You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » «شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسى ۋە مىللىي قىرغىنچىلىق» دوكلاتى

«شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسى ۋە مىللىي قىرغىنچىلىق» دوكلاتى

شەرقىي تۈركىستان دوكلاتى: شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى ۋە مىللىي قىرغىنچىلىق

ئاكادېمىيە رەئىسىمىز پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەھرىرلىكىدە، ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن مەمەت توختى ئاتاۋۇللا، م. تەڭرىقۇت، نۇرىددىن ئىزباسار ۋە يالقۇن ئۇلۇغيولنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسى ۋە مىللىي قىرغىنچىلىق» ناملىق شەرقىي تۈركىستان دوكلاتى تەييارلاندى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتقان تۈرك تەتقىقاتچىلار ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۈچۈن ئىشەنچلىك بىر مەنبە مەيدانغا كەلدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تېزدىن ئاخىرلىششى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بۇ ھايات – ماماتلىق قېيىن كۈندە، تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈرك مىللىتىدىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ئەمەلىي قوللاپ – قۇۋۋەتلەشكە چاقىرىق قىلىمىز.

شۇنداقلا، بۇ دوكلات تۈركچە يېزىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا كەڭ تارقىتىپ ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنىڭ پ د ف نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرەلەيسىز: Doğu Türkistan Raporu – 2021

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top