You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرى

مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرى

مارشال ئەلىخان تۆرە (2-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى)

ئازاتلىق ۋە مۇستەقىللىقنىڭ بىرىنچى شەرتى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، پىداكارلىق ۋە چىداملىقتۇر. ۋەتەن يولىدا ئالدىمىزغا چىقىدىغان ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش، ھەر ئىشقا ھۆرلۈك نۇقتىسىدىن قاراپ، شەخسىي مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بىر جان، بىر تەن بولۇپ ۋەتىنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە مۇستەقىللىقىمىزنىڭ ئەبەدىي بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا بىرلىشەيلى ۋە بۈگۈن زەپەر قازانغان ئەسكەرلىرىمىزگە ئوخشاش تەشكىلى بىر شەكىلدە ۋەتىنىمىزنى قوغدايلى.

پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەدىر غازىتىدا مۇنداق دېگەنىدى:

«ھەممىڭلارغا مەلۇمكى، پانىي ئالەمدە ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن، ئۇنىڭغا ئەڭ ئەھمىيەت بەرگەن تۆت نەرسىسى باردۇر. بۇ تۆت نەرسىگە ئىگە بولالمىغان كىشى، ئىنسانلىق شەرىپىدىن مەھرۇمدۇر»

بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، ھەر كىشىنىڭ مۇستەقىل ئىرادىگە، ھۆرلۈككە ئىگە بولۇشىدۇر. ھۆر ئىرادىسى بولمىغان، ھېچبىر پىرىنسىپى بولمىغان كىشىنىڭ ھايۋاندىن نېمە پەرقى بار؟

ئىككىنجىسى، كىشىنىڭ شۇغۇللانغان كەسپى سايىسىدە ھالال يولدىن قولغا كەلتۈرگەن بايلىقى، يەنى ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئىگە بولىدىغان بايلىقى، ئۇنىڭغا خاس مال – مۈلكىدۇر.

ئۈچىنچىسى، ھەر مىللەت ئۈچۈن ھەقىقىي بىر ئانا بولغان، تۇپرىقىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئۆزىگە ئاتىسىدىن مىراس قالغان ۋەتەندۇر. ئانا ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى باشقىلارنىڭ قولىغا بېرىپ قويۇش، ۋەتەن ئەۋلادى ئۈچۈن كەچۈرگۈسىز ئېغىر جىنايەتتۇر. بۇ بەلكىم ئىنسان ھەقلىرىگە قارشى قىلىنغان بىر جىنايەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى كېرەك.

تۆتىنچىسى، بىر مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن مۇقەددەس دىنىدۇر.

يۇقىرىدا تىلغا ئالغان تۆت نەرسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، مىللەتنىڭ پۈتۈن ھەقلىرىنىڭ، يەنە شۇ مىللەتنىڭ ئۆز قولىدا بولۇشى زۆرۈردۇر. بۇ پانىي ھاياتنىڭ كۆرەش مەيدانلىرىدا پەقەت دۈشمەنگە قارشى غەلىبە قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. مانا بۇ سايىدە مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۆز قولىدا بولىدۇ. مىللەت پەقەت بۇ شەكىلدە پۈتۈن ھەقلىرىنى ئۆزى قوغدىيالايدۇ. ئەگەر بۇنداق بولماي دەل ئەكسىچە بولسا، مىللەت مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولۇپ، ۋەتەنگە ئاسارەت ۋە مۇستەملىكە بويۇنتۇرىقى سېلىنىپ، دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالسا، بۇنداق مىللەت پۈتۈن ئىنسانىي ھەق – ھوقوقلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بىباھا تۆت نەرسىنىڭ ھېچبىرىگە ئىگە بولالمايدۇ. ھۆرلۈكىنى يوقىتىپ قويغان مىللەت، بەلكىم ھايۋاندىنمۇ ئۆتە خار ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

بېشىمىزدىن ئۆتكەن، ئۆتۈۋاتقان ۋەقەلەر، بۈگۈن بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەر ئىش بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى ۋە دەلىلىدۇر. كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن، قولىمىز بىلەن تۇتقىنىمىز ئۈچۈن بۇ سۆزلەردىن زەررە قەدەر شۈبھىلەنمەيمىز .

مەنبە: «تۈركىستان قايغۇسى» ناملىق كىتاب

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top