈكلەر قىزىل دېڭىزدا باشقا بىر پاراخوتقا يۈكلەنگەندىن كېيىن، ھىندىستان ئارقىلىق قەشقەرگە يەتكۈزۈلدى. ئۇلار يۈز تال توپ ئېتىلىپ قارشى ئېلىندى. بۇنىڭدىن كېيىن، ياقۇپبەگ تۇپراقلىرىدا خۇتبىنىڭ ئابدۇلئەزىز خان نامىغا ئوقۇتۇلۇشىنى ۋە پۇللارنىمۇ ئۇنىڭ نامىغا باستۇرۇشنى ئەمىر قىلدى. ئوسمانلى دۆلىتى تەرىپىدىن ياقۇپ بەگكە »ئەمىر-ۇل مۇسلىمىن« ئۇنۋانى، بىر تۇغ ۋە خەلقىنى كېرەكسىز سەۋەپ بىلەن ئۇرۇشقا ئېلىپ كىرمەسلىكى توغرىسىدا بىر پەرمانمۇ ئەۋەتىلگەن ئىدى.

ياقۇپبەگە بۇ نامنى ئالغاندىن كېيىن، رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 1875-يىلى 7- ئاپرىلدا ئوسمانلى تۈركىيەسىگە بىر مەكتۇپ ئەۋەتتى. مەكتۇپتا «دەۋلەتى-ئالىيەنىڭ بايرىقىنى ئاچقانلىقىنى، خۇتبىنى خەلپە نامىدىن ئوقۇتۇپ، پۇلنى ئابدۇلئەزىز نامىدىن باستۇرغانلىقىنى» دېگەن. ئۇ كېيىن تەختكە چىققان ئابدۇلھەمىتكىمۇ سادىقلىقىنى بىلدۈردى. بۇ مەزگىلدە تۈركىستان ۋە ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى يەرلىك بەگلىكلەردىنمۇ ئوسمانلى دۆلىتىگە بەيئەت قىلغانلار بولدى، ياۋروپالىق خىرىستىيانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشىنى ئىچىگە سىڭدۈرەلمىگەن بەزى ھۆكۈمدارلار، ئىسلامنىڭ يۈزى بولغان بۇ دۆلەتكە ياردەمنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەكتۇپلار ئەۋەتكەنىدى. مۇشۇنداق قىلىپ شەرىقتە ئىستانبۇلغا قارىتا بىر مۇھەببەت شەكىللەنگەن ئىدى.

بۇ مەزگىلدە خىتاي ئىمپىراتورىنىڭمۇ جىم تۇرمىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئوخشاش ۋاقىتتا غەرىپكە كېڭىيىشنى پىلانلىغان ۋە روس ئىستىلاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلىغان خىتاي، قانچىلىك بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر شەرقىي تۈركىستاننى قولىغا كىرگۈزۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. خىتاينىڭ قەشقەر خانلىقىغا قارشى چوڭ بىر ئۇرۇش تەييارلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلگەن ياقۇپبەگ، بۇ ۋاقىتتا قەشقەردە تۇرۇۋاتقان ئوسمانلى ئەلچىلىك ھەيئىتىنىڭ بېشى مۇرات ئەپەندىگە باش ئەلچىسىنى قوشۇپ، يېڭى قورال ۋە ئەسكىرىي ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا ئەۋەتكەن ئىدى. لىكىن بۇ مەزگىلدە 93 جېڭى دەپ ئاتالغان 1878 – يىلىدا ئوسمانلى – روس ئۇرۇشىدا يېڭىلگەن تۈركىيە، قەشقەر ئەلچىسىنىڭ تەلەپلىرىگە ئىجابىي جاۋاپ بەرمىگەن ئىدى.

خىتايغا قارشى قوغدىنىش تەدبىرلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ياقۇپبەگنىڭ ئۆلۈمى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بىر تەلەيسىزلىك ئىدى. ئۇ قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى ھەم خىتاي، ھەم روسىيە، ھەم ئەنگىلىيەنىڭ ئىشغال قىلىشىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى. نەتىجىدە ياقۇپبەگنىڭ ئوغلى، بەگ قۇلى خان ئىتتىپاقىلىقنى قوغدىغان بولسىمۇ، ئەسكىرىي جەھەتتىن ئىنتايىن ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن 1878 – يىلىدا قەشقەرنىڭ ئىشغال قىلىنىشىنى توسۇپ قالالمىدى ۋە قوقەنتكە قاچتى. خىتايلارنىڭ بۇ يەردە قىلغان تۇنجى ئشى، 60،000 كىشىلىك قەشقەر قوشۇنىنى پۈتۈنلەي قەتلى قىلىش بولدى. بۇ ۋاقىتتا مىڭلىغان ئاۋام خەلىقمۇ ئۆلتۈرۈلدى. 1884 – يىلىدىن باشلاپ خىتايلار، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن «يېڭى مۇستەملىكە» مەنىسىدىكى «شىنجياڭ» ئىپادىسىنى قوللاندى ۋە خەرىتىلەردىمۇ بۇ ئىسىم  بىلەن خاتىرلىنىدىغان بولدى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، 1911 – يىلىدا خىتايدا بىر ئىنقىلاپنىڭ پارتىلشى، جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشى تۈركلەرگە بىر ئاز بولسىمۇ نەپەس ئالدۇردى. خىتايدىكى مانجۇ خاندانلىقى يوقىتىلىپ، مىللىي خىتاي ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى. بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ 1912- يىلى ئىلى ۋادىسىدا،تۈركلەر ئۈچۈن بىر ئىنقىلاپ ئۇچقۇنى ياندۇرۇلغان بولسىمۇ بىر نەتىجىگە ئېرىشىلمىدى. خىتايلارنىڭ نە تۈركلەرگە، نە ئۆزلىرىگە بىر ئىش قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن روسلار 1000 كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلدى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندىن تارتىپ زۇلۇم ۋە قورقۇتۇشلار باشلىدى. تۈركلەرگە خىتاي ۋالىيلارنىڭ ۋە باشقا ھۇقۇقدارلارنىڭ ناچار مۇئامىلە قىلىشى سەۋەبىدىن 1931- يىلدا خوجىنىياز ھاجى باشلامچىلىقىدا، قۇمۇلدا بىر ئىسيان كۆتۈرۈلدى. تۈركلەر ئارىسىدا تەشكىلاتلىشىشنىڭ بولماسلىقىدىن، باشقا رايونلاردىن ئىسيانغا يىتەرلىك ياردەم يەتمىدى. مەيدانغا كەلگەن بۇ ۋەقەلەردىن تۈركىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋاستىسى بىلەن خەۋەردار بولاتتى. لىكىن 1933- يىلى بۇ ئازادلىق ھەركىتىگە تۇرپان، قاراشەھەر، ئاقسۇ، كۇچا ۋە خوتەندىكى تۈركلەرمۇ قوشۇلدى. ئۈرۈمچىدىن سىرت شەرقىي تۈركىستان پۈتۈنلەي ئازاد بولغان ئىدى. مىللىي ئىنقىلاپ كومېتىتى قۇرۇلدى. بۇ ئازادلىق ھەركىتىنىڭ دەسلىپىدە روسلار، ئەۋەتكەن بىر ھەيئەت ۋاستىسى بىلەن ھەمكارلىق تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئىنقىلاپچىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان روسلار، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى مەقسەت قىلغان بۇ مىللىي كۈرەشنى پالتىلاشقا باشلىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىنىڭ غەربىي تۈركىستانغا كېڭىيىشىدىن قورققان روسىيە، تۈرك ھەركىتىنىڭ باستۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىتايغا قولىنى سۇندى. بۇ ۋاقىتتا «شەرقىي تۈركىستان تۈرك-ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى . دۆلەت مەجلىسى قۇرۇلدى. لىكىن بۇ تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئۈچ ئالدىنقى سەپتە تەڭ ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر ئىدى: بىر تەرەپتە روسلار، بىر تەرەپتە خىتايلار، بىر تەرەپتە بولسا تۇڭگانلار بار ئىدى.

تۈركلەر بىلەن تۇڭگانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلىشى خىتايلارنى چەكسىز خوشال قىلدى. قايتىدىن كۈرەش قىلىش غەيرىتىگە كەلگەن تۈركلەرنىڭ، تۇڭگانلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىشى، قەشقەرنى ئالغاندىن كېيىن 7000 تۈركنى ئۆلتۈرۈشى ئۇلارنى ئۈمۈتسىزلىككە پاتۇردى. تۇڭگانلارنىڭ بۇ شەكىلدا يۈكسىلىشىنى تەھدىت دەپ قارىغان روسىيە، 20،000 كىشىلىك قوشۇننى ۋە برونىۋىكلارنى خىتايلارنىڭ بۇيرۇقىغا بېرىپ، بۇ قېتىم تۇڭگانلارنىڭ ۋەيران بولىشىغا سەۋەپ بولدى. بۇ ۋاقىتتا خوجانىياز ھاجىنىڭ روسىيە بىلەن ئۆز ئىختىيارلىقى ئاساسىدا كېلىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى روسلارغا يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىشى ھۆكۈمەت ئىچىدە قارشىلىقلارغا سەۋەپ بولدى. بۇ سەۋەپتىن يۈز بەرگەن چۈشىنىكسىز ھەركەتلەر نەتىجىسىدە بەزى ئەزالار خىتايلارنىڭ قولىغا چۈشىتى ۋە خىتايلار ئۇلارنى ئۆلتۈردى. بىر قىسىم تۈركلەر يەنە جىم تۇرماي، ئىسيان كۆتۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 20،000 قازاق تۈركىنىڭ ھىندىستانغا قاراپ قېچىشى مەشھۇر. خىتاي ۋە روسلاردىن قاچقان تۈرۈركلارنىڭ پەقەت 15،000 لا ھىندىستانغا يىتىپ بارالىدى.

خىتايدىكى ئىچىكى ئۇرۇش يىللىرىدا ئاجىز ۋە ئۈمۈتسىز ھالدا ئىتتىپاقداش ئىزدىگەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى، تۈرك خەلقىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن ئىنتايىن تىرىشقان؛ ھەتتا ماكىسىزىمنىڭ دىن دۈشمەنلىكىنىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، بەزى ئىشلارغا يول قويغان ئىدى. 1938 – يىلدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 6-قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا، «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايلار بىلەن تەڭ ھۇقۇقلارغا ساھىپ بولىدىغانلىقى» باياناتىغا ئالدانغان تۈركلەر، كوممۇنىستلارنىڭ رەقىبى جاڭ جيېشىنىڭ ئەسكەرلىرىنى يەڭگەندىن كېيىن، 1944-يىلى71-ئۆكتەبىردە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. بۇ مەزگىلدە گېرمانىيە-روسىيە ئۇرىشىمۇ، روسلارغا پايدىلىق بولىۋاتاتتى. ئەپسۇس، تۈركىيەمۇ بۇ يىللاردا ئىسمەت ئىنۆنۈنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھۆكۈمەت، تاشقىي تۈركلەرنىڭ بىردىنبىر قوللىغۇچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى بولغان، تۈركچىلەر جەمئىيىتىنى تاقاش ۋە دۇنيا تۈركلىكىنىڭ مەنىۋىي يولباشچىسى ئاتسىزنى قاماش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئەتىراپىدىكى بولىۋاتقان ئىشلارغا قاراشقا چولىسى تەگمەيتتى. ئىككىنچى قېتىم ئازادلىقىغا ئېرىشكەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېشىدا ئۇ ۋاقىتتا ئەلىخان تۆرە بار ئىدى.

غەربىي سەپتە ئۆزىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ بولغان روسىيە، بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا بىرقاتار ئويۇنلارنى باشلاتتى.  ئاۋۋال، شەرقىي تۈركىستانلىق تۈركلەرگە ياردەم قىلغان روسىيە، ئۇلارنىڭ بىر ھۆكۈمەت قۇرۇشىغا بىر نەرسە دېمىگەن ئىدى. لىكىن بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي تۈركىستان ئۈچۈن تەھدىت بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان روسلار، تۈرۈركلەرنىڭ مىللەتچى خىتايلار بىلەن 1946- يىلى بىر تىنچلىق توختامنامىسى ئىمزالىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇنداق بىر توختامنامىنى ئىمزالاشنى خالىمىغان ئەلىخان تۆرە، روسىيەگە ئېلىپ قېچىلدى. ئەسلىدە نە روسلارنى، نە خىتايلارنى سۆيىدىغان، پەقەت خىتايلارنىڭ ناچار ئىجراسى سەۋەپلىك روسلارنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان يەرلىك خەلق، مىللەتچىلەرنىڭ ھاكىمىيەتكە ئۆتۈشىدىن چەكسىز خوشال ئىدى. بۇ ۋەتەنپەرۋەرلەر تۇنجى ئىجرائەتلىرىنى مائارىپ ۋە كۈلتۈر ساھەسىدە ئەمىلىلەشتۈردى. ھەممەيلەن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانىلىقنى كۆرسەتتى.

كېيىنلەردە مىللەتچى خىتايلار، تۈركلەرنى ھوقۇقتىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا باھانە ئىزدەۋاتقاندا، خىتاي كوممۇنىستلىرىمۇ ھەر يەردە ھاكىمىيەتنى ئىگەللەۋاتاتتى. خىتايلار كەڭسۇ ۋە كۆكنۇر ۋىلايەتلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئاللىقاچان شەرقىي تۈركىستان چىگراسىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. تەخمىنەن بىر يىل كېيىن، 1948 – يىل 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى بۇ مىللەتچى گۇرۇپ ھاكىمىيەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇلدى. 1949 – يىلىدا بولسا خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان كوممۇنىستلار، شەرقىي تۈركىستانغا قايتىدىن ساھىپ بولۇپ، مىڭلارچە خەلقنى ئۆلتۈردى ۋە يۈزمىڭلارچە خەلقنى ئانا ۋەتىنىدىن سۈرگۈن قىلدى. تۈركلەر ئۈچۈن تەكرار قاباھەتكە تولغان كۈنلەر باشلىدى. شەرقىي تۈركىستاندا تۈركلەرگە قارشى بېسىم ۋە زۇلۇمنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن، خەلقلەر يۇرتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى. باشقا بىر چارە كۆرۈنمەيتتى. يا بويۇن ئېگىشى ياكى تىركىشىپ ئۆلىشى كېرەك ئىدى. نەتىجىدە، ئارسىدا ئەيسا يۈسۈف ۋە مۇھەممەت ئەمىن بۇغرالار مۇ بولغان 2000 گە يېقىن كىشى 1949-يىلى 9-ئايدا يولغا چىقتى. بۇلارنىڭ پەقەت 800 گە يېقىنى تۈركىيەگە ئۇلىشالىدى.

ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قىلغان ۋەدىلىرىنى ئۇنۇتقان كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە كېڭەيمىچىلىكىنىڭ چىداپ تۇرغۇسىز ھالغا كېلىشى بىلەن 1951 – يىلىدا، ئوسمان باتۇر قاتارلىق تۈرك مىللەتچىلىرى بىر قارشى تۇرۇش ھەركىتى باشلاتتى. تۈركىستاندىكى بۇ ئىسيان ۋە كۈرەشنى تۈركىيەدىكى تۈركچىلەرمۇ كۆزىتىپ، قوللىرىدىن بىر ئىش كەلمىسىمۇ، دۇئالىرى بىلەن ئۇلارنىڭ زەپەر قازىنىشىنى تىلەيتتى. بۇ ۋاقىتتا ھەر تۈرلۈك بېسىملار بىلەن نىيىتىدىن ياندۇرۇلماقچى بولغان بۇ تۈركچىلەرنىڭ غەيرىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى، 1952-يىلى مارت ئېيىدا توپلىنىپ، مىنىستىرلار كېڭىشى قارارى بىلەن دۆلىتىدىن قېچىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەگە يەرلىشىش رۇخسىتىنى ماقۇللىدى.

يۇقىرىدىمۇ دېگىنىمىزدەك تۈركىىستاندا، ئوسمان باتۇرغا ئوخشاش بىر تۈركۈم تۈركلەر، ئايرىم ۋە ياكى بىرلىكتە كۈرىشىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. كوممۇنىستلارنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان بىر ھۇجۇمى بىلەن نۇرغۇن تۈرك ئۆلتۈرۈلدى، ئوسمان باتۇرنىڭ قىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تۈرك ئەسىر ئېلىندى. ئوسمان باتۇر، قىزىنى قۇتقۇزۇش مەقسىتى بىلەن 200 كىشىلىك خىتاي ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى؛ قىزىنى قۇتقازغان بولۇشىغا قارىماي، قېچىۋاتقاندا ئېتىنىڭ پۇتىنىڭ سۇنۇپكىتىشى بىلەن تۇتۇلۇپ قالدى. ئۇ، 29 – ئاپرىلدا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ، تۈرلۈك قىيناشلاردىن كېيىن ئۆلتۈرۈلدى. شۇ سەۋەپتىن خىتايدىكى بىر ماقال تەمسىلدە؛ «ھەر ئون يىلدا بىر كىچىك، ھەر ئوتتۇز يىلدا بىر چوڭ تۈرك ئىسيانى بولىدۇ» دىيىلىدۇ. كوممۇنىستلارنىڭ خىتايدىكى ھاكىمىيىتىدىن 1953- يىلغىچە مەسئۇد سەبرى بايقۇزىغا ئوخشاش بىلىملىك ۋە كۆزگە كۆرۈنگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100،000 دىن ئوشۇق تۈرك ھەرخىل قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىدى ۋە ياكى ئۆلتۈرۈلدى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى 1955-يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۆزىنى روسىيەگە قارىتا كۈچلۈك ھېس قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، تۈركلەرنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇملار تېخىمۇ كۈچەيدى. بۇنىڭ تۇنجى ئىشارىتى مائارىپ ساھەسىدە بولدى. 1958 – يىلىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىدا مائارىپ تىلىنىڭ خىتايچە بولىشى مەجبۇر قىلىندى. ئەرەپ ئېلىپبەسىنىڭ ئورنىغا خىتاي فونېتىك سېستىمىسىغا ئۇيغۇن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشنى شەرت قىلدى ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا تۈرك مائارىپچىلارنى خىزمەتتىن توختاتتى. دۆلەتنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان پۈتۈن كونا ئەسەرلەر، تارىخىي، دىنىي ۋە كۈلتۈرەل مىراسلار بىلەن شۇغۇللىنىش چەكلەندى. بىر ئاپتونوم رايون بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانلارنىڭ 21- ئەسىردە ھېچقانداق ھەقلىرىنىڭ بولماسلىقى پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرىگە ئىبرەت بولىشى لازىم.

كوممۇنىستلارنىڭ ھاكىمىيىتىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوتلاقلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىگە ئۆزگەرتىلىشى ۋە بۇ سەۋەپتىن خۇددى روسىيەدە بولغىنىدەك، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان قازاق-قىرغىزلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن، ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقلارنىڭ ئېشىشىغا شاھىت بولىۋاتىمىز. تۈركىستاندا ئىشلەپ چىقىرىلغان يىمەكلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتايغا ئەۋەتىلىشى سەۋەبىدىن 1962-يىلى بىر تۈرك ئىسيانى بولغان، بۇ ۋاقىتتا قازاق تۈركلىرىنىڭ بىر قىسمى غەربىي تۈركىستانغا پاناھلانغان ئىدى. ئىلى ۋىلايىتىدە مىڭلىغان تۈرك بۇ نامايىشلاردا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان ماللاردىن توپلانغان پۇللار بىلەن، بۇ رايونغا تېخىمۇ ياخشى مەبلەغلەر سېلىنغىلى بولسىمۇ، ئەپسۇسكى بۇ كوممۇنىستلار تەرىپىدىن ھېچ قاچان نەزەرگە ئېلىنمىدى. 1960-يىللارنىڭ بېشىدا روس-خىتاي سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشىغىمۇ شاھىت بولدى. بۇ ۋاقىتتا، خىتاي-روس چىگرىلىرى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ كۈرىشىگە سەھنە بولدى. بۇنىڭ زىيىنىغا ئەلۋەتتە، ھەر ۋاقىت تۈركلەر ئۇچىرايتتى.

بۇنىڭدىن باشقا خىتايدىكى ئىنساپسىز بىر كۈلتۈر سىياسىتىنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە؛ تۈرك قىزلىرى مەجبۇرىي خىتايلار بىلەن توي قىلغۇزۇلغان، تۈرك بوۋاقلار خىتاي ئائىلىلىرىگە يەرلەشتۈرۈلگەن، ھەممەيلەن كوممۇنىزىم تەشۋىقاتىغا بوي سۇندۇرۇلغان؛ قىسقىسى تۈرك بولۇش گۇناھ ھېساپلانغان. ئۆز چىگراسىدىكى تۈركلەرگە يۈز يىللاپ قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان روسلار چېغىدا، قىزىل خىتاينى 1949 – يىلىدىن 1963- يىللغىچە 26 مىلىيون ئىنساننى ئۆلتۈردى دەپ ئەيىپلىگەن. مەسىلەن، 1966 – يىلىدا ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ۋە قىزىل قوغدىغۇچىلار دەپ ئاتالغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن تەلىماتلاردا؛ پۈتۈن مەسجىتلەرنى تاقاش، دىنى جەمئىيەت ۋە قۇرۇلۇشلارنى كۆيدۈرىۋېتىش، قۇرئانغا مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتلارغا يول قويۇلماسلىق، دىنىي نىكاھ قىلماقچى بولغانلارغا پۇرسەت بېرىلمەسلىك، سۈننەت قىلىشنى چەكلەش دېيىلگەن ئىدى. بۇ خۇسۇستا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنغان تۇغۇتنى چەكلەشنىڭ زىيىنى ھەممىدىن بەك شەرقىي تۈركىستاندا كۆرۈلدى. بولۇپمۇ يېزا-قىشلاقلاردا بۇ چەكلىمىگە سەل قارىغان ئاياللارنىڭ، قورسىقىدىن بوۋاقلىرىنىڭ ئېلىنغانلىقلىرى بىلىنمەكتە.

يېقىنقى ئوتتۇز-قىرىق يىل ئىچىدە تۆت قېتىم ئېلىپبە ئالماشتۇرۇشقا دۇچار بولدى. 2001 – يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان مائارىپ ۋە تىل سىياسىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتىتلاردا تامامەن خىتايچىگە ئۆتۈش قارارى ئېلىندى. ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئىرقتىن كەلگەن قازاق،قىرغىر، ئۆزبەككە ئوخشاش خەلقلەرگە پەرىقلىق مۇئامىلە قىلىنىپ، بۇلارنىڭ بىرلىكى يوق قىلىندى.  خىتايلار 1949 – يىلىدىن باشلاپ رايونغا داۋاملىق تۈردە كۆچتى. 1990-يىلدىكى نوپۇس ئىستاتىكىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يەردىكى تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نىسبىتى 40%  بولغان بولسا، خىتايلار 53% كە چىقتى.

1988-يىلى ئىيۇندا ئۈرۈمچىدا تۈرك ئوقۇغۇچىلار باشلىغان ھەركەت، ھۆكۈمەتكە ۋە بۈيۈك خىتايغا قارشى تەشكىللەنگەن پانتۈركىست دەپ باھالاندى. 1989-يىلىنىڭ ماي ئېيىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن يېرىدە خىتاي زۇلىمىغا قارشى ئىسيانلار كۆتۈرۈلدى. بۇ ۋەقەلەر جەريانىدا 13 مىڭ كىشى تۇتۇقلانغان، قەشقەرنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسى بارىن يېزىسى خەلقىنى خىتاي ئەسكەرلەر قىرغان ۋە بۇ قەتلىئامدا مىڭلاپ تۈرك ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ مەزگىلدە كۆپلىگەن تۈرك يازغۇچىلار ۋە مىللەتچىلەر ئۆلتۈرۈلدى. 1992-يىلى 8-مارتتا قەشقەردە يۈربەرگەن ۋەقەلەردە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ تۈرمىگە تاشلانغىنىدەك، سانى ئېنىق بولمىغان بىر قىسىم تۈركلەرمۇ ئۆلتۈرۈلگەن. 1997نىڭ فېۋرال ئېيىدا، قەدرى كېچىسىدە بىر مەسچىتتە ئىبادەت قىلغان ئاياللارنىڭ قاماپ قويۇلغانلىقى ۋە بۇ يەردە قىيىن-قىستاققا ئۇچىرىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان خەلقكە، ئۈچىنىڭ جەسىتىنىڭ بېرىلگەنلىكى ۋە يەنە 200 تۈركنىڭ ئىسيان قىلدى دەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، مىڭلىغان ئادەمنىڭ لاگېرلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم.

21-ئەسىرگە كىرگەن شۇ كۈنلەردىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى تۈرك دۇنياسىغا ئىبرەت بولىشى كېرەك. باشقا تۈرك دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاشنىڭ ئورنىغا، قازاقىستاندا بولغىنىدەك، 1994-يىلى ئىمزالانغان بىر چېگرا ئەھدىنامىسى بىلەن، قازاقلار ئۆز تۇپراقلىرى ئىچىدىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرىنى تاقىدى. بۇ ئەھۋال دوستلۇققا ۋە قېرىنداشلىققا ئەسلا سىغمايدۇ. 2008-يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدىن بۇرۇن، دۇنيادىكى تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ، ئىنساپسىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغان زۇلۇملىرىنى ئىنسانلىقنىڭ ئاڭلىشىنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بارغان نامايىشلارنىڭ ئەكس تەسىرى، ئەپسۇس يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ھېس قىلىندى. 2009-يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا مىڭلىغان تۈرك كوچىلاردا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، بوغۇزلىرى كېسىلدى، قورساقلىرى تېشىلدى. 2015-يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا، رامزان ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسچىتكە بېرىشنى ۋە روزا تۇتۇشنى چەكلىشى سەۋەبىدىن چىققان ۋەقەلەردە سانى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان نۇرغۇن تۈرك، خىتاي ئەسكەر ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

ھەر كۈنى ئونلىغان ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلۈپ، مىڭلىغانلىرى تۈرمىگە تاشلىنىپ ۋە سۈرگۈن قىلىنىپ جازالىنىۋاتىدۇ.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن قۇرۇلغان مۇستەقىل تۈرك دۆلەتلىرى بۇلارنىڭ رايونلىرىدا مۇقۇم بىر ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن ئەتراپىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىغا بىر ئاز بولسىمۇ ياردەم قولىنى سۇنىشى، خىتاينى ئەندىشە قىلدى ۋە بۇ سەۋەپتىن خىتاي بۇنىڭ تەدبىرىنى ئېلىشقا كېچىكمىدى. خىتاي باشلامچىلىق قىلغان ۋە دەسلەپتە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان، كېيىنلەردە ئۆزبېكىستاننىڭمۇ قوشۇلىشى بىلەن (خىتاي، روسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان) «ئالتە دۆلەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» بولۇپ شەكىللەنگەن، ئاسىيادىكى بۇ يېڭى سىياسىي قۇرۇلما، ئەسلىدە پۈتۈنلەي تۈركلەرگە زىيانلىق بولىشىغا قارىماي، ئەپسۇسكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بۇنىڭغا بېلىقچىلاپ سەكرىدى. خىتاينىڭ بۇ يەردىكى مەقسەتلىرىدىن بىرى، ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى كونتروللىقىدا تۇتۇش ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىن شەرقىي تۈركىستانغا قىلىنماقچى بولغان ياردەملەرنى توسۇش ئىدى. مۇشۇنداق قىلىپ غەرپ تەرىپىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان خىتاي دۆلىتى، غەرپتە يەنى تىنچ ئوكيان رايونىدا تېخىمۇ راھەت ھەركەت قىلىشنى پىلانلىماقتا.

يەنە كېلىپ خىتاي قايتىدىن غەرپكە كېڭىيىش ئىھتىياجىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېڭى يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇش خىتاينىڭ نىشانلىرىنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ 2001-يىلى 11-سىنتەبىردە، ئامېرىكادىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتى،شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەققىنى تەلەپ قىلىۋاتقان تۈركلەرنىمۇ بۇ كاتىگورىيەگە كىرگۈزۈپ، باشقا دۆلەتلەردىنمۇ قوللاشلارغا ئېرىشتى، ئەپسۇس بۇ تېمىدا تۈركىيەنىڭمۇ ئۈنى چىقمىدى. ئۇنىڭدىن سىرت تۈركىيە ۋە خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى تۈركىيەگە زىيانلىق بولغان بولسىمۇ، بىرنەچچە كىشىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەسىلىسى كۆرمەسكە سېلىنىۋاتىدۇ.

بۈگۈن قەشقەرلىق، تۇرپانلىق، ئاقسۇلۇق، ياركەنتلىك، كۇچالىق دەپ ئاتىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق تۈركلەرنىڭ ئومۇمىي نوپوسى 30-40 مىليون ئارسىدا ئىكەنلىكى دېيىلمەكتە ۋە شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىدۇر. كۈنسېرى ئېشىۋاتقان خىتاينىڭ ئېنىرگىيە ئېھتىياجى ئۆز مەنبەلىرى ئارقىلىق تەمىنلىنەلمەيدىغان دەرىجىدە بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتە؛ بۇ دۆلەتنىڭ دىققىتىنى يېڭى تۈرك دۆلەتلىرىگە بۇراشقا سەۋەپ بولىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئىقتىسادى 1980-يىللاردىن كېيىن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. بۇ تەرەققىياتنى داۋام قىلالىشى، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا بازا قۇرۇشىدىن كېيىن، غەرىپتىكى بىخەتەرلىكىگە ۋە خام ماتېرىيال بىلەن ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە باغلىق. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ ئوچۇق تەھدىتلىرىگە قارشى مەركىزى ئاسىيا تۈركىستانىدىكى پۈتۈن تۈركلەرنىڭ ھوشيار تۇرۇشى ۋە بىرلىكتە ھەركەت قىلىشى تەقەززاسىزدۇر.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى مەنبەسى: Geçmişten Günümüze Uygur Türklerine Genel Bir Bakış

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top