You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى تارىخى ۋە ئۇيغۇرلار

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى تارىخى ۋە ئۇيغۇرلار

بەختىيار باخشى (ئىنۆنۈ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركچە ئوقۇتقۇچىسى)

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇدۇن قىزى

قىسقىچە مەزمۇن: كۈنىمىزدە تۈرك نوپۇسى زىچ ئ‍ولتۇراقلاشقان جايلاردىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان، ئىستىراتېگىيىلىك ئورنى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئ‍نتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. نوپۇسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى رايوننىڭ جەنۇبىدا ياشىغان ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان شەرقىي تۈركىستان، تۈرك مىللىتىنىڭ ئانا يۇرتى بولۇپلا قالماستىن، تارىخى مىراسلىرى، مەدەنىيەت قىممىتى، جۇغراپى ۋە سىياسىي قۇرۇلمىسى جەھەتلەردىن باشقا مەدەنىيەتلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىم مەركەزدۇر.

شەرقىي تۈركىستان ئىستىراتېگىيىلىك ئورنى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى جەھەتتىن تارىختىن بۇيان كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 1949-يىلىدىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتى يولغا قويغان باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستان زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، خەلق بولسا ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي دۆلىتىگە قارشى كۈرەش قىلغان. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىقتىسادىي ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ۋە قىيىن شارائىتتا ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىنغان. قىلىنغان زۇلۇملار بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى تىك تۇرىشى خىتاي ھۆكىمىتى تەرىپىدىن قانلىق ئۇسۇلدا باستۇرۇلدى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىك ئالدىدا بويۇن ئېگىشى ئۈمۈد قىلىنغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشقا قارشى قىلغان كۈرىشى، ئىنتايىن ئەپسۇسكى، مۇستەقىللىق كۈرىشى ئەمەس، بەلكى ھايات قېلىش كۈرىشىگە ئايلانغان ئىدى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلار، زۇلۇم

1. كىرىش

كۈنىمىزدە تۈرك نوپۇسى، ياۋروپانىڭ ئىچكىي قىسىملىرىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە تارقالغان. بۇ نوپۇسنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بۈيۈك تۈركىستاننىڭ شەرقىي رايونىدا ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن تۈزىلىدۇ. بۈيۈك تۈركىستان دەپ ئاتالغان رايوننىڭ مۇھىم بىر پارچىسىنى شەكىللەندۈرگەن شەرقىي تۈركىستان رايونى، تۈركلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئولتۇراق رايونلىرىدىن بىرى. بۇ جەھەتتىن تۈرك مىللىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان بۇ رايون تارىخى، جۇغراپىيىسى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي قۇرۇلمىسى جەھەتلەردىنمۇ باشقا مەدەنىيەتلەر ئۈچۈن مۇھىم مەركەز بولغان. ھەر جەھەتتىن تۈرك مىللىتىنىڭ مىراسلىرىدىن بىرى بولغان بۇ رايونغا خىتايلار «شىنجاڭ» (يېڭى مۇستەملىكە) ئىسمىنى ئىشلەتكەن.

شەرقىي تۈركىستان 5.000.000 (بەش مىليون) كىلومېتىرلىق بۈيۈك تۈركىستاننىڭ شەرقىگە ۋە ئاسيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. شەرقىي تۈركىستان؛ جەنۇپتا پاكىستان، ھىندىستان، كەشمىر ۋە تىبەت؛ غەربىي جەنۇپ ۋە غەرپ تەرىپىدىن ئافغانىستان ۋە غەربىي تۈركىستان؛ شىمالدا سىبىريە، شەرق ۋە شەرقىي شىمالدا خىتاي، موڭغۇلىيە بىلەن چېگىرداش  (Alptekin, 1992). شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى نەزەرگە ئېلىنغاندا، مەزكۇر رايون ئۈچۈن ئ‍ىنتايىن مۇھىم قاتناش تۈگىنى ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر.

شەرقىي تۈركىستان بىلەن خىتاي ۋە موڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدا ئاقتاغ، ئالتاي تاغلىرى، قارلىق تېغى، ئالتۇن تېغى، چىمەن تېغى ۋە بۇقالىق تېغىدىن باشقا، 500 كىلومېتىرلىق بىر قۇملۇق بار. بۇنىڭدىن سىرت شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىبەت بىلەن كەشمىر ئوتتۇرىسىدا كوئىنلون، قاراقۇرۇم ۋە تاغدۇنباش تاغلىرى بار. غەربىي تۈركىستان ۋە سىبىرىيە ئوتتۇرىسىدا؛ تەڭرى تېغى، جۇڭغار ئويمانلىقى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي تاغلىرى بار. يەر كۆلىمى جەھەتتە بۈيۈك تۈركىستاننىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمى 1.828.418 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ 600.000 كۋادرات كىلومېتىرى قۇملۇقتىن، 91.000 كۋادرات كىلومېتىرى ئورماندىن تەركىپ تاپقان.

شەرقىي تۈركىستان نېفىت، ئۇران، تۆمۈر، كۆمۈر، ئالتۇن، ۋولفرام، تۇز، تەبىئىي گازغا ئوخشاش ئىستراتېگىيىلىك يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىققا ئىگە دۆلەت. بولۇپمۇ رايوننىڭ شىمالدىكى قارامايغا يېقىن جايدا ھىدرو كاربون قېزىش داۋام قىلماقتا. بۇ جايدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى 7 مىليون تون، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشى بولسا 500.000 بىلەن 700.000 توننىغا يەتكەن. ئۈرۈمچى بىلەن قومۇل ئەتراپىدىكى 56 كاندا يىلدا تەخمىنەن 8-9 مىليون توننا ئەتراپىدا كۆمۈر قېزىپ چىقىرىلماقتا. رايوندا 570 دىن كۆپرەك دەريا ۋە ئېقىنلار بار. بۇنىڭدىن باشقا رايون، دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم رايونلاردىن بىرى بولغان مەركىزى ئاسياغا، يەنى قازاقىستان، ئۆبىكىستان، تاجىكىستان، روسىيە ۋە پاكىستانغا  چېگىرداش بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرمۇ مول تەبىئىي گاز ۋە نېفىتقا ئىگە. شەرقىي تۈركىستاندىن كېسىپ ئۆتكەن تۇربا يولى، پويىز يوللىرى ۋە قاتناش يوللىرى خىتاينىڭ مەركىزى ئاسيا بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشىنى ئاسانلاشتۇرماقتا. خىتاينىىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى يېتەرلىك خام ئەشيا، ئېنىرگىيە ۋە ئەمگەك كۈچىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن تەمىنلىنىشى پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ. رايون يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ئالاھىدىلىكلىرىدىن سىرت بار بولغان بايلىق جەھەتتە ئۆزىنى قامدىيالايدىغان، ھەتتا ئېشىپ قالغىنىنى ئېكىسپورت قىلالىغۇدەك كۈچكە ئىگە.

يۇقارقى ئۇچۇرلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىلىك ئورنى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى جەھەتتىن رايوندىكى دۆلەتلەر ۋە بولۇپمۇ خىتاي ئۈچۈن ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

شەرقىي تۈركىستان، مىلادىيەدىن بۇرۇن 210-يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئوتتۇرا ئاسيادا قۇرۇلغان ھون، تابغاچ، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر، قىرغىز، تۈرگىچ، قارلۇق، قاراخانىيلارغا ئوخشاش تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە يەر ئالغان . لېكىن خىتايلار، بۇ تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ پات-پات ئاجىزلىشىشىدىن پايدىلىنىپ مىلادىيەدىن بۇرۇن 104،59؛ مىلادىيەدىن كېيىن 73،448،657،744 ۋە 1759-يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ 1876-يىلىغىچە بۇ ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. 1911-يىلىدا خىتايلار، مانجۇ-خىتاي خاندانلىقىغا خاتىمە بېرىپ، بۇنىڭ ئورنىغا مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قۇرغاندىن كېيىنمۇ، شەرقىي تۈركىستان خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا قالغان. 1949-يىلىدا مىللەتچى خىتايلار، خىتاي كوممونىستلىرىغا مەغلۇپ بولۇپ تەيۋەنگە قاچقاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىست جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەن.

شەرقىي تۈركىستان يۇقارقى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قىسقىچە ئۈچ دەۋردە تەھلىل قىلىنىدۇ.

ئا. 1760-يىلىغىچە بولغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان.

ب. 1760-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان يېرىم مۇستەقىل، يېرىم خىتاينىڭ مۇستەملىكى ئاستىدا ياشىغان شەرقىي تۈركىستان.

ج. 1949-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي كوممونىستلىرىنىڭ زۇلىمى ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان.

2. شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلگەن بېسىم، شىددەت ۋە قەتلىئاملار

يازما ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتايلارنىڭ تۈركلەرنى يوقىتىش ۋە تۈركىستان زېمىنلىرىغا ئىگە بولۇش سىياسىتى  تۈرك خاندانلىقى دەۋرىدە باشلانغان. بۇ تارىختىن بۇيان تۈركلەر بىلەن خىتايلار كۆپ قېتىم ئۇرۇشقان ۋە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا خىتايلار تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان ۋە چېكىنىپ چىققان. بۇ ئۆز-ئارا ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىئە كۈرىشى 19-ئەسىرغىچە داۋام قىلغان. بولۇپمۇ 19-ئەسىردە خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىستىلا قىلىپ بۇ زېمىنلاردا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى بىلەن باشلانغان دەۋر، بۇرۇنقىلاردىن پەرقلىق ئاسسىمىلياتسىيە، زۇلۇم ۋە قەتلىئامنىمۇ ئېلىپ كەلگەن.

خىتايلار ئاۋال رايونغا سىرتتىن كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈپ، يەرلىك خەلقنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋالغان ۋە بۇ يەرلەر سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەرگە بېرىلگەن. خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، ئۇلارغا قارشى تۇرمىغان يەرلىك خەلققە بولسا شەرەپ ئۇنۋانلىرى ۋە سارايلار ھەدىيە قىلىنغان. بۇ ئەھۋال كېيىنچە تېخىمۇ شىددەتلىك ھالدا داۋام قىلىدىغان بېسىم ۋە زۇلۇملارغا يول ئاچىدىغان ئۆزگۈرۈشلەردىن بىرى بولۇپ قالغان.

خىتاينىڭ 1949-يىلىدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئاساسلىق سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى مۇمكىنقەدەر سىياسىي، ئىجدىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن بېسىم ئاستىدا تۇتۇش ئارقىلىق ئىجدىمائىي تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش بولغان. ئىجدىمائىي ھاياتنى باستۇرۇشتا ئىجدىمائىي تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىىلىش نىشان قىلىنغان ئىدى، ئەمما پەقەت ئىجدىمائىي تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، كەلگۈسىدە شەكىللىنىش مۇمكىنچىلىقى بولغان مۇستەقىللىق پىكىرىنىمۇ يوق قىلىش ئۈچۈن سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە تەشەببۇسلارنىمۇ كونترول ئ‍استىغا ئالغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھەر خىل ساھەلەردە  يۈرگۈزگەن  بېسىم ۋە زۇلۇم  سىياسىتى تۆۋەندە ئۆرنەكلەر بىلەن كۆرسىتىلىدۇ؛

2.1. نوپۇس سىياسىتى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان رەقەملەر بېرىلمەكتە. ئاخىرقى تەخمىنلەرگە ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۈنىمىزدىكى نوپۇسى 13 مىليوندىن ئازراق كۆپتۇر. ئۇيغۇرلار 5 مىليون 800 مىڭ، قازاق تۈركلىرى 800 مىڭ، باشقا تۈرك بويلىرى بولسا 90 مىڭ، موڭغۇللار 100 مىڭ، مانجۇلار 70 مىڭ، تۇڭگانلار 100 مىڭ بولۇپ ۋە قالغان نوپۇس خىتايلاردىن تەركىپ تاپقان.

بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ كوزى خىتايلارنى رايونغا يەرلەشتۈرۈش سىياسىتى بولغان. خىتاينىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ ئىككى  تارمىقى بار؛ خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە كۆچۈرۈش. خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىش پۇرسىتى  ۋە يۇقىرى مائاش بېرىلمەكتە، تېخىمۇ چوڭ تۇرالغۇلار بىلەن تەمىنلەنمەكتە ۋە شەرق رايونلىرىدا ئىنتايىن كەسكىن ئىجرا قىلىنغان «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتى يۇمۇشىتىلماقتا. 1950-يىلىدا رايوندىكى نوپۇسنىڭ 10% تى خىتايلاردىن تەركىپ تاپقان بولسا، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بۇ رەقەم 40% كە يەتكەن. بۇ ئەھۋال، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىجرا قىلىنغان خىتاي سىياسىتىنىڭ 1940-يىللىرىدىن ئېتىبارەن تەدرىجىي ھالدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى ھالىتىگە ئېلىپ كېلىشنى نىشان قىلغان ماۋزېدوڭ ھاكىمىيىتىنىڭ يەنە بىر ۋاستىسى بولسا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈپ «ئائىلە پلانلىنىشى» دۇر. تىلغا ئېلىنغان پىلاننىڭ ئەسلى مەقسىتى رايوندىكى تۈرك نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يۈرگۈزىلىۋاتقان سىياسەتلەر ئارقىلىق نوپۇسنىڭ بارا-بارا ئازىيىشىدۇر.

خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا  ئاتالمىش  پلانلىق تۇغۇت تېرورى بىلەن 2005-يىلىغىچە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك ۋە تاتار تۈركلىرىنىڭ 9 مىليون بوۋىقىنى ئۆلتۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا خىتايلارشەرقىي تۈركىستاندا  ئېلىپ بارغان يادرولۇق قورال سىنىقى سەۋەبىدىن كۆپ ساندا ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغان ياكى ھەر خىل كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولغان.

ئاتموسفېرانىك ۋە يەر ئاستى يادرولۇق قورال سىناقلىرى ئېلىپ بېرىلغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى تەجرىبە قىلىنغان بازا، سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمى بىلەن 1959-يىلى 16- ئ‍ۆكتەبىردە قۇرۇلغان. 100.000 كۋادرات كلومېتىردىن تەركىپ تاپقان ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ يادرولۇق قورال بازىسى ھالىتگە كەلگەن لوپنۇردا 1964-1996-يىللىرىدا 46 يادرولۇق قورال سىنىقى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىقلانغان. ساپپورا ئۇنىۋېرسىتىتىدىن ياپونلۇق پروففىسور تاكادا جۇن، 2009-يىلى مارتتا ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىدا 1964-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان ۋە توپلام 200 مېگاتون پارتلاش كۈچى ھاسىل قىلىدىغان 46 يادرو سىنىقىنىڭ 750.000 پۇقرانىڭ ئۆلىمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە كېلىپ بۇ پائالىيەتلەر رايوننىڭ تەبىئىي تەڭپۇڭلىقىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇدەك خاراكتېردا ئىدى.

2.2. ئىقتىسادىي ساھەدە يۈرگۈزۈلگەن زۇلۇملار

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇران، تەبىئىي گاز، نېفىت، ئالتۇن قاتارلىق كان بايلىقلىرى مەۋجۇت. بۇ يەر ئاستى بايلىقلارنىڭ ھەممىسى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرىشى ۋە كۆزىتىشى ئاستىدا ئىدى. بۇ رايوندا قېزىپ چىقىرىلغان يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن ئېرىشكەن كىرىملاردىن شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى پايدىلىنالمايتتى.

يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ سودا ساھەسىدە ئۈزۈپ چىقىشىغىمۇ يول قويۇلمايتتى. مەسىلەن رابىيە قادىرغا ئوخشاش سودىدا ئۇتۇق قازىنىپ بېيىغان كىشىلەرمۇ چەتكە قېقىلدى. بۇ ئەھۋال ئىنسانلارنىڭ ئىجدىمائىي ھاياتى، مائارىپى، ۋە دىنىي ھاياتلىرىغا ئوخشاش سودا ھاياتىنىڭمۇ قوللىرىدىن تارتىۋېلىنىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ خاھىشىغا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ، جان ۋە مال بىخىەتەرلىكىنىڭمۇ يوق قىلىنغانلىقىنىڭ بىر ئۆرنىكىدۇر.

خىتاي خوجايىنلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى، ئىنتايىن زور ھاقارەتكە ئۇچرىماقتا، ئەرزان ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە ۋە سۈمۈرۈلمەكتە ئىدى. شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلار، مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىدىن  ئۇزاقلاشتۇرۇلۇش بىلەن بىللە، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ۋە يەرلىك خەلقنىڭ بېسىملىرىغا دۇچ كەلمەكتە ئىدى. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغا بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئىچكى ئ‍ۆلكىلىرىدە مەجبۇرىي ھالدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 500 مىڭدىن كۆپ ئىدى. ئۇيغۇرلار، سۈپەتسىز سېخ ۋە زاۋۇتلاردا، ئىش بىخەتەرلىكى ۋە سۇغۇرتىسى كاپالەتكە ئىگە قىلىنماي تۇرۇپ جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنغان ئىدى. بۇلار يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك جاراھەت ھاسىل قىلىش مەقسىتىدىكى نىشانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. چۈنكى يۈرگۈزۈلگەن بۇ سىياسەتلەر ئىجدىمائىي، سىياسىي، دىنىي، ئىقتىسادىي ۋە مائارىپ ھوقۇقى تامامەن دېگۈدەك تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، قېيىن شارائىت ئاستىدا ئىشلەشكە مەجبۇر قېلىپ، ئىشلەش ۋە بولۇپمۇ ياشاش ھوقوقىنىڭمۇ يوق قىلىنغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

2.3. سىياسىي ساھەدە يۈرگۈزۈلگەن زۇلۇملار

خىتايلارنىڭ 1949-يىلدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئاساسلىق سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى مۇمكىنقەدەر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم ئاستىدا تۇتۇش ئارقىلىق ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش بولغان ئىدى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە باشلامچىلىق قىلغۇدەك قۇرۇلۇشنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان. قىلىنغان بېسىملار ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ شەكىللىنىشىدىن مائارىپنىڭ تۈزىلىشىگىچە بولغان ھەر خىل ساھەلەرگە تەسىر قىلغان.

2002-يىلىدىن بۈگۈنگىچە، كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىگە مۇراجىئ‍ەت قىلىپ خىتاي تىرىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي قۇرۇلمىلارغا بولغان پوزىتسىيەنىڭ خاتالىقلىرىنى ئاشكارلىغان.

2.4. مائارىپتا يۈرگۈزۈلگەن زۇلۇملار

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىمىچىلىق مائارىپتىكى باراۋەرسىزلىكتىمۇ ئۆىنى كۆرسەتكەن. مائارىپتىكى بۇ باراۋەسىزلىك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ۋە بولۇپمۇ ئىش ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىردىنبىر ئۇنىۋېرسىتىت بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 80% تى خىتاي ۋە پەقەت 20% تى مۇسۇلماندۇر. مەكتەپلەردە ئۆتۈلگەن دەرسلىكلەر بولسا ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا  مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللاردىن بەكرەك، خىتاي مەدەنىيىتىگە ئائىت ئۇنسۇرلاردىن تەركىپ تاپقان. بۇ ئەھۋال ئىنساننىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققى بولغان ئوقۇش ھەققىنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا ياكى بۇرۇندىن بەلگىلەنگەن نىشانلار ئۈچۈن تەييارلانغان مائارىپقا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مائارىپنى سىياسىي ۋە ئىدىيىۋى مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىشكە سەۋەپ بولغان.

1958-يىلىدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇش تىلى خىتايچە بولغان، تۈركچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە تۈرك ئوقۇتقۇچىلار ئىشتىن بوشىتىلغان. ئاخىرقى يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى بەزى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خىتايچە بىلمىگەنلىكى سەۋەپلىك ئىشتىن بوشىتىلغان.

2.5. دىنىي ساھەدە يۈرگزۈلگەن زۇلۇملار

ئۇيغۇرلار، دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتىنمۇ ھەر خىل مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ھەممىسى مۇسۇلغان بولغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك ئېرقىدىن بولغان مىللەتلەر بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىق، ئېتنىك جەھەتتىن بولغانغا ئوخشاش دىنىي جەھەتتىنمۇ بولغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر يىلى دېگۈدەك مەلۇم بىر رايونىدا ياكى شەھىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرىلىدۇ. بۇ قوزغىلاڭلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا رامزان ۋە قۇربان ھېيتلاردا ئېلىپ بېرىلغان. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھېيت نامىزىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا ۋە بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئ‍ۈچۈن، مۇسۇلمانلار ئىسيانغا ئۇرۇنماقتا ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرگە دۆلەت مەمۇرى، ئوقۇغۇچى، خىتاي كوممونىست پارتىيە ئەزاسى ۋە پىنسىيىگە چىققان مەمۇرلارنىڭ كىرەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشلارئېسىلغان. مەسچىتكە كىرىش-چىقىش جامائەت ئارىسىدىكى ئىشىپىيونلار تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىنماەتا. يەنە رامىزان ئېيىدا دۆلەت مەمۇرى ۋە شىركەتتە ئىشلەيدىغانلار ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇپ-تۇتمىغانلىقىنى تەكشۈرەش ئۈچۈن سۇ ئىچىشقا زورلايتتى. بۇ ئەھۋال ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەر تەرىپىگە تەسىر كۆرسەتكەن زۇلۇم ۋە زورلارشنىڭ دىنىي جەھەتتە ئەكىس ئېتىشى ۋە ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئوقۇش ھاياتى تارتىۋېلىنغان ئىنسانلارنىڭ ئېتقاد ھەقلىرىنىڭمۇ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىنىڭ ئىسپاتى ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلگەن چەكلىمىلەرگە دائىر مەتبۇئاتتىكى خەۋەرلار:

«خىتاي ئىسرائىلىيەنىڭ ئىزىدا: شەرقىي تۈركىستاندا قەتلىئام بار»

ئەركىن ئاسيا رادىئوسىنىڭ رايوندىن ئىگەللىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا 18-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت ناھىيىسىدە ساقچىلار بىر ئائىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر ئايالنىڭ ھىجابىنى مەجبۇرى ئېچىشقا ئۇرۇنغاندا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە 70 ياشلىق موماي ۋە 7 ياشلىق كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنكىلى بىلدۈرۈلگەن.

«روزا تۇتقانلارنى تېپىش ئۈچۈن ھەقسىز تاماق تارقاتتى»

گېرمانىيەدە ياشايدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت، سەيشەنبە كۈنى كوممونىست پارتىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇپ-تۇتمىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن خەلققە ھەقسىز يېمەك-ئىچمەك تارقاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

«شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كوممونېست پارتىيىسى دەھشىتى»

خىتاي كوممونىست ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان ئېيىدا باشلىغان شەرقىي تۈركىستان زۇلىمى داۋان قىلماقتا. ھېيت كۈنى ياركەنت رايونىدا ياغلىق چىگىۋالغان ئاياللارغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن بارغانسېرى كۈچەيگەن نامايىشلارغا قارشى قوراللىق ھۇجۇم بىلەن جاۋاپ قايتۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى قەتلىئامنى داۋاملاشتۇردى. مۇسۇلمانلارنى ۋەھىمىگە سالغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتايىن كۆپ ئىنساننى ئۆلتۈرۈش بىلەن بىللە، رايون بىلەن بولغان ئالاقىنى تامامەن كەستى. رامىزان ھېيتى بىلەن باشلىغان قەتلىئامدا ھازىرغىچە قانچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى نامەلۇم. بۇ توغرىلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەرگەن سېيىت تۈمتۈرك، شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن رايوندىكى تراگىدىيەگە دىققەت تارتىش ئارقىلىق ئۆلمىگەن ۋىجدانلارغا چاقىرىق قىلدى. ئىنسانىيەتنىڭ، مۇسۇلمان بىر جۇغراپىيەدە ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئامنى كۆرمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن سېيىت، مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى سۈكۈتنىڭ ۋىجدانلارنى يارا قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى. سېيىت «خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە بايرامنى ماتەم قىلدى. بۇ كېلىۋاتىمەن دېگەن بىر قەتلىئام ئىدى ۋە ۋارقىراپ-جارقىراپ كەلدى. دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە يۈز بەرمىگەن  روزا چەكلىمىسى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپبېرىلدى ۋە بۇ زۇلۇمنى دۇنيا كۆرمىدى. دۇنيا سۈكۈتتە تۇرغاچقا خىتاي تېخىمۇ تەلۋىلىك قىلدى. خىتاي بۇ يەردە شۇنى ئۈمۈد قىلدى؛ روزا چەكلەنسە شەرقىي تۈركىستانلىقلار كوچىلارغا چىقىدۇ ۋە قەتلىئام ئۈچۈن باھانە تېپىلاتتى. ئەمما خەلق بۇ توزاققا چۈشمىدى. ئەمما يەنىلا خىتاي مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈشكە داۋام قىلدى. رامىزاننىڭ ئاخرقى كۈنى ئىلىشقۇ يېزىسىدا 30 قېرىندىشىمىز ئۆلتۈرۈلدى.  باشقا قەتلىئاملاردىن خەۋەر يوق» دېدى.

«1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى»

1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 1949-يىلىدىن بېرى خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا ۋىلايىتىدە بىر قەتلىئام مەيدانغا كەلدى. 5-فېۋرال چارشەنبە كۈنى قەدىر كېچىسى بىر ئۆيدە يىغىلىپ قۇرئان ئوقۇۋاتقان بىر  گۇرۇپ شەرقىي تۈركىستانلىق ئايال، خىتاينىڭ ئاتالمىش بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تۇيۇقسىز بېسىپ كرىشىگە ئۇچرىدى. بۇ ئاياللار پۇتى يەرگە تەككۈزۈلمىگەن ھالدا مىلتىق پاينىكى بىلەن ئۇرۇلۇپ ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. خىتاي ساقچىلىرى بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىسىدىن كېيىن غەليانغا كەلگەن قورالسىز خەلقنى ئاپتوماتىك پىلىموتلار بىلەن تارىدى. بۇ شىددەتلىك ئوق يامغۇرى ئاستىدا يۈزلەرچە بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستالىق ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر يېرىدە قوزغىلاڭلار باشلىدى ۋە چىققان ۋەقەلەرنى خىتاي ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زالىملارچە ئۇسۇللار بىلەن باستۇردى.

3. خۇلاسە

شەرقىي تۈركىستان كۈنىمىزدە خۇددى كەركۈكتە تۈركمەنلەرگە، غەززەدە مۇسۇلمانلارغا قىلىنغىنىدەك ئىرقىي يوقىتىش سىياسىتىنى ئەڭ ئېچىنىشلىق شەكىلدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن دۆلەتلەردىن بىرىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقى يوقىتىش ۋە .ىشغال سىياسەتلىرى ئەڭ شىددەتلىك شەكىلدە داۋام قىلىۋاتىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەر خىل قېيىن-قىستاقلارغا دۇچار بولۇپ كىچىك بالا، ياشانغان ۋە ئايال دېمەي نوپوسى ئازايتىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ھەققى ۋە ھەتتا ياشاش ھەققى قولىدىن تارتىۋېلىنىۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان  ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، ئىگە بولغان يەر ئ‍استى ۋە يەر ئ‍ۈستى بايلىرى سەۋەبىدىن تارىخ بويىچە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ نىشانى بولغان. بولۇپمۇ 1949-يىلىدىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۈرگۈزگەن زۇلۇم ۋە ئىرقىي يوقىتىش سىياسىتى ئالدىدا، تاراتقۇ ۋە باشقا ئالاقىلىشىش ۋاستىلاردىن ئېرىشكىنىمىزدەك شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىلغان كۈرەشلىرى ئېچىنىشلىق ھالدا مۇستەقىللىق كۈرىشىدىن بەكىرەك ھايات قېلىش كۈرىشىگە ئايلانغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىگە بولغان ھەقلىرى قولدىن تارتىۋېلىنغان ۋە  قېيىن شارائىت ئاستىدا ئ‍ىشلەشكە مەجبۇر قىلىنغان. يەنە شەرقىي تۈركىستان خگلقى مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتۇلغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن.

ئورخۇن ئابىدىلىرىدە، «خىتاي خەلقىنىڭ گېپى تاتلىق، يىپىكى يۇمشاق ئىكەن، تاتلىق سۆز بىلەن، يۇمشاق يىپەك رەخت بىلەن ئالداپ يىراقتىكى مىللەتلەرنى يېقىنلاشتۇرۇرمىش» شەكلىدە يەر ئالغان نەسىھەت، ئەسلىدە كۈنىمىزدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئېرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەسىرلەر بويىچە داۋان قىلغان خۇلاسىسىدۇر. خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھايات كۈرىشىنى، بولۇپمۇ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن دۇنياغا ئاتالمىش تېرورىزم ھەركىتى دەپ ئاڭلاتقان، بۇ شەكىلدە يۈرگۈزگەن ئېرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە خەلقئارادا قانۇنلۇق زېمىن ھازىرلىغان ۋە قوللاشنىمۇ قىسمى قولغا كەلتۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، مۇھەممەتئەمىن بۇغرا، ئابدۇقادىر داموللام، مەسئۇد سەبرى بايقۇزى  ۋە باشقا مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلغان لېدىرلارنى، يول باشچىلارنى تېرورست دەپ ئېلان قىلغان. بۇ يول باشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يا سۈرگۈن قىلىنغان ياكى تۇتقۇن قىلىنغان ياكى بولمىسا سوراقسىزلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.

ئەپسۇسكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنلىرىدا مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلغان قەتقىئاملارغا قارشى دۇنيا مىقياسى كېرەكلىك قارشىلىق كۆرسەتمىدى. ئەمما شۇنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى يىلاردىن بېرى جان تىكىپ قىممەتلىكلىرىنى قوغدىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ ھەقلىق كۈرىشىنى جان تىكىپ يەنە مىڭلارچە يىل داۋام قىلىشقا تەييار. تارىخ بويىچە زور ئەھۋالدا قالغانلارغا، ئېىزلگەن خەلقلەرگە ياردەم قىلغان تۈرك خەلقى ئۆز قېرىنداشلىرىغا قىلىنغان بۇ زۇلۇملارغىمۇ قاراپ تۇرمايدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ ھەقلىق كۈرىشىنى قوللايدۇ.

ئەسكەرتىش: پايدىلانغان مەنبەلەرنى ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسىدىن كۆرۈڭ.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Doğu Türkistan’ın Yakın Tarihi ve Uygur Türkleri

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top