You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » «قۇتادغۇ بىلىگ ۋە خىتاي پەلسەپەسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت» ئۈستىدە مۇلاھىزە

«قۇتادغۇ بىلىگ ۋە خىتاي پەلسەپەسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت» ئۈستىدە مۇلاھىزە

پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: قەلبىنۇر تەبەسسۇم

تۈرك تارىخىدا تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتى بولۇپ تونۇلغان قاراخانىلار دەۋرىدە، تۈرك مەدىنىيىتى نۇقتىسىدىن ئالاھىدە مۇھىم بولغان ئىككى شەخس يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بۇلارنىڭ بىرى مەھمۇد قەشقىرى، يەنە بىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپتۇر. مىللىتىمىز يېتىشتۈرۈپ چىققان بۇ ئىككى قىممەتلىك ئىنسانلاردىن مەھمۇد قەشقىرى تونۇلغان بىر «تىلشۇناس، مىللەتشۇناس، تارىخشۇناس، گىرامماتىكىشۇناس، دىئالىكتىكىشۇناس، جۇغراپىيەشۇناس، خەرىتىشۇناس، فولىكلورشۇناس، شائىر ۋە ئەرەپ تىلى ئەدەبىياتچىسى[1]» بولغان بولسا، يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ «دىن، رىۋايەت، دىنلارتارىخى، پەلسەپە، روھ بىلىمى، ئىلىم پەلسەپەسى، مائارىپ، ئائىلە تۈزۈلمىسى، ئەخلاق، ئايال، شاراپ، ماقال-تەمسىللەر ئىلىمى، قانۇن ۋە ئۆرۈپ-ئادەت، دۆلەت ۋە ئ‍وردا تەشكىلاتى، سىياسەت ۋە دىپلوماتيە، سىتراتىگىيە ۋە ھەربىي تاكتىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئېتونولوگىيە، مۇراسىم ۋە يىغىلىش قائىدىسى، دەستۇرخان قائىدىللىرى، مىللىي تەنتەربىيە ۋە ئويۇنلار، چۈش تەبىرى، ئاسترونومىيە، ماتىماتىكا، ھايۋانلار ئىلىمى (زوئولوگىيە)، ئەدەبىيات، شېئىر سەنئىتى، سەھنە سەنئىتى، تىبابەتچىلىك، دېھقانچىلىق، باقمىچىلىق ۋە باقمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، سودا-سېتىق، مال، قول سەنئەتلىرى، ئىقتىساد، قاتناش…[2]» قا ئوخشاش كەڭ ساھەلەردە بىلىم ساھىبى ۋە مۇكەممەل بىر ئىنىسكىلوپىدىيىچى ئىدى. بۇ سەۋەپتىن بىر- بىرىنى تولۇقلىغان بۇ ئىككى يىتۈك تۈرك ئالىمى يازغان ئەسەرلەردىن «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك» ۋە «قۇتادغۇ بىلىگ» لەرنىڭ قىممىتى ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن ئاللىقاچان بايقىلىپ، ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ئىدى. لېكىن بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ تۈركلەرنىڭ قولىدىن چىققىنىغا چىن پۈتمەيدىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇتتۇر. بەزىللىرى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدىكى دۇنيا خەرىتىسىنى ئەرەپلەردىن ئالغان دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىللىرى بولسا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يازغان «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق ئەسىرىنى بىر خىتايچە ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولسا لى چۈۋەن ئ‍وكاي  خانىمدۇر.

لى خانىم «يېڭى چۈشەنچە» ژورنىلىنىڭ   1994 – يىلى 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىكى 649 – سانىدا بېسىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ ۋە خىتاي پەلسەپەسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت» ناملىق ماقالىسىدە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» نى خىتاي مەدىنىيىتى تەسىرى ئاستىدا يازغىنىنى ئوتتۇرغا قويغان. بىز بۇ ماقالىدە لى خانىمغا بېرىشكە تېگىشلىك جاۋاپنى بېرىشكە تىرىشىمىز. لى خانىمنىڭ «يېڭى چۈشەنچە» ژورنىلىغا بېسىلغان ماقالىسىنىڭ ئاخىرىغا ئىلاۋە قىلىپ يېزىلغان خەتتە: «بۇ ماقالىنىڭ ھەممە كۆز قاراشلىرىغا قېتىلمايدىغانلىقىمىزنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دېققىتىگە سۇنىمىز.» ئىپادىسى بىلەن لى خانىمنىڭ بايانلىرىنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ لى خانىمنىڭ بايانلىرى تارىخى ھەقىقەت ۋە ئىلمىي چىنلىقتىن تولىمۇ ئۇزاقتۇر.

لى خانىمنىڭ ماقالىسىنىڭ كىرىش قىسىمىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» ئاتلىق ئەسەرنى «خىتاي مەدىنىيىتى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىلدى.» دىگەن بايانىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن …؟  نىڭ ئەرەب – پارس شاھنامە ۋە غەرب پەلسەپەسى تەسىرى ئاستىدا قالغانلىقى كۆز قارشىغا قېتىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىدۇر. لى خانىمنىڭ كۆز قارىشىچە «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ئاپتورى بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ ئەرەپ، پارس ۋە غەرپنىڭ تەسىرىدىن بەكرەك خىتاي پەلسەپەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرغان، كېيىن لى خانىم بۇ كۆز قارىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىل ئورنىدا تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بىز بۇنىڭغا تەرتىپ بويىچە تېگىشلىك جاۋاپنى بېرىمىز.

1. «بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خىتاي تىلىنى بىلىدۇ»

لى خانىمنىڭ تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرغا قويغان دەلىلى بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ خىتاي تىلىنى بىلىشىدۇر. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قەدەر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ خىتاي تىلىنى بىلىدىغانلىقى ھەققىدە قولىمىزغا چىقققان ھېچقانداق بىر بەلگە يوق. لى خانىم ئا. دىلئاچارنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتى ناملىق ئەسىرىدە بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ «چەتئەللەر تىللىرىدىن ئەڭ بولمىغاندىمۇ فارسچە، ئەرەپچە، سوغداقچە ۋە خىتايچىنى بىلەتتى.» شەكلىدىكى تەخمىنى كۆز قارشىغا شەكسىز ئىشەنمەكتە. بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ خىتاي تىلىنى بىلىشى «ئەسەرنى خىتاي مەدىنىيىتى تەسىرى ئاستىدا يازدى.» مەنىسىگە كەلمەيدۇ. چۈنكى خىتاي تىلىنى بىلگەن ئادەم خىتاي مەدىنىيىتى تەسىرى ئاستىدا قالدىغان بولسا  ئەرەپچە، پارسچە، سوغداقچە تىللىرىنى بىلگەن يۈسۈپ ئوخشاشلا ئەرەپ، پارس، سوغداق مەدىنىيەتلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى دېگەن بىلەن ئوخشاش. ئەمما ئىشنىڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى لى خانىم يۈسۈپنىڭ ئەرەپ، پارس، سوغداق  مەدىنىيەتلىرى ئاستىدا قالغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.

2. «تۇرپاندا خىتاي قەدىمكى ئەسەرلىرى كەڭ قوللىنىشقا باشلىدى. بەزى قەدىمكى ئەسەرلەر يەرلىك تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، مەكتەپلەردە دەرسلىك كىتابى قىلىنىپ ئوقۇتۇشقا باشلىدى»

خانىم! يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ياشىغان دەۋرىدە تۇرپان ئۇيغۇرلىرى تېخىچە بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلىۋاتقان بولسا، قاراخانىلار تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىپ مۇسۇلمان بولغان ئىدى. قاراخانىلار بىلەن تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ سەۋەپتىن ئېلىپ بارغان ئۇرشلىرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تە ناھايىتى ئوچۇق بىر شەكىلدە بايان قىلىنغان. بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» نى يازغان ۋاقىتلىرىدا، بەشبالىقلىق سىڭكۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغان ئەسىرى «ئالتۇن يارۇق» قاراخانىلاردا تېخى تونۇلمىغان[3]. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرپاندىن تېپىلغان تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەنلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى دىنىي خاراكتېرلىك ئەسەرلەردۇر. خىتاي پەلسەپەسى ۋە ياكى ئەدەبىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئانچە ئۇچىرمايدۇ. لى خانىمنىڭ ماقالىسىدە كۆرسەتكەن كىتاپلارنىڭ ھەمممىسى خىتايچە كىتاپلاردۇر. لى خانىم بۇنىمۇ ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن  تۇرپانلىقلارنىڭ خىتاي تىلى بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە لىياڭ تارىخىدىكى «بۇ دەۋردە گاۋچاڭ دۆلىتىدە ياشايدىغانلارنىڭ ئىشلەتكەن يىلى خىتاي تىلىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ» ئىپادىسىگە يەر بېرىدۇ. ئەمدى لى خانىمدىن سوراپ باقايلى:

خىتايچە بىلەن تۈركچىنىڭ قەيىرى ئوخشايدۇ؟ ئېلىپبەسى ئوخشاشمۇ؟

– ياق!

– تەلەپپۇزى ئوخشاشمۇ؟

– ياق!

– گرامماتىكىسى ئوخشاشمۇ؟

– ياق!

– ئۇنداقتا بۇ مەسىلىدە ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشكە مەجبۇرمىز.

3. «قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان ئارخولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈشتە ئېرىشىلگەن بەلگىلەرگە قارىغاندا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەر ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا خىتايچە كەڭ قوللىنىلغان»

خىتايلارنىڭ شەرقى تۈركىستان نوپۇسىنىڭ 50% دىن كۆپ قىسىمىنى تەشكىل قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتايچە بىلىدىغانلارنىڭ نىسپىتى 10% دىن ئاشمايدىغان تۇرۇپ، 10 – ئەسىردە  بىر تال خىتاي تاپقىلى بولمايدىغان قەشقەردە قانداق بولۇپ خىتايچە كەڭ قوللىنىغان؟ خىتايچە بەلگىلەرنىڭ تېپىلىشى قەشقەردە ياشىغان خەلىقنىڭ خىتايچە سۆزلىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. يۈۋەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېيجىڭدىكى ئېمپراتۇر ئوردىللىرىدا كورىيەدىكى چوسۇن ئوردىللىرىدا ئۇيغۇر تىلى دېپلۇماتىك تىل سۈپىتىدە ئىشىلتىلەتتى، مەكتۇپلارمۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلاتتى[4]. بىز بۇنىڭغا ئاساسەن ئەينى دەۋردىكى كورىيەلىكلەر، خىتايلار ئۇيغۇرچە سۆزلىشەتتى دىيەلەمدۇق؟ ھەر دۆلەتتە، ھەر قەۋىمدە بولغىنىغا ئوخشاش بەزى كىشىلەرنىڭ چەت ئەل تىللىرىنى بىلىشى ناھايىتى نورمال بىر ئىش. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنىڭ يات ئەل تىللىرىنى قوللانغانلىقىنىڭ دەلىلى بولالمايدۇ.

4. «بۇ كىتاپ تولىمۇ ئەزىز بىر كىتاپتۇر. ئۇ چىن ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن بېزەلگەن ۋە ماچىن ئالىملىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەن زىننەتلەنگەندۇر»

«قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ نەسىرىي شەكىلدىكى بۇ كىرىش سۆزى لى خانىمنىڭ ماقالىسىنى يېزىشتىكى ئاساسى سەۋەبى بولىشى مۇمكىن. لى خانىم بۇ كىرىش سۆزنى تۇتىۋىلىپ  ئۆز ئىدىيىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن، كۆز قاراشلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ تۇرۇپ يازغان. ئەجىبا لى خانىم «قۇتادغۇ بىلىگ» تىكى چىن ۋە ماچىننىڭ كۈنىمىز جۇغراپىيەسىدىكى خىتاينى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ  «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئاتلىق ئەسىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «تاۋغاچ ماچىننىڭ ئىسمىدۇر، بۇ يەر خىتايدىن تۆت ئايلىق بىر مۇساپە ئۇزاقلىقتىدۇر. چىن ئەسلىدە ئۈچ بۆلەكتىن ئىبارەتتۇر. بىرىنجىسى يۇقىرى چىن بولۇپ، شەرىقتە. بۇنىڭ ئىسمى تاۋغاچ. ئىككىنجىسى ئورتا چىندۇر، ئۇنى خىتاي دەيدۇ. ئۈچىنجىسى تۆۋەنكى چىن بولۇپ، بۇنىڭغا بارخان ئىسمى بېرىلگەن، بۇ قەشقەردۇر. لېكىن ھازىر ماچىن تاۋغاچ دەپ تونۇلغان. خىتاي دۆلىتىگىمۇ چىن دېيىلگەن. تاۋغاچ تۈركلەرنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ دىيارلاردا ئولتۇرىدۇ. بۇ كەلىمىدىن ئېلىپ ئۇلارغا  «تات تاۋغاچ» دېيىلىدۇ، يەنى ئۇيغۇر دېمەكتۇر[5]. ئاتاقلىق خىتاي تۈركولوگ گېڭ شى مىن ماچىننى قاراخانىلار سۇلالىسى دەپ قارايدۇ[6]. يۇقىرىقىلار «قۇتادغۇ بىلىگ» تە تىلغا ئېلىنغان چىن ۋە ماچىننىڭ بۈگۈنكى خىتاي ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

بوپتۇ، بۇنىمۇ بىر تەرەپكە قويۇپ تۇرايلى، پروفېسىسور ئەھمەد جافەرئوغلۇ «تۈرك تىلى تارىخى» ئاتلىق كىتابىدا «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ كىرىش سۆزى بىلەن ئالاقىدار بولغان ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويماقتا. بۇ يەردە جافەرئوغلىنىڭ كۆز قارشىنى ئەينەن ئالىمىز. كىلاسسىك قەشقەر ئەدەبىي تۈركچىسىنىڭ ھازىرقى كۈنىمىزچىلىك ئەڭ قەدىمىي نەسىرى نۇسخىسىنى، «قۇتاغۇبىلىك» كە ئاپتورى نامەلۇم بولغان بىر كىرىش سۆزى قېتىلىپ تەشكىل قىلماقتا. بۇ كىرىش سۆزىنىڭ يېزىلغان تارىخىمۇ نامەلۇمدۇر. ئەسەرگە قېتىلغان بۇ كىرىش سۆزىنى ئەسەرنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلاردىنمۇ چۈشىنەلەيمىزكى، ھەرگىزمۇ يۈسۈپ تەرىپىدىن يېزىلغان ئەمەستۇر. چۈنكى ئەسەر ئەينى دەۋرنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھۆكۈمدارىغا سۇنىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاپتورنىڭ كېرەك بولغان ئەدەپ – قائىدىنىڭ سىرتىغا چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئەمما كىرىش سۆزىدە مۇبالىغىلىك بىر شەكىلدە ئەسەرنىڭ شۆھرىتىدىن ۋە چىن، ماچىن،  تۇران،  ئىران … غا ئوخشاش  كۆپ ئەللەردە كۆپ خىل تىللاردا، كۆپ خىل ئىسىملار بىلەن ئاتىلىپ، ماختىلىشقا ۋە ئەزىز كۆرىلىشكە ئېرىشكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. لېكىن بۇنىڭغا ئەينى زاماندا ماددى ئىمكان يوق ئىدى. ھېچ سۈبىھىسىزكى يۈسۈپ ئۆز دەۋرىنىڭ شەرق ئەخلاقىغا ھاكىم، مەدىنىيەتلىك بىرى شەخسىيەت ئىدى. بۇ سەۋەپتىن بۇ نامۇۋاپىق ۋە بىر بىرگە ماس كەلمىگەن كىرىش سۆزنى يۈسۈپكە ئارتىپ قۇيۇش ناھايىتى چوڭ ھەقسىزلىق ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كىرىش سۆزنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىمۇ بۇنى كۆرسىتىۋاتىدۇ ۋە يەنە ھەر ئۈچ نۇسخىدىكى مۇندەرىجىلەرمۇ بىر – بىرىدىن پەرىقلىق ۋە تەرتىپسىز بولۇپ، بۇمۇ ئەسەرگە ئاپتوردىن باشقا يەنە بىرىنىڭ شېرىك بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە[7].

ئەمدى بىر ئويلاپ باقايلى، بىر ئەسەر تېخى مەتبۇئاتلاردا بېسىلماي تۇرۇپ، چىندە «ئەدەبۇل مۈلك»، ماچىندا «ئاينۇل مەملەكە»، ئىراندا «شاھنامەئى تۈرك» دەپ ئاتىلىپ، بۇنچە تېز داڭق قازىنىپ كېتىدۇ؟ مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ قارىساق «قۇتادغۇ بىلىگ» تىكى كىرىش سۆزىنىڭ ئەسەردىن كېيىن قېتىلغانلىقى ئوچۇقتۇر.

لى خانىم يۇقىردا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمزدەك ساختا دەلىللەردىن تېخىمۇ جاسارەتلىنىپ، ھەددىدىن ئېشىپ، ھەتتا بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» تە قوللانغان ئۇسلۇبىنىمۇ خىتاي مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مىسال قىلىپ ئالساق، لى خانىم شۇنداق دەيدۇ: «ئۆگدۆلمۈش ۋە ئودغۇرمىشنىڭ ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆھبەتتە، ئىنساننىڭ نىمە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۆگدۈلمۈشكە نىسپەتەن ئىنسان، ھۆكۈمدارىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ خەلىققە ياخشىلىق قىلىپ ئۆتىشى لازىمدۇر. ئودغۇرمىشقا نىسپەتەن ئىنسان شەھەر ھاياتىدىن يىراقلىشىپ، ئۆزىنى خىلۋەتكە تارتىشى  ۋە ئۆزىنى ھەرخىل يامانلىقلاردىن تازلىشى لازىمدۇر. بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ بىر – بىرىگە زىت بولغان بۇ ئىككى كۆز قاراشنى تەڭپۇڭ بىر ھالەتتە ئوتتۇرغا قويماقتا، قايسىسىنىڭ توغرا قايسىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دېمىگەن»، «بۇ تۈردىكى يېقىنلىشىشنى خىتاي پەلسەپەسىدە ناھايىتى كۆپ ئۇچىرتىمىز».

خۇش، ئىككى كىشىنىڭ بىر – بىرىگە قارمۇ – قارشى نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ مۇنازىرە قىلىش ئۇسۇلى تۈرك خەلق ئەدەبىياتىدا ئەزەلدىن بېرى قوللىنىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇسلۇپتۇر. «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تە يېزىلغان «قىش بىلەن يازنىڭ تارتىشىشى» بۇنىڭ ئەڭ گۈزەل مىسالىدۇر. تارتىشما تۆۋەندىكىدەك داۋام قىلىدۇ :

قىش:

قىش يايگارۇ ساۋلايۇر،                 مەنىسى: قىش يازغا قارشى سۆزلەيدۇ،

ئەر، ئات مېنىن ياۋرايۇر،               مەنىسى: ئەر، ئات مەن بىلەن كۈچلىنىدۇ،

ئىلگىلەر يەمە ساۋرايۇر،                مەنىسى: كېسەللىكلەر ياخشىلىنىدۇ،

ئەت يىن تاكې بەكرىشۈر.              مەنىسى: ئەت ۋە بەدەن كۈچلىنىدۇ.

ياز:

تۇملىغ كېلىپ كاپسادى،                مەنىسى: سوغۇق كېلىپ ئورىدى،

كۇتلۇغ ياياىغ تەپسەدى،               مەنىسى: قۇتلۇق يازغا ھەسەت قىلدى،

كارلاپ ئاژۇن ياپسادى،                 مەنىسى: قار دۇنيانى ئورىدى،

ئەت يىن ئ‍ۈشۈپ ئەمرىشۈر.            مەنىسى: ۋۇجۇت توڭلاپ تىترىدى.

قىش:

سەندە كوپار چادانلار،                  مەنىسى: سەندە چىقار چايانلار،

كۇدغۇ سىڭەك يىلانلار،                  مەنىسى: پاشا يىلانلار،

دۈن مىڭ كايۇ تۈمەنلەر،                مەنىسى: مىڭلارچە ئون مىڭلارچە،

كۇدرۇك تىكىپ يۈگرۈشۈر.              مەنىسى: قۇيرۇق تىكىپ يۈگرۈشۈر.

ياز:

سەندەن كاچار سۇندىلاچ،             مەنىسى: سەندىن قاچىدۇ بوزتورغاي،

مەندە تىنار كارلىگاچ،                  مەنىسى: مەندە تۇرىدۇ قارلىغاچ،

تاتلىغ ئۆتەر ساندىغاچ،                مەنىسى: تاتلىق سايرايدۇ بۇلبۇللار،

ئەركەك تىشى ئۇچراشۇر[8].          مەنىسى: ئەركەك چىشى ئۇچرىشۇر.

مۇنازىرە بۇ شەكىلدە داۋاملىشىدۇ، ئاخىرىدا قىش ۋە يازنىڭ قايسىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئېنىق دېيىلمەيدۇ. يەنى ياز بىلەن قىشتىن ئىبارەت تەبىئەت ھادىسلىرىنىمۇ مۇنازىرىلەرگە قاتالىغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۆگدۆلمۈش بىلەن ئودغۇرمۇشنى ئۆزئارا مۇنازىرىگە سېلىشى شۈبىھىسىزكى ناھايىتى تەبىئى بىر ئىشتۇر، بۇ ئۇسلۇبنى خىتايدىن ئەكىرىشكە ئېھتىياج يوقتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ قەيەردە ۋە قانداق تەلىم – تەربىيە ئالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتىم يوق دېگەن لى خانىم، يۈسۈپنىڭ «پايدىلانغان بولىشى مۇمكىن بولغان» ياكى «ئوقۇغان بولىشى مۇمكىن بولغان» خىتايچە كىتاپلارنى تىزىپ چىقىدۇ  ۋە بۇ كىتاپلار بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ» ئارىسىدىكى ئوخشاشلىقلارنى تۇتۇشقا ئۇرىنىدۇ. «ئوخشايدۇ» دېگەن يەرلىرىنى ئوچۇق  سۆزلىمىسىمۇ خىتاي پەلسەپەسىدىن ئېلىنغان دېگەنگە ئۇرىنىدۇ. مەسىلەن، ۋاڭ فەب چىڭنىڭ شېئىرلىرىنى توپلىغا «ۋاڭ فەن چى شى چىياۋ» ناملىق ئەسەرنى مەزمۇن جەھەتتىن «قۇتادغۇ بىلىگ» كە ئوخشايدۇ، بالاساغۇنلۇق يۈسۈپنىڭ بۇ ئەسەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرشىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار.

لى خانىم تىلغا ئ‍الغان كىتاپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن قايسى تەرەپلەردىن ئوخشاشلىقىنى ئوتتۇرىغا  قويمايدۇ، پەقەتلا مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشايدۇ دېيىش بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ. ئوخشايدۇ دېگەن تەرەپلىرىمۇ «ئىككى ئادەمنىڭ بىر- بىرگە قارشى پىكىردە مۇنازىرلىشىشى»، «كىشىلەرگە پەند- نەسىھەت بېرىشى»، «مۇۋەپىقىيەت قازانغان ۋەزىرنىڭ قانداق بولىشى كېرەكلىكى» ۋە باشقىلاردىن ئىبارەتتۇر. پەقەت شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، يۈسۈپ قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ سارىيىدا يۇقىرى مەنسەپتە بولغان بىر ئىنساندۇر. ئۇنىڭ دۆلەت، ئەخلاق، جامائەت، باشقۇرغۇچى ئورگانلار بىلەن باشقۇرۇلغۇچى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغۇرسىدىكى بىر قىسىم پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويىشى ھەيران قالغۇدەك بىر ئەھۋال ئەمەس. مەسىلىگە ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىساق، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر شەكلىدە بەلگىلىك ئوخشاشلىقلارنىڭ بولىشى تەبىئىدۇر. مىسالەن، لاۋزىغا ئائىت بولغان: «ماڭا ياخشىلىق قىلغانلارغا مەنمۇ ياخشىلىق قىلىمەن، ماڭا ياخشىلىق قىلمىغانلارغا مەن يەنە ياخشىلىق قىلىمەن.[9]» پىكرى ئىنجىلدىمۇ، ئىسلام دىنىدىمۇ باردۇر.  پۈتۈن دىنلارنىڭ ئەخلاق نىزاملىرىغا قارىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ يەردە يەنە بىر باشقا مىسال كەلتۈرىمىز. خىتاينىڭ زامانىۋى شائىرى جىياڭ كې جىيا نىڭ «بەزى كىشىلەر ئاللىبۇرۇن ۋاپات تاپقان بولىشىغا قارىماي ئىسمىنىڭ تا ھازىرغىچە ياشاۋاتقانلىقىنى، بەزى  كىشىلەرنىڭ ھايات ياشاۋاتقان بولسىمۇ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ بولغانلىقنى» چۈشەندۈرگەن «بەزىلەر» ناملىق داڭلىق بىر شېئىرى بار. ئەمدى بىز 12- ئەسىر شائىرلىرىمىزدىن ئەدىب ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەققايىق» ناملىق ئەسىرىدىكى بۇ مىسرالىرىغا قاراپ باقايلى:

بىلىگلىك ئەر ئۆلدى ئاتې ئۆلمەدى،

بىلگسىز تىرىگ ئەركەن ئاتې ئۆلۈگ[10].

مەنىسى: بىلىملىك ئەر ئۆلسىمۇ نامى ئ‍ۆلمەيدۇ،

بىلىمسىزنىڭ تىرىككەن نامى ئۆلۈر.

خۇش، ئۇنداقتا بۇ پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق ئوخشاشلىقلار يوقمۇ؟ بولسا كىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرغان؟

خۇلاسە كالام، بۇ ھەقتە بۇرۇنمۇ بەزى كۆز قاراشلار ئوتتۇرغا چىققان ۋە باشتا فۇئات كۆپرۈلۈ قاتارلىق بىلىم ئىگىللىرىدىن ئېلىشقا تېگىشلىك جاۋاپنى ئالغان ئ‍ىدى. مەسىلەن: ئۆتمۈشتە «قۇتادغۇ بىلىگ» تە خىتاي تەسىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئۇنى «ئېنىق بولمىغان بىر خىتايچە ئەسەرنىڭ تۈرك ئەھۋال ۋە ئالاھىدىلىكلىرىگە تۈرك دۇنيا قارىشى ۋە ئىدىيەلىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان بىر تەرجىمىسىدۇر» دىيەلىگۈدەك دەرىجىدە ھەددىدىن ئاشقان سۇرى جوسۇفقا ئ‍وخشاش بەزى تەتقىقاتچىلار ئ‍ۆتكەن ئىدى. پروفېسىسور دوكتور م. فۇئاد كۆپرۈلۈ، پروفېسسور ئەھمەد جافەر ئوغلۇ بۇ كۆز قاراشلارنى كەسكىن بىر تىلدا رەت قىلغان ئىدى ۋە بۇ كۆز قاراشلارنىڭ يۈزەكى قاراش ئىكەنلىكىنى دەلىل ۋە ئۆرنەكلىرى بىلەن كۆرسەتكەن ئىدى. جافەرئوغلۇ «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ئېنىق بولمىغان بىر خىتايچە ئەسەرنىڭ تۈرك ئەھۋال ۋە ئالاھىدىلىكلىرىگە، تۈرك دۇنيا قارىشى ۋە ئىدىيەلىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان بىر تەرجىمىسى بولماستىن پۈتۈنلەي ئەسلى نۇسخا بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى[11]، فۇئاد كۆپرۈلۈمۇ «قۇتادغۇ بىلىگ» تىكى خىتاي تەسىرىنىڭ ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدىكى چىرايلىق ئېيتىلغان بەزى سۆزلەرنىڭ ئىشەنچىلىك دەپ قارالغانلىقىدىن پەيدا بولغان ۋە زورلاپ بەزى ئوخشىتىشلار بىلەن پىكرىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان ناھايىتى يۈزەكى ۋە شەخسى بىر چۈشەنچىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى[12]. بۇنىڭدىن بۇرۇن خ. ۋ. ۋامبەرىمۇ ئەسەرنىڭ خىتايچە ۋە ياكى فارسچە بىر كىتاپنىڭ تەرجىمىسى ۋە ياكى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىنغان دېگەن كۆز قاراشتا بولغان، يىقىندىن تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ تۈرك ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتكەن ئىدى[13].

يۇقىرقىلاردىن كۆرەلەيمىزكى، لى خانىمنىڭ كۆز قاراشلىرى يىڭى ۋە ئۆزگۈمۇ ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا مىللەت  مەدىنىيىتىنىڭ ئۇل ئاساسى بولغان ئەسەرلىرى توغرسىدا پىكىر، كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويغاندا قاتتىق دېققەت قىلىشنى ۋە ئوبىكتىپ بولىشنى، ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئىلمىي تەپەككۇر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ماقالە مەنبەسى:

«قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن خىتاي پەلسەپەسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت  ئۇستىدە مۇلاھىزە، تۈرك تىلى ژورنىلى، تۈركىيە تىل كومىتېتى، 514-سان، ئەنقەرە، 1994-يىل، 284 – 290 – بەتلەر

پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1] ئا. دىلاچار، قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقاتى، تۈرك تىل جەمئىيىتى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1972-يىل، 145-بەت

[2] ئا. دىلاچار، قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقاتى، تۈرك تىل جەمئىيىتى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1972-يىل، 145-بەت

[3] پىروفېسسور ئەھمەت جافەرئوغلۇ، تۈرك تىلى تارىخى، ئېندېرۇن كىتابخانىسى، ئىستانبۇل، 1984-يىل ، 56-بەت

[4] دوكتور خى سۇلى، ئىسلام ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ يىراق شەرققە تارقىلىشى، تۈركىيە دىيانەت فوندى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1988-يىل، 174-بەت

[5] پىروفېسسور ئەھمەت جافەرئوغلۇ، تۈرك تىلى تارىخى – 2 ، 31 – بەت

[6] گېڭ شىمىن، ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرلىرى (خىتايچە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇرۇمچى، 1982 – يىل، 133 – بەت

[7] پىروفېسسور ئەھمەت جافەرئوغلۇ، تۈرك تىلى تارىخى – 2، 85 – بەت

[8] بۈيۈك تۈرك كىلاسسىك ئەسەرلىرى – 1 ، ئۆتۈكەن-سۈغۈت، ئىستانبۇل، 1985 – يىل، 127 – بەت

[9] ئۆمەر رىزا دوغرۇل، دىنلار تارىخى، ئىنقىلاپ كىتاپ نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 156 – بەت

[10] بۈيۈك تۈرك كىلاسىك ئەسەرلىرى – 1، 160 – بەت

[11] پروفېسىسور ئەھمەد جافەر ئوغلۇ، تۈرك تىلى تارىخى، 55 – بەت

[12] پروفېسسور م. فۇئاد كۆپرۈلۈ، تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى، ئۆتۈكەن، ئىستانبۇل، 1986 – يىل، 168 – بەت

[13] مەھمەت قارا، ئوخشىمىغان نوقتىدىن قۇتادغۇ بىلىگ، بىرلەشىك داغىتىم نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1990 – يىل، 18 – بەت

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top