You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » كۋانت كومپيۇتېرى مىنۇت ئىچىدىلا ھازىرقى شىفىرلاش تېخنىكىسىنى يېشىۋېتەلەيدۇ

كۋانت كومپيۇتېرى مىنۇت ئىچىدىلا ھازىرقى شىفىرلاش تېخنىكىسىنى يېشىۋېتەلەيدۇ

تەرجىمىدە ئادىلجان

سانلىق مەلۇماتنىڭ ھەممىسى ئاشكارا بولىدىغان كەلگۈسىگە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، كۋانت كومپيۇتېرى نۆۋەتتىكى شىفىرلاش تېخنىكىسىدا شىفىرلانغان بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىۋېتەلەيدۇ، بۇ ئەھۋال قىسقىغىنە نەچچە يىلدا كۆرۈلىدۇ. IBM تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئاگاھلاندۇرۇپ، كۋانت كومپيۇتېرى نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا بۈگۈنكى ئەڭ كۈچلۈك بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن شىفىرلىق سانلىق مەلۇماتلارنى يېشىۋېتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كۋانت كومپيۇتېر تېخنىكىسى شىددەت بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىنىۋاتقان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

كومپىيۇتېر شېركىتى IBM تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئارۋىند كرىشنا مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىز سانلىق مەلۇماتىڭىزنى ئون يىلدىن ئۇزاق ۋاقىت قوغدىماقچى بولسىڭىز، ھازىردىن باشلاپ باشقا شەكىلدىكى شىفىرلاش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىڭ.»

كىرىشنانىڭ قارىشىچە، بىر خىل كىرىستال پەنجىرە مەيدانى دەپ ئاتىلىدىغان شىفىرلاش ئۇسۇلى كۋانت كومپيۇتېرىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خوش خەۋەر شۇكى، بۇ خىل شىفىرلاش ئۇسۇلى نۆۋەتتىكى شىفىرلاش ئۇسۇلىغا ئوخشاش يۇقىرى ئۈنۈملۈك، شۇڭا بەك كۆپ تەننەرخ كەتمەيدۇ.»

نۆۋەتتە كۋانت كومپيۇتېرى بەك ئاز ئۇچرايدۇ، بەكلا قىممەت، ئەمما كۆپلىگەن ھەل بولماي كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى مۇمكىن.

كۋانت كومپيۇتېرى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندىن باشقا، يەنە كۆپ مىقداردىكى بايلىقنى تېجىشى مۇمكىن، چۈنكى مۇلازىمېتىر توپىنىڭ سانى شىددت بىلەن ئېشىپ، بىت تەڭگىسى قاتارلىقلارنىڭ ھېسابلاش ئېھتياجى توختىماي ئاشىدۇ. گەرچە ھەر قېتىملىق ھېسابلاشقا نەچچە ۋات توك كەتسىمۇ، ئەمما ئەگەر ئەنئەنىۋى سىستېمىدا ھېسابلانسا نەچچە مۇلازىمېتىر توپى بولغاندىلا ئاندىن ھېسابلاپ چىققىلى بولۇشى مۇمكىن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top