You Are Here: Home » ئانا تىل » ئانا تىلنى قانداق قوغدايمىز؟ تىلىمىز قايتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پەن – مائارىپ تىلى بولالامدۇ؟

ئانا تىلنى قانداق قوغدايمىز؟ تىلىمىز قايتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پەن – مائارىپ تىلى بولالامدۇ؟

ئانا تىلنى قانداق قوغدايمىز؟

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى تەتقىقاتچى زىيالىيلار ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ شەخىس سۈپىتىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۇسۇلى بىلەن تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە:

1) ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار چۇقۇم ھەر كۈنى ئۇيغۇرچە خەۋەر، ماقالە ۋە كىتاب ئوقۇشقا ئاز بولسىمۇ ۋاقتىنى ئالاھىدە سەرپ قىلىشى كىرەك. شۇندىلا ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز تىلىنىڭ راۋان ۋە جانلىقلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

2) ئۇيغۇرلار ئائىلىدە ئۆز ئارا چوقۇم ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، بالىلار چۈشىنەلمەي قالارمىكى دەپ يات تىلنى ھەرگىزمۇ ئارىلاشتۇرماسلىقى كىرەك. ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلىيەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ساۋادىنىڭ چىقىشىنى ئاتا – ئانا ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا بىلىپ پەرزەنتلىرىگە ياردەم قىلىشى كېرەك. شۇندىلا كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ راۋان ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ئوقۇپ – يازالىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

3) ھەر كەسىپتىكى ماگېستىر ۋە دوكتورلارنىڭ ئۆز كەسپىگە ئائىت بۇرۇن نەشىر قىلىنغان كەسپىي ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇشى كېرەك. ھەركىم ئۆز ساھەسىدە كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىسىغا تايىنىپ، قىسقا كەسپىي ماقالىلەرنى يېزىپ تۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۇيغۇرچىدا بولمىغان يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلارنى ئىجات قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئەگەر ياسالغان سۆز ئۇيغۇرچىنىڭ تىل قائىدىسىگە ۋە كەسپىي مەنالارغا چۈشۈپلا قالسا، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تېزلا ئۆزلىشىدۇ- دە، ئۇزاققا قالماي ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىگە قوشۇلىشى مۇمكىن. شۇندىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا ۋە پەن – تېخنىكىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تىل ئىكەنلىكىنى ياتلارغا ئىسپاتلاپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەكرار ئۇيغۇر مائارىپىدا ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ كەسپىي كىتابلىرىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى قايتا كۆرگىلى بولىدۇ.

گەرچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىلمىي خىزمىتى ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەس رۇھىدا ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلارغا بېرىپ كەلگەن رۇھى ئۇزۇقى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىگە بېرىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس مىللىي مەۋجۇتلۇق ئۈمىدىدۇر.

ئۇيغۇر تىلى قايتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پەن – مائارىپ تىلى بولالامدۇ؟

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەر يىلى ئۇيغۇر ئانا تىل خاتىرىلەش پائالىيىتى، ئۇيغۇر ماگېستىر – دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ئەدىب، پەن – تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەر ئۇچرىشىشى قاتارلىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قايتىدىن پەن – مائارىپ تىلى بولالىشى ئۈچۈن تۆۋەنىكىدەك خىزمەتلەرنى قىلماقتا:

1) ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىمال دائىرىسى كۈندىن-كۈنگە تارىيۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ھازىر ئىنتايىن خەۋپ ئاستىدا قالماقتا. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مائارىپىدىن سىقىپ چىقىرىلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 10 يىلدىن بېرى بۇ خىل ۋەزىيەتنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى خاتىرلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى بۇ ئانا تىل يولىدا جان بېرىپ قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

2) خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئاجىز بىر ئېغىز تىلى ئىكەنلىكى ۋە ئەدەبىي يېزىق تىلى بولالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ كېرەكسىز بىر تىل سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، تونۇلغان تۈركولوگلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەدىمدىن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىك ۋە ئىپادىلەش كۈچىگە باي تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

3) ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا ۋە ئىلىم – پەندە ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقى، سۆزدە ۋە ئىپادىلەشتە كەمبەغەل بىر تىل دەپ قارىلىپ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن تىلى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلى مەڭگۈلۈك يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ ئون يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بارغان مۇھاكىمە يىغىنىلىرىدا، ئۇيغۇر ئەدىب، پەن – تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەرگە ئائىت ھەرخىل تېمىلاردا بەرگەن ئىلمىي دوكىلاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن تىلى بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.

خۇلاسە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۇيغۇرلار قىسقا ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش كېرەك، شۇندىلا ئۇيغۇر تىلى مائارىپ، پەن-تېخنىكا ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا رەسمىي ئىشلىتىلىدۇ ۋە قايتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پەن – مائارىپ تىلى بولالايدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top