You Are Here: Home » ئانا تىل » ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا ئانا تىل كۈنى

ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا ئانا تىل كۈنى

سايرام ئوغلانى كۆكئارت

تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان

ئىلاۋە:

ئانا تىل

ئاپتۇرى: سەرۋى

* * *

قەشقەرىيە تىلىسەن، خاقانىيە تىلىسەن،

خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇدنىڭ قەلىمىنىڭ كۈچىسەن،

نەۋائىغا لىرىكا بەخش ئەتكەن گۈزەل تىل،

ئۇيغۇرۇمنىڭ يىقىلماس غورۇرىنىڭ ھۇلى سەن.

* * *

ئوغۇزخاننى سېنىڭدە پۈتۈپ قويغان ئەجدادىم،

دەدە قۇرقۇت سېنىڭدە بولغان مېنىڭ خان تاجىم،

ئالتۇن يارۇق ئىچىدە پاساھىتىڭ پارلايدۇ،

قاغانلارنىڭ تىلىسەن گۇۋاھ مەڭگۈ تاشلىرىم.

* * *

تەڭرىقۇتلار سېنىڭدە ھۆكۈم بەرگەن ئەزىز تىل،

پىر چەڭگىمۇ سېنىڭدە غەزەل ئېيتقان گۈزەل تىل،

بارچە تىللار چېكىنەر پاساھىتىڭ ئالدىدا،

ساڭا قولنى باغلايدۇ باشنى ئىگىپ تۈگەل تىل.

* * *

قارغۇ شائىر سېنىڭدىن كۆرمىدىمۇ جاھاننى،

ئەتەبەتۇلھەقايىق بولۇپ قالدى يادكارى.

يۈكنەكىگە كۆز بولغان خاسىيەتلىك ئانا تىل،

دەيمەن ئۆزۈڭ ئەسلىدە بارچە تىلنىڭ سەردارى.

* * *

بىلگەن مەھمۇد ئۆزۈڭنى تىل بايلىقى كانى دەپ،

بىلگەن سېنى خاس ھاجىپ ئەقىللەرنىڭ جانى دەپ،

تۈركىي تىللار دىۋانى ياكى قۇتادغۇبىلىك،

ئىسپات ئېتەر دۇنياغا سېنى تىللار خانى دەپ.

* * *

نەۋائىمۇ تەن بەرگەن سىھىرلىنىپ جىلۋەڭدىن،

ئىقرارىنى شائىرنىڭ كۆرگىن چاھار دىۋاندىن.

خەمىسەنىڭ شۆھرىتى ساڭا مەڭگۈ قەرزدار،

قەلىمىگە رەڭ ئالغاچ شائىر پەقەت سېنىڭدىن.

* * *

كۆك تۈرك ۋە ئورخونچۈن تامغىدارىم ئانا تىل،

يارلىق بەرگەن جاھانغا ھۆكۈمدارىم ئانا تىل.

خاقانىيە ۋە ياكى ئىدىقۇتنىڭ باغرىدا،

داڭقى كەتكەن جاھانغا شەرەپ-شانىم ئانا تىل.

* * *

تەكلىماكان، تەڭرى تاغ، ئىلى، خوتەن ۋە تارىم،

شەھىدانە خوتەن ھەم ئەزىزانە قەشقىرىم،

تۇپرىقىدا يېتىلگەن ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتلىقنىڭ،

تومۇرىدا كۇۋەجەپ ئاققان قىزىل قان تىلىم.

* * *

قارا قاشلىق قوي كۆزلۈك ئۇيغۇرۇمچۈن شان تىلىم،

قەلب تۆرى بېتىدە تاجدار مەڭگۈ خان تىلىم.

ئەجدادلاردىن بىباھ قالغان مىراس ئەڭگۈشتەر،

بىر ساماۋى تەۋەررۈك، كېتەر سەنچۈن جان تىلىم.

* * *

2020 – يىلى، 20 – فېۋرال ئامېرىكا

1. خەلقئارا ئانا تىل كۈنى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

خەلقئارا ئانا تىل كۈنى (International Mother Language Day) بولسا ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەر شارىدىكى كۆپ خىل تىل، كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مىللىي كىملىكنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى، شۇنداقلا يادرولۇق ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان «ئانا تىل» نى ئاسراش ۋە قوغداش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىغان سىمۋول خاراكتېرلىق قۇتلۇق كۈن بولۇپ، بۇندىن ساق 21 يىل بۇرۇن، يەنى 1999 – يىلى 17 – نويابىر تۇنجى قېتىم ب د ت خەلقئارالىق پەن – مائارىپ، مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO يونىسكۇ United Nations Educational, Scientific and Cultural Organization) ئانا تىلغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن ھەر يىلى 21 – فېۋرال كۈنىنى «خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. ئارقىدىنلا ب د ت باش شىتابى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ تەستىقلانغان.

مەزكۇر بايرام 2000 – يىلى 21 – فېۋرالدىن ئېتىبارەن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك تىنچلىقنى كۈچەيتىش، يەر شارىدىكى كۆپ خىل تىللىق مۇھىتنى ساقلاپ قېلىش، ھەمدە بارلىق ئانا تىللارنى قوغداشنى ئالىي غايە ۋە ئىستىكى قىلغان. 2017 – يىلى 5 – ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ۋەتىنىمىزدە مائارىپ ساھەسىدىن، ئارقىدىنلا ئادەتتىكى ئالاقە ئىشلىرىدىنمۇ سىقىپ چىقىرىلىپ مەجبۇرىي چەكلەنگەن ئاناتىلىمىزنى مۇھاجىرەتتە قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن يىلدا بىر كېلىدىغان مەزكۇر ئانا تىل كۈنى، بولۇپمۇ بۇ يىلقى 21 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئانا تىل كۈنىدە ئانا تىلىمىز چەتئەللەردە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار، قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇنى ئەبەدىي قوغداپ قېلىش ئۈچۈن چارە – تەدبىر تۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەخىرسىزلىكى كۈنسىرى بىلىنمەكتە، ئاشكارا بولماقتا.

2. خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى

1758 – يىلدىن باشلاپ بابۇر شاھ دۆلىتى ئىدارە قىلىۋاتقان ھىندىستانغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان بۈيۈك بېرىتانىيە 1858 – يىلى ئەڭ ئاخىرقى بابۇر شاھ باھادىرخاننى بىكار قىلىپ، ھىندىستاننى بىۋاستە ئۆزىگە باغلىۋالغاندىن كېيىن ئۇدا 89 يىل ھازىرقى پاكىستان، كەشمىر، ھىندىستان، بېنگال ۋە بېرمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىپايان زېمىنلاردا بىۋاستە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەپ، ئۆزىنىڭ كۈنسىرى ئېشىۋاتقان خام ئەشيا ئېھتىياجىنى قامداپ كەلگەنىدى. ئەمما بۈيۈك بېرىتانىيەنى ھالسىراتقان ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئۇنى مەزكۇر مۇستەملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىدى. نەتىجىدە ئەنگلىيە ئەسلىدىكى بابۇر شاھ دۆلىتى تەۋەسىنى دىنىي ئېتىقاد بويىچە ئايرىپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بىر پۈتۈن بۈيۈك بابۇر شاھ دۆلىتى تەۋەسىنى بەش دۆلەت ۋە رايونغا پارچىلاپ تاشلىغان. ھازىرقى بېنگال ئەسلىدە شەرقىي پاكىستان بولۇپ، ئۇ ھازىرقى پاكىستان بىلەن بىرلىشىش سىياسىي مۇساپىسىدە بىر قىسىم ھوقۇقلىرى چەتكە قېقىلغاچقا، بېنگال خەلقى بىلەن پاكىستان ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. بۇ قانلىق ۋەقە دەل مەزكۇر خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەپ بولغان ھادىسىگە ئايلانغان.

1952 ـ يىلى 21 ـ فېۋرال ئەسلىدىكى شەرقىي پاكىستاندا ئوردۇ تىلىنى شەرقىي پاكىستاننىڭ بىردىنبىر تىلى قىلىش توغرىلىق پايتەخت ئىسلامئاباتتىن كەلگەن ھۆكۈمەت بۇيرۇقىغا نارازى بولغان شەرقىي پاكىستانلىقلار نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان. بىراق پاكىستان ھەربىي تەرەپ ئۆكتەملىك بىلەن ئوق چىقىرىپ ئاۋامنى قانلىق باستۇرغان. بۇ ۋەقە ئاخىرى شەرقىي پاكىستاننىڭ پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىقىپ، 1970 ـ يىلى بېنگال دۆلىتى نامىدا مۇستەقىل بولۇشى بىلەن خۇلاسىلەنگەن.

1962 – يىلىدىكى خىتتاي VS ھىندىستان

خىتاي – ھىندىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن پاكىستان تەرەپ تاكى يېڭى دېھلىغا 300 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جايغىچە قىستاپ كېلىپ ھىندىستاننى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن سابىق شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسى ئەسكەرلىرىنىڭ نۇرغۇن قان تۆكۈپ قايتا قولغا ئالغان ئاقسايچىن رايونىغا ئۆزلىرى ئىگىلەپ تۇرغان بىر قىسىم كەشمىر زېمىنىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن. بۇ قىلمىش ھىندىستاننىڭ قاتتىق ئوغىسىنى قايناتقان. نەتىجىدە 1970 ـ يىلى ھىندىستان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ئاستىدا قوراللىق ھۇجۇم قوزغاپ، بىر پۈتۈن پاكىستاننى پارچىلىۋەتكەن. بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى 1969 – يىلى مارتتىكى دامانىسكىي ئارىلى توقۇنىشىدىن كېيىن خىتايدىن ئۆچ ئالالماي، ئۇنىڭ سادىق ئىنىسى پاكىستاننى پارچىلىماقچى بولغان ھىندىستاننى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان. نەتىجىدە شۇ يىلى بېنگال دۆلىتى قۇرۇلۇپ، پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىققان. ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن 1952 – يىلى 21 – فېۋرال قانلىرى ئارقىلىق كۈرەش قىلغان بېنگاللىقلار شۇ پىداكارلىقى سەۋەپلىك دەل 18 يىلدىن كېيىن مۇستەقىللىق دۆلەت قۇرۇش ئىمتىيازىغا ۋە پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ھازىرمۇ 22 – فېۋرال بېنگالدا «تىل شېھىتلىرى كۈنى» نامى بىلەن خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.

1999 – يىلى 17 – نويابىر چارشەنبە كۈنى ب د ت (يونىسكۇ UNESCO) دەل شۇ ۋاقىتتىكى ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ئەسلەش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، ئەڭ مۇھىمى يۇقىرىقىدەك كۆپ خىل تىل ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك دۇنيا تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر قانلىق 21 – فېۋرالنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ تاللىغان.

3. ئانا تىلىمىزنىڭ ۋە ئۇنى ئىپادىلىگۈچى تەۋەررۈك يېزىقىمىزنىڭ قىممىتى نەدە؟

ئانا تىلىمىزنى يېقىنقى مىڭ يىلدىن بېرى راۋان ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولغان ئۇيغۇر – ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئۇل سالغان تەۋەررۈك يېزىقىمىز «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى» بولسا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن مەلىكۇل مەشرىق يۈسۈپ قادىرخانغىچە بولغان يۈز يىلدا پۇختا قېلىپلىشىپ «خاقانىيە يېزىقى» دەپ ئاتالغان بولسا، كېيىنچە «چاغاتاي يېزىقى» نامى بىلەن 20 – ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. يېقىنقى يۈز يىلدا خۇددى ئىگىلىرىدەك دەھشەتلىك بالا – قازالارنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىمىز يەنىلا شۇ پېتى ھەر قايسى مەتبۇئاتلار، گېزىت – ژۇرناللار ۋە تاراتقۇلاردا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تاراتقۇلىرىمۇ دەل مۇشۇ تەۋەررۈك يېزىقتا ھەر كۈنى ئەزىز خەلقىمىزگە دۇنيادىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر ۋە ئاخباراتلارنى دەل ۋاختىدا تەمىنلەپ بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشايلى! مىڭ يىلدىن بېرى ئانا تىلىمىزنىڭ جانلىق ۋە ئەدەبىي يېزىقى بولۇپ كەلگەن «خاقانىيە يېزىقى» نى ئۇيغۇر خەلقى ھەر خىل چارىلەر بىلەن ساقلاپ قالغان بولسا، غەرپتە بوشناقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بالقانلىقلار، تۈركلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاناتولىيە خەلقى، چېچەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كاۋكازلىقلار مەزكۇر خاقانىيە يېزىقىنىڭ راۋاجى بولغان ئوسمانىيە يېزىقىنى ئۇنتۇپ كېتىشتى. ھازىرمۇ ئۇلار لاتىن يېزىقى ياكى كېرىل يېزىقى ئارقىلىق ئانا تىلىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. شەرقتە خاقانىيە يېزىقىنىڭ ئۇرالدىن ئالتايغىچە قوللىنىپ كېلىنگەن راۋاجى «چاغاتاي يېزىقى» نى قوللىنىپ كېلىۋاتقان تاتارلار ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى قېرىنداش خوشنا مىللەتلەرمۇ ئۆز يېزىقىنى ساقلاپ قالالماي ئورۇسچە ئېلىپبە ئاساسىدىكى كېرىل يېزىقى بىلەن ئانا تىلىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. قىسقىسى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارزۇ قىلىدىغان يېزىقى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېزىقتۇر. بۇ نۇقتىدىن ھەر بىر ئۇيغۇر ئىپتىخارلىق ۋە شەرەپ ھېس قىلىشى، مىڭ يىلدىن بۇيان ئانا تىلىمىزنى ئۆز مىللىي يېزىقىمىز بىلەن قوغداپ كەلگەن بارلىق نامسىز قەھرىمانلار ياكى داڭلىق قەھرىمانلىرىمىزنى ۋە تۆھپىكارلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىپ تۇرۇشى لازىم! ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋارىسلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى كېرەك! شۇندىلا ئانا تىلىمىزنىڭ ئىستىقبالى ۋە كېلەچىكىدىن سۆزقىلغىلى بولىدۇ.

ئاخىرقى سۆز ۋە تەبرىكنامە

مانا بىز بۈگۈنكى 21 – فېۋرالدا 22 – قېتىملىق خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقان جاپاكەش ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار، ساخاۋەتچى بايلار، ئانا تىلىنى پۇختا ئۆگىنىشكە تىرىشىۋاتقان كېلەچەكنىڭ ئۈمۈدى بولغان ياش – ئۆسمۈرلەر، مەسئۇلىيەتچان ۋە جاپاكەش ئاتا – ئانىلار، جۈملىدىن ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان، بۇ ھەقتە كاللا قاتۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

2021 – يىلى 21 – فېۋرال

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top