You Are Here: Home » Articles posted by مەۋلانە ئۇيغۇر (Page 5)
مەۋلانە ئۇيغۇر

Number of Entries : 192

مەسئۇت ئەپەندى (25)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت 4. ئۇسۇلى جەدىد سەن ھېكىمسەن بىگانە، سەن تېۋىپسەن يېگانە. بار گىياھ ساڭا ئايان، بار دەردكە تاپتىڭ دەرمان. «فاۇست» دىن. غۇلجىنىڭ ئىسسىق ياز ئايلىرى بىر- بىرلەپ ئۆتۈپ ئالتۇن كۈز  ئايلىرى يېتىپ كەلگەن ئىدى. كۈز پەسىلدە غۇلجا خەلقىنىڭ قورۇسىدىكى ھەممە گۈللەر سولۇشۇپ خازان بولۇپ، بارچە ئوت - چۆپلەر قۇرۇپ ئوتۇن - چاۋاغا ئايلىنىپ كېتەتتى ۋە دەل - دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ يەرگە ...

Read more

مەسئۇت ئەپەندى (24)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت مەسئۇت سابىرى چەتئەلدە ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئون يىلدەك ئۇزۇن بىر زامان ئىچىدە ئۆز ئالدىغا ياشىغان ۋە نۇرغۇن جايلارنى كۆرگەن بولغاچقا، ئۆز يۇرتىنى باشقا يەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆزى ئېچىلغان. ئۇ ۋاقىتنىڭ شۇنچىلىك تېز ئۆتىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى شۇنچىلىك ياخشى بىلىدۇ. ھەم بۇ يەرلەردىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى تونۇپ يېتەلەيدۇ، شۇنداقلا ۋاقىتنى ۋە ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ...

Read more

مەسئۇت ئەپەندى (23)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت مەسئۇت سابىرى بىلەن ئابدۇراخمان شاھىدى ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن، ئالدىراپلا غۇلجا شەھەرگە قاراپ يولغا چىققان ئىدى. بۇ قېتىم يېزا كوچىسىدا مەسئۇت سابىرىنىڭ ئارقىسىدىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئۇزۇتۇپ تۇرغان ئايسىخان ئانا ئەمەس، بەلكى نۇرتاي ئىدى. ئۇلار كوچىنىڭ دوقمۇشىدىن سولغا قايرىلىپ كۆزدىن غايىب بولغىچە كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغان نۇرتاي ناھايىتى ھارغىن كۆرۈنەتتى، ئەمما ئۇنىڭ ئۈمىدلىر ...

Read more

مەسئۇت ئەپەندى (22)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت تاڭ ئېتىپ يېڭى بىر كۈن، يېڭى بىر ھايات باشلاندى. ئۇلار يول يۈرۈپ بەك چارچاپ كەتكەن بولغاچقا ئاخشام بالدۇرلا ياتقان ئىدى. دەرۋەقە، كۈندۈزلىرى شۇنچىلىك سەگەك يول يۈرگەنلىكى ۋە ئاخشام نۇرتاي بىلەن دەللىڭ ئازراق بولسىمۇ مۇڭدىشىۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇ كېچە بەھۇزۇر، ئازادە ئۇخلىۋالغان ئىدى. مانا خورازنىڭ ئىككىنچى قېتىم چىللىشى، يېزا مەسچىتى مەزىنىنىڭ مۇڭلۇق ئېيتقان ئەزان ئاۋازى ئاڭلىنىش بى ...

Read more

مەسئۇت ئەپەندى (21)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئۇلار ئۆيدىن قورۇغا چىققان چاغدا تالادىن خۇددى نۇرتاينىڭ بالىلىق چاغلىرىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر بالا كىرىپ كەلدى – دە، قورۇدىكىلەرگە چاقماقتەك سالام بەردى ۋە – دادا، سىلەرنى ئاپام چاقىرىۋاتىدۇ، ئازراق چاي - پاي ئىچىپ، قورساقنى ئەستەرلىگەچ پاراڭلاشسۇن دەيدۇ،- دېدى. نۇرتاي بۇ بالىنى ئۇلارغا تونۇشتۇرغاندەك قىلىپ،- بۇ مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم، ئىسمى رۇستەم، بۇنىڭ كەينىدە يەنە ئىكك ...

Read more

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top